تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 191|ئىنكاس: 19

ماڭا ياردەم قىلىڭلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
30
تۆھپە
14
UID
491
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ماڭا ياردەم قىلىڭلار



    ياخشىمۇسىلەر دوستلار.بۇ تىمىنى كۆرۈپ بەلكىم مىنى ئەخمەق نىمىكەن دىيشىڭلار مۇمكىن.ئىش مۇنداق مەن بىر ھەپتە ئىلگىرى بىر تور بەتتىن ماشىنىلارنىڭ بەكلا ئەرزانلىقىنى كۆرۈپ بىرنى سېتىۋىلىش قىزغىنلىقى قوزغالدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ 15000 (ئون بەش مىڭ )يۈەنگە بىر ماشىنا سېتىۋالدىم.ئاۋال ئۇلارغا 1000 يۈەن پوچتا ھەققى تاپشۇردۇم،ماشىنا كەلگەندىن كىيىن ماشىنىنىڭ پۇلىنى بىرىدىغان بولدۇم.ئون كۈندىن كىيىن ئۇلار ماشىنىنىڭ كەلگەنلىكىنى ماشىنىڭ پۇلىنى تاپشۇرۇشىمنى ئېيتتى.مەن ئۇلارغا ماشىنىنى كۆرۈپ باقاي ئاندىن پۇلنى سالاي دىسەم ئۇنداق قىلساق بولمايدۇ پۇلنى سالساڭلا ماشىنىنى يېرىم سائەتكىچە قولۇڭغا بىرىدۇ،ماشىنا سەن تۇرۇشلۇق جايدا دىگەندەك گەپلەرنى قىلدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا پۇلنى بانكا كارتىسىغا ئۇرۇپ بىرىپ ئۇلارغا خەۋەر قىلدىم،ئۇلار تەكشۈرۈپ باقايلى دەپ تېلېفۇننى قويىۋەتتى.بىردەمدىن كىيىن تىلفۇن قىلسام ماشىنىنى ھازىرلا ساڭا بىرىدۇ ئازراق تۇرۇپتۇر دەپ قويىۋەتتى.خېلى ساقلىساممۇ كەلمىدى.ئۇلارغا مىنىڭ ماشىنام قېنى دىسەم ئۇلار بىز سىنى يېرىم كۈن ساقلىدۇق سەن يەنە 10000 يۈەن سالساڭ ماشىنا قولۇڭغا تىگىدۇ بولمىسا ماشىنىنى قايتۇرۇپ كىتىلىدۇ دەپ مىنى ئەخمەق قىلدى.ئۇلارغا سەنلەر ئالدامچى نىمىلەركەنسەن ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن دىسەم بىز ئالدامچى ئەمەس پەقەت بىز دىگەن پۇلنى كارتىغا سالساڭلا مالنى بىرىمىز دەپ تۇرىۋالدى.چ چ ئارقىلىق ئۇلارغا پۇلۇمنى ياكى مالنى بىرىش دىسەم بىردەمدىلا چ چ نى ئوغۇرلاپ بولدى.تېلېفۇن قىلسام ئالغىلى ئۇنىمىدى.مەن ئەمدى قانداق قىلىشىم كىرەك؟پۇلۇمنى قانداق قايتۇرۋالغىلى بولىدۇ؟ ئۇلارنىڭ تور بېتىنى قانداق قىلىپ يوق قىلىۋەتكىلى بولىدۇ؟مەن قەيەرگە ئەرز قىلسام بولىدۇ؟ مۇشۇنىڭغا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار.
ماۋۇ ئاشۇلارنىڭ چچ نۇمۇرى 849828789  ماڭا بىر ياردەم قىلساڭلارچۇ؟
مەنبە ئۆزۈم.

Rank: 2

تىللا
65
تۆھپە
26
UID
4360
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ.

Rank: 4

تىللا
229
تۆھپە
120
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي دوستۇم ئالدىنىپ قاپسىز دەرھال ج خ ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلىڭ.

Rank: 1

تىللا
30
تۆھپە
14
UID
491
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىڭ تەستە تاپقان پۇل ئىدى.كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيۋاتىدۇ.

Rank: 4

تىللا
220
تۆھپە
99
UID
2744
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ھەم  ئاشۇ ئالدامچىلار تۇرۇشلۇق (ئېنىقلىيالىسىڭىز) ئورۇندىكى  ج خ ، س س م ب ئىدارىلىگە ئەرز قىلىڭ.
   توردىكى ماللار بازار باھاسىدىن  10% دىن  ئارتۇق پەرقلىنىپ كەتسىلا گۇمانلانسىڭىز بولىدۇ. ئۇ ياكى ساختا مال،  ياكى شۇ مال ساتقۇچىلار ئالداىمچىلار، كېيىن توردىن مال سېتىۋالغاندا دىققەت قىلارسىز.

Rank: 2

ئىسىمى
شۇ
تىللا
97
تۆھپە
19
UID
2903
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىزگە ياردەم قىلالمايمەن ،ئەمما بۇ ئارقىلىق مەن ۋە ماڭا ئوخشاشلار تەلىم ئېلىشى كىرەك

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
1665
تۆھپە
1251
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   سىز ئەڭ ياخشىسى ئالدانغاندا ئۆزىنى قانداق تۇتۇۋېلىشنى ئۈگىنىۋېلىڭ. پۇلىڭىز مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ، ساقچىلار ئۇلارنى ھەرگىز تۇتالمايدۇ، بۇ راست. پەقەت سىزگە تەسەللىي بىرەلەيدۇ خالاس.

Rank: 4

تىللا
208
تۆھپە
165
UID
4104
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ، مەنغۇ توردىن بىر قېتىملا نەرسە سېتىۋېلىپ باققان، بىراق ئانچە رازى بولمىغان، سىزمۇ بەك بىخەستىلىك قىلىپسىز، ماشىنىنىمۇ توردىن ئالامدۇ؟ھەي ،بولدىلا، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، «قانۇن ۋە پۇقرا» پىروگراممىسىنى ئىزدەپ باقسىڭىز ئۇلار ياردەم قىلارمۇ يا؟لېكىن ئۇلار بىجىرىلىپ بولغان دىلولارنى كۆرسىتىدۇ، ئەڭ ياخشىسى ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قاراقاش
تىللا
724
تۆھپە
355
UID
312
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرھال دېلو مەلۇم قىلغۇلۇق شۇ، تورغا ئەمەس جۇمۇ يانا
مەن ئاپامنىڭ ئاپپاق قاغىسى، يۇمشاق كىرپىسى.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
534
تۆھپە
421
UID
3175

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرھال دىلو مەلۇم قىلىڭ شۇنداقمۇ ئاخماق بولامسىز.

Rank: 1

تىللا
16
تۆھپە
4
UID
1525
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر ئۇ ئىچىكىردە بولسا  .. پۇلنى ئالالمايسىز ..  ساقچىغا  مەلەۇم قىلسڭىزمۇ  ئۇلار نىڭ  ھەل قىلىشى ناتايىن .
ھازىر  بۇنداق ئالدامچىلار كۆپيۈپ كەتتى ..

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
495
تۆھپە
342
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا  بۇ جاھان نىمە بولۇپ كەتتى  قارىسام خېلى چوڭ ئادەمدەك قىلىسىز
كىممۇ ھازىر ماشىنىنى توردىن سېتىۋالىدۇ؟ شۇنداق ئەرزان بولسىمۇ ئازراقمۇ گۇمان قىلماپسىزدە
ئىشلىرىڭىز ئاسان بولغاي

Rank: 4

تىللا
172
تۆھپە
124
UID
3999
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدامچىلار بېلىق تۇتقۇچىلارغا ئوخشايدۇ،ئۆتكۈر قارماقنىڭ ئۇچىدا يىمشاق گوش بارلىقىنى سەزمەي قاپسىزدە،تىز ج خ ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئەنزە مەلۇم قىلىڭ پايدىسى بولۇپ قالار

Rank: 1

ئىسىمى
ئابابەكرى
تىللا
47
تۆھپە
17
UID
4773
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقچىلار ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.شۇڭا دەرھال ئۆزىڭىزنى تۇتىۋىلىڭ.بۇنى بىرقېتىملىق ساۋاق دەپ بىلىڭ.سەبىر قىلىڭ.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سابىرجان سىيىت
تىللا
354
تۆھپە
246
UID
3338
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت دىلۇ مەلۇم قىلسىڭىز يىنكلەپ قالىسىز

Rank: 4

ئىسىمى
تۇرغۇن13325
تىللا
363
تۆھپە
118
UID
3059
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنىپ قاپسىزدە،تىز ج خ ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئەنزە مەلۇم قىلىڭ پايدىسى بولۇپ قالار

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
691
تۆھپە
558
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرداشلارنىڭ پىكىر-مەسلىھەتى بەك تۇغرا بۇپتۇ.
سەكرا

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئايبەرچىن
تىللا
836
تۆھپە
498
UID
201

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالا-قازا جېنىڭىزغا كەلمەي مېلىڭىزغا كەپتۇ، شۈكرى دەڭ. ئىچىڭىزنى ئاچچىق قىلسىڭىز سالامەتلىككە زىيانلىق، ساغلام تەن بولمىسا پۇل تېپىش خىيالدىكى ئىش. ئەڭ ياخشى تەسەللى بەرگۈچى يەنىلا ئۆزىڭىز، شۇڭا ئۆز ئۆزىڭىزگە تەسەللى بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
مەن مۇشۇنچىلىكلا ياردەم بېرەلىگۈدەكمەن، ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئوڭ قىلسۇن!

Rank: 2

ئىسىمى
دىيار
تىللا
44
تۆھپە
21
UID
4877
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز سۆزلىگەن ئەھۋاللارغا قارىغاندا ، مەنچە پۇلنى ئەمدى قايتۇرۇپ كەلگىىلى بولمايدۇ ، سىز يەنىلا سەۋىرچان بولۇپ كىيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ساۋاق بېرىڭ ، ئاللاھ ئشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن .

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىگىلمەس
تىللا
320
تۆھپە
257
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


       يەنىلا ساقچىغا بارغان ياخشى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-2-4 11:37, Processed in 0.081736 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش