تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 179|ئىنكاس: 8

قىزىمغا ئاتاپ‹‹قاراسۇ››[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
339
تۆھپە
127
UID
249

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
             رۇستەم قاراسۇ
        ئىجادىيەتلىرى

يىراقلاردىن خەۋرىڭنى ئاڭلاپ،
كۈلۈپ كەتتىم نەچچە قاقاقلاپ.
بولغان بولسام يىنىڭدا ئەگەر،
سۆيمەسمىدىم ئىسمىڭنى ئاتاپ.

كۆككە يەتتى دىسەم بىشىمنى،
ئارتۇق كەتمەس كۆتكەن بۆگۈننى.
كۆز ئىچىپسەن دۇنياغا قىزىم،
ئامان قىلسۇن ئاللاھ ئۆزۈڭنى.

تىرىك يىتىم بولارسەنمۇ ھەي...
كەچۈر مىنى ساڭا مەن نېم دەي.
ئاشۇ ئاناڭ سەۋەبى بولغاچ،
بولۇپ قالدىڭ شۇنداق بىتەلەي.

ۋاپاسىز دەپ يۆرمەيمەن ئۇنى،
ئىلىپ كەلسە سەندەك باغرىمنى.
كىلەلمىسە كۈنلەردە قىزىم،
سۇراپ قويغىن ئاتام دەپ قېنى.

نەدە بولساڭ قىزىم سەن مىنىڭ،
بوينۇمدىكى تۇمارىم مىنىڭ.
ئۇنتۇلساممۇ ئاناڭ قەلبىدە،
ئۇنتۇلماي مەن قەلبىڭدە سىنىڭ.

رۇستەم قاراسۇ
2012.....




Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىگىلمەس
تىللا
320
تۆھپە
257
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



      
   ئاتاسىز تۇغۇلغان بىيتەلەي بوۋاق،

   كىمگە دەيمەن رەنجىشلىرىمنى.

    بىردەم قىزىپ بىردەم سوۇۋىغان،

   قانداق قىلاي كەپسىزلىرىمنى.


            يىگىتلەرنىڭ قېنى مەرتلىكى،

             ساداقىتى قېنى قىزلارنىڭ!؟

             بىر ئائىلىگە بولماي باشپاما،

            نېمە ئويى باكەن ئۇلارنىڭ؟


     
     خەلىق قوشىقى« ئۆستەڭ بويىدا ياتىپ،
                           خام تاماكانى  تاتىپ.
                            يار كەلمەيدۇ ماي تارتىپ،
                             مەن بارمايمەن ھال تاتىپ.»

            
      
      



Rank: 2

ئىسىمى
شۇ
تىللا
97
تۆھپە
19
UID
2903
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىرىك شىىئىر ئىكەن ،داۋاملىق يېزىپ تۇرۇڭ .


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
مېھرى
تىللا
360
تۆھپە
42
UID
859
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا بولۇپ ، ئۆمرىڭىزدە تۇنجى قېتىم ،
خوشلۇقىڭىز سىغماي قاپتۇ ئىچىڭىزگە.
قانداق ئازاپ كەلگەن بولسا سەۋرى قىلىڭ ،
ئاللاھ بىر قىز ئاتا قىپتۇ بەختىڭىزگە.

تىرىك يېتىم بولىشىنى خالىماپسىز،
دىمەك پەرزەنت ئۈچۈن دىلدا سۆيگۈ پەۋەس.
ئۆتمىگۈدەك نە گۇناھ بار، ئۆينى بۇزغان -
قانداق شەيتان ، ياكى قانداق ئارزۇ -  ھەۋەس؟!

ئويلاڭ ئىنىم ، شۇ ئاجىزە قىزىڭىزنى ،
ئانىسىمۇ بەلكى ئويلار قىلمىشىنى .
چوڭلارئېيتقان :«تېگى ئالتۇن سەۋرنىڭ »دەپ،
ھەممە كۈتەر  ئاچچىقىڭلار يېنىشىنى .

سىزمۇ سەۋەپ ئىزدەپ كۆرۈڭ ئۆزىڭىزدىن ،
چۈنكى ھەرگىز  يالغۇز قولدىن  چىقماس چاۋاك.
نابۇت قىلار بۇ تۇرمۇشنى ئۇقۇشماسلىق -
ياكى ئىزدەش بىر- بىرىدىن قۇسۇر،  كاۋاك.

ئاتا- ئانا بوپقاپسىلەر مانا ئەمدى ،
ئاتاڭلار شۇ پەرىشتىگە مېھرىڭلارنى .
تىرىك يىتىم بولماي ،بەلكى بەختلىك بوپ ،
چىڭ باغلىسۇن قايتىدىن دىل رىشتىڭلارنى !!!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
691
تۆھپە
558
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىكرى قىرىندىشىم سىزنىڭ بۇ بەش كۇپلىت شىئىرىڭىزمۇ ئۆزگۈچە چىقىپتۇ،راسلا بۇلبۇلدەك شائىر ئىكەنسىز.كۈپ تەشەككۈر.


سەكرا

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
مېھرى
تىللا
360
تۆھپە
42
UID
859
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sakra يوللىغان ۋاقتى  2012-2-1 16:12
مىكرى قىرىندىشىم سىزنىڭ بۇ بەش كۇپلىت شىئىرىڭىزمۇ ئۆز ...

        كامال ئاكا ، ماختىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ! لېكىن ئىسمىمنى توغرا ئاتىماپسىز . مەن مېھرى ! «مىكرى» ئەمەس!!!
      مەن ھازىرغىچە «سەكرا » نىڭ مەنىسى نىمىدۇ دەپ ئويلاپ كەلگەن ئىدىم ، ئەسلىدە  سىز بىر چىرايلىق  «سەھرا»  دىگەن ئىسىمنى قوللىنىپتىكەنسىز -دە ؟  ئانا تىلىمىزنى توغرا يېزىش ۋە توغرا تەلەپپۇز قىلىش ھەممىمىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىمىز . مۈمكىن بولسا مۇنبەر باشلىقلىرىغا دەپ،  «سەكرا» نى «سەھرا» غا ئۆزگەرتىۋالسىڭىز ، تېخىمۇ چىرايلىق ئىش بولاتتى ! سىزنىڭ بۇ  ئىسمىڭىزنى ئاڭلىساقلا ، ئانىجان سەھرالار كۆز ئالدىمىزغا كەلسە......      
       ئاقساقاللىق قىلىپ قويغان بولسام كەچۈرۈڭ !


Rank: 1

تىللا
14
تۆھپە
10
UID
4930
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mehri يوللىغان ۋاقتى  2012-1-31 01:19
ئاتا بولۇپ ، ئۆمرىڭىزدە تۇنجى قېتىم ،
خوشلۇقىڭىز سىغم ...

بۇئنكاس پۇتى بولغان بولسا چۇقۇم تېيما ئىگسنى ئزدەپ باراتتى ، ھەرەس سىز مىسرانىمدىكى مېھرى شۇمۇ ؟؟؟


Rank: 1

تىللا
14
تۆھپە
10
UID
4930
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mehri يوللىغان ۋاقتى  2012-1-31 01:19
ئاتا بولۇپ ، ئۆمرىڭىزدە تۇنجى قېتىم ،
خوشلۇقىڭىز سىغم ...

ئنكاس پۇتى بولغان بولسا تېيما ئگىسنى ئىزدەپ تاپاتتى .


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
مېھرى
تىللا
360
تۆھپە
42
UID
859
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
marziya0995 يوللىغان ۋاقتى  2012-2-2 17:06
بۇئنكاس پۇتى بولغان بولسا چۇقۇم تېيما ئىگسنى ئزدەپ ب ...

     ئىنكاسىڭىزغا رەھمەت.    مەن كۆپىنچە مۇنبەرلەرگە زىيەرەتچى سۈپىتىدە كىرىمەن، ئەزا بولغانلىرىم  كۆپ ئەمەس ، لېكىن نەدىلا بولسا  ئىسمىم ھەممىسىدە «مېھرى » .
     ئەگەر روھلان مۇنبىرىگە كىرىپ باققان بولسىڭىز ، روھلاندىكى مېھرى دەل  مەن شۇ . « يولدىشىمنى بېرەلمەيمەن ئارىيەت» ، «مۇھەببەتتىن تۇغۇلغان `نەپرەت`» ،«گەر ئالمىشىپ باقسا ئورنىمىز » ، «3-شەخسكە» .... قاتارلىق ئاددىي يازمىلارنىڭ ئىگىسى بولىمەن .
      بۇ ئىنكاسقا كەلسەك ، تېما ئىگىسىنى ئىنكاسلا ئەمەس ھەممىمىز ئۇچراتمىدۇققۇ ؟! ئىشقىلىپ ئائىلە، نىكاھ ، تۇرمۇش ...مەسىلىلىرىدە ئېغىر بېسىق بولۇش، كۆپرەك سەۋەبنى ئۆزىدىن ئىزدەش كېرەك دەپ قارايمەن.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-2-4 11:42, Processed in 0.073402 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش