چۈنكى مەن ئېتىزنىڭ يېنىدىن كەلگەن
تەنھالىق بېغىدا يۈرسەم ئەلەڭلەپ،
بەكمۇ ئۇز، خۇشپىچىم بىر گۈل يۇلۇقتى.
تەلمۈرۈپ ئۇنىڭدىن سۆيگۈ سورىسام،
ئۇ دېدى-، مېنىڭمۇ قەلبىم قۇرۇقتى.
قول بەردۇق مەڭگۈلۈك بىللە ئۆتۈشكە،
يىغلىساق تەڭ يىغلاپ، بىللە كۈلۈشكە.
تەڭ يېڭىپ ھاياتتا ئۇچرىسا جۇدۇن،
يەتسىمۇ گەر قازا بىللە ئۆلۈشكە.
نىھايەت ئارىدىن ئۆتتى ئىككى ئاي،
خوش دىدۇق مېڭىشتۇق يوللىرىمىزغا.
سەۋەبى بەك ئاددىي چىقىشالمىدۇق،
ياقمىغاچ خۇيىمىز خۇيلىرىمىزغا.
ياقماپتۇ ئۇنىڭغا بۇ "مەتو " تۇرقۇم،
چاچلىرىم ئەمەسكەن ئەلتە خىل رەڭدە.
ۋاي... تېخى چۈكۈرۈپ دوپپا كىيىشىم،
"تومپايلىق" ئىكەن بۇ مودا دەۋىردە.
بۇرۇلكا دېگەننى بوۋاي كىيەرمىش،
يانچۇقى ئون ئككى بولارمىش شىمنىڭ.
دىبادا مۇقىم بىر ئورنۇم بولارمىش،
چۈنكى مەن لايىقى ئەمەسمۇ "كىمنىڭ" .
دەيمىشمەن -"ئالوخا" ، كۆرۈشكەن چاغدا،
" ئەسسالام" ياشلارغا خاس ئەمەس ئىكەن.
كۆنمىسەم بۇ شەرتكە يولۇم ئوچۇقمىش،
ئىلگىركى گەپلىرى راست ئەمەس ئىكەن.
خوش دېدىم يولىڭىز سىزنىڭمۇ ئوچۇق،
" تومپايلىق " ئاتامنىڭ قېنىدىن كەلگەن.
كۆنمىگىم تەس ئىكەن شەرتلىرىڭىزگە،
چۈنكى مەن ئېتىزنىڭ يېنىدىن كەلگەن.