تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 691|ئىنكاس: 8

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىملىك قانۇنىنى قانچىلىك بىلىسىز ؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5212
تۆھپە
2317
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىملىك قانۇنى



  (2003 – يىل 6 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنىدا ماقۇللاندى؛ 2003 – يىل 6 – ئاينىڭ 28 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 4 – نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى؛
    2011 – يىل 10 – ئاينىڭ  29 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 23 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىملىك قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
51 – نومۇرلۇق
   ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىملىك قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2011 – يىل 10 – ئاينىڭ 29 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2012 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇجىنتاۋ
2011 – يىل 10 – ئاينىڭ 29 – كۈنى
مۇندەرىجە
   1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
   2 – باب ئىلتىماس قىلىش ۋە بېرىش
   3 – باب ئىشلىتىش ۋە تەكشۈرۈش
   4 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى
   5 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
  

    1-ماددا ، بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق پۇقرالارنىڭ سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاش، قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ، ئىجتىمائىي پائالىيىتىگە قولايلىق يارىتىش ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنى ساقلاش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
   2-ماددا ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق ، يېشى 16 گە تولغان جۇڭگو پۇقرالىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن ، كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك ؛ يېشى 16 گە تولمىغان جۇڭگو پۇقرالىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن ، كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
   3-ماددا ، كىملىكتە مۇنۇلار تىزىملىنىدۇ : ئىسىم – فامىلىسى ، جىنسى ، مىللىتى ، تۇغۇلغان ۋاقتى ، دائىملىق نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى ئادرېسى ، پۇقرانىڭ كىملىك نومۇرى ، سۈرىتى ، بارماق ئىزى ئۇچۇرى ، كىملىكنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ۋە بەرگۈچى ئورگان .
   پۇقرالارنىڭ كىملىك نومۇرى شۇ پۇقراغىلا خاس بولغان ، ئۆمۈرۋايەت ئۆزگەرمەيدىغان سالاھىيەت نومۇرى ، ئۇنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى پۇقرا كىملىك نومۇرىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە بېكىتىدۇ.
   پۇقرالار كىملىك ئالغاندا ، ئالماشتۇرغاندا ، قايتا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا ، بارماق ئىزى ئۇچۇرىنى تىزىملىتىشى كېرەك.
   4-ماددا ، كىملىكتە قېلىپلاشقان خەنزۇچە يېزىق ۋە دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولغان رەقەم ، بەلگە قوللىنىلىدۇ .
   مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونوم ئورگانلىرى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ، كىملىكتە خەنزۇچە يېزىق بىلەن تىزىملانغان مەزمۇننى تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ يېزىقىدىمۇ تىزىملاشنى ياكى شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىۋاتقان بىر خىل يېزىقتا تىزىملاشنى قارار قىلسا بولىدۇ .
   5-ماددا ، يېشى 16 دىن يۇقىرى بولغان پۇقرالارنىڭ كىملىكىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئون يىللىق ، 20 يىللىق ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك بولىدۇ ، يېشى 16 دىن 25 كىچە بولغانلارغا ئون يىل كۈچكە ئىگە كىملىك بېرىلىدۇ ؛ يېشى 26 دىن 45 كىچە بولغانلارغا 20 يىل كۈچكە ئىگە كىملىك بېرىلىدۇ ؛ يېشى 46 دىن يۇقىرى بولغانلارغا ئۇزاق مۇددەت كۈچكە ئىگە كىملىك بېرىلىدۇ.
   يېشى 16 گە تولمىغان پۇقرالاردىن كىملىك ئېلىشنى ئىختىيارىي ئىلتىماس قىلغانلىرىغا بەش يىل كۈچكە ئىگە كىملىك بېرىلىدۇ.
    6-ماددا ، كىملىك نۇسخىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بېكىتىدۇ. كىملىكنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىر تۇتاش تەييارلايدۇ، بېرىدۇ.
   كىملىكنىڭ ئادەم ئوقۇيدىغان ۋە كومپيۇتېر ئوقۇيدىغان ئىقتىدارى بولىدۇ ، ئادەم ئوقۇيدىغان ، كومپيۇتېر ئوقۇيدىغان مەزمۇن مۇشۇ قانۇننىڭ 3 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدا بەلگىلەنگەن تۈرلەر بىلەن چەكلىنىدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خەلق ساقچىلىرى كىملىكنى تەييارلاش، بېرىش ، تەكشۈرۈش ، تۇتۇپ قېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن بىلىپ قالغان پۇقرانىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.

2-باب ئىلتىماس قىلىش ۋە بېرىش

  7-ماددا ، پۇقرالار كىملىك ئېلىشنى يېشى 16 گە تولغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە ، دائىملىق نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
   يېشى 16 گە تولمىغان پۇقراغا كىملىك ئېلىشنى ۋەسىيىسى ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلىدۇ.
   8-ماددا ، كىملىكنى ئاھالە دائىملىق نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بېرىدۇ.
   9-ماددا ، شياڭگاڭ ، ئاۋمېن ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلاردىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلىرى، جۇڭگو مۇھاجىرلىرىدىن ۋەتەنگە قايتىپ ئولتۇراقلاشقانلىرى شۇنىڭدەك چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلاردىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە ئولتۇراقلاشقان ھەمدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىگە ئۆتۈشى ياكى تەۋەلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى تەستىقلانغانلىرى دائىملىق نوپۇسقا ئالدۇرغاندا، كىملىك ئېلىشنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
   10-ماددا ، كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ‹‹كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى تىزىملاش جەدۋىلى››نى تولدۇرۇش، نوپۇس دەپتىرىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.
   11-ماددا ، دۆلەتنىڭ قارارى بىلەن يېڭى بىر ئەۋلاد كىملىك ئالماشتۇرىدىغان پۇقرالار، كىملىكىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشقان ، ئىسىم – فامىلىسى ئۆزگەرگەن ياكى كىملىكى كاردىن چىققان پۇقرالار يېڭى كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى؛ كىملىكتىكى تىزىملانغان تۈرلەر خاتا بولۇپ قالسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، يېڭىسىنى بېرىشى كېرەك؛ يېڭىسىنى ئالغاندا كونىسىنى قايتۇرۇش شەرت. كىملىكىنى يىتتۈرۈپ قويغانلار قايتا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
   يېشى 16 گە تولمىغان پۇقرالاردىن كىملىكىدە ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئەھۋال بولغانلىرى ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى ياكى قايتا بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
   پۇقرالار دائىملىق نوپۇسنى يۆتكىگەندە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى كىملىكتىكى كومپيۇتېر ئوقۇيدىغان تۈرگە پۇقرانىڭ دائىملىق نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى ئادرېسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى خاتىرىلەپ قويۇشى ھەمدە شۇ كىشىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
   12-ماددا ، پۇقرالار كىملىك ئېلىش، ئالماشتۇرۇش ۋە قايتا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا بېجىرىپ بېرىشى كېرەك . جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى پۇقرالارنىڭ ‹‹كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى تىزىملاش جەدۋىلى››نى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە كىملىك بېرىشى كېرەك؛ قاتناش قولايسىز جايلاردا بېجىرىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتسا بولىدۇ، لېكىن ئۇزارتىلغان ۋاقىت 30 كۈندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.
   پۇقرالاردىن كىملىك ئېلىش ، ئالماشتۇرۇش ۋە قايتا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش مەزگىلىدە كىملىككە جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغانلىرى ۋاقىتلىق كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا بېجىرىپ بېرىشى كېرەك. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلەيدۇ.
   

3-باب ئىشلىتىش ۋە تەكشۈرۈش
   

13 – ماددا ، پۇقرالاردىن ئالاقىدار پائالىيەتتە سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاشقا توغرا كەلگەنلىرى سالاھىيىتىنى كىملىكى بىلەن ئىسپاتلاشقا ھوقۇقلۇق، ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ رەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
   ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ياكى مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا بىلىپ قالغان پۇقرالارنىڭ كىملىكىدە خاتىرىلەنگەن شەخسىي ئۇچۇرىنى مەخپىي تۇتۇشى كېرەك.
   14-ماددا ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە پۇقرالار سالاھىيىتىنى كىملىكى بىلەن ئىسپاتلىشى كېرەك:
   (1) دائىملىق نوپۇس تىزىمىنى ئۆزگەرتىش؛
   (2) ئەسكەرلىككە تىزىملىتىش؛
   (3) نىكاھلىنىشنى تىزىملىتىش، بېقىۋېلىشنى تىزىملىتىش؛
   (4) چېگرادىن چىقىش رەسمىيىتى ئۆتەشنى ئىلتىماس قىلىش؛
   (5) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا سالاھىيىتىنى كىملىكى بىلەن ئىسپاتلاش زۆرۈرلۈكى بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
   پۇقرالاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە كىملىك ئېلىشقا تېگىشلىك تۇرۇپ ئالمىغانلىرى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئالاقىدار پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغاندا سالاھىيىتىنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولغان باشقا يول بىلەن ئىسپاتلىسا بولىدۇ.
   15-ماددا ، خەلق ساقچىلىرىدىن قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە يولۇققانلىرى قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ، كىملىك تەكشۈرسە بولىدۇ:
   (1) قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەت گۇماندارىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاشقا توغرا كەلسە؛
   (2) نەق مەيداننى قانۇن بويىچە قامال قىلغاندا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاشقا توغرا كەلسە؛
   (3) جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرگەندە نەق مەيداندىكى ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاشقا توغرا كەلسە؛
  (4) ۋوگزال، گاراژ، پورت، پىرىستان، ئايرودرۇمدا ياكى چوڭ – چوڭ پائالىيەت مەزگىلىدە رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن سورۇنلاردا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاشقا توغرا كەلسە؛
   (5) قانۇندا سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش زۆرۈرلۈكى بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
   ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلگەندە، خەلق ساقچىلىرىنىڭ كىملىك تەكشۈرۈشىنى رەت قىلغانلار ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈپ، تەدبىر قوللىنىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
   ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ كىملىكنى تۇتۇپ قېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. لېكىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› بويىچە، تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشتەك مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىدىغان ئەھۋال بۇنىڭ سىرتىدا.
   

4 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى
   

   16-ماددا ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ ، قوشۇمچە 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ:
   (1) كىملىكنى يالغان ئىسپات – ماتېرىيال بىلەن ئالداپ ئېلىۋالغانلار؛
   (2) كىملىكنى ئىجارە بەرگەن، ئارىيەت بەرگەن، ئۆتۈنگەنلەر؛
   (3) باشقىلارنىڭ كىملىكىنى قانۇنسىز تۇتۇپ قالغانلار.
   17-ماددا ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 200 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ياكى ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ:
   (1) باشقىلارنىڭ كىملىكىنى ئىشلىتىۋالغانلار ياكى ئالداپ ئېلىۋالغان كىملىكنى ئىشلەتكەنلەر؛
   (2) ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان كىملىكنى سېتىۋالغان، ساتقان، ئىشلەتكەنلەر.
   ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان كىملىك ۋە ئالداپ ئېلىۋالغان كىملىكنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى يىغىۋالىدۇ.
   18-ماددا ، كىملىكنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغانلار قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
   مۇشۇ قانۇننىڭ 16 –، 17 – ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، جىنايى ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلار قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
   19-ماددا ، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ياكى پۇل مۇئامىلە، تېلېگراف، قاتناش، مائارىپ، داۋالاش ئورۇنلىرى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ خادىملىرىدىن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ياكى مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا بىلىپ قالغان پۇقرالارنىڭ كىملىكىدە خاتىرىلەنگەن ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ.
   ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ.
   ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلىپ باشقىلارغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
   20-ماددا ، خەلق ساقچىلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا قىلمىشىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىگە قاراپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:
   (1) كىملىك تەييارلاش، بېرىش، تەكشۈرۈش قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلاردىن پۇل – مال ئۈندۈرۈۋالغان ياكى باشقا نەپ ئالغانلار؛
   (2) كىملىك نومۇرىنى قانۇنسىز ئۆزگەرتكەن ياكى كىملىككە مۇشۇ قانۇننىڭ 3 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدا بەلگىلەنگەن تۈردىن باشقا ئۇچۇرنى كىرگۈزگەن ياكى يالغان ئۇچۇرنى قەستەن كىرگۈزگەنلەر؛
   (3) كىملىكنى يوللۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە بەرمىگەنلەر؛
   (4) كىملىكنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تەكشۈرۈپ، تۇتۇپ قېلىپ، پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر؛
   (5) كىملىكنى تەييارلاش، بېرىش، تەكشۈرۈش، تۇتۇپ قېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن بىلىپ قالغان پۇقرالار شەخسىي ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويۇپ، پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر.
   

5  – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
   

     21 – ماددا ، پۇقرالار كىملىكنى ئېلىش، ئالماشتۇرۇش ۋە قايتا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، كىملىك تەننەرخ ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك. كىملىك تەننەرخ ھەققى ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ.
   شەھەرلەردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئالىدىغان ئاھالە، يېزىلاردىكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ئېغىر ئاھالە كىملىكىنى تۇنجى قېتىم ئالغان ۋە ئالماشتۇرغاندا، كىملىك تەننەرخ ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. تۇرمۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار باشقا ئاھالە كىملىكىنى تۇنجى قېتىم ئالغان ۋە ئالماشتۇرغاندا، كىملىك تەننەرخ ھەققى كېمەيتىپ ئېلىنسا بولىدۇ. كىملىك تەننەرخ ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش، كېمەيتىش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ باھا تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ.
     جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالغان كىملىك تەننەرخ ھەققىنىڭ ھەممىسى خەزىنىگە تاپشۇرۇلىدۇ.
     22-ماددا ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى رەسمىي ھەربىيلىرىنىڭ، خەلق قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ كىملىك ئېلىش ۋە ئۇلارغا كىملىك بېرىش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بىلەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئايرىم بەلگىلەيدۇ.
   23-ماددا ، بۇ قانۇن 2004 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاھالىلەر سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى نىزامى›› بىكار قىلىنىدۇ.
   ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاھالىلەر سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى نىزامى››غا بىنائەن ئالغان كىملىك 2013 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ ئىشلىتىشتىن توختىتىلىدۇ. مۇشۇ قانۇنغا بىنائەن 2012 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن بۇرۇن ئالغان كىملىك كۈچكە ئىگە مۇددىتىدە داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
  مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
691
تۆھپە
558
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىشكە تىگىشلىك قانۇنىلار بۇ


سەكرا

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سابىرجان سىيىت
تىللا
354
تۆھپە
246
UID
3338
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قانۇننى ھەممىمىز بىركۇرۇپ قۇيايلى


Rank: 4

تىللا
174
تۆھپە
124
UID
3999
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانۇن،ساۋاتلارىدىن ئۆز ۋاختىدا خەۋەردار بولۇپ تۇرساق قانۇن ئىڭىمىز ئۆسۈپ،ئىشلىرىمىزنىڭ راۋان بولىشىغا پايدىسى كۆپ.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
124
تۆھپە
84
UID
1698
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بىلىشكە تىگىشلىك


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىگىلمەس
تىللا
320
تۆھپە
257
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



      ۋاھتىدا خەۋەر تاپتۇق. كىملىك قانۇنىغا ئايىت ئاز بولمىغان ساۋاتقا ئىگە بولدىم


          تەڭرى تاغكەن نامىڭىز،

          بىلىم خۇمار  جانىڭىز.

          ياخشى ئىشنىڭ بەرقىدە،

          ئىگىز بولسۇن شانىڭىز.

         


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
852
تۆھپە
650
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك  مەزمۇنلار ئىكەن .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 4

ئىسىمى
مۇھەممەتجان تۇرداخۇن
تىللا
306
تۆھپە
188
UID
711
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىملىكنىڭ كۈچى خېلى بار ھە ھازىر..كىملىكى يوق ئادەم ھېچ ئىشنى قىلالمايدۇ. ...


Rank: 4

ئىسىمى
ئەلئامان
تىللا
679
تۆھپە
101
UID
46
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 00:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇشبۇ بىلىمنى كۆچۈرۈپ ساقلىۋالسام بولغۇدەك


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-2-4 16:41, Processed in 0.084741 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش