تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 243|ئىنكاس: 17

مەسئۇل دوختۇرنىڭ دورىنى خاتا بېرىشىدىن كېلىپ چىققان بەختسىزلىك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
19
تۆھپە
10
UID
4954
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەسئۇل دوختۇرنىڭ دورىنى خاتا بېرىشىدىن كېلىپ چىققان بەختسىزلىك



    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مېنىڭ بىر تۇنۇشۇمنىڭ بالىسى 2يىل ئىلگىرى قىزىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى ،مەسئۇل دوختۇر دورىنى خاتا بېرىپ قويغانلىق سەۋەبىدىن بالا پالەچ بولۇپ قالدى .ئىقتىسادى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن چوڭ دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ داۋالىتالمىغان ئىدى ،ئەمدى ئىقتىسادى سەل ياخشىلنىپ داۋالىتاي دېسە بالا دورىدىن زەھەرلەنگەن ئىكەن. 60مىڭ يۈەن تاپشۇرساڭلا داۋالاپ ساقايتىمىز دەپتۇ .مەن قانۇن كەسپىدە ئوقۇيدىغان بولغاچقا تونۇشۇم مەندىن مەسلىھەت سوراپ كىرىپتۇ . شۇ دورىنى خاتا بىرىپ قويغان مەسئۇل دوختۇر ئۈستىدىن سوت مەھكىمسىگە ئەرز قىلسام بولامدۇ ؟ دەيدۇ .
2يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن تۇرسا ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ دوختۇر مەسئۇليەتتىن قىچىپ مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئالغىلى ئۇنىمىسا يىتەرلىك دەلىل- ئىسپات بولمىسا، ئاقماي قالار مۇ دەپ ئېنىق بىرنەرسە دېيەلمىدىم .تەجرىبىسى بار ئۇستازلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . مۇشۇ دېلودا دورىنى خاتا بىرىپ قويغان مەسئۇل دوختۇر ئۈستىدىن سوت مەھكىمسىگە ئەرز قىلسا يوللۇق بولامدۇ ؟دوختۇر قانچىلىك تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ؟

Rank: 3Rank: 3

تىللا
197
تۆھپە
102
UID
3123
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەينى ۋاقىتتىكى دىئاگنۇز قەغىزى يوقمىكەن؟
ھەي، بىز خەقنىڭ قانۇن ئېڭىمىزنىڭ تۆۋەنلىكىدىن باشقىلار نېمە قىلسا شۈكرى دەپلا تۇرىمىز دېسە... بىچارە بالا...
ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە!

Rank: 3Rank: 3

تىللا
124
تۆھپە
84
UID
1698
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئاناممۇ دوختۇرخانىدۇ، خۇدا ساقلىسۇن شۇنداق ئىشلاردىن.

Rank: 1

تىللا
6
تۆھپە
2
UID
4969
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.مەسئول دوختۇرنىڭ دورىنى خاتا بېرىپ قويغانلىق سەۋەبىدىن بالىنىڭ پالاچ بولۇپ قالغانلىقىنى ئاتا -ئانىسى شۇ ۋاقىتتا بىلگەنمۇ ياكى بىلمىگەن ؟
2.  ئەگەر بىلگەن بولسا نەق بىلگەن ۋاقىتتىن باشلاپ بىر يىل ۋاقىت ئۆتتىمۇ يوق؟
3.ئەگەردە دورىنىڭ خاتا بېرىلگەنلىكىدىن پالاچلىك كېلىپ چىققان بولسا ئۇنى يەنە كېلىپ يېققىندا بىلگەن بولسا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا شۇ قېتىملىق دورىدىن زەھەرلەنگەن ياكى زەھەرلەنمىگەنلىكى توغرىسىدا باھالاشقا ھاۋالە قىلىپ سەۋەپ نەتىجە مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرسۇن .
4. ئەگەر پالاچلىكنىڭ شۇ قېتىم بېرىلگەن دورىنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلگىلى بىر يىلدىن ئاشقان بولسا بۇ تەرىپى بىۋاستە دەۋە سۈرىكى مەسىلىسىگە بېرىپ چىتىلىدۇ ، دەۋادا ئۇتۇپ چىقىش مۈمكىنچىلىكى تۆۋەن بولىدۇ .
5.تۆلەم سوممىسىنىڭ قانچىلىك بولۇشى بالىنىڭ ھازىرقى مېيىپلىق دەرىجىسى ، بۇندىن كېيىن ھەم ئىلگىرى چىقىم قىلغان پولنىڭ سوممىسى ھەم داۋالىنىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى ،،،،،،،دوختۇرنىڭ دىئاگنوزى .....قاتارلىق بىر قاتار مەسىللەرگە چېتىلىدۇ .
6. دەۋا سۈرىكى ئوتمىگەن ياكى دېلونىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن دەۋا سۈرىكىنى يېڭى باشتىن باشلاش مۈمكىنچىلىكى تۇغۇلۇپ قالسا ئۇچاغدا دوختۇرخانا ئۈستىدىن ئەرز سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىسا بولىدۇ ،يوقۇرقى جاۋابىمدىن پايدىلىنىپ كۆرەرسىز.......

Rank: 4

تىللا
229
تۆھپە
120
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ تىببى ساۋاتلىرىنى كۇپرەك كۇرۈپ قويۇش كېرەككەن ئويلىسام مەنمۇ نۇرغۇن ئىشلاردا كەتكۈزۈپ قويۇپتىمەن.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
691
تۆھپە
558
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەسئۇلىيەت ئىڭى سۇس بۇلسا شۇنداق بۇلىدۇ.
سەكرا

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
495
تۆھپە
342
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ بىر دوستۇمنىڭ ئىنىسىنى  ماشىنا سۇقۇۋەتكەن ئىكەن ئۇ بالىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ  ئۇيىگە خەۋەر قىلىپ  پۇل ئەكىلىپ ئۆتكۇزۇپ قىلىپ، بولغۇچە ئۇ بالا ئۇلۇپ قالدى  دوختۇر دىگەنگە پۇل بولسىلا بولامدىكىن دەيمەن

Rank: 6Rank: 6

تىللا
534
تۆھپە
421
UID
3175

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەينى ۋاقىتتىكى دىئاگنۇز قەغىزى بۇلسا ياخشى بۇلاتتى. بىراق ۋاقىتنى ئۆتكۇزۇپ قۇيۇپسىز ئەمەسمۇ

Rank: 4

تىللا
172
تۆھپە
124
UID
3999
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامىرىكىدا 50 يىل بولغان دەۋالارغىمۇ  سوت ئاچىدىكەن،بىزنىڭمۇ قانۇنلىرىمىز مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ، ئەگەر دورىدىن زەھەرلەنگەنلىكى ئىنىق بولسا دوختۇر يازغان رېستىپ دوختۇرخانا  ئارخىپىدا ساقلىنىدۇ، ھەل بولۇپ قالار .

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سابىرجان سىيىت
تىللا
354
تۆھپە
246
UID
3338
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەسۇلىيەتسىز كەسىپ ئەھىلىرىگە بۇ بىر ساۋاق بۇلغۇدەك

Rank: 4

ئىسىمى
مۇھەممەتجان تۇرداخۇن
تىللا
306
تۆھپە
188
UID
711
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېببىيدىن خەۋىرى بولمىسا بۇ ئىشنى چۈشەنمەك تەس....

Rank: 1

تىللا
19
تۆھپە
10
UID
4954
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالا پائالەچ بوپ قالغاندىلا ئاتا-ئانسى بىلىپتىكەن ،بالنى ساقايتىمەن دەپ يۈگۈرۈپ يۈرۈپ بۇ مەسلىگە سەل قاراپ قاپتۇ ،مانا ئەمدى ئىككى يىل ۋاقىت ئۈتۈپ كەتتى .بالىنى يۈدۈپ يۈرۈپ بەك جاپا تارتىۋاتدۇ.ھىلقى دورىنى خاتا بەرگەن دوختۇر تۇنۇشۇمنىى كۈرسە ئۈزىنى ئىلېپ قاچىدۇ .قەشقەر ۋىلايەتلىك 2-دوختۇرخاننىڭ دۇرىدىن زەخەرلەنگەنلىك دىئاگىنۇز قەغىزى بار .ئۇستازلارنىڭ بەرگەن جاۋابىغا رەھمەت ئىيتىمەن

Rank: 1

تىللا
6
تۆھپە
2
UID
4969
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداقتا مەزكۇر دەۋانىڭ سۈرىكى ئۆتۈپ كېتىپتۇ ،،چ چ نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ ،سۈرۈكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئامالىنى قىلىپ بېرەي

Rank: 1

تىللا
19
تۆھپە
10
UID
4954
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقۇل چ چ نۇمۇر 280818946رەھمەت سىزگە

Rank: 1

تىللا
19
تۆھپە
10
UID
4954
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
280818946چ چ نۇمۇر رەھمەت !

Rank: 1

تىللا
29
تۆھپە
21
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر دورىدىن زەھەرلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى باھالاشنامە بولسا ، يەنەكېلىپ شۇقېتىمقى دورىنىڭ تەسىرى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئىسپات بولسا تىببى ئىلىم جەمىيىتىگە داۋالاش ھادىسىسىنى باھالاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ . بىراق بۇنىڭمۇ شەرتى بولىدۇ ، مەسىلەن : شۇقېتىم كېسەل كۆرسەتكەن چاغدىكى دىئاگىنۇز ئىسپاتى ، دورا سېتىۋالغان تالون (مۇنتىزىم دوختۇرخانا بولسا تالون ئارقىلىق رېتسىپنى تاپقىلى بولىدۇ) قاتارلىق ئەڭ ئاددى ئىسپاتنى تۇتقا قىلىپ يەرلىك (ۋىلايەت ، ئوبلاست دەرىجىلىك) تىببى ئىلىم جەمىيىتى ئارقىلىق شۇقېتىمقى كېسەل كۆرسەتكەن ئامبۇلاتۇرىيە كېسەللىك خاتىرىسى ، رېتسىپ قاتارلىقلارنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ . يەرلىك تىببى ئىلىم جەمىيىتىنىڭ باھالاشنامىسىگە قايىل بولمىسا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تىببى ئىلىم جەمىيىتىگە قايتا باھالاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ . يەنە قايىل بولمىسا يەرلىك سوت مەھكىمىسىگە ھەق-تەلەپ ئەرزى سۇنسا بولىدۇ .
ئەڭ ئىنچىكە ھالقا : سىزنىڭ شۇدوختۇرخانىغا كېسەل كۆرسەتكىنىڭىزنى قانداق ئىسپاتلايسىز . ئادەتتە مۇنتىزىم دوختۇرخانىلاردا كېسەللىك تىزىملاش خاتىرىسى بولىدۇ ، شۇنداقلا تىزىملاشتىن چۈشۈپ قالىدىغان ئەھۋال مەۋجۈت ئەمەس . چۈشۈپ قالدى دېگەندىمۇ نومۇر ئېلىش ، ۋە كېسەل كۆرسىتىش كارتىسىنى سۈركەش جەريانى ، دورا سېتىۋېلىش خاتىرىسى خاتىرلىنىدۇ . مەن سىزنىڭ بايانىڭىزدىن شۇنى جەزىملەشتۈرەلەيمەن ، سىز كېسەل كۆرسەتكىنىڭىز قارا ئامبۇلاتۇرىيە بولمىغاندىمۇ ئانچە مۇنتىزىم بولمىغان ئادەتتىكى خۇسۇسى ئىگىلىكىدىكى شىپاخانا . ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپتۇ . سىز داۋا قىلسىڭىزلا ئۇلار ئەڭ تېز سۈرئەتتە پۈتۈن خاتىرىنى ئۆزگەرتىپ بولىدۇ . قولدا يازغاننى ئۆزگەرتىش بەكلا ئاسان ، چۈنكى ھەر ئىككىسى ئۆزىنىڭ پۇچۇركىسى . شۇڭا سىز مېنىڭ دېگىنىم بويىچە تەدبىر قوللىنىڭ . ئەگەر مۇنتىزىم دوختۇرخانا بولسا دادىللىق بىلەن ھەركەت قىلىڭ . ئەگەر ئادەتتىكى ئامبۇلاتۇرىيە بولسا «پارتىزانلىق ئۇۇرۇشى» قىلىش ئارقىلىق ئىسپات توپلاپ ، ئاندىن باھالاشنى ئىلتىماس قىلىڭ .

دوستلارغا سەمىمى ئەسكەرتىشىم : كېسەل كۆرسەتكەندە مەيلى قانداقلا دوختۇرخانا بولسۇن تىزىملاش خاتىرىسى بار يوقلۇقىغا ۋە سىزنىڭ كېسەل كۆرسەتكىنىڭىزنى تىزىملىغان ياكى تىزىملىمىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭلار . دوختۇرنىڭ تىزىملىكىگە چۈشتى دېگەن گەپ  دوختۇر بىلەن بىمار ئوتتۇرىسدا «داۋالاش كىلىشىمنامىسى» تۈزۈلدى دىگەنلىك بولىدۇ . تىزىملاش خاتىرىسىگە چۈشمىگەن بولسىڭىز مەن بولساممۇ سىزنىڭ مەندىن دورا ئالغىنىڭىزنى تېنىۋالىمەن . قولىڭىزدا قانداق ئىسپات بار؟؟؟؟

ئەڭ ياخشىسى مەيلى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ياكى خۇسۇسى ئىگىلىكتىكى بولسۇن مۇنتىزىم دوختۇرخانىلاردا كېسەل كۆرسىتەيلى . «سېغىزخانلارنىڭ» ئېغىز تەشۋىقاتىغا ئىشىنىپ قارا ئامبۇلاتۇرىيەدىن ، چالاساۋات دوختۇرخانىلاردىن دورا سېتىۋالمايلى . شەھەر ئەتىراپىدا ، يېزا-بازاردا ئولتۇرۇشلۇق دوستلار «دورىخانا» غا كىرىپ ئوكۇل سالدۇرمايلى ، چۈنكى دورىخانىدا پەقەت دورا (ئوكۇل) سېتىشقىلا بولىدۇ . ئاددىسى جىددى قۇتۇلدۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان كىسلارۇد (ئوكسىگىن) مۇ يوق مۇھىتتا ئوكۇل سالدۇرۇش مېنىڭ كاللامدىن پەقەتلا ئۆتمەيدۇ .   ھايات ئادەمگە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ !!!!!!!!!

Rank: 1

تىللا
12
تۆھپە
7
UID
4844
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 13:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ بىر دوستۇممۇ ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى پىيادىلەر كوچىسى دىيىلىدىغان قاتناش قۇراللىرىنىڭ كىرىشى بىردەك چەكلىنىدىغان كوچىدا كىتىۋاتقاندا 3ئادەم ھەم بىرەر يۈز كىلو يۈك بېسىلغان ئۈچ چاقىلىق موتسىكىلىت ئۇنىڭ ئارقا تەرپىدىن كىلىپ قاتتىق سوقىۋەتكەن،دوستۇم،يىقىلغان ھەم ھۇشىدىن كەتكەن،ئەتراپىدىكى كىشىلەردەرھال قاتناش ساقچى ئەترىتىگە ھەم دوختۇرخانىڭ جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزىگە تىلفۇن قىلغان،قاتناش ساقچى ئەتىرتىدىكىلەر كىلىپ موتوسىكىلىت مىنگەن كىشىنىڭ مەس ياكى ئەمەسلىگىنى سۈرۈشتە قىلماستىنلا ئۇنى ئۇنىڭ قاتناش ساقچى ئەتىرتىدە ئىشلەيدىغان بىر تۇغقان قېرىندىشىنىڭ بۇ قاتناش ۋەقەسىنى بىجىرىشىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ،زىيانلانغۇچىنىڭ كىملىكىنى ئېلىپ كەتكەن،موتو مىنگۈچى قاتناش ساقچى ئەترىتىدە ئىشلەيدىغان تۇغقىنى ئارقىلىق دوستۇمغا ھېچ قانداق دەۋا دەستۇرۇم يوق،دىگەن تىلخەت يېزىپ بىرىشنى تولا جىكلەتكەن،لىكىن دوستۇم شۇ قېتىمقى قاتناش ۋەقەسىدە مىڭىسى قاتتىق سىلكىنىپ سول پۇت پاقالچاق سۆڭىكى ھەم بېلى ئېغىر چىم بولۇپ كەتكەن،ئۇلۇغچات ناھىيەلىك خەلىق دوختۇرخانسىنىڭ دىياگۇنۇز نەتىجىسىدە (مىڭە ئېغىر دەرجىدە سىلكىنگەن،پۈتۈن بەدىندىكى يۇمشاق توقۇلمىلار بۇزۇلغان،سول پۇت پاقالچاق ھەم بەل نىڭ زەخمىلىنىشى ئېغىر)دىگەن دىياگۇنۇز قويۇلغان.دوستۇم شۇ قاتناش ۋەقەسىدىن كىيىن ئاسانلا قورقىدىغان،تىتىرەپ كىتىدىغان،بەزى كۈنلىرى كىچە كىچىلەپ ئۇخلىيالمايدىغان،تىنىچلاندۇرغۇچى دورىلارنى ئىستىمال قىلمىسا ئۇيقىسىز يۈردىغان بولۇپ قالغان،ئۇلۇغچات ناھىيەلىك قاتناش ساقچى ئەتىرىدىكى دوستۇمنى سوقۇپ يارلاندۇرغۇچىنىڭ بىر تۇغقان قاتناش ساقچىسى ئىنىسى دوستۇمغا تولا تىلفۇن قىلىپ ئۇنىڭ ئاڭالايدىغان بولغاندىكىن قاتناش ساقچى ئىدارىسىغا كىلىپ تىزدىن ھېچ قانداق دەۋا دەستۇرىم يوق دىگەن خەتنى يېزىپ بىرىشىنى سۈيلىگەن.قانۇن، قىرغىزلار قانينى،ئۇيغۇرلار قانۇنى دەپ ئايرىلامدۇ؟دوستۇم 2011-10-26-كۈنى شۇ ۋەقەگە ئۇچۇرغاندىن ھازىرغىچە مىڭىسى قاتتىق سىلكىنگەنلىكى تۈپەيلى بەزىدە ئازمۇز سۆزلەپمۇ قالىدۇ،مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيەلىك قاتناش ساقچى ئەتىرتىدىكى شۇ كەسپى ئەخلاقى تۆۋەن ساقچى يولداشنىڭ دوستۇمنى دەۋا دەستۇرۇم يوق دەپ خەت يېزىپ بىرىشكە داۋاملىق مەجبۇرلىشىنىڭ ئاساسى بار يوقلىقى توغرىسىدا مەسلىھەت بىرشىنى سورايمەن.دوستۇم نىڭ ھازىرقىدەك ئەھۋالدا قاچانغىچە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن سوتقا ئەرىز قىلىش ھوقۇقى بار؟ھەم ئۇ ئۆزى راۋرۇس ساقىيىپ قانچىلىك مۇدەت ئىچىدە دەۋا دەستۇرۇم يوق دىگەن خەتنى يازاسا  بولىدۇ؟

Rank: 1

تىللا
6
تۆھپە
2
UID
3096
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 15:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىراق ئادۇكاتتىن بىرنى تىپىپ مەسلىھەت سوراپ كۆرسەڭلار ئېنىق بولىدۇ. بۇ يەردە ھېچكىم ئۇ ئىشنىڭ تولۇق جەريانىنى بىلمىگەچكە بىر نېمە دىيەلمەيدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-2-4 11:37, Processed in 0.079092 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش