ياخشى يەر
بىر بېكەتتە يۇگۈر -يېتىم ئىشلارنى قىلىدىغان بىر ھورۇن يىگىت بولۇپ ، ھەر كۇنى ئۇزۇلمەي كېلىپ تۇرغان يولۇچىلارنىڭ يۇك-تاقلىرىنى كۆتۇرۇشۇپ بېرىپ ئاز تۇلا - كىرىم قىلىدىكەن . بىر كۇنى ئۇ يىگىتنىڭ تاماكا خۇمارى تۇتۇپ كېتىپ ئەمدىلا كەلگەن بىر يولۇچىنىڭ ئالدىغا يۇگرۈپ بېرىپ ، -ياخشىمۇ سىز نەدىن كەلدىڭىز ؟- دەپ سوراپتۇ ، يولۇچى ھېرىپ -ئېچىپ كەلگەندە ئەھۋال سورىغان بۇ يىگىتكە -خوتەندىن كەلدىم -دەپ كۇلۇپ جاۋاپ بېرىپتۇ
يىگىت دەرھال-ۋاھ ، خوتەن دېگەن بەك ياخشى يۇت جۇمۇ مەن 2 يىىل تۇرغان -دەپلا ئارقىدىن -تاماكىڭىز بولسا بىر تال بېرىڭە -دەپتۇ
يولۇچى نا ئىلاج سومكىلىرىنى قويۇپ يانچۇقىدىن تاماكا ئېلىپ بېرىپ يولىغا راۋان بوپتۇ .
ئەتىسى يىگىت يەنە شۇ ئۇسۇلدا يەنە بىر يولۇچىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ، -ياخشىمۇ سىز ئاكا نەدىن كەلدىڭىز -؟دەپ سوراپتۇ ، يولۇچى -قەشقەردىن ، - دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ، يىگىت دەرھال -ۋاھ قەشقەر دېگەن شۇنداق ياخشى جاي جۇمۇ ئادەملىرى مېھماندوس مەن 3 يىل تۇرغان -دەپلا -تاماكىڭىز بارمۇ ؟- دەپ تاماكا سوراپ چېكىپتۇ
ئەتىسى ئۇ يەنە ئالدىراش كېتىۋاتقان بىر يىگىتتىن ، -ياخشىمۇ سىز نەدىن كەلدىڭىز -دېيىشىگە ئۇ يىگىت -ئاناڭنىڭ قېشىدىن - دەپتىكەن يىگىت دەرھاللا -ھە ئۇمۇ بەك ياخشى يەر مەن 9ئاي تۇرغان - دېگىدەك