جۇڭگولۇقلار نېمە ئۈچۈن چوقۇم ئۆيىگە قايتىپ بايرام ئۆتكۈزىدۇ ؟
[ئامېرىكا «ئاتلانتىك ئوكيان » ئايلىق ژورنىلى تور بېكىتىنىڭ 26-يانىۋاردىكى ماقالىسى ] تېمىسى : يۇرتىنى سېغىنىش — جۇڭگولۇقلار نېمە ئۈچۈن 40 كۈن ئىچىدە 3 مىليارت 200 مىليون ئادەم قېتىم سەپەرگە چىقىدۇ ؟
چوڭ شەھەرلەردە ئۆز ئالدىغا ئىشلىگەن جۇڭگو دېھقان ئىشلەمچىلىرى بېلەت سېتىۋېلىشنىڭ قىيىنلىقىغا ۋە سەپەرنىڭ جاپالىقلىقىغا قارىماي ، چوقۇم يۇرتىغا قايتىش سەپىرىگە ئاتلىنىشتا ، ئۆزلىرى يۇرتىدا يۈتتۈرۈپ قويغان بارلىق نەرسىلەرنى قايتىىدىن تېپىۋېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ .
جۇڭگونىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىكى ھەر بىر ئاھالىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، بۇنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن تونۇش بولغان بىر ئىش — قەھرىتان سوغۇقتا پويىز ئىستانسىسىنىڭ ئالدىدا بېلەت سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرغان كىشىلەر تاكى مەيداندىن ئۆتۈپ ، ئەگرى-توقاي پىيادىلەر يولىغىچە سوزۇلىدۇ .ھەربىي تون كىيگەن ئەرلەر بىلەن بالىسىنى ھاپاش قىلىۋالغان ئاياللار تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈپ تۇرىدۇ.
ئەتىيازلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلى يۇرتىدىن ئايرىلىپ شەھەرلەردە ئوقۇۋاتقان ياكى ئىشلەۋاتقان سانسىزلىغان جۇڭگولۇقلار ئۆيىگە قايتىپ بايرام ئۆتكۈزىدىغان ۋاقىت . ئۆتكەنكى 30 يىلدىن بۇيان ، 250 مىليوندىن ئارتۇق ياش بۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەرگە بېرىپ تېخىمۇ ياخشى خىزمەت پۇرسىتى ئىزدىدى ، بىر خىل تېخىمۇ باياشات شەھەر تۇرمۇشىغا ئىنتىلدى . ھەمىشە يانىۋارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا باشلىنىدىغان ئەتىيازلىق يولۇچى توشۇشنى بۇ 30 يىلدىكى كۆچمەنلەر پائالىيىتىنىڭ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدىكى تېز سۈرئەتتە يۇرتىغا قايتىشى دەپ قاراشقا بولىدۇ . بۇ يىل 8-يانىۋاردىن باشلانغان 40 كۈن ئىچىدە ، مۆلچەرلىنىشىچە ، جۇڭگولۇق يولۇچىلار 3 مىليارت 158 مىليون ( قېتىم ) سەپەرگە چىقىپ ، دۇنيا بويىچە ئەڭ زور كۆلەمدىكى دەۋرىيلىك نوپۇس كۆچۈش دولقۇنىنى قوزغايدىكەن .نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سەپەر قىلىش ۋاقتى 30 سائەتتىن ئاشىدىكەن .
جۇڭگو يېزىلىرىدا ، ئاتا-ئانىسى سىرتتا ئىشلەيدىغان بولغانلىقتىن ھەر تۆت بالا ئىچىدە بىرسى ئۆيدە قالىدىكەن . شۇنىڭ ئۈچۈن ، يانىۋارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا بىر پويىز بېلىتىگە ئېگە بولۇش دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋە ھۆكۈمەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر يىلى بىر قېتىملىق قارا بېسىش ھېسابلىنىدىكەن .
كۈزەتكۈچىلەر مۇنداق بىر سوئال سورىشى مۇمكىن : ئۇزۇن ۋاقىت جاپالىق سەپەر قىلىشنى دېمىگەندىمۇ، نېمە ئۈچۈن بېلەت سېتىۋېلىشتا ئۇزۇن ئۆچرەت تۇرۇشنىڭ جاپاسىغا چىدايدۇ ؟ بېلەت سېتىۋېلىشتىكى جاپالىق كۈرەش ۋە باشقا يۇرتلاردا بىر يىل ئىشلەپ قاتتىق چارچاشلارنى باشتىن كەچۈرگەن دېھقان ئىشلەمچىلەر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىللىق قوينىغا قايتىشنى ھەرقانداق چاغدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئويلايدۇ . جۇڭگودىكى غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەرگە ئەگىشىپ ھەر بىر ئادەم ئۆزلىرىنىڭ ئۆتمۈشىدىن ئايرىۋېتىلدى ، كىشىلەر يەنىلا ساقلىنىپ قالغان بەزى ئەنئەنىلەر ، مەسىلەن : ئۆيىگە قايتىپ بايرام ئۆتكۈزۈش داۋامىدا يېڭى مەنالارنى تاپتى .
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئېچىۋېتىشى كىشىلەرنى يۇرتىدىن ئايرىلىپ تېخىمۇ يىراق شەھەرلەرگە بېرىپ پۇرسەت ئىزدەشكە جەلب قىلدى . بۇ دېھقان ئىشلەمچىلەر بېيجىڭ ۋە شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە ، شۇنداقلا جۇخەي ۋە شېنجېن قاتارلىق ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلارغا كۆپلەپ ئېقىپ كىردى . گۈللىنىشنىڭ ئارقىسىدا، بۇ جايلارمۇ دېھقان ئىشلەمچىلەرگە يېڭى خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى ، ئۇلار پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان بىر خىل يېڭى مۇھىتقا كىردى . جۇڭگونىڭ نوپۇس تەۋەلىكى تۈزۈمى سىرتتىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ تەربىيەلىنىش ۋە داۋالىنىش ، ساقلىقنى ساقلاش قاتالىق تۇغۇلغان يېرى ئاساسىدا تامىنلىنىدىغان قوشۇمچە ياردەم مۇلازىمىتىنى چەكلىمىگە ئۇچراتتى .نوپۇس تەۋەلىكى تۈزۈمى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ، نەچچە ئەۋلاد داۋاملاشقان ئائىلە قۇرۇلمىسىنى پارچىلىۋەتتى . شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلار شەھەرلەردىكى مەكتەپلەردە ئوقۇش ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىسىنى ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشقا قۇربى يەتمىگەنلىكتىن ، دېھقان ئىشەمچىلەر ئۆزلىرى كۆچمەن بولۇشنى تاللاپ ، ياشانغانلار بىلەن بالىلارنى يۇرتىدا قالدۇردى .
دېھقان ئىشلەمچىلەر قۇرۇلۇش مەيدانى ياكى زاۋۇتلاردا ئىشلىسە بىر قىسىم مائاشىنى ئىقتىساد قىلىپ ئۆيىگە ئەۋەتەلەيدۇ، لېكىن شەھەرلەردە ئۆي-جاينىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئاشقانلىقتىن شەھەرلەردىن ئۆي سېتىۋېلىش مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ .
دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە كۆچۈشىگە ئەگىشىپ ، ئۆينىڭ مەنىسى بارغانسېرى كېڭەيدى ۋە بېيىدى . قايمۇقۇپ گاڭگىراش ۋە ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىش تۇيغۇسى ھەر بىر دېھقان ئىشلەمچىگە ئەگىشىپ يۈرمەكتە ، بۇ جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈرئەتتىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ساقلانغىلى بولمايدىغان مەھسۇلى بولسا كېرەك ، بۇ خىل تۇيغۇ پەقەت ھەر يىلدىكى چاغاننىڭ ئالدىدا ، دېھقان ئىشلەمچىلەر يۇرتىغا قايتىش ئۈچۈن پويىز ياكى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغان چاغدىلا ئاندىن پەسىيىشى مۇمكىن .
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇسا ئەخمەت