تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 102|ئىنكاس: 7

يۇلغۇن: چامغۇر سالغان يوبدان ‹ ھېكايە ›[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
439
تۆھپە
159
UID
296
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چامغۇر سالغان يوبدان


(ھېكايە)



    ئانا ئوچاق بېشىدا پايپېتەك.ئوت قالايتتى،چامغۇر توغرايتتى، خېمىر يۇغۇراتتى، ئۆچۈپ قالاي دېگەن ئوتنى پۈۋلەيتتى. نېمىدىندۇر ئەنسىرىگەندەك پات-پات ئىشىككە قارايتتى. تۇرۇپ-تۇرۇپ سىرتنى تىڭشايتتى. ئۇ ئوغلىنىڭ « ھا » دەپ ئاغزىنى ئېچىپلا كېرىپ ، « قورساق ئاچتى ، مۇشۇ چاققىچە نېمىش قىلدىڭ، تاماق تەييار قىلماي، نانمۇ يوقىكەنغۇ تېخى بۇ ئۆيدە، سەن مېنى ئاچلىقتىن ئۆلسۇن دېدىڭمۇ؟... » دەپ جېدەل –ماجىرا چىقىرىشىدىن بەكمۇ  قورقاتتى. يېقىندىن بۇيان ئوغلىنىڭ تۇيۇقسىزلا ئۆزگۈرۈپ باشقىچىلا بىر ئادەم  بولۇپ قېلىشى ئانىنىڭ قەلبىنى قوقاستەك كۆيدۈرۈپ،پۇچىلاپ  كېلىۋاتاتتى. ئانا ھەر قېتىم ئوغلىنىڭ ۋەيرانە ھالىتىنى كۆرگەندە چوغ دەسسىگەندەك ئازاپلىناتتى، ئىچ-ئىچىدىن ئېغىر ئۇھ تارتاتتى.ھەر ۋاخلىق نامىزىدا ئادىمىيلىك رېلىستىن چېقىپ كېتىۋاتقان ئوغلىغا ئىنساپ ،دىيانەت ،ھالالدىن رىزىق تىلەيتتى.خاتا يولدىن توغرا يولغا قايتىشى ئۈچۈن ئۇزاقتىن-ئۇزاق دۇئا قىلاتتى. بۇنداق چاغدا ئانىنىڭ يۈرىكى شۇررىدە ئېرىگەندەك بولۇپ، كۆز  ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلەتتى.ئوغلى بولسا ئېشەك ھاڭرىغان ،داپ تاراڭلىغان يەردە ئۆزىنىڭ سەنىمىگە دەسسەپ يۈرەتتى.بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان ئانىسىنىڭ تارتىۋاتقان جاپاسى بىلەن چاتىقى يوق ئىدى. ئانا ياز كۈنلىرى جاڭگالدىن قۇرۇپ قالغان تېزەك، تەمەچلەرنى تېرىپ ، قىش كۈنلىرى كۆمۈر سېتىۋاتقانلارنىڭ ئەتراپىدىكى چېچىلىپ كەتكەن كۆمۈر ئۇۋاقلىرىنى يىغىپ يېقىلغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلاتتى.
    ئانىسىنى زار-زار قاقشىتىپ يۈرگەن ئوغۇلنىڭ ئىسمى سادىق بولۇپ، ئانىسىنىڭ  قانداق جاپالار بىلەن قورساقنىڭ غېمىنى قىلشى بىلەن ئازىراقمۇ چاتىقى يوق ئىدى.ھەر كۈنى ھاراق ئىچىپ ،قىمار ئويناپ يۈرگىنى يۈرگەن. بىچارە ئانا باشقىلارنىڭ كىرىنى يۇيۇۋاتقان ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىۋاتقان ، كېۋىزىنى تېرىۋاتقان ، نانلىرىنى يېقىۋاتقان ، سۇلىرىنى توشۇۋاتقان... ئۇنىڭ بۇنىڭسىزمۇ تارتمىغان دەردلىرى ئازمىدى ؟ سادىقنى قاتارغا قوشقىچىلىك نېمە دەردلەرنى تارتمىغان ، نېمە  كۈنلەرنى كۆرمىگەن بىچارە ؟ كونىلارنىڭ « ۋاپاسى بولسا بالا بولمىسا بىر ‹ بالا › ، ئالا كالا، كالا بولماس، يالغۇز بالا ،بالا بولماس » دېگىنى مۇشۇ بولسا كېرەك. سادىق دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن قالغان ئازغىنە مال-مۆلۈكنى سېتىپ ئىچىپ-چىكىپ تۈگىتىۋەتتى. ئانىنىڭ قىلغان نەسىھەتلىرى بۇ قۇلىقىدىن كېرىپ ئۇ قۇلىقىدىن چىقىپ كېتەتتى. ئازغۇنلۇق ئۇنى قارا كۆڭۈل قىلىپ قويغانتى سادىق بۈگۈنمۇ يەنە چالا مەست ئۆيگە كىردى. ھەرىكەتلىرى تازا قولاشمايۋاتاتتى. پۇتلىرى ئۇنىڭغا بويسۇنمايتتى، كۆزلىرىگە قىزىللىق تىقىلغانىدى.
-تاماق پىشتىمۇ؟
-ئاز قالدى بالام، ئىككى قاينىسىلا پىشىدۇ.يەنە شۇ ئېشەك سۈيدىگىنى ئىچىپسەن-دە؟
-بولدى ، تولا سەپرايىمنى ئۆرلەتمە. نىمىش قىلدىڭ دەيمەن مۇشۇ چاققىچە؟ داۋاملىق مۇشۇنداق قىلغان.
- مىجەزىم يوق شۇ ، قىلغان ئىشىم قولاشماي، پۇت-قولۇمدا ماغدۇر يوق...قاچانمۇ ھالىمغا يېتەرسەن؟ قاچانمۇ ئادەم بولارسەن ،دەيمەن؟
- تېز بولە قاپاققا كىرىۋالغان ھەرىدەك گىڭىلدىماي ، قورسىقىم ئېچىپ ،ئۈچەيلىرىم بىر-بىرىگە چاپلىشىپ كەتتى. مەن ھازىر ئادەم بولماي نېمىكەنمەن؟ ئاغزىڭغا بېقىپ جۆيلۈ جۇمۇ ؟ بولمىسا...
-ماقۇل ، ئاچچىقلانما بالام ، مانا ئاش پىشتى،مانا – ئانا بىر تاۋاق ئاشنى ئوغلىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ ئۇنىڭغا سۇندى.
-يەنە شۇ چامغۇرى كۆپ ، خېمىرى ئاز يوبدانمۇ؟ ھەجەپمۇ زىرىكتىم بۇ يۈندەڭدىن.
-بالام ئۇنداق دېمە يامان بولىدۇ، كۇپۇرلۇق بولىدۇ . ئۆيدە بېرىنى ئىشلەتتىم شۇ.
-نېمە ؟ سەن ماڭا دوق قىلىۋاتامسەن؟
-ياق ،ياق ... بالام نىمىلەرنى دەپ يۈرىيدىغانسەن؟  بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ كەمبەغەلگە خۇدا بار.
-سەن كەنت باشلىقى تۆۋەن تۇرمۇشىغا خەتلەپ قويىنى دېسە ئۇنىمىدىڭ ، بولمىسا كۈنۈمىز ياخشىلىنىپ كېتەتتى ، مەنمۇ سارغىيىپ سېنىڭ قولۇڭغا تەلمۈرۈپ يۈرمەيتتىم.
-توۋا بالام ، سائەتخانلارنىڭ كۈنلىرى بىزنىڭكىدىن ناچار تۇرسا ھەم يەنە ئۇلارنىڭ ئۆيىدە  ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان ئىككى مېيىپ تۇرسا ، ئۇلارنى خەتلىمەي بىزنى خەتلەپ قويسا بولارمۇ ؟ خۇدا راۋا كۆرەرمۇ؟
-بولدى قىلە خۇيۇمنى تۇتقۇزماي ، ھېلى بىكار...
روھىدىكى قارىلىق ، قەلبىدىكى قاتتىقلىق كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ كېتىۋاتقان سادىق  ئانىسىنىڭ كۆزلىرىگە مىختەك قادالدى. ئانا قورقىنىدىن جالاقلاپ تىترەپ كەتتى. كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى.ئوغلى نەچچە كۈنلەپ ئاچ قالغان چىلبۆرىدەك كۆزلىرىدىن قان چاچرىتىپ ئۇنىڭ ئالدىغا دېۋەيلەپ كېلىۋاتاتتى.
- مۇشۇمۇ تاماق بولدىمۇ ، ياغاق-ياغاق چامغۇردىن باشقا بىرەر توغرامچە گۆش بولسىمۇ كاشكى ...
- مەن قېرىغان جېنىمغا قانداق قىلىمەن ئەمدى، تۈنۈگۈن ساۋۇراخۇنلارنىڭ نېنى يېقىپ ، كىرىنى يۇيۇپ بېرىپ تاپقان 50 يۈەنگە بىرەر چارەك ئۇن، ئازراق گۆش سېتىۋېلىپ چۆپ ئېتىپ بىرەمەن دېسەم سەن ئۇنى ...
- ئېلىپ چىقىپ كېتىپ ھاراق ئىچتىم ، ئۇتتۇرۇۋەتتىم گېپىڭ بارما ؟
-ياق-ياق بالام ... داداڭ رەھمەتلىك چامغۇر توغراپ ئەتكەن يوبداننى بەك ياخشى كۆرەتتى. بۇ يوبدان بەك سۆللۈك بولۇپتۇ ئىچكىن قورسىقىڭ ئاچقان بولسا...
- دادام ئىچكەن بىلەن ئېشەكمۇ ئىچمەيدۇ بۇ ژۇندەڭنى –سادىق شۇنداق دەپلا قولىدىكى بىر تاۋاق چامغۇر سالغان يوبداننى تامغا قارىتىپ ئاتتى.تاۋاق سۇنۇپ پارە-پارە بولۇپ كەتتى. چېچىلىپ ياتقان ئاشنىڭ خېمىرى، چامغۇرلارغا قاراپ ئانىنىڭ يۈرىكى سانجىلىپ ئاغرىپ ، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ كەتتى.