خۇرۇچى: تەبئىي ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا.
شىپالىق رولى: تېرە يىرىكلىشىش، داغ، قېرىلىق سەپكۈنى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا قورۇقنى تۈزەش، تېرە رەڭگىنى ياخشىلاشتا بەلگىلىك رولى بار.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ھەسەلگە مۇۋاپىق مىقداردا ئىسسىق قايناقسۇ قوشۇپ، يۈزگە ياكى مۇسكۈللارغا كۈندە ئىككى ~ ئۈچ قېتىمدا 30 مىنۇت سۈركەپ بەرسە بولىدۇ.
خۇرۇچى: ھەسەل 10 گىرام، ئىككى تال توخۇ تۇخۇم ئېقى.
شىپالىق رولى: تېرىنى پارقىرىتىپ قورۇق يوقىتىش رولىغا ئىگە.
ياساش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى: تۇخۇم ئېقىنى كۆپىنچە قوچىغاندىن كېيىن ھەسەلنى قوشۇپ يەنە قوچۇپ، كۈندە ئاخشىمىى ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۇمشاق يۇڭ چوتكىدا يۈزگە تەكشى سۈركەپ، ئەتىسى ئەتىگەن ئىسسىق سۇدا يۇيۇۋەتسە بولىدۇ. ئىككى كۈندە بىرقېتىم.
ھەسەل بىلەن كىسەل داۋالاش ناملىق كىتابتىن تەييارلاندى. (بىريىل) بىلوگىدىن بىريىل تەييارلىغان
http://biryil.com/?p=461
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلكۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-30 10:36