تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 105|ئىنكاس: 5

خەير–خوش، باھانە[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
4889
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خەير–خوش، باھانە


ئابدۇۋەلى مۇسا تەرجىمىسى


  بىر ياپونىيەلىك توققۇز ياشقا كىرگەندە ، دادىسىنىڭ شىركىتى تاقىلىپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئاياغ مايلاپ ۋە گېزىت سېتىپ تۇرمۇشىنى قامداپتۇ. ئۇ داۋاملىق ئىشنى قايتىدىن باشلىسام، دەپ ئويلايدىكەن، بىراق يېنىدا 100 يېنىلا بار ئىكەن. بۇنچىلىك پۇل بىلەن ئۇ نېمە قىلالىسۇن؟
    ئۇ توققۇز يېشىدىن باشلاپ ۋېلىسىپىت سودىسى ئۇيۇشمىسىدا شاگىرت بوپتۇ. ئۇ بۇ يەردە تېخنىك ئىشچىلارغا ياردەملىشىپ ئىشلىگەن بولسىمۇ، ئالغان مائاشى پەقەت ئۆزىنىڭ تامىقىغىلا يېتىدىكەن. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ يەنىلا سەمىمىيلىك بىلەن خىزمەت قىپتۇ.
    بىر كۈنى، خوجايىن ئۇنىڭ خىزمەتتىكى ئەستايىدىللىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئەقىللىق ئىكەنسەنغۇ، ئىش تاپشۇرسام قىلىپ باقامسەن؟ دەپتۇ. زېرەك ھەم سەمىمىي بۇ بالا ئۈچۈن خوجايىننىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش تەس ئىش ئەمەس ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ناھايىتى تېزلا رەسمىي ئىشچى بوپتۇ.
    ئۇ لامپۇچكا قىستۇرغۇچنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغان يېڭى تېخنىكىنى بارلىققا كەلتۈرگەندە، 24 ياشتا ئىدى. ئۇ ياسىغان ‹‹قوش تۆشۈكلۈك چاتقۇ›› ئائىلىدىكى ئادەتتىكى ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىدىن ئىلغار ئېلېكتىرىك ئۈسكۈنىلەر ۋە خام ئەشيا ماتېرىياللىرى سانائىتىگىچە ئىشلىتىلدى. 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىغا كەلگەندە، ئۇ ياپونىيەدە ‹‹باشقۇرۇش ئىلاھى›› دەپ نام ئالدى. پېنسىيەگە چىقىشتىن ئىلگىرى، ئۇ شىركەت باشقۇرغۇچىغا مۇنداق بىر جۈملە سۆز قىلدى: ‹‹كۆپچىلىك ئون يىل كېيىنكى شىركەتنى باشقۇرۇشنى ئويلاپ بېقىڭلار. بىراق مەن 100 يىلدىن كېيىنكى جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىشكە قارايمەن››. ئۇ مۇشۇ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلدى. ئۇ پەقەت 100 يېنىنىڭ 100مىليون ھەسسىسى 10 مىليارد يېنىنى ئىشلىتىپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەيدىغان مېخانىزىم بەرپا قىلدى.
    بۇ مۇۋەپپەقىيەت خاتىرىسى، ئاز پۇل بىلەن روناق تېپىپ، ئەڭ ئاخىرىدا دۇنيا بويىچە داڭلىق باشقۇرغۇچىغا ئايلانغان ئالىمنىڭ ھەقىقىي ھېكايىسى. ئۇ بولسىمۇ <<سوڭشيا>> شىركىتىنىڭ ياراتقۇچىسى سوڭشيا شىنجىجۇ.
    ھايات مۇساپىڭىزدە، سىزنىڭ قانچىلىك بايلىق ياراتقانلىقىڭىز مۇھىم ئەمەس. پۇل قاپچۇقىڭىزنى ۋە يانچۇقىڭىزنى ئالا قويماي ئاقتۇرۇشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا قاراڭ. ئۆزىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشىڭىزدىن ئۈمىد بارمۇ – يوق؟ مۇقەررەر غەلىبە قىلىشىڭىزغا ئىشەنچىڭىز بارمۇ يوق؟ باشقىلارنى قىزغىن سۆيىدىغان تەبىئىتىڭىز بارمۇ – يوق؟ مۇشۇلارلا بولسا 100 يېنىڭىز بولغان تەقدىردىمۇ سىز چوقۇم ئۇتۇق قازىنالايسىز!

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
گۈلشەن
تىللا
124
تۆھپە
90
UID
4300
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ باھانىلەرنى قانداق قىلساق يۇقىتالايمىز.......ياخشى ئەسەر ئىكەن


Rank: 4

ئىسىمى
ئەلئامان
تىللا
679
تۆھپە
101
UID
46
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن پۇل تاپماسلىقنىڭ باھانىسىنى زادىلا تاپالمىدىم


Rank: 4

تىللا
231
تۆھپە
120
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ياخشى يازمىكەن نۇرغۇن داڭلىق شەخىسلەرنىڭ باي بولۇش يوللىرى ئاددىدەكلا قىلىدىكەن لېكىنزە پۇل تېپىش ئانچە....


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سابىرجان سىيىت
تىللا
354
تۆھپە
246
UID
3338
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما بۇلىدىكەن


Rank: 3Rank: 3

تىللا
150
تۆھپە
85
UID
2588
يوللىغان ۋاقتى 16 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن چىقىش يۇلى تاپالمىغانلار بۇ بالىنىڭ روھىدىن ئۆگەنسە بولغۇدەك .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-2-4 17:02, Processed in 0.069258 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش