تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 442|ئىنكاس: 6

‹‹ لاداخ يولىدا كارۋان ›› نىڭ تەڭداشسىز قىممىتى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1111
تۆھپە
720
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       << لاداخ يولىدا كارۋان >> مەشھۇر ئەدىب ئەھمەد زىيائىنىڭ 1947 - يىلى نەشر قىلدۇرغان ساياھەتنامىسى .
       1962 - يىلى جۇڭگو - ھىندىستان ئۇرۇشى پارتلايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ھىندىستان ھۆكۈمىتى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ئورۇنسىز بىرمۇنچە زېمىن تەلىپى قويىدۇ . بۇ زېمىن تەلىپىنىڭ ئىچىدە << ئاقسايچىن >> دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ بىر پارچە يەر بولغان . ئەينى يىللىرى بۇرھان شەھىدى يۇقىرى سىياسىي سەزگۈرلۈك بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ ، ئەھمەد زىيائىنى ئىزدەپ : سىز ئەينى يىللىرى يېزىپ ئېلان قىلغان ۋە ئۆزىڭىز كۆرۈپ ، قۇلىقىڭىز بىلەن ئاڭلاپ يېزىپ چىققان << لاداخ يولىدا كارۋان >> ناملىق ساياھەتنامىڭىزدە << ئاقسايچىن >> دېگەن نامنى تىلغا ئالغانتىڭىز ( ئەينى يىللىرى بۇرھان شەھىدى بۇ ساياھەتنامىنى گېزىتتىن كۆرگەن ئىكەن ) ، شۇ قايسى گېزىتنىڭ قايسى سانىدا ئىدى ؟ دەپ ئالاھىدە مۇھىم ۋەزىپە سۈپىتىدە سۈرۈشتۈرگەن . ئەھمەد زىيائى << لاداخ يولىدا كارۋان >> ناملىق ساياھەتنامىسى ئېلان قىلىنغان گېزىتنىڭ ئېنىق ئۇچۇرىنى دەپ بەرگەن . بۇ گېزىت دەرھال تەييارلىنىپ ، مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشلەر بىلەن قوشۇلۇپ ، بېيجىڭغا ئەۋەتىلگەندىن كېيىن جوۋ ئېنلەي زۇڭلى ۋە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يەتكۈزۈلگەن ۋە جۇڭگو - ھىندىستان سۆھبىتىگە قاتنىشىۋاتقان دۆلىتىمىز ۋەكىللىرى بۇ ماتېرىيالنى سۆھبەتتە كۆرسىتىپ ، تالاش - تارتىش قىلىنىۋاتقان يەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ << ئاقسايچىن >> دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ، بۇنىڭ << جۇڭگونىڭ ئاقسېيى >> دېگەن مەنىدە ئىكەنلىكىنى ، بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇر - تۈركچە سۆز ئىكەنلىكىنى ، بۇنى جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇرۇنلا خاتىرىگە چۈشۈرگەنلىكىنى ، << لاداخ يولىدا كارۋان >> ناملىق بۇ ئەسەر بۇنىڭ بىر مىسالى ئىكەنلىكىنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىپ ، سۆھبەتنىڭ يۆنىلىشىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن ئىكەن ھەم تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتىدا ئېنىق تىلغا ئېلىنغان ئىكەن .
    شۇنداق قىلىپ ، ئەھمەد زىيائىنىڭ ئاددىي بىر سەپەر خاتىرىسى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ چېگراسىنى ئېنىق ئايرىشتا مۆلچەرلىگۈسىز چوڭ رول ئوينىغان .
      ( مەنبە : غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر << ئەھمەد زىيائى تەتقىقاتىغا دائىر بەزى مەسىلىلەر >> . قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى 2011 - يىل 3 - سان )

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىتۆھپەيىغىشسەۋەبى
sarsanroh + 15很给力!
Erkman + 20很给力!

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 35  باھا خاتىرىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
691
تۆھپە
558
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك يۇللانمىكەن،رەخمەت.....


سەكرا

Rank: 4

تىللا
176
تۆھپە
124
UID
3999
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق يوللانمىلارنى كۆپىرەك يوللاپ تۇرارسىز، سىزگە رەخمەت


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
4549
تۆھپە
2310
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمىشقا تىللا ئۆرۈم قىلمايسىلەر؟


باش سۈرىتىم بىلەن ئىمزا سۈرىتىمدە ھەممە ئېنىق ئايان، ئىشىكىمنىڭ تۈۋىدە يالغۇز خىيال سۈرىمەن، خىياللىرىم دۇنيانى كېزىدۇ، ھاۋا شۇ قەدەر سوغۇق !...

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرسان روھ
تىللا
1512
تۆھپە
529
UID
528

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لاداخ يولىدا كارۋان ناملىق بۇ ساياھەتنامەنى بىر ئوقۇپ باقاي دىگەن تاپقىلى بولارمۇ؟


كۆكتىن تامدۇق يەردىن ئۈندۇق

Rank: 6Rank: 6

تىللا
539
تۆھپە
422
UID
3175

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق يۇللانمىنى كۆپرەك يۇللاپ تۇراسىز.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
231
تۆھپە
79
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئەپەندىم،بۇ ئەسەرنىڭ تولۇقى تىپلغان بولسا ئەڭ قىممەتلىك ئىش بولاتتى


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-2-5 07:11, Processed in 0.073270 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش