قىيىنچىلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەت
( ھەممىمىزدە «قىيىنچىلىقنى ئات قىلىپ مىنىش روھى » بولسا...)
تۇرسۇن قۇربان
ھەممىمىزگە مەلۇمكى ،مۇۋەپپىقىيەت ھەر بىر ئىنسان تەقەززا بولىدىغان ،ئىنتىلىدىغان گۈزەل ئارزۇ،ئۇنىڭ ئۆزى بىر پەللە ،نىشان.ئۇ ئوتلۇق قەلىبلەرنى ماگنىتتەك تارتىدىغان،ھەر ۋاقىت قان-تەر ،ئەجىر-مېھنەت تەلەپ قىلىدىغان مۇشكۇل جەرياننى كۆرسىتىدۇ. ئەمما مۇۋەپپىقىيەت يولى ئەگرى –توقاي ۋە مۇشەققەتلىك ،ئۇنى يېڭىش تەس بولغان خىلمۇ –خىل قىيىنچىلىق ،ئوڭۇشسىزلىقلار توسۇپ تۇرىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا خىزمەت ،تۇرمۇش،ئۆگىنىش،تىجارەت ھېسسىيات جەھەتلەردىكى تاللاشلارنىڭ ھەممىسىلا كۆڭۈلدىكىدەك بولىۋەرمەيدۇ.ھەتتا پۈتۈنلەي ئەكسىچە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن...بۇلارنىڭ ھەممىسىدە كىشىلەر تۈرلۈك -تۈمەن قىيىنچىلىققا ، ئوڭۇشسىزلىققا دۇچار بولۇپ تۇرىدۇ.
ئۇنداقتا قىيىنچىلىق ،ئوڭۇشسىزلىققا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟
يېڭى يىل ھارپىسىدا خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ، ئەل سۆيەر داڭلىق كارخانىچى، شىنجاڭ ئارمان مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى رادىل ئابلا ئەپەندى تەڭرىتاغ تورىنىڭ «تەڭرىتاغدا سۆھبەت» پروگىراممىسىدا سۆھبەتتە بولغاندا رىياسەتچىنىڭ ،«سىز مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش يولىدا قانداق قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتىڭىز؟دېگەن سۇئالغا پەلسىپىۋى نوقتىنەزەر بىلەن چوڭقۇر مەنىلىك ۋە تەنتەنىلىك قىلىپ:
-قىيىنچىلىق مېنىڭ بايلىقىم ، قىيىنچىلىق دېگەندىن بايلىق ،دېگەن تۈزۈك.مەن ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى بايلىقىم ،دەپ قارايمەن،چۈنكى مەن بىر قىيىنچىلىقنى يەڭسەم ،ئىشلىرىم يۈرۈشىدۇ ،ھەتتا مېنى يېڭى بىر غەلبىگە،يېڭى بىر ئەقىلگە ئېرىشتۈرىدۇ .شۇڭا مەن قىيىنچىلىقتىن باش تارتمايمەن،بۇنىڭدىن زوق ئالىمەن...مەنلا ئەمەس دۇنيادىكى نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ھەممىسى قىينچىلىق بولغاندا ئاندىن ئۇنى يېڭىش يولىدا تەرەققىياتقا ئېرىشكەن .شۇڭا مەن بارلىق خەلقىمىزدە «قىيىنچىلىقىمىز بايلىقىمىز دېگەن ئىدىيىە بولۇشى»نى ئۇمىت قىلىمەن .كۆپچىلىكىمىز، ئوقۇۋاتقان بالىلىرىمىز، سىتودىنىتلىرىمىز، خىزمەت كۈتىۋاتقان ياشلىرىمىز، ئىش ئورنىدىن قالغان ،ئىشسىز قېرىنداشلىرىمىز،دېھقانلىرىىز...ھەممەيلەنگە دەيدىغىنىم قىيىنچىلىقنى خوشاللىق بىلەن قۇچاقلايلى، قىيىنچىلىق ئالدىدا تەۋرىنىپ قالماي بېشىمىزنى كۆتىرىپ ،كۆكرىگىمىزنى كىرىپ ، ،قىيىنچىلىقنى يېڭىش يولىدا مەردانە ئالغا باسايلى .شۇنداق قىلغاندىلا مەيلى بايلىق بولسۇن، مەيلى مۇھەببەت بولسۇن، ئائىلە بولسۇن، باشقا تەرەققىيات بولسۇن غەلىبە ھامان قولىمىزغا مەنسۇپ ،...دەپ جاۋاپ بەردى.يەنە ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ نوقتىنەزىرىنى چوڭقۇرلاپ چۈشەندۈرۈپ ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدا كىيىم –كېچەك، يىمەك –ئىچمەك ،قاتناش-تىرانسىپورت ئىشلىرىنىڭ بۈگۈنكىدەك تەرەققى قىلىشى ماھىيەتتە پۈتۈنلەي قىيىنچىلىقنىڭ موھىم رول ئوينىشى ۋە قىيىنچىلىقنى يېڭىش جەريانى ،ئەگەر ھەر بىر خەلقىمىزدە ئەشۇنداق قاراش تۇرغۇزۇلسا مەنچە ئارامان شىركىتىدىن بىرسىلا ئەمەس،يەنە نەچچىسى مەيدانغا كېلىدۇ ،جەمئىيىتىمىز،خەلقىمىزنىڭ تەرەققىياتى شۇنچە تېز بولىدۇ...دېدى.
ئۇنىڭ ئاقىلانە جاۋابى ۋە مىساللار بىلەن تەپسىلى چۈشەندۈرۈشلىرىدىن
مەنمۇ باشقا تورداشلارغا ئوخشاشلا ئىنتايىن تەسىرلەندىم ۋە يېڭىچە تۇرمۇش ،مۇۋەپپىقىيەت ھەقىقىتىنى تۇنۇپ يەتتىم.تور ماقالىسىنىڭ تېمىسىدا ئېيتىلغان «قىيىنچىلىقنى ئات قىلىپ مىنگەن كارخانىچى» دېگەن مەزمۇنغا قايىل بولدۇم.
شۇنداق ،جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق ،دەردى يوق ئىنسان يوق .مۇۋەپپىقىيەت يولىدا ،جۈملىدىن كىشىلىك تۇرمۇش، ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە باشقا تۈرلۈك ئىشلاردا قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇدىن خالى بولۇش مۇمكىن ئەمەس. بولۇپمۇ دەۋىر تەرەققىياتى ۋە ئۆزگۈرىشىگە ئەگىشىپ ،كىشىلەر ھەتتا ئۆزلىرى يولۇققان قىيىنچىلىقنىڭ بارغانىسىرى كۆپۈيىۋاتقانلىقىنى ۋە مۇشكۈللىشىۋاتقانلىقنى ھېس قىلماقتا. بۇنداق قاتمۇ –قات قىيىنچىلىقلار ئالدىدا رادىل ئابلادەك دەۋىر پىشۋالىرىمىز « قىيىنچىلىقنى ئات قىلىپ مىنىش روھى» بىلەن بىزگە زور ئىلھام بېخىش ئەتتى ۋە تېپىلغۇسىز قىممەتلىك ئۈلگە تىكلەپ بەردى. ئەمما،ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق ،تىرىشمايدىغان ،ھۇرۇن ۋە قورقۇنچاق، ھە دىسىلا شارائىتنىڭ ناچارلىقى ،قىيىنچىلىقنىڭ ئېغىرلىقى،تەلىينىڭ كاچلىقى ئۈستىدە بىھۇدە ئاھ ئۇرۇپ ،ئۆزىنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇپ ،ئۆزىگە نېسىپ بولغان ياخشى پۇرسەت ۋە بەخىتنى ھېس قىلالماي ،باشقىلار ئېرىشكەن پۇرسەت ۋە بەخىتكە ھەۋەس قىلىپ ،قەلبىدە پەيدا بولغان ھەسەت ئوتىدا كۆيۈپ كۈل بولىۋاتقان، ئۆزىنى بىھۇدە قۇرۇق ،چاكىنا خىيالنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرىۋاتقانلارنىمۇ ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ھەتتا بىر قىسىم كىشىلەر ،بولۇپمۇ بەزى ياشلار خىزمەت ،ئۆگىنىش، تۇرمۇش، تىجارەت ۋە باشقا تۈرلۈك ئىشلاردا ئازراقلا قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا ،چۈشكىنلىشىپ ،ياشاش ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ ،ئۆزىنى تاشلىۋېتىدۇ،ھەتتا چېكىدىن ئاشقان خىياللاردا بولىدۇ. باشقىلارنىڭ توغرا مەسلىھەتى ۋە تەنقىدىي پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلماي ،ئۆزىنىڭ مادارىغا يارىشا بىرەر ئىش قىلىش يولىدا ئىزدەنمەي نۇرغۇن ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماقتا....
شۇڭا دەيمەن ، ھەممىمىزدە «قىيىنچىلىقنى ئات قىلىپ مىنىش روھى » بولسۇن،مۇۋەپپىقىيەت يولىمىزنى پۇتىمىزغا پۇتلاشقان كىچىك تاشلاردىن تارتىپ ،چوڭ ھاڭلارغىچە توسۇپ قويمىسۇن،ئۆزىمىزگە ئىشىنەيلى ، قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىرادىسى بىلەن تاۋاملىق تىرىشىپ ئىزدىنەيلى! شۇندىلا مۇۋەپپىقىيەت غەلىبىسى ھەممىمىزنى ئۆزگىچە تەبەسسۇم ،ئالقىش ۋە گۈل بىلەن تارتۇقلايدۇ.
(كەلپىن ناھىيىلىك پارتكوم تارىخ –تەزكىرە ئىشخانىسىدا)