ئىچىدە سانسىزلىغان قۇرۇتلار لۆمشۈپ يۈرگەندەك ئارامسىزلىنىشقا باشلىدى. ئانا كۈندىن –كۈنگە ئەقلىدىن ئېزىقىپ كېتىۋاتقان ئوغلىنى تۈنجى قېتىم كۆرۈۋاتقاندەك ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قارىدى. ئالدىدا ئادەم دېسە ئادەمگە ،ھايۋان دېسە ھايۋانغا ، شەيتانمىكىن دېسە شەيتانغىمۇ ئوخشىمايدىغان غەلىتە بىر مەخلۇق دېۋەيلەپ تۇراتتى. بۇ مەخلۇقنىڭ ئەلپازى بەكمۇ يامان ئىدى. مەخلۇق ئانىنىڭ كۆزلىرىگە غەزەپ بىلەن بىرھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ،ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپلا ، ئېگىز-پەس دەسسەپ ، چۈشىنىكسىز بىر نىمىلەرنى دېگىنىچە قوللىرىنى ھەريانغا شىلتىپ ئىشىككە قاراپ ماڭدى.
-كەچۇر ئاللاھ! ئوغلۇمنىڭ گۇناھلىرىنى ؛ ئىنساپ بەرگىن ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىگە،پىشانىسىدىن ئۆچۈپ كەتكەن ۋاپادارلىق نۇرلىرىنى قايتىدىن چاقناتقىن، روھىنى پاك ، ئەقلىنى ساغلام ،شەيتان ۋەسۋەسىسىدىن يىراق قىلغىن...-ئانا شۇنداق دەپ شىۋىرلاپ سىرتقا چىقىپ كېتىۋاتقان ئوغلىنىڭ كەينىدىن تەلمۈرگىنىچە قولىنى كۆتۈردى . ئىچىگە  توشۇپ كەتكەن دەرد-ئەلەملىرى كۆزلىرىدىن  تاشقىلاشقا ، قورۇقلار باسقان مەڭزىنى بويلاپ تۆكۈلۈشكە باشلىدى...ئۇ يىغلاۋاتاتتى،ياق ئۇنىڭ يۈرىكى ئۆكسۈپ يىغلاۋاتاتتى، ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئارمانلارغا لىق تولغان يۈرىكى ياش تۆكۈۋاتاتتى. « ھەممە ئادەم كۈلۈپ يۈرگەندەك قىلغان بىلەن دەردىنى ئۆزى بىلىدۇ،ئادەملەرنىڭ دەردلىرى،قايغۇ-ئازابلىرى ، ئېغىرچىلىقلىرى، غەم- غۇسسىلىرى  ئۆزىگە يىتىپ ئاشقۇدەك، بىر بىرىنىڭكىنى تارتىشىپ بىرىشكىچىلىكى يوق.ئەڭ يامىنى ئادەملەردىكى مېھرى-مۇھەببەت كۈندىن-كۈنگە سۇسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ شۇڭا تەتۈر قىسمەتلەر ماڭدامدا بىر...» ئانا  شۇلارنى ئويلاپ ئېغىر بىر ئۇھ تارتىۋەتكەندىن كېيىن ، ئىشىك ئالدىغا چىقىپ مەھەللىنىڭ تۆۋىنىگە قاراپ يولغا پاتماي كېتىۋاتقان ئوغلىنىڭ ئارقىسىدىن قارىغىنىچە ، ئازاپلىق بىر تۇيغۇدا، ھەسرەتلىك ئاۋازدا ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەشكە باشلىدى:
- بۇ ئاي، بۇ كۈنلەردە ،ئۆزۈڭنىڭ خۇشاللىقىنى دەپ باشقىلارنىڭ يۈرىكىنى ئاغرىتىدىغان،كۆزلىرىدىن ياش ئاققۇزىدىغان ئىشلارنى قىلمىساڭ بولاتتى بالام...
ئانا پات-پات ئېغىر ئۇھ تارتاتتى،ئۇلۇغ كىچىك تىناتتى. ئۇنىڭ مىسكىن چىرايى تولىمۇ قايغۇلۇق ،مۇڭلۇق ئىدى. بەستى دەرد-ئەلەمنىڭ تاغلىرى ئاستىدا مىجىلىپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى. يۈرىكىنىڭ قات-قېتىدىن ئېقىپ چىقىۋاتقان ھەسرەتلىك ياشلار كۆز ئالدىنى غۇۋالاشتۇرىۋەتكەن بولۇپ، ئوغلى بارا-بارا ئاشۇ غۇۋالىق ئىچىدە كۆزىدىن غايىب بولدى . شۇئان ئانىنىڭ يۈرىكى سانجىلىپ ئاغرىپ، جايىدىلا ئولتۇرۇپ قالدى.
- سەن ياراتمىغان بىلەن...داداڭ رەھمەتلىك...چامغۇر سالغان يوبدانغا... بەك ئامراق...
بارا-بارا ئانىنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ ، قۇلاقلىرى، بۇرنىنىڭ ئۇچى كۆكۈرۈپ ، كۆز قارچۇقى ئارقىسىغا تارتىشىپ كېتىۋاتاتتى...
ئۇنىڭ چىرايىدا كۈلۈۋاتقاندەك ھەم كۈلەلمەۋاتقاندەك بىر خىل ئېچىنىشلىق كەيپىيات قېتىپ قالغانتى...

Rank: 3Rank: 3

تىللا
143
تۆھپە
67
UID
333
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا- ئاناڭنىڭ دۇئاسىنى ئال ، ئۇلارنى ئوھۇي دەپمۇ سالمىغىن ~~~~~~
چامغۇر سالغان يوبدان دورا ھازىر ، ھەركەت قىلماي گۆشلۈك قۇۋۋەتلىك تاماقنى يەۋەرگەنلەر يىشى 30 بارمايلا قان بىسىمى ، قاندا ماي ، جىگەردە ماي ، قان قويۇق ، سىمىزلىك قاتارلىق قان كىسەللىرگە گىرىپتار بولۇپ ئازاپ تارتماقتا !  كاۋاپ شورپىنى يەۋەرمەي چامغۇر سالغان يوبداننى ئىچىپ قويلى  ! ساغلاملىق ئەڭ زور بايلىق !!!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
691
تۆھپە
558
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەھمىيەتلىك ،ياخشى ئەسەركەن.........


سەكرا

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سابىرجان سىيىت
تىللا
354
تۆھپە
246
UID
3338
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجداتلىرىمىز ئەنە شۇ يۇببدانننى ئىچىپ ساغلام بۇلغان


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سابىرجان سىيىت
تىللا
354
تۆھپە
246
UID
3338
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايىتى ياخشى ئەھمىيەتلىك تەربىيەۋى قىممىىتتى بار ئەسەركەن


Rank: 4

تىللا
172
تۆھپە
124
UID
3999
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹چامغۇر سالغان يوبدان››تىمىنى كۆرۈپلا مەرھۇم مومام ئىسىمگە كىلىپ قالدى،كىچىك چاغلىرىمدا مومام بىزگىمۇ چامغۇر سىلىپ يوبدان ئېتىپ بېرەتتى، تىمىڭىزغا باركاللا يەنە شۇنداق ياخشى تىمىلارنى سوۋغا قىلىشىڭىزنى ئۈممۈت قىلىمەن،


Rank: 2

تىللا
79
تۆھپە
22
UID
404
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا كۈنى توردا كۆرگەن:‹‹ زامان ئاخىرىدا شۇنداق بىر كىشىلەر كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ يېگىنى، كىيگىنى ھارام››دېگەن سۆز يادىمغا كېلىپ قالدى، كەچۈرۈڭلار، تاققا-تۇققا سۆزلەپ قويدۇم.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىگىلمەس
تىللا
320
تۆھپە
257
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



      ھېكايىنىڭ ئاخىرقى يىشىمى  بىزنى تەكسىز ئويلارغا غەرىق قىلىدۇ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-2-4 11:42, Processed in 0.077807 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش