تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 141|ئىنكاس: 9

سىناق (تەرجىمە ھېكايە)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئايبەرچىن
تىللا
836
تۆھپە
498
UID
201

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سىناق

(تەرجىمە ھېكايە)



    يوھان تونۇشقىلى ئۇزۇن بولغان سىرداش قىز دوستىنى ساقلاپ تۇراتتى.گەرچە ئۇ قىزنىڭ تەرقى تۇرقىنى بىلمىسىمۇ، ئەمما كىيىمىگە ئەتىرگۈل شەكىللىك  بۇلاپكا تاقىۋالماقچى بولغانلىقىنىلا بىلەتتى. 13 ئاي ئىلگىرى، فلورىدا شىتاتىدىكى كۈتۈپخانىدا ئارىيەتكە ئالماقچى بولغان كىتابتىن ئۇ قىز توغرىلىق دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولغان ئىدى، يەنى مۇلايىم يېزىلغان خەتلەر ئۇنىڭغا ئالدىنقى كىتاپ ئارىيەت ئالغۇچىنىڭ ئەقىللىق ، تەپەككۈر قىلىشقا ماھىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
    كۈتۈپخانىنىڭ ئارىيەت ئالىدىغان ئورنىدىن، ئۇ بۇ كىتاپ ئالغۇچىنىڭ ئىسمىنى تېپىپ چىقتى. ئىسمى ھېللىر مېينىر خانقىز بولۇپ، كۈتۈپخانا باشقۇرغۇچىسىدىن ئۇنىڭ شەخسى ئۇچۇرىنى تېپىپ چىقىپ، شۇنىڭدىكى ئادرىسقا خەت يېزىپ، قارشى تەرەپنى خەت ئالاقە بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.
    كېيىنكى بىر يىل بىر ئاي ئىچىدە، ئىككەيلەن خەت ئالاقە ئارقىلىق بىر بىرىنى چۈشىنىشتى. مۇھەببەت ئۇرۇقىمۇ ئۇلارنىڭ يۈرىكىدە تۇيدۇرمايلا بىخ تارتىپ قالدى. يوھان ھېللىر خانقىزغا بىر پارچە رەسىم ئىۋەتىپ بېرىشنى ئۆتۈنگەن بولسىمۇ، ئەمما قىز رەت قىلىۋەتتى. ئۇ يوھانغا ئەگەر ھەقىقەتەن ئۆزىگە كۆڭۈل بەرگەن بولسا، چىرايىغىمۇ پىسەنت قىلىپ كەتمەسلىكىنى ئېيتتى. كېيىن ئۇلار بىرىنچى قېتىم كۆرۈشىدىغان ئورۇن ۋە ۋاقىتنى يەنى سائەت بەشتە، نيۇ يورك شەھىرىنىڭ مەركىزى ۋوگزالىدا كۆرۈشمەكچى بولۇشتى.
    «مېنى چوقۇم تونىۋالسىز، كىيمىمگە ئەتىرگۈل شەكىللىك بۇلاپكا تاقىۋالىمەن» دىگەن ئىدى قىز خېتىدە. يوھان بالدۇرلا مەركىزى ۋوگزالغا كېلىۋالدى. سائەت بەش بولغاندا، ئۇ بۇلاپكا تاقىۋالغان قىزنى دىققەت بىلەن ئىزدەشكە باشلىدى.
سۇس يېشىل پەلتو كىيىۋالغان ياش قىز ئۇ تەرەپكە قاراپ كەلدى، قىز ئىگىز ۋە زىلۋا بولۇپ، بىر جۈپ تىنىق كۆك كۆزى تولىمۇ نۇرلۇق ئىدى. يوھان ئۆزىنى تۇتالماي قىزنىڭ ئالدىغا قاراپ ماڭدى، دەل شۇ چاغدا ئۇ ئەتىرگۈل شەكىللىك بۇلاپكا تاقىۋالغان 40 ياشلار چامىسىدىكى ئوتتۇرا ياش ئايالنى كۆرۈپ قالدى. چىرايلىق قىز تېز قەدەملەر بىلەن يوھاننىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. يوھان زىددىيەت ئىچىدە قالدى، ئۇ ھېلىقى چىرايلىق قىزنى قوغلاپ يەتكۈسى بولسىمۇ، ئەمما كۆڭلىدە ئالىجاناپ، ئەقىللىق سىرداش دوستى ھېللىر بىلەن بىللە بولغۇسى بار ئىدى.
ئاخىرى، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن غەيرەتكە كېلىپ ھېلىقى ئوتتۇرا ياش ئايال تەرەپكە قاراپ كەلدى ۋە:
- مەن يوھان بولىمەن، سىز چوقۇم ھېللىر خانقىزغۇ دەيمەن. سىز بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن، ئىلتىپات قىلسىڭىز بىللە تاماق يىسەك قانداق؟
ئۇ ئايال كۈلۈپ كەتتى ۋە يوھانغا:
- يىگىت، مەن بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. ئاۋۇ سۇس يېشىل رەڭلىك پەلتو كىيىۋالغان ياش قىز مەندىن مۇشۇ بولاپكىنى تاقىۋېلىشىمنى ئۆتۈنگەن. ئۇ يەنە ناۋادا سىز مېنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ قالسىڭىز، ئۆزىنىڭ كوچىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى تاماقخانىدا سىزنى ساقلاپ تۇرىدىغانلىقىنى، بۇ پەقەت سىزنى سىناپ باققانلىقىنى ئېيتىپ قويۇشۇمنى تاپىلىغان ئىدى.


Rank: 4

تىللا
231
تۆھپە
120
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىدە كىچىككىنە بىر ئىشلار ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ قانداقلىغىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ ...رەھمەت.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
691
تۆھپە
558
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تامچە سۇدىمۇ قۇياشنىڭ ئەھسىنى كۈرگىنى بۇلىدۇ...


سەكرا

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
4543
تۆھپە
2308
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sakra يوللىغان ۋاقتى  2012-2-1 16:03
تامچە سۇدىمۇ قۇياشنىڭ ئەھسىنى كۈرگىنى بۇلىدۇ...

قۇياشنىڭ «ئەھسى» زادى نېمە بولغىيدى؟


باش سۈرىتىم بىلەن ئىمزا سۈرىتىمدە ھەممە ئېنىق ئايان، ئىشىكىمنىڭ تۈۋىدە يالغۇز خىيال سۈرىمەن، خىياللىرىم دۇنيانى كېزىدۇ، ھاۋا شۇ قەدەر سوغۇق !...

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
4543
تۆھپە
2308
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sakra يوللىغان ۋاقتى  2012-2-1 16:03
تامچە سۇدىمۇ قۇياشنىڭ ئەھسىنى كۈرگىنى بۇلىدۇ...

خەتنى پۇتىڭىزنىڭ ئۇچىدىلا يازغان ئوخشايسىز-ھە بىرقۇرغىمۇ توشمىغاندىكىن دەپ!


باش سۈرىتىم بىلەن ئىمزا سۈرىتىمدە ھەممە ئېنىق ئايان، ئىشىكىمنىڭ تۈۋىدە يالغۇز خىيال سۈرىمەن، خىياللىرىم دۇنيانى كېزىدۇ، ھاۋا شۇ قەدەر سوغۇق !...

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
281
تۆھپە
369
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ تەسىرلىك ھىكايىكەن!  خۇددى ھازىر تور ئارقىلىق تۇنۇشۇپ، مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىۋاتقانلاردەكلا...


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سابىرجان سىيىت
تىللا
354
تۆھپە
246
UID
3338
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە قىلغاندا مۇشۇنداق  ئەسەرلەر بۇلسا ئەجەپ ياخشى


Rank: 2

تىللا
79
تۆھپە
22
UID
404
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇ ئەرنىڭ ئورنىدا بولغان بولسام، مېنى ئەخمەق قىلغىنىغا ئاچچىقىم كېلەتتى.كۆرۈشەر-كۆرۈشمەيلا نىمە سىناق ئۇ؟!


Rank: 4

تىللا
174
تۆھپە
124
UID
3999
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىخىمۇ ياخشى ھىكايىلەرنى تەرجىمە قىلىپ، مۇنبەرداشلارغا سوۋغا قىلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن ،قەلىمىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
539
تۆھپە
422
UID
3175

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ ياخشى ئەسەركەن بۇ


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-2-4 17:44, Processed in 0.075919 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش