تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 321|ئىنكاس: 9

سىز كىمدىن ئاغرىنىسىز؟(ئامانگۈل تۇنىياز)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
307
تۆھپە
138
UID
446
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

      
سىز كىمدىن ئاغرىنىسىز؟
                     
ئامانگۈل تۇنىياز


         
    يېقىندا ، مەن بىر تۇغقىنمىزنىڭ ئالىى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان  بالسى تۇغرىلىق قاقشىغانلىرنى ئاڭلاپ ، كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى . چۈنكى ئۇ تۇغقىنمىز ئاپامغا ئۆز بالسى توغرىلىق گەپ قىلىۋېتىپ ، ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى -ۋە:
        -بۇ يىل ئوغلۇم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ، بىراق ماتېماتىكىدىن ئىككى نومۇر كاملاپ قېلىپ، بالىمىزنىڭ ، ھەم بىزنىڭ ئۈمىدىمىز بىراقلا يوققا چىقتى . شۇنىڭ بىلەن بالىمىز بىزگە بېسىم ئىشلىتىپ : «دادام مېنى نەدىن بولسىمۇ يولۇمنى مېڭىپ ، ياخشى ئالىىي مەكتەپ ئۇقۇشۇپ ئوقۇتسۇن» دەپ تۇرۇۋالدى .  شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ دادىسى  100 مىڭ يۈەن پۇل بىلەن مۇناسىۋەت ئىزدەپ ، يول مېڭىپمۇ بالىغا ياخشىراق بىرەر مەكتەپ تاپالماي قايتىپ كەپتۇ . ھازىر جەمئىيەتتە  ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغچى قوبۇل قىلىشتا «ئارقا ئىشىك» دەيدىغان يەر قالماپتۇ ، بىز بالىمىزنى قايتا ئوقۇپ ئىمتىھان بېرىشكە ئۈندىسەك ، ئۇ : «مەن قايتا ئوقۇسام تونۇش بىلىش ، دوستلىرىم ئالدىدا يۈزۈم تۆكۈلۈپ كېتىدۇ . مېنى ئامال قىلىپ بىرەر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتمىساڭلار ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ قايتىپ كەلمەيمەن» دەپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى .  شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ دادىسى ئۈرۈمچىگە مەكتەپ ئۇقۇشقىلى كەتكەن ، ئۇ ئاران بىر كەسپى تېخنىكوم مەكتىپىنى ئۇقۇشۇپتۇ ، ئۇ يەنە شۇ مەكتەپنمۇ ياراتماي ، باشقا ياخشىراق مەكتەپ بولسا بولاتتى، -دەپ تۇرىۋېلىپ ، ئۇنىڭغا بىرمۇنچە ياخشى گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈپ ، ئۇنى شۇ مەكتەپكە ئاران يولغا سالدۇق ، مانا ئەمدىلىكتە  ئۇ ھەپتىدە بىر باھانە-سەۋەب تېپىپ پۇل-پۇللا دەيدۇ . يېقىندىن بۇيان كۆڭلۈم تولىمۇ پاراكەندە ، بۇ بىزگە نېمە كۈن ئەمدى ، بىز شۇ بالىمىزنى ياخشى ئوقوسۇن ، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇپ، بىزدىن كېيىن قالسا ئۆز تۇرمۇشىنى ياخشىراق ئۆتكۈزسۇن دەپ، بارلىقىمىزنى بالىغا بېغىشلاپ ، شۇنداق ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەردۇق ، ئۆزى مەكتەپتە تۈزۈك ئوقۇماي ، ئەمدىلىكتە بىزدىن ئاغرىنغىنى نېمىسى....- دەپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى.
مەن ئويلاپ قالدىم، ئاشۇ بالىنىڭ كېيىنكى ئىستىقبالى قانداق بولۇپ كېتەر؟!...دېمىسىمۇ بۇ ئاتا-ئانا نېمە دېگەن ۋاپادار ، كۆيۈمچان ، مەسئۇلىيەتچان ، ھەم بىچارە -ھە! مۇشۇنداق بىر بالىغا يۆلەنچۈك بولۇش گۇناھمۇ؟
