تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 222|ئىنكاس: 12

Win7 غا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ تەڭشەش (رەسىملىك تونۇشتۇرۇش)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
197
تۆھپە
102
UID
3123
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىكروسوفتنىڭ Win7 مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئومۇملاشقىنىغىمۇ خېلى بولۇپ قالدى. Win7 مەشغۇلات سىستېمىسى تېگىدىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ تەمىنلىگەنلىكىنى قارىغاندا كۆپ قېرىنداشلار بىلمەيدىغاندەك تۇرىدۇ ياكى بىلسىمۇ قانداق تەڭشەشنى تازا بىلىپ كېتەلمىگەندەك تۇرىدۇ. يېقىندا بۇ ھەقتە قىيىنچىلىققا يولۇققان تورداشلارنىڭ خېلى كۆپ ساننى ئىگەللەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم شۇڭا، بۇ يەردە Win7 سىستېمىسىدىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قانداق تەڭشەش ھەققىدە قىسقىچە رەسىملىك چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بارماقچىمەن. مەشغۇلات جەريانى تۆۋەندىكى رەسىملىك كۆرسەتمە بويىچە بولسا بولىدۇ.

1. ئۇيغۇرچە تەڭشەلمىگەن ئەسلى ھالىتى (مائۇسنى كۇنۇپكا تاختىسى سىنبەلگىسىنىڭ ئۈستىگە ئەكىلىپ سول تەرەپنى بىرنى باسسىڭىز كۆرۈنىدۇ)

2. مائۇسنى كۇنۇپكا تاختىسى سىنبەلگىسىنىڭ ئۈستىگە ئەكىلىپ ئوڭ تەرىپىنى بىرنى چېكىمىز.

3. رەسىم بويىچە مەشغۇلات قىلىمىز: كۇنۇپكا تاختىسى سىنبەلگىسى---قوشۇش----تەڭشەش

4. قوشۇشنى بېسىپ ئەرەپ تىلى، يەنى سەئۇدى ئەرەبىستانى دېگەننى تاللايمىز

5. ئالدىدىكى كىچىك پلوس (+) بەلگىسىنى چېكىپ يايىمىز (دىققەت: مەن مەزكۇر رەسىمنى تۇتقاندا كومپيۇتېردا خەت نۇسخىسى ئېھتىياجىدىن ئەلكاتىپ كىرگۈزگۈچنى قاچىلىغان، ئەگەر سىز ئەلكاتىپنى قاچىلىغان بولسىڭىز، ئۈستىدىكى «ئەلكاتىپ (Uighur)» دېگەننى تاللىسىڭىز بولىدۇ. ئەمما مەزكۇر دەرسلىكىمىز ئەلكاتىپ قاچىلانمىغان ئەھۋال ئاستىدا «Win7 سىستېمىسىدىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قانداق تەڭشەش ھەققىدە» بولىۋاتقان بولغاچقا، ئۈستىدىكى ئەلكاتىپ كىرگۈزگۈچكە مۇناسىۋەتلىك جايلار نەزەردىن ساقىت قىلىندى)

6. كۆپنى كۆرسىتىشنى يايغاندىن كېيىن رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك «ئۇيغۇرچە» ۋە «ئۇيغۇرچە كونا» دېگەننى بايقايمىز. بۇنىڭ ئىچىدىن بىز «ئۇيغۇرچە» دېگەننى تاللىساق بولىدۇ، «ئۇيغۇرچە كونا» دېگىنى Vista مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى يۇنىكود ئورنى خاتا بېكىتىلىپ قالغان كىرگۈزگۈچكە ماس كېلىدۇ. شۇڭا بىز بۇ يەردە پەقەت «ئۇيغۇرچە» دېگەننىلا تاللىساق بولىدۇ.

7. رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك «ئۇيغۇرچە» دېگەننى تاللاپ ئاندىن 确定 قىلىپ جەزملەشتۈرىمىز.

8. قاراڭ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ كىرگۈزگۈچلەر قاتارىدا پەيدا بولدى

ئەڭ ئاخىرىقى تەڭشەپ بولغان ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈشى

پەقەت يۇقىرىقى كۆرسەتمە بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىز سىز Windows 7 مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلىماي تۇرۇپلا، ئۇنىڭ ئۆزىدىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى بىمالال تەڭشەپ ئىشلىتەلەيسىز.
ئەلۋەتتە، سىز بۇنداق تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن خەت نۇسخىسى (پەقەت بىرلا خەت نۇسخىسى بار) ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرالماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىنى C دىسكىسىدىكى Windows نىڭ ئىچىدىكى Fonts ھۆججەت قىسقۇچىغا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى قاچىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك:


مەنبە ئىلقۇت بلوگى


ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە!

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1564
تۆھپە
463
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھازىرغىچە xp نى ئىشلىتىۋاتىمەن. بۇ win7 دېگەن سېستىمىنىڭ قاچىلىغاندا مەخپىي نومۇر كەتمەيدىغان نۇسخىسىمۇ بارمۇ؟ كومپيۇتېرغا بولغان تەلىپى قانداقراق؟ ئۇنىڭغا office2003 نى قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟ (چۈنكى word2003 دە باسقان بىرمۇنچە ھۆججەتلەر بار ئىدى، يەنە داۋاملىق ئىشلىتىدىغان). ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان باشقا يۇمشاق دېتاللار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالامدۇ؟ موشۇنداق تەرەپلىرىنى بىلەلمەي، ھازىرغىچە  xp نى ئىشلىتىۋاتىمەن.


Rank: 4

تىللا
220
تۆھپە
99
UID
2744
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   تىل تاللاشقا نىمىشقا سەئۇدى ئەرەبىستاننى تاللايسىز؟   كىرگۈزگۈچ تاللانمىسىدىن   (维吾尔语(中国 دېگەننى  بىۋاستە تاللىساقلا بولىدىغۇ.  ئاندىن   كىرگۈزگۈچتە                    (UI 维吾尔语(中国  دەپ كۆرۈنەتتى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   BadBoy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-31 17:12  



Rank: 3Rank: 3

تىللا
218
تۆھپە
59
UID
344
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەلىمىڭىزگە كۆپ رەخمەت، بۇنداق تېخنىكىلىق بىلىملەردىن داۋاملىق تەمىنلەپ تۇرارسىز


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
156
تۆھپە
65
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت، مەن بىلىۋالدىم   


Rank: 3Rank: 3

تىللا
197
تۆھپە
102
UID
3123
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
BadBoy يوللىغان ۋاقتى  2012-1-31 17:10
تىل تاللاشقا نىمىشقا سەئۇدى ئەرەبىستاننى تاللايسىز؟ ...

بۇ مۇنداق گەپ.
سىز دىگەندەك بىۋاستە ئۇيغۇرچىنى تاللاپ قوشقاندا Office 2003 قاتارلىق نىسبتەن بۇرۇنقى يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇرلار جۇڭگودا بولغاندىكىن خەتنى سولدىن يازىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىۋېلىپ، نۇر بەلگىنى سولغا توغىرلاپ تۇرۋېلىپ، ئۇيغۇرچە خەت يېزىشتا ئازراق مەسلە كۆرۈلدۇ. ئۇ خىل ئەھۋالدا تېمىدا كۆرسەتكەن ئۇسۇل بويىچە ئۇيغۇر تىلىنى ئەرەپچىنىڭ ئاستىغا قاچىلايمىز.
Office 2007 دە ھەر ھالدا ئۇيغۇرنى چۈشىنىپ قالغان ئوخشايدۇ. ئۇنداق مەسلە مەۋجۇت ئەمەس. سىز دىگەندەك قىلسىمۇ بولىدۇ.


ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە!

Rank: 3Rank: 3

تىللا
197
تۆھپە
102
UID
3123
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
noshirwan يوللىغان ۋاقتى  2012-1-31 17:03
مەن ھازىرغىچە xp نى ئىشلىتىۋاتىمەن. بۇ win7 دېگەن سېستىمى ...

سۇئال دېگەننى سىز سوراپ قويىسىز ھە؟ ئادەم تېنىقىنى ئالالمىغۇدەك...
مەخپىي نومۇرنى ئاددىي قىلىپ قويسىڭىز بولمامدۇ؟ چوقۇم مەخپىي نومۇر ئىشلەتمەسلىك كېرەكمۇ؟ مەسىلەن مەخپىي نومۇرنى 1 قىلىپ قويسىڭىزمۇ بولىدىغۇ؟
office 2003 نى قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەمما بىلمىدىم سىز نېمە ئۈچۈن office 2007 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشرىنى ئىشلەتمەيسىز؟
ھازىر ھەممە دىتاللار ئاساسەن مۇشۇ win7 مەشغۇلات سىستېمىسىغا ماسلاشتۇرۇپ ئومۇملىشىپ بولدى. ئېسىڭىزدە بولسۇن، بۇ يىلدىن باشلاپ مىكروسوفت ئەسلىدىكى xp نى مەجبۇرى توختىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەڭ ياخشىشى سىستېما نەشرىنى يوقىرى كۆتۈرىۋېلىڭ.
كومپيۇتېرغا بولغان تەلىپى: ئىچكى ساقلىغۇچ 1GB دىن چوڭ بولسا نورمال بولىدۇ.


ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە!

Rank: 6Rank: 6

تىللا
534
تۆھپە
421
UID
3175

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
4540
تۆھپە
2306
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ مەشغۇلاتلارنى ھۆددەس قىلالمايمەن ...


باش سۈرىتىم بىلەن ئىمزا سۈرىتىمدە ھەممە ئېنىق ئايان، ئىشىكىمنىڭ تۈۋىدە يالغۇز خىيال سۈرىمەن، خىياللىرىم دۇنيانى كېزىدۇ، ھاۋا شۇ قەدەر سوغۇق !...

Rank: 3Rank: 3

تىللا
197
تۆھپە
102
UID
3123
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman يوللىغان ۋاقتى  2012-2-1 01:19
مەن بۇ مەشغۇلاتلارنى ھۆددەس قىلالمايمەن ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇ مەشغۇلاتلارنى قىلالماسلىقتىكى سەۋەب نېمىكىن؟ مېنىڭچە بۇ مەشغۇلاتلارنى كومپيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن ئانچە مۇنچە ھەپىلىشىپ باققانلار ئاسانلا قىلىپ كېتەلەيدۇ. يەنە كېلىپ بۇ يازما ئەڭ ئاددى، ئەڭ چۈشىنىشلىك، ئەڭ تەپسىلىي بولۇش پرىنسىپى بويىچە تەييارلانغان.
ئەگەر قىيىنچىلىق بولسا ئوتتۇرىغا قويسىڭىز، قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىشكە قولىمىز كۆكسىمىزدە!


ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
691
تۆھپە
558
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر.......


سەكرا

Rank: 1

تىللا
28
تۆھپە
9
UID
4664
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ناھايىتى ياخشى  بوپتۇ،ئەجرىڭىزگە  ھەشقاللا


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
691
تۆھپە
558
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 00:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىناپ باقايچۇ....


سەكرا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-2-4 11:37, Processed in 0.081123 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش