سۈرەتنى ھۈسەنجان قاسىم تارتقان
گۈلشەن (كۆزۈم) 
ئەڭ-ئەڭ بەخىتلىك چاغلىرىم ئىدى، ئانام ئىتىكىگە بېشىمنى قويغان. بارماقلىرى تارىغان چاچلىرىمنى ھەم، غەمسىز شۇنچىلىك ھىسلارغا تولغان. 
ئەركىلەپ دادامغا كەپسىز چۇرقىراپ، يىراقتىن ئۆزۈمنى باغرىغا ئاتقان. پۇرىسا بۇرنۇمغا كاۋاپنىڭ ھىدى ، سىز يەپسىز ماڭا يوق دەپلا دومسايغان.
بىر ھازا يىغلىتىپ ئالسا قوينىدىن، قوزىدەك خوشلۇقتا تاقلاپ سەكرىگەن، زوقلىنىپ ئاناممۇ قىلىقلىرىمغا ھەم، كايىغان دادامغا ئەمماكى كۈلگەن.
نەقەدەر بەخىتلىك ئىدى شۇ كۈنۈم، ئىزلەيمەن شۇ كەپسىز شوخلۇقلىرىمنى . .ئىزلەيمەن ئۇنىڭدىن تۇنۇش ھىدلارنى. بىر يىغلاپ بىركۈلگەن شۇ بالىلىقمنى.
|