ھايات يولى

مەن ئەمدىلا ئىشتىن چۇشۇپ ئۆيىگە كەلدىم ،ئۆي يەنىلا بورۇنكىدەك قۇپقۇرۇق،ئوي ئىچىدىن بىر خىل مۇدىھىش ،سوغۇق كەيپىيات چىقىپ توراتتى. ئاستا خىزمەت سومكىسىنى قويۇپ سافاغا يۆلۈنۈپ بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ چوڭقۇر ئويغا پېتىشقا باشلىدىم......
بۇنىڭدىن 3 يىل ئىلگىركى باش باھارنىڭ ئىللىق بىر كۈنىدە ئۆزۇم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ،پۇتۇن ۋۇجۇدىم بىلەن سۆيىدىغان قىز بىلەن ئۆمۇرلۈك جۈپ بولۇشقا ۋەدىلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي تويىمنى قىلىپ ئاددىغىنە بىر ئۆيگە كىرۋالدىم،ئۆي ئاددى ئەمما تۇرمۇش ناھايىتى مەنىلىك،كۆڭۇللۈك ئۆتۋاتاتتى .ھەر كۈنى بىر ئۆيدىن چىقساقمۇ ئەمما قولىدىن تىلفۇن چۈشمەيتتى،..
- ۋەي.ئەسقەر نىمە قىلۋاتىسىز؟مىنىڭ دەرسىم يوقكەن شۇڭا سىزنى سېغىنىپ تىلفۇن قىلدىم،،،چۇشتە سىزنى كونا جايدا ساقلايمەن جۇمۇ، بىرگە تاماق يەيمىز،،
-جېنىم مىنىڭ خالىدەم،شۇ ماتىرىيال كۆرۈپ ،رەتلەپ دېگەندەك،،مەنمۇ سىزنى سېغىندىم،ماقۇل..قېنى كۆرىمىز كىم بۇرۇن بەلگىلەنگەن جايغا يىتىپ بارالايدىكىن؟
سىرتتىن يېقىن دوستىم ئىلشات كىرىپلا چاقچاق قىلىشقا باشلىدى:-
-ۋاھ.ئاداش توي قىلىپلا يەنە بىرىنى كەلتۈرۋالدڭما؟بەك يامان جۇمۇ سەن!ماڭىمىۇ بىرەنى تۇنۇشتۇرۇپ قويە!خوش بوپ قالاي!
-نىمىلەرنى دەۋاتىسەن ، ھازىر سۆزلەشكىنىم سىنىڭ يەڭگەڭ،بىز شۇنداق قىزغىن پاراڭلىشىمىىز.سەنزە...
-ھە ،ئەسلى مۇنداقكەندە! سىلە بەك رومانتىك ھە، بەك مەسلۈكىم كىلۋاتىدۇ،،،يەڭگەممۇ چىرايلىق،كۆز تەگمىسۇن سىلەرگە.
مانا ھەش -پەش دىگۇچە چۇشلۈك تاماق بوپ قالدى ،مەن ئالدىراش ئىشخانىدىن چىقىپ دىيىشكەن جايغا ئاتلاندىم،،ھەر قانچە تىز ماڭساممۇ ئەمما پۇتۇم ماڭا بوي سۇنىدىغاندەك ئەمەس ئىدى،يول بارغانسىرى ئوزارىۋاتقاندەك ،تەقدىر مەن بىلەن قېرىشۋاتقاندەك،ماڭسام،ماڭسام يول ئاۋۇمايتتى،،،مېڭۋاتىمەن ئەمما خىيالىم يەنىلا ئوماق .كۆيۈمچان ئايالىمدا،،تۇرۇپ، تۇرۇپ ،ئۆزۇمگە كۈلگۈم كىلۋاتىدۇ،،نىمىشقا بۇنچە جىددىيلىشىمەن ھە؟يا بىز ئەمدى مۇھاببەتلەشكەن ئادەم بولمىساق،ئاللىبۇرۇن ئەر -خۇتۇن بوپ بولدۇققۇ؟....ئەمما ھەممىسى مۇھەببەتنىڭ كۈچى،مىھىرنىڭ كۈچى.... تويۇقسىز تۇنۇش بىر ئاۋاز،ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈك بېلىنىدىغان ئاۋاز ئاڭلاندى.
-ھەي .ئەسقەر،،،،،،
چۆچۈپلا قارىدىم ،،مىنىڭ گۇزىلىم،،ئۆمۈرلىۈك جۇپتۇم ماڭا قاراپ <<نەگە باراتتىڭىز؟>>دىگەن مەنىدە كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى،ئۇنىڭ كۈلۈپ تۇرغان بىر جۈپ كۆزىدىن مىھرىبانلىق ،ساپ مۇھاببەت چىقىپ تۇراتتى ،ئۈزۈمىنى ئاران تۇتۋالدىم،ئەگەر ئادەم بولمىغان بولساباغرىمغا چىڭ بېسىپ ھەقىقى مىھرىم بىلەن سۆيگەن بولاتتىم.....
داۋامى بار....