ئاتا-ئانا بولغۇچى ئەلۋەتتە بىر ئۆمۈر ئۆز بالىلىرى ئۈچۈن ياشاپ، بۇ ئالەمدىن كېتىدۇ. بالا بولغۇچىمۇ بىرەر قېتىم ئۆز ئاتا-ئانىسنىڭ ئۆزىدىن قانداق ياخشى ئۈمىدلەرنى كۈتىدىغاننى ئويلاپ قويسا، ئاشۇ جاپاكەش ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلى ئالەمشۇمۇل خوشاللىققا چۆمگەن بولاتتى. بىراق، ھازىرقى بالىلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇلارنى ئويلىمايدۇ. شۇنداق ياخشى پۇرسەتتە ئۆزى مەكتەپتە تىرىشىپ ئوقۇماي، ئاخىرىدا مۇشۇنداق ياخشى جەمئيەتتىن، ئۆز ئاتا-ئانىسىدىن ئاغرىنىدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ. ئۆزۈڭلارمۇ ئويلاپ بېقىڭلار؟ ئۆزۈڭلار مەكتەپتە تىرىشىپ ئوقۇماي، پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويۇپ، شۇ بىگۇناھ ئاتا-ئانىلاردىن ئاغرىنساڭلار بۇ قانداقمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق بۇلسۇن؟!
       بىلىم ئېلىش  ئادەمنىڭ تولىمۇ گۈزەل بىر ئالتۇن دەۋرى . ئالىي مەكتەپ ھاياتىمۇ بىر ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ، چۈنكى ،  ئۇ سىزنىڭ كېيىنكى ئىستىقبالىڭىزنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق دەۋرىڭىز. سىز بىرىنچى قەدىمڭىزنى پۇختا باسقان بولسىڭىز چوقۇم ياخشى ئالى مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىشىڭىزدا گەپ يوق ئىدى. كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز، ھازىر جەمئيىتىمىزدە پۇل ئارقىلىق ئارقا ئىشىكتىن مېڭىپ، ئالى مەكتەپ بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ كىرىش ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، ھەم «دېھقاننىڭ بالسى دېھقان بولىدۇ، كادىرنىڭ بالسى كادىر بولىدۇ» دېگەن كونا كۆز قاراشقمۇ خاتىمە بېرىلىپ، ھەممە ئىشلار پەقەت ئۆز تىرىشچانلىقىڭىزغىلا باغلىق بولۇپ قالدى. بەزى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئالى مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىۋېلىپلا، ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ، خۇددى ئېسىل خىزمەت ئورنى ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقاندەك، بىلىم ئېلىشقا قىزىقماي، ئويۇن-تاماشىغا، كىيىم-كېچەككە، مۇھەببەتلىشىشكە بېرىلىپ كېتىپ، بىلىم ئىگىلەيدىغان شۇنداق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويماقتا، ھەتتا، بەزىلەر  تەپ تارتماستىن ئۆزىنى ئىقتىساد جەھەتتە كونترول قىلالماي، شۇ جاپاكەش ئاتا-ئانىلىرىنى ئالداپ: «مەكتەپتىن ئۇنىڭغا پۇل دېدى، بۇنىڭغا پۇل دېدى» دەپ، ئۇيالماستىن شۇ پۇللارنى بىھۇدە ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلىپ، بىكار كۈن ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇشىنى ئاران تاماملاپ قايتىپ كېلىدۇ. ئادەم مەكتەپ ئىچىگە كىرىپ كۆرسە، ئۇ ئوقۇغۇچىمۇ؟ ياكى جەمئيەتكە چىقىپ بولغان ئادەممۇ؟ قىزلارنىڭ يۈزلىرىدىكى ئۇپا-ئەڭلىكنىڭ، ئاتتۇرۇلغان ھەرخىل رەڭدىكى چاچلارنىڭ  دەستىدىن ئۇلارنى تونۇغىلى بولمىغان. ئويلاپ بېقىڭلار، بۇ نېمە دېگەن بىمەنىلىك، ھەم چاكىنىلىق ھە!
شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ: «بوياق بىلەن بويۇغىچە تېشىڭنى،ئىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچىڭنى»دېگەن مىسرالارنى يېزىپ قالدۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان، ئابلىكىم ھەسەن ئەپەندى يازغان «دادا، سېنى ھېچكىمگە يېلىندۇرمايمەن» دېگەن ماقالىسىدىمۇ شاتگۈل ئىسىملىك بۇ تىرىشچان قىزنىڭ ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقى ئادەمنى ھەقىقەتەن قايىل قىلدۇ، ھەم تەسىرلەندۈرىدۇ. مۇشۇ قىزدا بار بولغان شۇنداق ئىسىل روھ بارلىق بىلىم ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردا  بولغان بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى- ھە!
         ھازىر جەمئيەتكە نەزەر سالىدىغان بولساق، بۇ تەرەققى قىلىۋاتقان جەمئيەت پەقەت ئىقساسلىقلارغا مۇھتاج. سىزدە بىلىم بولمىسا شاللىنىپ قالىسىز، خىزمەتكىمۇ ئىمتىھان ئارقىلىق ئېرىشسىز، ئۆزىڭىز بىلىم ئالماي، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي، مۇشۇنداق بىر گۈزەل جەمئيەتتىن، ئاتا-ئانىڭىزدىن ئاغرىنسىڭىز ئەلۋەتتە بىر ئەقىلسىزلىق ئەمەسمۇ!؟
ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىر دۆلىتىمىز مائارىپنى ئالدىن تەرەققى قىلدۇرۇش ھەقىدە تۈرلۈك ئېتىبار بىرىش سىياسىتىنىى يولغا قويۇپ،  ۋەزىيەت بارغانسىرى ياخشىلىنىپ، ھەرقايسى ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ياردەم تۈرلىرى  تەسىس قىلىندى، ھەم ئەمىلىي قىيىنچىلقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ھۆكۈمەتتىن ئوقۇش پۇلىنى كۆتۈرۈپ ھەقسىز ئوقۇتىۋاتىدۇ. مانا مۇشۇنداق ياخشى شارائىت ئاستىدا، سىزنىڭ يەنە باشقىلاردىن يۈزىڭىز قىزارماي ئاغرىنىدىغانغا قىلچە ئاساسىڭىز قالمىدى.
سىز چوقۇم بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇيدىكەنسىز، بارلىق زېھنىڭىزنى بىلىم ئېلىشقا سەرپ قىلىڭ، كۆپلەپ بىلىم ئېلىڭ، سىزدە ھەقىقى بىلىم بولسىلا سىز مەيلى نەگىلا بارماڭ چۇقۇم ياخشى خىزمەت شارائىتى، ياشاش مۇھىتى  سىزنى ھەر ۋاقىت كۈتۈپ تورىدۇ.  سىز ھازىرقى تەرەققىيات بوسۇغىسىدىن دادىل قەدەم بىلەن ئاتلاپ، رىقابەت دېڭىزىدا مەردانە ئۈزۈپ، ئاخىرقى غايىڭىزگە يېتىشتە، يەنى، سىزنى كۈتىۋاتقان، سىز ئىنتىلىۋاتقان غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتە يەنىلا ئۆزىڭىز  ھەل قىلغۇچ ئىچكى ئامىل، بىلىمىڭىز بولسىلا، قىسمەن سىرتقى ئامىل سىزنى ھەرگىزمۇ مەغلۇپ قىلالمايدۇ.
         شۇڭا، بارلىق ئوقۇغۇچىلار باشتىن باشلاپ ئۆزىنى كۈچەيتىشى، رىقابەت ئارقىلىق جەڭ ئېلان قىلىشنى ئۆگۈنىۋېلشى كېرەك. شۇندىلا سىز ئاتا-ئانىڭىزدىن، جەمئيەتتىن، ۋە ئەتراپىڭىزدىكى مۇھىتتىن ئاغرىنىشتەك روھىي چۈشكۈنلۈكتىن قۇتۇلۇپ، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ سىزگە قىلغان ئەجرىگە قانداق جاۋاب قايتۇرۇشنى ئويلايدىغان ئالىيجاناب، ياخشى خىسلەتنى يېتىلدۈرەلەيسىز، ھەم ئۆز قىممىتىڭىزنى، ۋە رولىڭىزنى جارى قىلدۇرىدىغان ياخشى بىر خىزمەت ئورنىغا ئېرىشەلەيسىز.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
691
تۆھپە
558
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئادەم تەغدىرنىڭ قۇلى ئەمەس بەلكىم غۇجايىنىدۇر،ئاغرىنىش ئاجىزلارنىڭ خارەكتېرىدۇر.


سەكرا

Rank: 6Rank: 6

تىللا
723
تۆھپە
519
UID
893
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر بالىنىڭ دىتى بولغان بولسا ئىدى 86يۇۋەن بىلەن ئىش باشلاپ مىلىيۇنىر بولغان ياشلىرىمىزنىڭ ئىزىنى بېسىپ دەۋىرنىڭ ئالدىغا ئۆتۇپ ئوقۇش يولىنىمۇ داغدام ئاچقان بولاتتى. 100مىڭ يۇۋەننىڭ كۆزى ئوچۇق كەتكىلى تاس قاپتۇ!!!


بۈگۈن ئۈگەنمىسىڭىز ئەتە ئۆتمۇش ئىچىدە ياشايسىز!

Rank: 2

ئىسىمى
ئابابەكرى
تىللا
49
تۆھپە
18
UID
4773
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايتا ئوقۇپباقسا بۇلاتتىكەن.بۇنداق دادىلارنىڭ قولىدىن شۇنداق ئاساۋ تايچاقلار چىقىدۇ،ئەمما يۇگىرۈك بەيگە ئاتلىرى ئەنە شۇنداق ئاساۋ تايچاقلارنى سىلاپ -سېپىلاپ كۆندىرۇش ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىقىدۇ.


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
1345
تۆھپە
977
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسان ئەمەس ...


تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ ئۇنۋىرسال ئىقتىدارى بارغانسىرى ئىشىپ ماڭماقتا . مۇساپىر دىگەندەك ئۇيغۇرچە تور ساھەسىدىكى yahoo بولۇپ قالغۇسى . مۇنبەردىكى تېمىلارنىڭ سەرخىل ئىنكاسلارنىڭ جانلىق بولۇشىغا دىققەت قىلڭلار ، ئەخلەت چاۋار ئىنكاس تېمىلارنى بايقىساڭلار پاش قىلىڭلار .

Rank: 4

تىللا
220
تۆھپە
99
UID
2744
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئوقۇش ئىرادىسى شۇنداق  كۈچلۈك تۇرۇپ نىمىشقا قايتا ئىمتىھان بېرىشكە  ئۇنىمايدىغاندۇ؟ ئۇ بالىنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا ئالى مەكتەپكە بېرىۋىلىپلا ئاتا ئانىسىنىڭ تاپقان تەرگىنىنى  بەدخەجلەرچە بۇزۇپ چېچىش ئويى بار ئوخشايدۇ.
بالىنىڭ سەل شۈدى بولسا، ئاتا ئانىسى ئاۋۇ  يۈز مىڭ سوم بىلەن  ئوغلىغا  تىجارەتنىڭ ئېپىنى قىپ بەرسە ياخشىراق بولۇرمىكىن دەيمەن.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
539
تۆھپە
422
UID
3175

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس ئاسان ئەمەستە


Rank: 4

تىللا
208
تۆھپە
165
UID
4104
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ، بۇ بالا نىمانداق تەتۇردۇر، شۇنچە ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەرسىمۇ قەدرىنى بىلمەپتۇ!!!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
281
تۆھپە
369
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا ئانا تىلىدىن: كىمدىن ئاغرىناتتىم؟ بالامنى كىچىكىدىن تىرىشچان،  جىگەرلىك قىلىپ تەربىيلىيەلمىگەن ئۆزەمدىن ئاغرىنىمەن. ئاپام دائىم دەيتتى: پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى مۇۋاپىق قاندۇرۇشتىن باشقا، يەنە ئۇلارنىڭ ئىنسابىنى تىلىشىمىز كېرەك، دەپ...


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
281
تۆھپە
369
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالا تىلىدىن: كىمدىن ئاغرىناتتىم؟ مېنى ئەقىللىق قىلىپ تۇغمىغان ئاتا- ئانامدىن ئاغرىنىمەندە!


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-2-4 16:40, Processed in 0.079723 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش