خەنزۇلارنىڭ بالىلارغا ھېيتلىق پۇل بېرىشىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتلىق پۇل بېرىشىگە نەزەر
ھېيت - بايراملاردا بالىلار بەكرەك خۇشال بولىدۇ ئەلۋەتتە . چۈنكى بالىلار بۇنداق ھېيت - بايراملاردا چوڭلار بەرگەن ھېيتلىق پۇلغا ئېرىشەلەيدۇ .. جەمئىيىتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى . نۇرغۇنلىغان ھېيت - بايراملار كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىبارغا بەكرەك ئېلىنىپ ، بالىلارغا بېرىلىدىغان ھېيتلىق پۇلنىڭ سوممىسىمۇ بارغانسېرى يۇقىرىلاپ باردى .
بۇ يىللىق چاغاندا ئىچكىرىدىكى مەلۇم بىر ئۆلكىدە ئەمدىلا 10 ئايلىق بولغان بوۋاققا بېرىلگەن ھېيتلىق پۇل ئىككى كۈننىڭ ئىچىدىلا 21 مىڭ يۈەندىن ئاشقان . ئىچكىرى ئۆلكىدىكى تەرەققىي قىلغان شەھەرلەردە بىر بوۋاقنىڭ ئىككى كۈندە 21 مىڭ يۈەن ھېيتلىق پۇلغا ئېرىشىشى كىشىلەرنى چۆچۈتكۈدەك سان بولمىسىمۇ لېكىن پۇلنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان كىچىككىنە بىر بوۋاققا بۇنچە كۆپ پۇل بېرىش بۇ زادى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ ؟
بۇنى قويۇپ تۇرۇپ ئۆزىمىزنىڭ ھېيت - بايراملىرىدا بالىلارغا بېرىلىدىغان ھېيتلىق پۇللىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ، بىزدە گەرچە مەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىچكىرى ئۆلكىدىكى بوۋاققا بېرىلگەندەك كۆپ پۇل بېرىلمىسىمۇ لېكىن بىزمۇ بەزىدە ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان كىچىك بالىلارغىمۇ ھېيتلىق بېرىمىز . بىز نېمە ئۈچۈن ھېيتلىقنى شۇنچە كۆپ بېرىمىز ؟ مانا بۇ خىل ئەھۋالغا نىسبەتەن تورداشلار زادى قانداق قارايدۇ ؟ بالىلارغا ھېيتلىق پۇلنى قانداق بېرىش كېرەك ؟ مۇشۇ ھەقتە بىر مۇنازىرىلىشىپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .