ھەشەمەدتە ھەسىرەت كۆپ ئىكەن
(ھەجۋى )
تۇردى ئىسرائىل
تونۇشقانتىم بىر پەرى بىلەن،
مەندە يېتىلىپ يىگىتلىك تاقەت.
ئامەت قاچسا ئوغۇل بالىدىن،
ئۇچىرايدىكەن تۈز يولدا ئاپەت.
كالتە چاپان بولساممۇ ئەسلى،
تىتىرەپ يۈرگەن تۆشۈم ئېچىلىپ.
پۇلسىز مۈشۈك ئامىراقتەك بەزگە ،
يۈرۈپتىمەن ئايغا ئېسىلىپ.
راست گەپ ئىكەن :"قۇل ئاتقا مىنسە،
چىقمايدىغان دۆڭى يوق''دېگەن.
ھەشەمەدكە ھېرىس بوپ ئاخىر،
مەن بوپتىمەن دۆڭدە ئوق يېگەن.
"باي''نىڭ قىزى لېۋەن مەلىكە،
قۇل-مەھلىيا قىلدى مېنىمۇ.
باشتا ماختاپ "تۇلپارىم!''دېدى،
ئاخىرىدا مېندى مېنىمۇ!
تەۋەككۈلگە ئات سالدىم "چۇھ !''دەپ،
باشلىۋەتتىم تويغا تەرەددۇت.
قۇرقماي ئالدىم قەرزنى ئەلدىن ،
قەرز پۇل دېگەن بولسىمۇ بىر ئوت.
تەبىركلىشىپ كەلدى دۇستلىرىم،
تويدىن ئاۋۋال چېلىندى دۇمباق.
چىللاپ تۇرغان بىر خوراز بولدۇم،
چىققان جايىم ئېگىز بىر قونداق.
يەرنى ئالدىم ،ئۆينىمۇ سالدىم،
تويدىن ئاۋۋال تەل بولدى ماكان.
ئۈستىۋاشقا كۆمۈلدى "پەرى''،
ئۆز ئۇچامدا ئەمما يوق چاپان.
ئۆتكۈزۈلدى كاتتا مەرىكە ،
ھاڭ-تاڭ قالدى پۈتۈن بىر شەھەر.
گۇگۇمغىچە ئىچىلدى ھاراق،
ئىچىشۋازلىق باشلىنىپ سەھەر.
ئىككىمىزگە راسلىنىپ تازا،
ئەڭ ئالدىنقى پىكاپتىن ئورۇن.
ئوتتۇز پىكاپ ئايلاندى كوچا،
كۆرمىگەندەك شەھەرنى بۇرۇن.
بېشى تاتلىق ،ئاخىرى ئاچچىق ،
بولدى ئەپسۇس بۇ شېرىن توينىڭ .
ئىشەنمىدىم ،ئۇقۇپ سانىنى ،
ئىچكەن ھاراق،سويۇلغان قوينىڭ.
"تەزىم''لارغا كېتىپتۇ تۈمەن،
ئاز بولماپتۇ نىكاھ ھەققىمۇ.
بىلىپ قالدىم دەردىم ئىچىمدە،
ئېغىز ئېچىپ بولماس خەققىمۇ.
"شېرىن ئاي''لار ئۆتتى قايغۇدا،
قەرز ئويلاپ قالدىم گاڭگىراپ.
بولۇپ قالدىم ئاختا ئاتلاردەك،
يولدا ماڭسام بېشىم ساڭگىلاپ.
ئىلغىماي يەپ ،تويۇپ كېكىرىپ،
"پەرى''يۈرەر دۇنيادىن غەمسىز.
ئۇ ئېگىز شاخ كويىدا يۈرسە،
دەردلىرىمدىن غەم يەيدۇ دەمسىز؟!
غەيرەت قىلاي دېسەم غەملەرگە،
غەم ئۇلغۇيۇپ جېدەلنى تۇغدى.
سۈپۈرگىچى ئىكەن ئەۋلادى،
پۇلى بارلار گېلىمنى بوغدى.
بىرى كەلسە توۋلاپ سەھەردە،
كەچتە بىرى سۆرەپ تالاغا.
ھەشەملەرنىڭ پەرۋايى پەلەك،
تىقىپ قويۇپ مېنى بالاغا.
بانكا كەلدى ،ئۆلچىدى ئۆينى،
تۇتۇۋالماق بولۇپ قەرزگە.
ئۆزۈم تۇرسام تەرگەن بالانى،
قولۇم بارسۇن قانداق ئەرزگە ؟
ۋېچىركىدا نەچچە يۈز قۇشقاچ،
ۋېچىرلىسا:دۇستلىرىڭ بىز !دەپ.
تۆكگەنلىرىم ئازمۇ ئۇلارغا،
كەلگىنى يوق بىرىمۇ ئىزلەپ.
ھەشەمەدكە "ھە-ھۇ!''دېگەنلەر،
بەدەر قاچتى جىندىن قاچقاندەك.
سورۇندىكى ساقىيلار قېنى ؟
قىچىپ يۈرەر خۇددى چاشقاندەك.
بىلىپ يەتتىم ئەللەر ئېيتقاندەك،
ھەشەمەدتە ھەسىرەت جىق ئىكەن.
قەرزنىڭمۇ ئۆسۈمى بىللە،
بىرى بېگىز ،بىرى مىق ئىكەن.
ئۆلۈۋالماق بولدۇم بىر كۈنى،
جاندىن كېچىپ،ئۆزۈمنى ئېسىپ.
قوتۇلدۇرۇپ ئالدى نەئېتەي،
ئۆسۈمخورلار ئارقاننى كېسىپ.
ئۆلمۈدۈم مەن ،يا تېرىلمىدىم،
ئەجەل كەلمەس دېرىزەم قېقىپ.
ئەي خالايىق بىلىپ بىلىپ قېلىڭلار،
پۇت سۇنغۇلۇقكەن يوتقانغا بېقىپ!!
بۈگۈر ناھىيە باغۋەنچىلىك مەيدان باشلانغۇچ
مەكتىبىدىن:تۇردى ئىسرائىل
2010-يىل 31-دېكابىر. بۈگۈر
تېلېفون: 4695125 -0996 .13345454541