سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر ئۈرۈمچىدە ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆيگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ
   بۇنىڭدىن كېيىن، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرمۇ ئۈرۈمچىدە ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆيگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 31 – يانۋار ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تارقاتقان 114 – نومۇرلۇق پەرماندا، «ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆينى باشقۇرۇش چارىسى» نى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ چارە 15 – فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 
   چارىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئوبيېكتلار ئاساسلىقى ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ۋە سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن.
   بۇنىڭ ئىچىدە، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر ئائىلىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۇدا ئۈچ يىلدىن ئارتۇق تۇرغان بولۇش، «ۋاقىتلىق تۇرۇش كېنىشكىسى» بېجىرىگەن بولۇش، كەم بولغاندا شۇ ئائىلىدىكى بىر ئادەم ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردا ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان بولۇش ياكى ئۇدا ئۈچ يىل جامائەت سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغان بولۇش؛ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كىشى بېشى يىللىق ئەڭ تۆۋەن كىرىمى بۇلتۇرقى شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىم ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولۇش؛ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئولتۇراق ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى يوق بولۇش ، شۇنداقلا ئاممىۋى تۇرالغۇ ئىجارىگە ئالمىغان بولۇش دېگەن تۆت شەرتكە ئۇيغۇن بولسا ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆيگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 
   بۇنىڭدىن باشقا، خەلق ئىشلىرى مەسئۇلىيەت ئىقتىدارى بولغان؛ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دائىم تۇرۇش نوپۇس دەپتىرى ياكى «ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى» بولغان؛ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ئىككى يىلدىن ئارتۇق ئەمگەك (تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش) توختامى ئىمزالىغان؛ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئولتۇراق ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى بولمىغان، شۇنداقلا ئاممىۋى تۇرالغۇ ئىجارىگە ئالمىغان يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئاممىۋى ئىجارىلىك تۇرالغۇ ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
   ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر تۆۋەندىكى تۆت شەرتكە ئۇيغۇن كەلسە ئاندىن ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ: ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كەم بولغاندا بىرىدە دائىم تۇرۇش كېنىشكىسى بولۇش؛ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كىشى بېشى يىللىق ئەڭ تۆۋەن كىرىمى بۇلتۇرقى يىللىق شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى تەقسىملەنگەن كىرىم ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولۇش؛ تۇرالغۇسى يوق ياكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كىشى بېشى تۇرالغۇ قۇرۇلۇش كۆلىمى 13 كىۋادرات مېتىردىن تۆۋەن بولۇش؛ تۇرالغۇ كاپالەت ۋە ئۆي ئىسلاھات سىياسىتىدىن بەھرىلەنمىگەن بولۇش.
   ئۈرۈمچى شەھەرلىك، رايونلۇق (ناھىيەلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، كارخانىلار، مەمۇرىي كەسپىي ئورۇنلار كىرگۈزگەن ئالاھىدە كەسپىي ئىختىساسلىقلار ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەملىكەت، ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، مەملىكەتلىك قەھرىمان – نەمۇنىچىلەر، ئىككىنچى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خىزمەت كۆرسەتكەنلەردىن ھەربىي سەپتىن قايتقانلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلىرى ئاممىۋى ئىجارىلىك تۇرالغۇ ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئائىلە كىشى بېشى كىرىم بەلگىلىمىسى چەكلەنمەيدۇ. 
   چارىدە، ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي ئىجارە توختامى ۋاقتى ئادەتتە ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولىدۇ، ئىجارە ئالغۇچى توختام ۋاقتى توشقاندىن كېيىن بەلگىلىمە، شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولسا، شۇنداقلا داۋاملىق ئىجارىگە ئالماقچى بولسا، توختام ۋاقتى توشۇشتىن ئۈچ ئاي بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئولتۇراق ئۆي كاپالەت ۋە ئۆي مۈلۈك مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورنىغا قايتىدىن ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ؛ تەكشۈرۈپ ئارقىلىق داۋاملىق ئىجارىگە ئېلىش شەرتىگە توشقان بولسا، شەھەرلىك تۇرالغۇ كاپالەت ۋە ئۆي مۈلۈك مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورنى ۋە ئىجارە ئالغۇچى داۋاملىق ئىجارە ئېلىش توختامى ئىمزالايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايتۈرك2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-1 16:21