تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 372|ئىنكاس: 6

تارىم ئويمانلىقىدىكى توغراق قوغدىغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
998
تۆھپە
538
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تارىم ئويمانلىقىدىكى توغراق قوغدىغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشى



      تورىمىز خەۋىرى : لوپنۇر ناھىيەسى تارىم ئويمانلىقىغا جايلاشقان بولۇپ ، تارىم دەرياسى بۇ ناھىيەنى كېسىپ ئۆتىدۇ . بۇ يەردە كۆز يەتكۈسىز توغراقلىق بولۇپ ، بىر توپ توغراق قوغدىغۇچىلار كېچە-كۈندۈز چارلاش ئېلىپ بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ .
     لوپنۇر ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى ئورمان ئاسراش ، ئوت مۇداپىئە ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رەھىم مۇھەممەدنىڭ دېيىشىچە ، لوپنۇر ناھىيەسىدە ھازىر تەخمىنەن تۆت مىليون 300 مىڭ مو كۆلەمدە توغراقلىق بار بولۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان جامائەت پاراۋانلىقى توغراقلىق كۆلىمى بىر مىليون 294 مىڭ 593 مو كېلىدۇ . ئاپتونوم رايون يەنە بۇ ناھىيەنى مەركەز مالىيەسى ئورمان ئېكولوگىيە ئۈنۈم تولۇقلىما فوندى تۈرىگە كىرگۈزۈشنى تەستىقلىغان .  ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك جامائەت پاراۋانلىقى ئورمانلىقىنى ئاسراش، قوغداش چارىسى ›› بويىچە ، بۇ ناھىيە بىر تۇتاش ئاسراش ، قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ ، دۆلەت دەرىجىلىك جامائەت پاراۋانلىقى ئورمانلىقىنى ئاسراش ، قوغداشنى كۈچەيتىپ ، ھەر بىر كىشىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3000 ~ 10000 موغىچە ئورمانلىقنى قوغداشقا مەسئۇل قىلغان ، ھازىر بۇ ناھىيەدە توغراق قوغدىغۇچىلار جەمئىي 180 نەپەر، ماسلاشتۇرغۇچى ، باشقۇرغۇچى 10 نەپەر بولۇپ ، 15 ئورۇندا باشقۇرۇش ، قوغداش پونكىتى تەسىس قىلىنغان . قوغدىغۇچىلار ئۆزىنىڭ قوغداش، باشقۇرۇش دائىرىسى ئىچىدە ھەر ئايدا ئېلىپ بارغان چارلاش، تەكشۈرۈش ۋە تەشۋىقات پائالىيىتى 22 كۈندىن يۇقىرى بولغان، خادىملار ئۆزلىرىنىڭ تەۋەلىكىنى قەرەللىك ۋە قەرەلسىز ھالدا تەكشۈرۈپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى دەل ۋاقتىدا ھەل قىلغان.

   تۆۋەندىكى سۈرەتلەردە لوپنۇردىكى توغراق قوغدىغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىدىن كۆرۈنۈشلەر:

13.jpg
12.jpg
11.jpg
10.jpg
6.jpg
7.jpg
8.jpg
9.jpg
5.jpg
4.jpg
3.jpg
2.jpg




Rank: 4

تىللا
220
تۆھپە
99
UID
2744
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ياخشى خەۋەركەن ، دىيارىمىز ئىكىلوگىيسىنى قوغداشتا ھەممىزنىڭ مەسئۇلىيتى بار،  زىمىنىمىزدا ئەۋلادلىرىمىزنىڭمۇ ھەققى بار.

بۇ  سۈرەت ياخشى چىقىپتۇ. بوشلۇقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپتۇ.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
539
تۆھپە
422
UID
3175

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇرەتلىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ.


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
158
تۆھپە
66
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹نىدائىي›› ئاكا، ھەقىقەتەن ياخشى تىمىا يوللاپلا ، رەھمەت سىلىگە!
           چەرچەن دىيارىدىن چىققان غۇرورلۇق يازغۇچى، ئەركىن روزى ئاكىمىزنىڭ  ‹‹بۇيەردە كىيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار›› ناملىق كىتابنى ئوقۇپ،دىيارىمىزدىكى يىپىنچا ئۆسۈملۈكلەر جۈملىدىن توغراقلىقلارنىڭ كۆلىمىنىڭ بارغانسىرى ئازىيىپ كىتىۋاتقانلىقىغا قاتتىق قايغۇرغان ئىدىم، ھەرنىمە بولسا ،توغراقلىقلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم چىقىپتۇ....
      


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قۇربان سايىم
تىللا
807
تۆھپە
530
UID
558

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئېكىلوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش نۆۋەتتىكى تەخىرسىز ۋەزىپە.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
723
تۆھپە
519
UID
893
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلار توغىراقنى قوغدىسا بىزمۇ خېلى خاترجەم بولۇپ قالىدىكەنمىز.


بۈگۈن ئۈگەنمىسىڭىز ئەتە ئۆتمۇش ئىچىدە ياشايسىز!

Rank: 4

تىللا
231
تۆھپە
120
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغراق قوغدۇغۇچىلارنىڭ خىزمىتىمۇ خېلى دىگەن بىلەن جاپالىقكەن رەمەت سىزگە


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-2-4 17:22, Processed in 0.079515 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش