مۇنبەردىكى فوتوگرافلارغا تەشەككۈرنامە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىكى بارلىق فوتوگرافلار ۋە فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى، ھەممىڭلارنىڭ مۇنبىرىمىزگە باسقان قەدىمىڭلارغا مەرھابا . سىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىڭلار ، خالىس تۆھپە قوشۇشۇڭلار نەتىجىسىدە مۇنبىرىمىز نۆۋەتتە فوتو سۈرەت ماكانىغا ئايلاندى. بۇ ئۇيغۇر تورچىلىق تارىخىدا تېخى بولۇپ باقمىغان بىر ئىش . يۇرتىمىز شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى گۈزەل ۋە ھەيۋەتلىك . مانا مۇشۇ بىپايان ، كەڭرى زېمىندا ياشاۋاتقان ئىشچان ، ئەمگەكچان خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ، مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى... سىلەرنىڭ ئۈچىنچى كۆزۈڭلار ئارقىلىق پۈتۈن خەلققە نامايان قىلىشىڭلار بۇ بىزنى ھەقىقەتەن سۆيۈندۈردى ھەم خۇشال قىلدى. مۇنبەر ئەھلىمۇ سىلەرنىڭ تارتقان سۈرەتلىرىڭلاردىن بەدىئىي زوق ئالدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تىنماي ئىزدىنىۋاتقان، ئۆزىنىڭ قىممەتلىك فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى كەڭ تورداشلارغا سۇنىۋاتقان فوتوگرافلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
سىلەرنىڭمۇ بىزگە ئوخشاشلا خىزمىتىڭلار بار، كىرىمىڭلارمۇ ئۇنچىلىك يۇقىرى ئەمەس. بىراق فوتو سۈرەتكە بولغان ئوتتەك ئىشتىياق سىلەرنى قەھرىتان سوغۇق، تومۇز ئىسسىقتا ئاپپاراتنى كۆتۈرۈپ سىرتقا چىقىشقا ئۈندەيدۇ. مانا مۇشۇ ھەۋەسنىڭ تۈرتكىسىدە سىلەر قار كېچىپ، سۇ كېچىپ، دالىلاردا تۈنەپ، قاتتىق نان يەپ جاپانى يەتكۈچە تارتىپ ئاندىن بىز كۆرۈۋاتقان ئېسىل ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىسىلەر. بەلكىم نۇرغۇنلىغان تورداشلار سىلەرنىڭ سۈرەتكە تارتىش يولىدا تارتقان جاپايىڭلارنى ھېس قىلالمايدۇ. نۇرغۇنلىغان كىشىلەرمۇ سۈرەتكە تارتىشنى ئاددىيلا فوتو ئاپپاراتنىڭ تەپكىسىنى بېسىش دەپلا ئويلايدۇ . بىراق مېنىڭ بۇ يەردە شۇنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇكى، سىلەر بىزنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىز.
ئۇ بىر ئادەتتىكى خىزمەتچى . ئۇنىڭ ئايلىق مائاشىمۇ ئۇنچىلىك يۇقىرى ئەمەس . بىراق فوتو سۈرەت تارتىشقا بولغان ئىشتىياقنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇ ئىدارىدىن تارقاتقان مائاشىدىن خوتۇنىغا تۇيدۇرماي ئاز- ئازدىن يىغىپ، بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە فوتو ئاپپاراتىنى يەڭگۈشلىدى. چۈنكى شۇ ھەۋەس ئۇنى مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلىغانىدى. مانا شۇ ھەۋەسنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىنى ئايلىنىپ سۈرەتكە تارتىشقىمۇ بىر مۇنچە ۋاقتىنى ، زېھنىنى، پۇلىنى سەرپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ نادىر ئەسەرلەرنى ياراتتى. زور بەدەل تۆلەش نەتىجىسىگە ئېسىل ئەسەرلەرنى ياراتقان بولسىمۇ، لېكىن قىلچە ئىككىلىنىپ قالماي ئەسەرلىرىنى مۇنبەردە ئېلان قىلدى. بۇ نېمىدىگەن ئالىيجاناپلارچە روھ ھە ! لېكىن ئۇ شۇنچىلىك جاپاسىغا تۇشلۇق قانچىلىك ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالىدى؟؟؟
فوتو سۈرەتنىڭ تاراتقۇلاردىكى رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. بىز ھازىر مۇنبەردە فوتوگرافلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتىمىز. ئۇلارغا ئىلھام ، مەدەت بېرىۋاتىمىز . بەزىلەرنىڭ قارىشىچە بۇ سۈرەتلەر مۇنداقلا كۆرۈپ قويىدىغان سۈرەتلەر ھېسابلانسىمۇ، بىراق بۇ سۈرەتلەردە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا تارىخىي سۈرەتلەر دەپ ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ. مەن نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەپ قارايمەن؟ يازغۇچىلار قەلەم بىلەن تارىخنى يېزىپ قالدۇرسا، فوتوگرافلار ئۆزىنىڭ فوتو ئاپپاراتى بىلەن تارىخنى يېزىپ قالدۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ زېممىسىگىمۇ تارىخقا مەسئۇل بولۇشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت يۈكلەنگەن. گەرچە ھازىرقى سۈرەتلەر بىزگە ھېچقانچە تۇيۇلمىسىمۇ بىزنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ بىر قىممەتلىك بايلىق . بۇ بىر تارىخ ...
گېپىمنى يىغىنچاقلىسام، مۇنبەردىكى بارلىق فوتوگرافلارغا تەشەككۈر . مۇنبەر ئەزالىرىدىن سىنچى، ئاۋۇت بارات، ھۈسەنجان، ھەسەنجان، ئېلىجان، ئارزۇ، قۇياش، تۇرغان، ئىزچى، سەرۋەڭ،بەدبوي، خالتا كوچا،تۇرغۇن تېيىپ،سەكرا، ئاتەش،ئۇيغۇن،ئادىل،ئوسمانجان،مۇڭداش،تۈركەر، قەلىپ،نەرگىز ۋە باشقا ئىسمى ئاتالماي قالغان فوتوگرافلىرىمىزغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن !