(ھېكايە)
"ئىسلاھ قىلىنغان ئادەت"
تۇردى ئىسرائىل
خورازلارنىڭ تاڭدىن بەلگە بېرىشىپ تۇشمۇ-تۇشتىن چېللىشىغا ئەگشىپ، ئاسمان گۈمبىزىنىڭ شەرق ئۇپۇقى سۇسقىنە ئاقىرىشقا باشلىدى .سېپىرىخان موماي ئاخىرقى بىر ئېتىز كېىۋىزىنى ئوتتىن چىقىرىۋالغاچ ئۇتاقتىن چىققان ئوت-چۆپلەردە قوتىنىدا ئۆزىگە ئوخشاش تەنھا ساغلىقىدىن خەۋەر ئېلىۋىتىپ ،ئۆيىگە بىر ئۆمۈر تۈۋرۈك بولۇپ،تېخى يېقىندىلا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىغان مەرھۇم جۇپتىغا يۇمغاقسۈتنىڭ پۇرىقىدەك تۇغقان كېلىدىغان ھەقەم سايىسىنىڭ قىرىقىغا بېرىپ قويۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ، تورغاي چۇ-چۇلىماستىلائېتىزلىققا قاراپ يول ئالدى .
موماي كېۋەزلىككە بېرىپ 4-5 سول چىقا-چىقمايلا، ھاۋا تاڭنىڭ ئارام بەخىش سەلكىنى بىلەن خۇشلۇشۇپ، ئەتىراپ خۇددى تونۇردەك تىنجىق بولۇشقا باشلىدى. موماي پىشانىسىدىكى تەرلىرىنى سۈرتكەچ، قۇياشنىڭ تىك چۈشىۋاتقان نۇرلىرىدىن ۋاقىتنىڭ ئاللىمىقاچان ئاش ۋاقتىغا تاقىلىپ قالغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى.ئۇ بەخت –سائادەت چىرىقى بولغان كېۋىزىنى بالدۇرراق ئوتتىن چىقىرىۋىتىش ئىستىكىدە،ئۇتاق بىلەنلا بولۇپ كېتىپ ۋاقىتنىڭ قايسى چاغ بولغىنى بىلەن ھېسابلاشمىغاچقا ،بەل-پۇتلىرىنىڭ ئويۇشۇپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمىگەن ئىدى. موماي تاللجىققان بېلىنى ئوڭشىۋېلىش ئۈچۈن، بىردە تىك ئۆرە بولسا بىردە ئېگىلىپ گۇيا ئوقۇغۇچىلاردەك ئاللىقاندۇقتۇر بىر ھەركەتلەرنى ئىشلىدى ۋە نەزىرە ۋاقتىنىڭ تۇشۇپ قالغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ،ئوتالغۇسىنىڭ داۋامىنى كەچكە تارتىپ ھاۋا سەل-پەل سەگىگەندە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، قولتۇقىغا بىر باغلام ئوتنى قىسقىنىچە ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.
موماي تەرلەپ-تەپچىرەپ مىڭبىر بالادا يۈدۈپ كەلگەن ئوتىنى ئېچىرقىغىنىدىن ھويلىنى بېشىغا كېيىپ، قەغىشلىك قىلىۋاتقان ساغلىقىغا تاشلاپ بېرىپ ، ئۆزىنىڭمۇ ئاللىمقاچان ئېچىپ ھالىدىن كەتكەن قۇرسىقىغا ئازراق بولسىمۇ ياخشىلىق قىلىۋېلىش ئۈچۈن ،داستۇرخاندىكى قېتىپ كەتكەن ناننى تەسلىكتە ئۇشتۇپ ،ئېغىزىدا ساناقلىقلا قالغان ئېزىقى بىلەن، ھە دەپ ئۆمەللەشكە باشلىدى. ئۇ ناشتا قىلىۋىتىپ ،تۇغقىنىنىڭ نەزىرىسىگە يارىشىقى بىلەن داخىل بولۇپ قويمىسا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلارنىڭ قىرىچە،يېنىچە تېگىۋالىدىغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ، ناشتىنى چالا-بولا قىلىپلا ئالدىراش ئۆيدىن چىقتى.
* * *
موماي نەزىرە بېرىلىۋاتقان سورۇنغا كەلگەندە توپ-توپ مېھمانلار يوغان داستۇرخانىلىرىنى قولتۇقىغا قىسىشقىنىچە ئۇزۇشىۋاتاتتى. ئۇ مېھمانلارنىڭ بوسۇتلىرىغا نەزەر سېلىپ : ھەي…بۇ تەييارلىغان بوسۇتۇم ئازلىق قىلامدۇ نېمە، ھەرنە بولسا جەرەستاندا يۈزۈم يەر بولمىسىلا بولاتتىغۇ…دېگەنلەرنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ، تېڭىرقىغىنىدىن نەزىرە بېرىلىۋاتقان رېستوران ئالدىدا خامانغا ئورنۇتۇلغان مومىدەكلا تۇرۇپ قالدى ۋە يېقىندا كىشىلەردىن ئاڭلىغان: ئۇ ئەمەلدار تۇغقىنىنىڭ يېشى چوڭۇپ قاپتىمىش ، قاچانلاردىدۇر ئەزىرائىل جان سوراپ كەلگىدەك بولسا،ئۇنىڭ ئەلەھمۇلىللاھ دېيىشتىن ئۆزگەچارىسى يوقمىش. شۇڭا كۈنلەرنىڭ بىرىدە قازايۇ-قەدىر يەتكىدەك بولسا ، بالا-چاقىلىرىغا ئۆزىنىڭ نەزىرە-چىرىقىنى ئاددى ئۆتكۈزۈپ، ھاياد ۋاقتىدا ئۇ كىشىنىڭ توي-تۈكۈن، نەزىرە –چىراغ… ئىشلىرىدىكى ۋابادەك يامىراۋاتقان ھەشەمەدچىلىكلەرنى توسۇش ئارزۇسى بولسىمۇ لېكىن، بۇ ئۈمىدى، ئۇنىڭ سۆزى ،بۇنىڭ يۈزى ، بىراۋنىڭ كۆزى… يەنە بىراۋلارنىڭ ھەميىنى توم بولۇشتەك رىئاللىقلىرى ئالدىدا ھاياد چېغىدا روياپقا چىقماپتىش.شۇڭا ئۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئۆزىنىڭ نەزىرە –چىرىقىنىمۇ بولسىمۇ ئاددى ئۆتكۈزۈپ، ئاۋامغا ئۈلگە بولۇشنى ۋەسىيەت قىپتۇدەك –دېگەن دانا سۆزلىرى بىردىنلا ئېسىگە ئېلىپ ، موماينىڭ غېرىب كۆڭلى ئالەمچە شادلىققا تولدى.
موماي نەزىرە بېرىلىۋاتقان سورۇنغا كىرىپ، پىلە قۇرىتىدەك ئۆرە-تۈپە بولۇشۇۋاتقان مېھمانلار ئارىسىدا ،شېرەلەردىكى يېمەكلىكلەرگە قارىغىنىچە قاياققا مېڭىپ، نەدە ئولتۇرۇشىنى بىلەلمەي ،كىشىلەرنىڭ مۆرىدەش-ئىتتىرىشى بىلەنمۇ پەرۋاسىز ھالدا مېھمانلار مۇكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرغان شېرەلەر ئارسىدىكى بۇشلۇقتا ئەندەرىگىنچە تۇرۇپ قالدى . خېلىدىن بۇيان موماينىڭ ھەركەتلىرىگە دېھققەت قىلىپ تۇرغان بىر ئايال،(ئىھتىمال ساھىپخان بولسا كېرەك) مومايغا سۇنئى قىزغىنلىق كۆرسەتكىنىچە:
-چوڭ ئانا ،نەزىرىگە كەلگەنمىدىلە؟جۈرسىلە مەن سىلىگە ئولتۇرىدىغان ئورۇن كۆرسۈتۈپ قوياي –دېگىنىچە ،موماينى ئىشىككە يېقىن جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان شېرە ئالدىغا ئالدىغا باشلاپ باردى.شېرەدە قېنىق گېرىمى بىلەن ئولتۇرغان ئىككى ئايال ،كىشىلەر سۇنۇشۇۋاتقان شارتلا قىلسا 100،شارتلا قىلسا ،50 رەقىمىنى كۆرسۈتۈپ تۇرىدىغان پۇللارنى تىزىملاۋاتاتتى. تىزىمدىن ئۆتكەن پۇللارنى گۇيا ئىسىراپىلنىڭ نەرىسىدەك تارتىمىلار شۈمۈرگىنىچە ئەكىرىپ كېتىۋاتاتتى. موماي مېھمانلارنىڭ پۇل سۇنىۋاتقان چاغدىكى تولىمۇتەكەبۇرانە ھەركەتلىرىگە زەن سالغاچ، دېققىتى "كاسسىر قىزچاق''لار ئولتۇرۇشقان ئورۇنغا چاپلانغان خەتلىرى كۆركەم يېزىلغان رەڭلىك ئېلانغا ئاغدۇرۇلدى.ئېلاندا مۇنۇلار ئىزاھلانغان ئىدى.
بارلىق مېمانلار سەمىگە :
بۈگۈن ئۆتكۈزىلىۋاتقان مەرھۇم x x x نىڭ قىرىق نەزىرىسىدە مېھمانلىرىمىز مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ ئېلىپ كەلگەن رەخت-چاي،پىچىنە-پىرەنىك،…قاتارلىق سوۋغاتلىقلار بىردەك قوبۇل قىلىنمايدۇ. نەزىرە قاتناشچىلىرىنىڭ مەرھۇمغا بولغان كۆڭۈل رايىنى سىناش،ھېسابات ئۆتكەللىرىنى ئاددىلاشتۇرۇش يۈزىسىدىن،" تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر،تاپالمىغىنى بىر باش پىياز''دېگەندەك، مېھمانلار ئېلىپ كەلگەن چوڭ-كىچىك سوۋغاتلىقلارنى بىردەك مېھماننىڭ مەرھۇمغا بولغان كۆڭلى دەپلا چۈشىنىمىز.شۇڭىلاشقا مەرھۇمنىڭ نەزىرە-چىرىقىدا مېھمانلارنىڭ كۆڭلى ئاز-كۆپلۈكى بىلەن ھېسابلاشماي ،مېھمانلىرىمىزنىڭ نەق پۇل سوۋغاتلىقلىرىلا قوبۇل قىلىنىدۇ. مېھمانلىرىمىزمۇ بۇ ئېلان مەزمۇنلىرىنى توغرا چۈشۇنىدۇ –دەپ قارايمىز. ھۆرمەت بىلەن: مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرىدىن- دېگەندەك چۈشەندۈرۈش سۆزلىرى يېزىلغان چوڭ خەتلىك ئېلاننى كۆرگەن موماينى بىردىنلا سوغۇق تەر ئەسىرگە ئالدى. موماي قولى بىلەن كۈكسىنى چىڭ قاماللاپ جايىغىلا يىقىلدى .موماينىڭ يالتىراققا قاچىلانغان سوۋغاتلىقلىرى كىشىلەر ئايىقىدا دەسسىلىپ يېقىمسىز ئاۋاز چىقىراتتى.
بۈگۈر ناھىيە باغۋەنچىلىك مەيدان باشلانغۇچ مەكتىپىدىن:
تۇردى ئىسرائىل
تېلېفون:
13345454541 - 0996 (ئۆي)
2011-يىل 7-مارت .بۈگۈر