كۆرۈش: 295953|ئىنكاس: 57

(1-قىسىم) زىۋىدە ئابدۇكېرىم ‹‹تەڭرىتاغدا سۆھبەت›› پىروگراممىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1567
تۆھپە
790
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 12:26:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

زىۋىدە ئابدۇكېرىم ‹‹تەڭرىتاغدا سۆھبەت›› پىروگراممىسىدا (1)


   قەدىرلىك تورداشلار، بىز بۇ قېتىم تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى <<تەڭرىتاغدا سۆھبەت>> پىروگراممىسىنىڭ بۇ سانىدا، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ <<مەدەنىيەت بوستانى>> پىروگراممىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك پىروگراممىلىرىدا پىسخىكا ئىلمى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەپ خەلقىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتقان شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى پىسخولوگىيە پەنلىرى فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاساسىي پىسخولوگىيە كەسپىنىڭ دوكتۇر ئاسپىرانتى، شىنجاڭ ئالىي مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى زىۋىدە ئابدۇكېرىم بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. بۇ سۆھبەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھازىر دىققىتىڭلاردا بولىدىغىنى سۆھبەتنىڭ 1-قىسمى. بۇ سۆھبەتنىڭ 2-قىسمىمۇ پات ئارىدا تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.
   كەڭ تورداشلار، سىلەرنىڭ ئۆز تۇرمۇشۇڭلاردا، مۇھەببەت مەنزىلىڭلاردا،  نىكاھ سەپىرىڭلاردا، روھىي ئالىمىڭلاردا كۆرۈلگەن تۈرلۈك-تۈمەن پىسخىك مەسىلىلىرىڭلارغا مەزكۇر سۆھبەتتىن مۇئەييەن جاۋاب تاپالايسىلەر. ئىنكاس ۋە تەسىراتىڭلارنى ئىنكاس شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويۇشۇڭلارنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

   <<تەڭرىتاغدا سۆھبەت>> پىروگراممىسىنىڭ 2-سان 1-قىسمىنى ئىشلەشكە قاتناشقۇچىلار:

    باش پىلانلىغۇچى:  قەيسەر قېيۇم
    پىلانلىغۇچى، ئاپتورى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
    ئوپېراتورلار: ئارسلان كامىل، نىجات نىياز ئېھسان
    رىياسەتچى: شەمسىيە ئەبەيدۇللا
    كىرىشتۈرگۈچىلەر: ئادىل سىدىق، ئۆمەرجان تۇرسۇن، ئەلى ئىمىن
    سۈرەت تەھرىرلىرى: ئارسلان كامىل، نىجات نىياز ئېھسان
    تېخنىك: ئەكرەم ئەركىن
    نازارەتچى: قەيسەر قېيۇم
    ئالاھىدە ھەمكارلاشقۇچى ئورۇن: ئۈرۈمچى لۇڭبو مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى


يوۋكۇ قويغۇچ :

s_MG_7457.jpg




s_MG_7458.jpg




sIMG_7454.jpg



   نورمال كۆرۈلەلمىگەن دوسلار بۇ ئادىرىستىن چۈشۈرۈپ كۆرسەڭلەرمۇ بولىدۇ .
  1. /vidio/ziwida.flv
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
ياكى بۇ يەرنى بىسىپ چۈشۈرۈڭ

بۇ يەرنى بېسىپ زىۋىدە ئابدۇكېرىم بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ 2-قىسىمىنى كۆرۈڭ.


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىتۆھپەيىغىشسەۋەبى
tursun007 + 15ئەھمىيەتلىك تېما
Duldul + 15ناھايىتى ئەھمىيەتلىك .

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 30  باھا خاتىرىسى

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
2165
تۆھپە
562
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 12:30:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشلىرىڭلار بەركەت تاپقاي.

سۆھبەتمۇ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدەك پارچىلاپ-پارچىلاپ بېرىلىدىغان بوپتۇدە.
ئاۋال ئاڭلاي.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   noshirwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-1 12:32  



Rank: 8Rank: 8

تىللا
1681
تۆھپە
808
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 12:38:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سۆھبەت بەك ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ،مەن مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى توخنىياز ئەپەندى ئارقىلىق زىۋىدەخانىمغاسالام يوللايمەن. مۇمكىن بولسا جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا نىكاھ، ئائىلە، مۇھەببەت توغرىسىدا لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇلسا. قاغىلىق ناھيەسىدىن مۇساجان ياسىن


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1567
تۆھپە
790
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 12:51:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   نۇشرىۋان ئەپەندىم، ئادەتتە توردا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پىروگراممىلىرىدەك ۋاقىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغاچقا بىر قەدەر ئەركىن بولىدىغان گەپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز قاتارلىق تورداشلىرىمىزنىڭ زىۋىدە مۇئەللىمدىن سورايدىغان سوئاللىرىڭلار نىسبەتەن كۆپكەن. بۇ ھەرگىزمۇ قىسقا بىر قېتىلىق سۆھبەتتە ھەرگىز تۈگىمەيدىكەن، تورداشلارنىڭمۇ تەلىپى قاندۇرۇلمايدىكەن. تېلېۋىزىيە ئىستانسىسدىمۇ بەزى سۆھبەتلەر سۆھبەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن قىسىملىق قىلىپ ئىشلىنىدۇ. شۇ ۋەجىدىن بىزنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبىتىمىزمۇ ئىككى قىسىملىق قىلىپ ئىشلەندى.
   نۇشرىۋان ئەپەندىم، بىز كېيىنچە تېخى سۆھبەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن سىز دېگەندەك تېلېۋىزىيە تىياتىرىسىمان سۆھبەتلەرنىمۇ ئىشلىشىمىز مۇمكىن. بۇنىڭدا گەپ يوق.
   تورداشلارنىڭ بۇ سۆھبەتكە نىسبەتەن ئىنكاسى ھەرخىل بولۇشى مۇمكىن. بىز بۇنى توغرا چۈشىنىمىز. لېكىن سىلەرمۇ بىزنى توغرا چۈشىنىشىڭلار كېرەك. بىز بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ سەرخىل، خەلققە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزىدىغان سۆھبەتلەرنى ئىشلەشكە تىرىشىمىز.


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

Rank: 6Rank: 6

تىللا
596
تۆھپە
323
UID
3123
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 13:18:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۋال چۈشۈرىۋېلىپ، كەچتە ئۆيگە قايتىپ كۆرەي، ھازىر خىزمەت ۋاقتى، كۆرگىلى پۇرسەت يوق...


ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە!

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئۇيغۇر ئوغلى
تىللا
184
تۆھپە
79
UID
459
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 13:21:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك سۆھبەتتىن  تەڭرىتاغ مۇنبىرىگە ئوتلۇق تىلەكلەر ياغقۇسى.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سابىرجان سىيىت
تىللا
743
تۆھپە
456
UID
3338
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 13:23:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سۇھبەت ياخشى كىنۇ پىلىملىردەك ياخشى ئىشلىنىپتۇ ،جاپا چەتىڭلار


Rank: 1

تىللا
24
تۆھپە
19
UID
1023
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 13:24:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
100 سائەت ۋاقىتنى سەرىپ قىلىپ كورىيەنىڭ  تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرۈپ مودا بولۇشنى ئۆگەنگەندىن كۆرە ، بۇ سۆھبەتنى  كۆرۈپ ، ئۆي تۇتۇش ، پەرزەنت تەربىيەلەشنى ئۆگىنىۋېلىش ناھايىتى مۇھىمدۇر .
   مېنىڭچە بۇنداق پىروگراممىلار قىسىملىق تۇرسۇن مەڭگۈلۈك ئىشلەنسۇن ! ! !


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىتۆھپەتىللايىغىشسەۋەبى
admin + 1 + 1راس دەيدۇ
uyghur + 11جانلىق ئىنكاس!

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 12 تىللا + 1  باھا خاتىرىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئوسمانجان
تىللا
814
تۆھپە
532
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 13:28:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېتىملىق سۇھبەت بەك ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ زىۋىدە مالىممۇ تورداشلارنىڭ سورىغان بەزى سوئاللىرىغا چوڭقۇر چۈشەنچە بېرىپتۇ شەخسەن ئۇزەم تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم باشقۇرغۇچىلار جاپا چەكتىڭلار رەھمەت.


Rank: 4

تىللا
398
تۆھپە
152
UID
2790
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 14:03:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ ئەمەلىيەتچىلىكى بىر قەدەر كۈچلۈك بوپتۇ! ئالدىنقى مۇناسىۋەتلىك تېمىغا يوللانغان ئىنكاسلاردىكى سوئاللارغا ئاساسەن دېگۈدەك جاۋاب بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
  ئىشىڭلار خەيرلىك باشلىنىپتۇ، خەيرلىك داۋاملاشقاي!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-23 07:00, Processed in 0.087321 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991