رەيھاننىڭ‹‹رەيھان››ىسى
(زىيارەت خاتىرىسى)
تاھىرجان نىياز
بۇ يىل يېڭى يىل بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا مەن بىر خەنزۇ خىزمەتدىشىم بىلەن شايار ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ يېڭى يىل بايرىمىغا تەييارلىق قىلىش،بايرام ئالدىدىكى بازار سودىسى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە تېلېۋىزىيە خەۋىرى ئىشلىگىلى ناھىيە بازىرىنى ئارلاپ يۈرۈپ، خېرىدارلار بىلەن لىق تولغان‹‹رەيھان كېيىم-كېچەكلىرى››دەپ ۋىۋىسكا ئېسىلغان ئاياللار مودا كېيىم-كېچەكلىرى دۇكىنىغا كىرىپ ،سودا-سېتىق ئەھۋالىنى سۆرەتكە تارتتۇق ھەم دۇكان ئىگىسى 26ياشلىق رەيھانگۈل باراتنى زىيارەت قىلىپ سۆزلەتتۇق.ئۇ تەلىپىمىز بويىچە بايرامدىن بۇرۇنقى سودىسىنىڭ ناھايىتى ئىتتىك،ياخشى ئىكەنلىكىنى ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە راۋان چۈشەندۈرۈپ بەردى.خەنزۇ خىزمەتدىشىم رەيھانگۈلنىڭ شۇنچە راۋان خەنزۇچە تەلەپپۇزىدىن ھەيران بولۇپ، ‹‹سىز خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغانما؟››دەپ سورىدى. رەيھانگۈل‹‹ياق، مەن خەنزۇچىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان مەزگىلدە ئۈگەنگەن››دېدى جاۋابەن.مەن باشقىلاردىن رەيھانگۈلنىڭ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ ،تىجارەت كەسپى بىلەن شوغۇللۇنۇپ ناھايىتى ياخشى ئۆنۈمنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئاڭلىغان بولساممۇ ،زىيارەت قىلىشقا ۋاقىت چىقىرالماي يۈرەتتىم.مەن بۇ كۈنى قىسقىچىلا ئەھۋاللىشىپ،كېيىن تەپسىلىي ئەھۋاللاشقىلى كېلىدىغانلىقىمنى ئېيىتپ قايتتىم.يانۋارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى بىر كۈنى خاتىرە،قەلەملىرىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ ناھىيەلىك ‹‹كۈمۈش كۆۋرۈك››خەلقئارا چوڭ بازىرىدىكى دۇكىنىغا بارغىنىمدا رەيھانگۈل دۇكىنىدىكى كومپىيوتېر ئالدىدا توردىن يېڭى كېيىملەرنى كۆرىۋاتقان ئىكەن.بىر نەچچە قىز خېرىدار كېيىم تاللاۋاتاتتى.بىز ئۆز-ئارا قىزغىن سالاملاشقاندىن كېيىن ،ئۇ مېنى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.مەن كەسپىي مىجەزىم بۇيىچە گەپ كوچىلاشقا باشلىدىم.
ــ بۇ دۇكاننى ئىجارىگە ئالغانمۇ؟ــ دەپ سورىدىم رەيھانگۈلدىن.
ــ ياق، 160مىڭ يۈەنگە تېگىدىن سېتىۋالدىم.ياندىكى بۇنىڭدىن كىچىكرەك يەنە بىر دۇكان ئۆينىمۇ 120مىڭ يۈەنگە سېتىۋالدۇق. ئۇنى ئاپام ئاچىدۇ.
ــ مۇنداق دەڭ،ئوقۇش پۈتكۈزۈپ كەلگەن نۇرغۇن ياشلار خىزمەتكە ئورۇنلىشالمايۋاتسا سىز بىر بەلەن خىزمىتىڭىزدىن ئىستىپا بېرىپ سودىگەر بولدىڭىز. پۇشايمان قىلامسىز؟
ــ ياق،مەن بىر يەرنى ئويلاپ تۇرۇپ خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىپ بۇ تىجارەتنى قىلدىم. ھازىر بۇ كەسىپكە بارغانچە قىززىقىپ كېتىۋاتىمەن،سودا بازارلىرىدىكى ھەر خىل پاسۇندىكى كېيىملەرنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ دۇكىنىمغىلا سېلىۋېلىپ ساتسام دەيمەن ــ ،دېدى رەيھانگۈل چاقچاق ئارلاش گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ.
رەيھانگۈل بىلەن يېرىم سائەتچە ئەھۋاللىشىش ئارقىلىق ئۇ توغىرسىدا خېلە تەپسىلى چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم.
ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرلا پەرزەنتى بولغان رەيھانگۈل مۇئەللىم ئاتىسى،ناھىيەلىك ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى بولغان ئاپىسىنىڭ ئىلمىي،ياخشى تەربىيەسى ئاستىدا باشلانغۇچتىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرغىچە‹‹ئۈچتە ياخشى››ئوقۇغۇچى بولۇپ ،ھەتتا شىنجاڭ يېزا ئېگىلىك ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ مەخسۇس كۇرس ئېتىز-ئېرىق سۇ قۇرلۇشى كەسپىدە ئوقۇش جەريانىدىمۇ ھەر يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇپ،2006-يىلى7-ئايدا ئوقۇشنى پۇتكۈزدى.شۇ يىلى 12-ئايدا ناھىيەلىك ج.خ ئىدارىسىنىڭ‹‹110قوماندانلىق مەركىزى››گە يەرلىك شىتاتتا خىزمەتكە ئورۇنلۇشۇپ، ئۇچىسىغا بەكمۇ ياراشقان ساقچى فورمىسى كېيىپ يۈرۈيدىغان،ئايدا ھۆكۈمەتنىڭ1500يۈەن پۇلىنى چۆنتىكىگە سالىدىغان كادىر بولدى.ئۇ يەردە ئۈچ يىلغا يېقىن ئىشلىگەندىن كېيىن ،نىمە ئۈچۈندۇر 2009-يىلى 9-ئايدا خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى ۋە دەرھال بۇ دۇكانغا قىزلارنىڭ ھەر خىل ماركىدىكى مودا كېيىملىرىنى سېلىپ ئاچتى.رەيھانگۈل بۇ دۇكانغا ئورۇغ-تۇققان،تونۇش-بىلىشلىرىدىن30مىڭ يۈەن قەرىز ئېلىپ مال سالغان بولۇپ،بىر ئاي ئىچىدىلا بۇ قەرىزنى تۆلەپ بولدى.رەيھانگۈلنىڭ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ <<سودىگەر>>بولۇشىدا ئۇنىڭ مۇنداق تەجىربە ۋە ھېكايىسى بار.
رەيھانگۈل ئالىي مەكتەپكە ئىمتاھان بېرىدىغان يىلى ئاپىسى ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلدى،ئاتىسىمۇ كېسەلجان بولۇپ دوختۇرخانىدىن كېلەلمەيدىغان بولۇپ قالدى .بىراق رەيھانگۈل ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى. ئۇزاققا قالماي ئاتىسى كېسەل سەۋەبى بىلەن تۇيۇقسىز تۈگەپ كەتتى. شۇ يىللاردا ئاپىسى ئىشسىز،ئاتىسى ئاغىرىپ قېلىپ كېسەل داۋالىتىش قاتارلىق سەۋەپ بىلەن ئائىلە ئېقتىسادىدا جىددىيلىشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. ئاپىسى دۇكان ئۆي ئىجارە ئېلىپ،كېيىم-كېچەك دۇكىنى ئاچتى. زېرەك،ئەقىللىق رەيھانگۈل ئېقتىسادىي قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىپ،ئاپىسىنىڭ دۇكىنىغا كېرەكلىك ماللارنى ئۈرۈمچىدىن ئۆزى تاللاپ ماڭغۇزۇپ بەردى.مۇشۇ جەرياندا يەنە ساۋاقداشلىرىغا كېرەكلىك ئەرزان ،مودا كېيىم كېچەك ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى توپ سېتىۋېلىپ مەكتەپكە ئاپىرىپ پارچە ساتتى.كېيىكى يىللىرى ئېنگىلىس تىلىدىكى ئالاھىدە سەۋىيەسىگە ئاساسەن خەنزۇلارنىڭ باللىرىغا ئېنگىلىس تىلى بۇيىچە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولدى. مۇشۇ ئارقىلىق تۇرمۇش خىراجىتى، ھەتتا ئوقۇش پۇلىنىڭ بىر قىسمىنىمۇ ئۆزى ھەل قىلىپ ،ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى. بۇنىڭ بىلەن رەيھانگۈل مەكتەپتە ھەم سىتودېنت ھەم كىچىك تىجارەتچى بولۇپ قالدى.بۇنىڭلىق بىلەن ئوقۇشتا چېكىنمەستىن،بەلكى ئەلا نەتىجە بىلەن ھەر يىلى‹‹ئوقۇش مۇكاپات پۇلى››ئېلىپ ئوقۇدى.شۇ مەزگىللەردە ئۇنىڭ سودا ئېڭى خېلى پىشىپ يېتىلىپ،ئىرادىسىمۇ كۈچىيىپ،ھازىرقى دەۋىردە سىتودېنتلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشنىلا ئويلىشى،مەقسەت قىلىشىنىڭ ئاقىلانىلىك ئەمەسلىكىنى،بەلكى ئۇنېۋېرسال بىلىم،ساپا ھازىرلاپ،ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا تىرىشىشى لازىلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە يۈرىكىگە ‹‹تىجارەت ئوتى›› تۇتۇشۇپ قالغانىدى.
ــ ئاپىڭىز بىلەن ئىككىڭلار ئېچىۋاتقان بۇ ئىككى دۇكان ئۆينى سېتىۋالغان 180مىڭ يۈەن پۇلنى نەدىن ھەل قىلدىڭلار؟ــ دەپ سورىدىم رەيھانگۈلدىن.
ــ ناھىيە بازىرى ئەتىراپىدا 298كۇۋادىرات مېتىر كۆلەمدە ئولتۇراق ئۆيىمىز بار ئىدى. شۇنى 125مىڭ يۈەنگە ساتقان.يەتمىگىنىگە تونۇشلاردىن قەرىز ئېلىش ،‹‹چوڭ بازار››ئۆي مۈلۈك شىركىتىگە بىر قىسمىنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەيدىغانغا توختاملىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىپ سېتىۋالدۇق.ئاپام ئۆي ئىجارە ئېلىپ كېيىم-كېچەك دۇكىنى ئاچقاندا بىر قېتىم ئېغىر زىيان تارتقان ۋە بۇ تىجارەتتىن يالتايغان.كونىلاردا‹‹نەدە يىقىلساڭ شۇ يەردىن قوپ ››دەيدىغان گەپ بار.شۇڭا مەن ئاپامغا، كېيىم-كېچەك دۇكىنىنى يەنە ئېچىڭ،بىراق ،‹‹چوڭ بازار››ئىچىدىن دۇكان ئۆي سېتىۋېلىپ ئېچىڭ، دەپ مەسلىھەت بېرىپ ،ئىلھاملاندۇرۇپ ئاچقۇزغان.بۇ بازاردا تىجارەت ئۆنۈمى ياخشى بولدى. كېيىن مەنمۇ بۇ سەپكە قوشۇلدۇم.ھازىر تېخىمۇ ياخشى.بۇ ئىككى دۇكاننىڭ مېلىنى ئاساسەن مەن ئالاقىلىشىپ كىرگۈزىمەن ياكى ئۈرۈمچىگە بېرىپ سېتىۋېلىپ كېلىمەن،مەن مالغا كەتكەندە ،ئىككى دۇكانغا ئاپام قاراپ تۇرىدۇ،كەرىزنىمۇ پۇتۇنلھي ئۇزۇپ بولدۇك.بۇ كەسىپتە ھالال مېھنەت بىلەن روناق تېپىپ،جاپاكەش ئاپامغا،جەمئىيەتكە ياخشى جاۋاپ قايتۇرسام دەيمەن.ــ دەپ چۈشەنچە بەردى رەيھانگۈل.
‹‹بولمىساڭ ئىللىق چىراي،ئاچمىغىن دۇكان-ساراي››دېگەن گەپ راست ئىكەن.مەن زىيارەت جەريانىدا ھېس قىلدىمكى،رەيھانگۈلنىڭ خېرىدارلىرى بىر تەرەپتىن رەيھانگۈلنىڭ دۇكىنىدا ھەر خىل پاسۇن،ھەر خىل ماركىدىكى كېيىم بولغاندىن سىرىت،رەيھانگۈلنىڭ كىرگەن ھەر بىر خېرىدارغا سالام بېرىپ قىزغىن كۈتىۋالىدىغان خۇش تەبەسسۈم ،بۇلبۇلدەك سايراپ تۇرىدىغان ئوچۇق-يورۇق،سەمىيمى مىجەزىنى ياقتۇرۇپ كىرىدىكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە مال باھاسىنى بەك يۇقۇرىغا ئېسىۋالماي،ئازىراقلا پايدا چىقسا مۇۋاپىق باھادا بېرىدىكەن.بۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتىن خېرىدار رازى بولىدىكەن ،يەنە بىر تەرەپتىن پارچە پايدا ئاز بولغىنى بىلەن مال تېز سېتىپ چىقىرىلىپ، ئوبروت تېز ئايلىنىدىكەن.چوڭ جەھەتتىن يەنىلا پايدا-مەنپەئەت ياخشى بولىدىكەن.ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئۈگەنگەن كومپىيوتېر بىلىمى، خەنزۇچە ۋە ئېنگىلىسچە تىل-يېزىقى مال ئالاقىلىشىش،سېتىۋېلىش،سېتىپ چىقىرىشتا بەك ئەسقېتىپتۇ.ھازىر رەيھانگۈلنىڭ‹‹رەيھان كېيىم كېچەكلىرى››دۇكىنىدىنلا يىلدا 100مىڭ يۈەنگە يېقىن ساپ پايدا چىقىدىكەن.
مەن بۇ زىيارەت خاتىرەمنى يېزىپ پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ،رەيھانگۈل ماڭا تېلىفۇن قىلىپ ،يەنە 400مىڭ يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ ئۈرمچىدە ‹‹رەيھان ئاياغ دۇكىنى›› ئاچقانلىقىنى ۋە گۇاڭدوڭ،ۋىنجۇ،شىنياڭ قاتارلىق ئىچكى ئۆلكە-شەھەرلەردىكى بىر قىسىم چوڭ كېيىم-كېچەك زاۋۇتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ،ئۇ زاۋۇتلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتىپ، تىجارەت كەسپىي تەجىربىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ كەلگەنلىكىنى
دېدى.
رەيھانگۇل بارات‹‹ئىرادە بولسىلا تاغنىمۇ يۆتكىگىلى بولىدۇ››دېگەن ھەقىقەتنى ئەمەلىيىتىدە ئىسپاتلىماقتا.بۇ ياش سىتودېنتنىڭ گەرچە قىز بالا بولسىمۇ، بەزى يىگىتلەرمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان ،قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدىغان،ئىشلارغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغان ھەم تەۋەككۇل قىلالايدىغان قەيسىرانە ئىرادىسى كىشىنى قايىل قىلماي قالمايدۇ ،شۇنداقلا ھازىرقى زامان سىتودېنتلىرىغا ئۈلگە بولالايدۇ.
ئاپىرىن سىزگە رەيھانگۈل،‹رەيھاننىڭ‹‹رەيھان››ىسى›تېخىمۇ پورەكلەپ ئېچىلسۇن،تېخىمۇ خۇش پۇراقلار چاچسۇن!!
مەنبە؛ئۆز زىيارىتىم.