بايلىقنى ئادەم يارىتامدۇ ياكى بايلىق ئادەمنى يارىتامدۇ ؟ بۇنداق دېسەم نۇرغۇنلىغانلارنىڭ نەزىرىدە بايلىقنى ئادەم يارىتىدۇ دەيدىغان ئىدىيە شەكىللىنىدۇ . بىراق مېنىڭچە نۇقۇل ھالدا بايلىقنى ئادەم يارىتىدۇ دېيىشنىمۇ تازا توغرا كۆرمىدىم . كىشىلەر مال – دۇنياغا، داچىغا، داڭلىق پىكاپ ۋە قىممەتلىك جاۋاھىراتلارغا ئامراق كېلىدۇ. بۇلارغا ئىنتىلىش ئىستىكى ئادەمنىڭ ئاجىزلىقى، شۇنداقلا ئۇنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان بىر خىل كۈچ ھېسابلىنىدۇ. ئادەم بايلىق يارىتىش جەريانىدا يېتىلىپ، مۇكەممەللىشىپ بارىدۇ. تۇرمۇشتا، كۆپىنچە ھاللاردا تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىمىز: باشقىلارنىڭ ئۇتۇق قازانغانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە، ئۆزىمىزنىڭ كەسكىن ھەرىكەتكە كېلىپ، باشقىلاردەك ئۇتۇق قازىنالمىغانلىقىمىزدىن، ئۆزىمىزنىڭ باشقىلاردىنمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشەنمىگەنلىكىمىزدىن ئەپسۇسلىنىمىز. بايلىققا ئېرىشمەك بەك ئاسان. بىز كەسكىن ھەم ۋاقتىدا ھەرىكەتكە كېلىدىغانلا بولساق، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز. بايلار كەسكىن بولغاچقا ئۇتۇق قازىنالىغان. پۇرسەت ھەرگىز ھۇرۇنلارنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ. تاغدەك ئالتۇن بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار بۇنى تونۇمايدۇ. ئۇلار ئۆمۈر بويى تىرىشماي، باشقىلارنىڭ ئۇتۇقلىرىغا كۆزىنى قىزارتىپ، ھەسەت قىلىپ يۈرۈشنىلا بىلىدۇ. بىز ئەتراپىمىزدىكى بىر قىسىم بايلارنىڭ ھەيران قالارلىق ‹‹بېخىللىق››نى ھەم نامراتلاردا كەمچىل بولغان نەرسىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۇ شۇنچە پۇلدار تۇرۇپمۇ بىر تىيىن ئۈچۈن قەددىنى ئەگكەن يەردە، بىزدەك ئادەتتىكى كىشىلەر قەددىمىزنى تىك تۇتۇپ، بىر تىيىن پۇلنى كۆرسەكمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كەتسەك قانداق بولىدۇ؟ بايلىق يارىتىش زېھنىنى سىنايدىغان ئويۇن بولۇپلا قالماي، بەلكى مول ئەھمىيەتكە ئىگە ھەرىكەت ئويۇنىدۇر. ئەمسە قەدىرلىك تورداش، بۇ جەھەتتە ئويلىغانلىرىڭىزنى سىزمۇ دەپ بېقىڭ . بايلىقنى ئادەم يارىتامدۇ ياكى بايلىق ئادەمنى يارىتامدۇ ؟؟؟
|