يۇلغۇن: بوۋا،ئاخشام كۆرگەن چۈشۈمدە...
بوۋا،ئاخشام كۆرگەن چۈشۈمدە...
گەپ باشلىدىڭ ئوۋ خۇمارلىقتىن،
ئوۋغا تەشنا ئىكەنسەن بەكمۇ.
ئاق بوز ئاتقا قارايتىڭ پات-پات،
ئارقىدىنلا سىرلىق،ماڭىمۇ...
ئاق بوز ئاتنى ئۆزۈملا توقاي،
ئۆزۈم مىنەي دۇئا بەر ماڭا.
ئاق يول تىلە،بولما ئاۋارە،
ئارام ئالغىن سۈيۈملۈك بوۋا.
ئوت چاچرىتىپ تۇياقلىرىدىن،
ئاق بوز ئاتنى چاپتۇراي مىنىپ.
قاتمۇ-قات تاغ،قەدىم بارخانلار...
ئەركەكلىكتىن سۈيۈنسۇن قېنىپ.
ئاق بوز ئاتنى ميىنىپ چاپتۇرۇپ،
شاماللاردەك كېزەي دالىنى.
سۆيسۇن چۆللەر،تاشلارمۇ سۆيسۇن،
ئاق بوز ئاتنىڭ تۇياق ئىزىنى.
2
دەۋرەپ كېلىپ قۇملار باسماقتا،
تەكلىماكان يىغلار بۇقۇلداپ.
توغراقلارنىڭ يۈرىكى زىدە،
قۇرىماقتا يۇلغۇنلار ئۇسساپ.
سۈيى تۈگەپ كەتكەن دەريادا،
لىققىدە چوغ ئاقار ئۆركەشلەپ.
ئۆركىشىگە چۆككەن قۇملۇقنىڭ،
يېشىللىقلار دەردلىك ئىسەدەپ.
زومچەك-زومچەك قۇملار دۆۋىسى،
بۇ يەر گۈزەل شەھەر ئەسلىدە.
تەبىئەتنىڭ يۈرىكى قانار،
چۆككەنسىرى قۇملار تەكتىگە.
مۇڭلۇق دەردلىك كارۋان ناخشىسى،
ھەسرىتىمگە قوشىدۇ ھەسرەت.
يۈرىكىمگە ئاقار دولقۇنلاپ،
تاغدىن ئېغىر،تاشتىن قاتتىق دەرد.
بوۋا،ئاخشام كۆرگەن چۈشۈمدە...
بوۋا،ئاخشام كۆرگەن چۈشۈمدە...