 | بىر ئىستۇدېنت قىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ھېكايىسى ئەدەبىي ئاخبارات ) \. x7 G* h$ t9 p& R$ Y/ hقۇربانجان توختى ئازىق 8 h$ m1 N9 I1 |' h. a( V

# ] B$ [- N3 N& J; z بىر كىشىنىڭ ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش–قازىنالماسلىقى پۈتۈنلەي شۇ كىشىنىڭ قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . جۈرئەتسىز، ئىرادىسى ئاجىز كىشىلەر ئوڭۇشسىزلىقلار ئالدىدا ئاسانلا كەينىگە داجىپ يۈرگەچكە، قىلىۋاتقان ئىشلىرى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ . قەيسەر، ئىرادىلىك ، پەم پاراسەتلىك ، چىدامچان كىشىلەرلا ھەرقانداق جاپا-مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ ، رەھىمسىز رېئاللىق بىلەن باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ ئىنتايىن قىيىن شارائىتلاردىمۇ ، خىزمەتنى ، ئۆگىنىشنى ، تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ، ھايات مۇساپىسىدىكى ئەڭ گۈزەل ‹‹سىمفونىيە ›› لەرنى يارىتالايدۇ . بىز تەرىپىنى قىلماقچى بولغان بۇ قىز ئەنە شۇنداق شىجائەتلىك كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇ ، ئاتۇش شەھەر ئارغۇ يېزا يۇقىرقى مەھەللە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ كەنت باشلىقى ياردەمچىسى مېھرىنىسا يۈسۈپ بولىدۇ. % D2 ]+ k. Z2 o+ ~9 d4 j0 n. X, v قاناتلانغان ئارزۇ 3 C' [( Y: k/ z# m ئۈمىد — دېڭىز سۈيىدە جىلۋىلەنگەن شەپەق شولىسى. 7 d6 Q2 U* V' | j6 ^— ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن # G. x1 w' f+ W& N/ R7 }5 V / w" l* a2 ], X' F0 P6 w, U" o 2003-يىلى 8-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھايۋانات پەن-تېخنىكىسى ئىنىستىتۇتى داۋالاش كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان مېھرىنىسا يۈسۈپنىڭ بېشى بەكمۇ قاتتى . نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ قىن-قېنىغا پاتماي سەكرەپ كېتىشكەن ، ئاتا-ئانىلىرى پەرزەنتىنىڭ شادلىقىغا جۈر بولۇپ ، ئۇلارنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ مۇبارەكلەۋاتقان ۋاقىتتا، مېھرىنىسانىڭ ئۆيىدە بىر باش قېتىنچىلىقى پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ كۆڭلىنى پەرىشان قىلماقتا ئىدى.3 B4 b! |) R" K — بالىلىرىم ، مېھرىنىسا ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى، بۇ ئائىلىمىز سۆيۈنىدىغان ۋە پەخىرلىنىدىغان ئىش. ئەمما، ھەممىڭلار بىلىسىلەر، ئاڭاكلار ئېلىجان بىلەن ئاچاڭلار ھاۋانىسا، زەينىسالار ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ بارلىق ئىقتىسادىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق . بۇنىڭدىن كېيىن خىزمەت تاپماقمۇ قېيىن بولىدىغان ئوخشايدۇ شۇڭا، مېھرىنسا بىرەر ھۈنەر ئۆگىنىپ جېنىنى باقسا دەيمەن، سىلەرچە قانداق؟ — دەپ مەسلىھەت سالدى دادىسى يۈسۈپجان تۇرسۇن بالىلىرىنى يىغىپ . " z8 }6 D3 j6 U2 S7 T8 A — مېنىڭچىمۇ، شۇنداق بولسۇن ، ھەممىڭلارنى ئوقۇتىمىز دەپ ئاز قېيىنچىلىق تارتمايۋاتىمىز، يا بىرەرسىڭلار خىزمەتكە چىقىپ يۈكنى كۆتۈرۈشۈپ بەرمىدىڭلار ، سىڭلىڭلار بۇ مەريەممۇ تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتىدۇ ، ئۇمۇ ئوقۇيمەن دېسە، ئەمدى بىزنى جاپادا قىيلىنىپ ئۆلسۈن دەمسىلەر ، — دېدى ئانىسى تۇرسۇنگۈل كۆزىگە ياش ئېلىپ . 2 x( G. ~2 o* r& s/ F — خاتىرجەم بول دادا، مەنمۇ ئوقۇيمەن ، سىڭلىممۇ ئوقۇيدۇ ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانغا لايىق جەمئىيەتتىن ماڭىمۇ بىرەر ئىش چىقىپمۇ قالار . پەقەت مېنى مەكتەپكە يولغا سېلىپ قويساڭلارلا ئۆزۈم ئىشلەپ ، سىلەرگە جاپايىمنى سالماي ئوقۇپ كېتىشكە ئىشەنچىم بار، — دېدى مېھرىنىسا خىجالەتتە تۇرغان ئاتا-ئانىسىغا ئۈمىد نەزەرى بىلەن قاراپ . " a9 J( o1 O0 m1 q. N مېھرىنسانىڭ ئائىلىسى ئەسلىدە خېلى ھاللىق ئائىلە بولۇپ ، دادىسى يۈسۈپجان تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ، ئائىلە ئىقتىسادىنى خېلى ياخشىلىغانىدى . 1990-يىلىدىكى بىر قېتىملىق سودىدا زىيان تارتىپ ، بۇ ئائىلىنىڭ ئىقتسسادىي كىرىم مەنبەسى بىردىنلا ئۈزۈلۈپ قالدى . دادىسى كېسەلچان بولۇپ قېلىپ ، قول ئىلكىدىكى ئالتە مو يەرگە بۇغداي ، قوناق تېرىپ ، پۈتۈن ئائىلىدىكى نەچچە جاننى بېقىش بىلەن بىرگە ، ئاشۇ ئاشلىقلارنى سېتىپ بالىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشىنى ئارانلا تاماملىۋالغانىدى . مۇشۇنداق شارائىتتا ، نەچچە مىڭ يۈەن پۇلنى قانداق تەييارلاپ مېھرىنىسانى يولغا سېلىش ھەقىقەتەن ئۇلار ئۈچۈن يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق ئىدى . قانداق قىلىش كېرەك؟ دادىسى يۈسۈپجان بىلەن ئانىسى تۇرسۇنگۈل قىزى مېھرىنىسانىڭ جانلىق، ئەقىللىق قىز ئىكەنلىكىنى، ئوقۇش ئارزۇسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپكە بېرىپ بىرەر كەسىپنى ئۆگىنىپ كەلگۈسىدە بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەندىن كېيىن ، قىزىنى ئوقۇتۇش قارارىغا كېلىدۇ . دادىسى ئىككى كۈن ئىچىدە ئۆيدە بار ئىككى كالا بىلەن ئارتۇق ئاشلىقىنى سېتىپ 4000 يۈەن پۇلنى مېھرىنىسانىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ : قىزىم، بىر يىللىق بارلىق بىساتىمىز مانا مۇشۇ، بىزنىڭ سېنى قانچىلىك جاپادا ئوقۇشقا يولغا سالغانلىقىمىزنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالما. ياخشى ئوقۇپ كېيىنكى ئىستىقبالىڭنى قانداق يارىتىش ئۆزۈڭنىڭ قولىدا ، دېدى .) c, U+ Z, `- r. q) Y5 X4 {$ p شۇ يىلى 9-ئايدا، مېھرىنىسا يۈسۈپ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نىشانىنى كۆزلەپ ، شىخەنزە ئۇنىۋېرستېتىغا قاراپ يولغا چىقتى . ئۇ ماشىنىدا كېتىۋاتقاچ كۆركەم شەھەر قۇرۇلۇشى ، پاكىزە مۇھىت، بىر-بىرىدىن ئالدىراش كېتىپ بارغان كىشىلەرنى كۆرۈپ گويا كۆڭلىدىكى گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرى گويا ئەتىلا ئەمەلگە ئاشىدىغاندەك تۇيغۇغا كەلدى . ئۇ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىغا كىرىپ دادىسى تەييارلاپ بەرگەن 4000 يۈەندىن 3800 يۈەننى ئوقۇش ھەققىگە تاپشۇرۇپ ، 200 يۈەننى بىر ئايلىق تۇرمۇش خىراجىتىگە قالدۇردى . يېڭى بىر بىلىم كانى مېھرىنىسانىڭ قېزىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ ، ئۇ تۈنجى بىر يىلنى خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشتەك مۇھىم ۋە قىيىن بىر ئۆتكەلگە قاراتتى . جەنۇبتىن چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇپ ، تىرىشىپ ئۆگەنمىسە ئوقۇشتىن چېكىنىپ قايتىپ كېتىشكە ياكى قايتىلاپ يەنە بىر يىل ئوقۇشقا توغرا كېلەتتى. مېھرىنىسا ئۆزىنىڭ نىشانى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ تىلەكلىرىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويمىغانىدى . شۇ بىر يىلدا ئۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئوقۇتقۇچىسى ۋە ساۋاقداشلىرىنى قايىل قىلدى. ( q+ v6 ~ L1 _7 Y) n مېھرىنىسا بىر يىللىق ئوقۇشنى تاماملاپ تەتىلدە يۇرتىغا قايتىپ كەلدى . ھەش-پەش دېگۈچە تەتىل توشۇپ مەكتەپكە ماڭىدىغان چاغمۇ يېتىپ كەلدى . بۇ يىل ئاشلىق ئوخشىمىغانلىقتىن سېتىپ پۇل قىلىشقا يارىغۇدەك بىرەر نەرسىمۇ يوق ئىدى . ئۇنداقتا يەنە بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى ۋە باشقا خىراجەتلەرنى قانداق قىلىش كېرەك ؟ ئەمدى ئوقۇشنى توختىتىپ قويسا قانداق بولار؟ مېھرىنىسانىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بېشى يەنە قېتىشقا باشلىدى . . X" \+ u8 n- K+ B — خاتىرجەم بولۇڭلار، ئوقۇش پۇلى ۋە باشقا خىراجەتلەرنى ئۆزۈم ھەل قىلىمەن، — دېدى مېھرىنىسا ئۇلارنىڭ غەمكىن چىرايىغا قاراپ . چوڭلار مېھرىنىسانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ھەيران قېلىشتى. قىزىنىڭ بۇنچىلىك پۇلنى زادى قانداق ھەل قىلالايدىغانلىقىنى سوراپ باقتى ئانىسى تۇرسۇنگۈل. ( S" i; l z1 ^' T6 Q2 Q. C — دادا، ئانا، سىلەر جېنىڭلارنى ئاران بېقىپ كېتىپ بارساڭلار ، يەنە مېنى قانداق ئوقۇتالايسىلەر؟ شۇڭا مەن تەتىل قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇن باقىت (قازاق) مۇئەللىمگە ئۆز ئەھۋالىمنى ئېيتىۋىدىم ، بانكىدىن ئۆسۈمسىز قەرز پۇل ئېلىپ ، ئوقۇش پۇلىنى تۆلەيدىغان ياخشى بىر ئۇسۇلنى كۆرسىتىپ بەردى. مەن مەكتەپكە بۇرۇنراق چىقىپ شۇ ئىشنى بېجىرمەكچى . ( a, w3 |( ?% a/ y+ z0 B ئۇلار بانكىنىڭ بىر نامرات دېھقان بالىسىغا قەرز پۇل بېرىپ تۇرىدىغانلىقىغا زادىلا ئىشەنمەيتتى. دەرۋەقە، مېھرىنىسا مەكتەپكە بىر نەچچە كۈن بۇرۇن چىقىپ باقىت مۇئەللىمنىڭ يول كۆرسىتىشى ۋە ياردىمى بىلەن 15 مىڭ 200 يۈەن ئوقۇغۇچىلار ئۆسۈمسىز قەرز پۇلى ئېلىپ ، مەكتەپنىڭ كېيىنكى تۆت يىللىق ئوقۇش ھەققى ۋە ياتاق ھەققىنى بالدۇر تاپشۇرۇپ بولدى . ئۇ ئەمدى ئوقۇش ھەققىدىن غەم قىلماي ، پۈتۈن زېھنىنى ئۆگىنىشكە قاراتتى . مۇئەللىمى ئۇنىڭ جانلىقلىقى ، تىرىشچانلىقى ۋە ئۆگىنىشتىكى نەتىجىسىگە قاراپ ئۇنى سىنىپنىڭ ئۆگىنىش ھەيئەتلىكىگە سايلىدى . ئۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇپ ، يەنە بىر تەرەپتىن شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئاشخانا، ماگىزىنلاردا ئىشلەپ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش پۇلىنى غەملىدى . كۇتۇپخانىلارغا تولا قاتراپ ، چارۋىچىلىق كەسپىگە دائىر تۈرلۈك بىلىملەرنى تىرىشىپ ئۆگەندى ، ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ ئوقۇپ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشتى . بەش يىل ئىلگىرى شۇنچىلىك ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا پەرۋا قىلماي، ئاشۇ قەتئىيلىكى بىلەن ئالىي مەكتەپ بوسۇغۇسىغا قەدەم باسقان بۇ شىجائەتلىك قىزنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى ‹‹قانات›› چىقىرىپ ، ئۇنى تېخىمۇ كۆپ ئىزدىنىشلەرگە ئۈندىمەكتە ئىدى . ئۇ كېيىنكى ھايات مۇساپىسىنى قانداق باسار؟....' `! ]8 k( t3 M7 P3 q5 P
3 G6 [' ]$ l/ E0 P تۇنجى قەدەم ! I; X. Y1 d$ i5 L& t* `. M* ]. h2 k فونتاننىڭ ئېگىزلىكى ئۇنىڭ مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا باغلىق ., h1 U6 J( @$ ?2 {5 a — ئوررېسۇن مارتىن& ~* D7 b) d0 q4 s8 O3 s% M6 q
1 @* f+ n8 w$ o" Q% J 2007-يىلى 4-ئايدا، مەكتەپ مېھرىنىسا ۋە ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرىنى شىخەنزە شەھىرىدە پىراكتىكا قىلىشقا تەشكىللىدى . ئۇزۇندىن بۇيان ئەمەلىي بىر مەشىق مەيدانى بولۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن مېھرىنىسا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاپ ، ئۆزىنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنىڭ تېخى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئىزدىنىپ ، چارۋىچىلىق كەسپىدە بىرەر ئۈنۈم يارىتىپ، خەلققە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىش كېرەكلىكىنى كۆڭلىگە پۈكتى . ئۇ سالالاشقان ئېتىزلار، كۆلەملەشكەن فېرمىلار، زامانىۋىلاشقان قورو-قوتانلارنى ، ئاپتۇماتىك سۈت سېغىش ماشىنىسىدا سۈت سېغىپ تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىۋاتقان پەن-تېخىنىكىغا ماھىر دېھقانلارنى كۆرۈپ ، بىردىنلا ئۆزىنىڭ جەنۇبتىكى يىراق سەھراسىنى ، قىيىنچىلىقتا ئۆتۈۋاتقان يۇرتداشلىرىنى ئەسلەپ قالدى . نېمىشقا بىزنىڭ يۇرتلاردىمۇ مۇشۇنداق كۆلەملەشكەن فېرمىلار قۇرۇلمايدۇ ؟ ھەر بىر دېھقاننىڭ ئۆيىدە ئىنەك بار، نېمىشقا سۈتنى سېغىپ بازارغا ئېلىپ كىرەلمەيدۇ ؟ نەسىللىك ئىنەكلەرنى بورداپ بېقىپ يانچۇقىنى توملىيالمايدۇ ؟ ئۇ مانا مۇشۇنداق گادىرماچ خىياللار بىلەن بىر تەرەپتىن ئەستايىدىللىق بىلەن پىراكتىكا قىلىپ شۇ يەرنىڭ تەجرىبىلىرىنى يىغىپ توپلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇش پۈتكۈزۈپ قايتقاندىن كېيىن ، يۇرتقا بېرىپ بىرەر ئىش قىلىپ بېقىش ئۈستىدە تالاي خىياللارنى سۈرەتتى . شۇ يىلى 7-ئايدا ، ئۇ ئۆيىگە تەتىللىك قايتىپ كېلىپ ، بىكار ۋاقتلىرىدا يۇرت ئەھۋالىنى كۈزەتتى ، دېھقانلار بىلەن مۇڭدىشىپ ، ئۇلارنىڭ نېمىشقا نەسىللىك كالا باقمايدىغانلىقى ، ئىنىكى بارلارنىڭ نېمىشقا سۈت سېتىپ پۇل تاپمايدىغانلىقىغا جاۋاب تاپماقچى بولدى. ئۇنىڭ شۇنچە قاتراپ ئېرىشكەن جاۋابى ھەممە يەردە ئوخشاشلا ‹‹نەسىللىك كالا بېقىشقا پۇل يوق ››، ‹‹سۈت دېگەن ئاق نەرسە، ساتساق گۇناھ بولىدۇ ›› دېگەندەك ئۈمىدسىز جاۋابلار بولدى . ‹‹مەسىلىنىڭ مەنبەسى دەل ئىدىيەدە ئىكەن ، ‹ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى›، ئىدىيەنى ئازاد قىلماي تۇرۇپ قانداقمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلغىلى بولسۇن؟!›› مېھرىنىسا مۇشۇلارنى ئويلاپ ، ئالدى بىلەن ئۆزى باش بولۇپ باشقىلارغا ئۈلگە بولغۇدەك ، ئۇلارنى يېتەكلەپ نامراتلىق قالپىقىنى بالدۇرراق چۆرۈپ تاشلىغۇدەك بىرەر ئىش قىلماقچى بولدى–دە، ئۆيدىكىلەرنى يىغىپ مۇنداق بىر مەسلىھەتنى ئوتتۇرىغا قويدى: v0 w% j x5 [* n! l — مەن شىخەنزىدە پىراكتىكا قىلىش جەريانىدا، دېھقانلارنىڭ نۇرغۇن نەسىللىك كالىسى بارلىقىنى، پەقەت بىر ئادەمنىڭ سۈتنى ئاپتوماتىك سۈت سېغىش ئۈسكۈنىسىدە سېغىپ بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى، ئاندىن سۈتنى ماشىنغا بېسىپ بازارغا يۆتكەپ ماڭىدىغانلىقىنى كۆردۈم . گەرچە بىزنىڭ يۇرتتا ئۇنچىلىك كۆلەملەشكەن فېرمىلار بولمىسىمۇ، ئەمما ھەممە ئۆيدە دېگۈدەك ئېنەك بار، نېمىشقا بىز شۇ سۈتلەرنى ئاشۇلارغا ئوخشاش سېتىپ پۇل قىلالمايمىز؟ شۇڭا مەن بىر سۈت يىغىش پونكىتى قۇرۇپ ، يۇرتىمىزدىكى دېھقانلارنىڭ سۈتىنى سېتىپ چىقىرىپ بەرسەك دەيمەن . شۇنداق بولغاندا، دېھقانلارمۇ خۇشال بولىدۇ، قولى پۇل كۆرىدۇ ، بىزمۇ ئەجرىمىزگە لايىق نەپكە ئېرىشەلەيمىز. تەرەققىي قىلساق، كېيىنچە ئۆزىمىز فېرما قۇرۇپ نەسىللىك كالا يېتىشتۈرسەك بولىدۇ ئەمەسمۇ؟4 M z9 b/ [ U9 M0 A مېھرىنىسانىڭ مەسلىھەتكە سېلىۋاتقىنى دېيىش ئوڭاي ، ئەمما قىلىش بىر قەدەر قىيىن ئىش ئىدى. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ ئائىلىسى مېھرىنىسانى ئوقۇتۇش جەريانىدا ئاز بولمىغان قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغانىدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا بۇ پىلاننىڭ دەماللىققا پات ئارىدا روياپقا چىقىشى ئاسان ئەمەس ئىدى. . d# p0 L( o6 U$ F* g# I# [ — قىزىم پىلانىڭ ياخشى ئىكەن، ياخشىسى سەن ئاۋۋال ئوقۇشۇڭنى پۈتكۈزگىن، قايتىپ كەلگىنىڭدە ئاندىن ئويلىشايلى، — دېدى دادىسى يۈسۈپجان قىزىنىڭ ئەقلىدىن سۆيۈنگەن بولسىمۇ، ئۆينىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى نەزەرگە ئېلىپ." Y4 f& n4 {3 l8 M. v$ V — دادا، بۇ ئىشقا ئانچە كۆپ دەسمايە كەتمەيدۇ، ئىنىم بولغاندىكىن بۇ ئىشلارنى شۇ بىر قوللۇق قىلسۇن، مەن مەكتەپتە ئوقۇغاچ ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ تۇراي، بۇ ئىشقا ئۆزۈم ئىگە، ماڭا ئىشەنگىن، دادا!، — ددى ئۇ ئىشەنچ بىلەن.8 f) i7 l3 @) c مېھرىنىسانىڭ ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈشى ۋە كەلگۈسى ھەققىدىكى پىلانلىرى ئاخىرى پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنى قايىل قىلدى . ئاكىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ، ئىنىسى ھازىرقى قىلىۋاتقان تىجارىتىنى تاشلاپ بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىشقا ئاتلاندى . ‹‹بازار چاققاننىڭ›› دېگەندەك ئۇلار بۇ ئىشنى قەيەردىن ، قانداق باشلاشنى پىلانلاپ ئىش باشلىغۇچە ئارغۇ يېزىسىدا سۈت يىغىش پونكىتىدىن بىرسى قۇرۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى پىلانلىرىنى يوققا چىقاردى . ئەمدى ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك ؟ ئۆيدىكىلەرنى ئاران قايىل قىلىپ مۇشۇ ھالەتكە ئەكەلگەندە ، مېھرىنىسانىڭ بۇ ئىشنى مۇشۇنداقلا يوققا چىقارغۇسى كەلمىدى . ئۇ مەكتەپكە قايتقاندىن كېيىن كۈندە دېگۈدەك ئۆيگە تېلېفون قىلىپ بۇ ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى سۈرۈشتە قىلىپ تۇردى ھەمدە بۇ ئىشلارنى ئىنىسى ئابلەتجانغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاتۇشنىڭ باشقا يېزىلىرىغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەشكە ئەۋەتتى . ئاخىرى بۇ ئىككىيلەن مەسلىھەتلىشىپ ئاتۇش شەھىرىنىڭ كاتتايايلاق يېزىسىنىڭ بۇ ئىشقا بىرئاز مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقىنى، ئاھالىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشى تارقاق ، سۈت يىغىش جاپالىق بولغان شارائىتتىمۇ بۇ يەرگە ئىش باشلاشنى بېكىتتى. تىجارەتكە سالغان دەسمايە ۋە باشقىلاردىن ئالغان قەرز پۇل بولۇپ جەمئىي 80 مىڭ يۈەن بىلەن بۇ يېزىدا قەشقەر نەندا سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ‹‹كاتتايايلاق سۈت يىغىش پونكىتى›› نى قۇردى. : | h- B4 D/ _) A& V( Y. P ئۇ ھەر قېتىم تېلېفون ئۇرغىنىدا يىغىلىۋاتقان سۈتنىڭ ساپلىقىنى قاتتىق تەكشۈرۈش ، دېھقانلارغا تەشۋىقاتنى ياخشى ئىشلەپ ، ھەقنى كۆپرەك بېرىپ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى تاپىلاپ تۇردى . ئىنىسى ئابلەتجان ھەرقايسى كەنتلەردىن دېھقانلارنىڭ سۈتىنى يىغىپ ئەكىلىپ بېرىدىغان كىشىلەرنى ئىزدەپ تېپىپ ، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشىغا قاراپ ھەق بەردى . تۇنجى بېسىلغان قەدەملەر خەيرىلىك بولۇپ ، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىدا نەتىجە كۆرۈلۈشكە باشلىدى . ئۇلار بىر تەرەپتىن دېھقانلارغا بولغان تەشۋىقاتنى ياخشى ئىشلەپ ئىنەك بېقىشقا ئىلھاملاندۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن سۈت يىغقۇچىلارنى كۆپەيتىپ كۆپلەپ سۈت يىغدى . بۇنىڭ بىلەن قەشقەر نەندا سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتىگە ئۆتكۈزىدىغان سۈت مىقدارىنى كۆپەيتىپ كىرىمنى ئاشۇردى . 7 l( q2 [# U- L/ y& z+ m ئەلۋەتتە، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مېھرىنىسا بۇ ئىشلارغا باشتىن ئاخىر يېتەكچىلىك قىلىپ تۇراتتى. ئىنىسىنىڭ قىلىۋاتقان ھەربىر ئىشى ئۇنىڭ پىلانى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولۇۋاتقانىدى . بىر كۈنى، ئۇ ئىنىسىگە تېلېفون قىلىپ:+ f, q1 f/ I; A4 T — ئۇكام، پۇلنى پۇل تاپىدۇ، دېگەن گەپ بار، بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلغان ئىكەنمىز، ھامان چوڭراق بىر ئىش قىلايلى. يەنە بىر قانچە ئورۇنغا سۈت يىغىش پونكىتى قۇرايلى، ئورۇننى ياخشىراق تاللاپ، ماڭا بىر جاۋابىنى بېرىۋەتكىن، — دېدى.7 G) {$ L* b2 ~5 e K. Y3 m ئابلەتجان ئاچىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئاكىسى ئېلىجان بىلەن سۈت پونكىتىنى كۆپەيتىش مەقسىتىدە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزاۋات ناھىيەسىدە ئون نەچچە كۈن ئەھۋال ئىگىلەش، ئورۇن تاللاش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى . 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ بىر نەچچە ئاي ئىچىدە پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ تېرىم، قىزىلسۇ، گۈللۈك، غولتۇغراق ، قوشئاۋات ، شاپتۇل قاتارلىق يېزىلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن سۈت يىغىش ئورنى قۇرۇپ چىقتى . دەسلەپكى قەدەمدە 14 نەپەر ياشنى سۈت تەكشۈرۈش ، قاچىلاش، شىركەتكە سۈت توشۇشقا سالدى . 10 نەپەر سۈت يىغقۇچىنى تەكلىپ قىلىپ ئۇلارغا 1500 ~ 3000 يۈەنگىچە ئىش ھەققى بېرىپ دېھقانلارنىڭ سۈتىنى يىغدى . سۈت يىغقۇچىلارنى قەرەرلىك تەربىيەلەپ سۈتنىڭ سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە بولغان تەلەپنى كۈچەيتىپ تۇردى . يۇقىرىقى بىر قانچە يېزىدا قۇرۇلغان سۈت يىغىش پونكىتلىرى ئالتە ئاي ئىچىدە زور پايدا-مەنپەئەت كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يېزىلاردىكى دېھقانلارنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى . شۇنىڭ بىلەن دېھقانلارنىڭ سۈت سېتىپ بېرىش قىزغىنلىقى ھەسسىلەپ ئېشىپ ، 2008-يىلى 7-، 8-ئايلاردىكى كىرىمى 50 مىڭ يۈەنگە يەتتى. ' p# W6 D% i4 Y* l' h0 j مېھرىنىسا سۈتنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە 2 `$ I6 P( `9 @; M مېھرىنسا ئۆزىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن باشلانغان بۇ ئىشنىڭ بۇنچىلىك نەتىجىلىك بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى . ئۇ بەش يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى تاماملاپ يۇرتىغا قايتىپ ، ئاكىسى بىلەن ئىنىسى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بۇ ئىشلارغا ياردەملىشىشكە باشلىدى . ئۇ سۈت تەكشۈرۈش بىلەن مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ ، ئۆزىنىڭ زېھنىنى بۇ ئىشلارغا سەرپ قىلدى . ئۇلارنىڭ سۈت يىغىش ئىشلىرى شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپ ، ئەمدى پايدىغا ئېرىشپ سالغان دەسمايىسىنى قايتۇرۇۋېلىش باسقۇچىغا ئۆتكەنىدى. ئويلىمىغان يەردىن شۇ يىلى 11-ئايدا ‹‹سەنلۇ سۈت پاراشۇكى ۋەقەسى›› يۈز بېرىپ، ئۇلار سۈت بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان قەشقەر نەندا سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ساتالماسلىقتەك پالەچ ھالدا چۈشۈپ قالدى . ئۇلارنىڭ بۇ شىركەتتىن ئالىدىغان نۇرغۇن پۇلى نېسى قالدى، يەنە نۇرغۇن دېھقانلارغا بېرىشكە تېگىلىشلىك پۇل ئۇلارنىڭ زىممىسىگە قەرز بولۇپ ئارتىلىپ قالدى . ئۇلار نۇرغۇن ئەرز-شىكايەت قىلغان بولسىمۇ بۇ شىركەتتە نېسى قالغان پۇلىنى قايتۇرۇۋالالمىدى ، دېھقانلار ئارقا-ئارقىدىن سۈيلەپ ئولتۇرغۇزمىدى . ئاخىرى مېھرىنىسا بانكىدىن قەرز پۇل ئېلىپ ، دېھقانلارنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇش تەكلىپىنى بېرىپ ئۆيدىكىلەرنى قايىل قىلدى ھەمدە ئۆزى تۈرلۈك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ 200 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ دېھقانلارنىڭ ھەققىنى قايتۇردى ، يەنە 70 مىڭ يۈەن قەرز پۇلنى ئىشلەپ ئاستا-ئاستا قايتۇرۇشقا پۈتۈشتى . مېھرىنىسا شىركەتتىن نېسى قالغان پۇلنى ئېلىش ئۈچۈن نەچچە ئاي ماڭغانلىقىنى ھېلىھەم ئېيتىپ بېرەلەيدۇ . شۇنداق قىلىپ ، خەيرىلىك باشلانغان بۇ ئىش قانچە تېز تەرەققىي قىلغان بولسا، شۇنچە تېز مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى . لېكىن، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى تۇنجى باسقان بۇ قەدىمى ئۈچۈن ئۆكۈنۈپ باققان ئەمەس ، چۈنكى چىرايى ۋە روھىدىن شىجائەت ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بۇ قىز ‹‹مەغلۇبىيەت — غەلىبىنىڭ ئانىسى ›› ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. ( i x# F: c+ W) {1 x& r8 Z, J; j: h8 R قايتا تىكلەنگەن ئىگىلىك 9 q* z, h/ }$ n4 T3 O& o كىشىلىك تۇرمۇش — كۈرەش دېمەكتۇر، بىزنىڭ كۈرىشىمىز مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ. . Y4 u$ q- P/ b; v— چاپلىن z1 q& y: L! Y1 H5 F1 e 3 Z8 Y6 F) b) U; V6 {. A9 o 2009-يىلى 1-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، مېھرىنىسا يۈسۈپ مۇنداق كوچا پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ قالدى: ! E1 k0 E1 j! F- H/ L; C! \ — يېزىمىزدا قۇرۇلغان ھېلىقى سۈت يىغىش پونكىتىمۇ ۋەيران بولۇپ، سۈتلىرىمىزنى سېتىپ چىقىرالمايۋاتىمىز، ئىلگىرى قولىمىز پۇل كۆرەتتى ، ھازىر سۈتنى ئۆزىمىز ئىچىپلا ئۆتىدىغان بولدۇق. . i; ~' H/ E0 {! v بۇ پاراڭلار يىقىلغىنىغا تەن بەرمەي يۈرگەن مېھرىنىسانىڭ قەلبىگە قايتىدىن يېڭى ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى سېلىشقا باشلىدى . بىر كۈنى، ئۇ كىشىلىك ھايات توغرىسىدىكى مەلۇم بىر كىتابتىن ‹‹يىقىلغان ئورنۇڭدىن دەست تۇر›› ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالىنى ئوقىدى-دە، كىشىلىك ھاياتقا قايتىدىن نەزەر سېلىشقا باشلىدى . دائىم يۇرتداشلىرىنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى قانداق ھەل قىلىش، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى قانداق ئۆزگەرتىش ئۈستىدە چەكسىز خىياللارغا چۆمەتتى . بىردىنلا ئۇنىڭ كاللىسىدا ‹‹يىقىلغان چېلىشقا تويماپتۇ›› دېگەن ھېكمەتلىك سۆز ئايان بولدى – دە، ئىشنى يەنە سۈتچىلىكتىن باشلاش قارارىغا كەلدى . ئۇ، بۇ ھەقتە ئاۋۋال ئىنىسى بىلەن سۆزلەشتى . 5 @- j7 g' w ]% ?9 F' ~/ `8 h9 @0 ? — ئۇكام، ئىشىمىزنى يەنە سۈت يىغىشتىن باشلايلى . بۇنداق جىم ئولتۇرۇۋەرسەك تەقدىرىمىز ئۆزگىرىپ قالمايدۇ ، ئىشلەپ پۇل تاپمىساق بانكىدىن ۋە باشقىلاردىن ئالغان قەرزلەرنى قانداق قايتۇرۇپ بولىمىز، — دېدى مېھرىنىسا.5 W3 m& R: S- b. ] — ئاچا، بۇرنۇڭغا سۇ كىرمىدىمۇ؟ يا بىزدە بۇ ئىشقا مەبلەغ سالغۇدەك پۇل بولمىسا ئىشنى قانداق باشلايمىز؟ بۇ ئىشقا داداممۇ ئۇنىمايدۇ، — دېدى.2 F. X4 j+ k: O/ ^1 L/ |- K دەرۋەقە ، بۇ ئىشنى ئاڭلىغان دادىسى يۈسۈپجانمۇ قوشۇلمىدى . ئەمما مېھرىنىسا ئۆزىنىڭ جاپا-مۇشەققەتكە چىدايدىغانلىقىنى، ئىشنى نۆل نۇقتىدىن باشلاپ تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى، ھېچبىر خېيىم-خەتەر يوقلۇقىنى ئېيتىپ ، دادىسى بىلەن ئىنىسىنى قايىل قىلدى ھەمدە دادىسىدىن 100 يۈەن پۇل ئېلىپ قايتا ئىگىلىك تىكلەشكە ئاتلاندى . 100 يۈەن بىلەن قانچىلىك ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ دەيسىز ؟ بۇ پۇل ھازىرقى زاماندا بىر نەچچە قىزنىڭ ئۇششاق يېمەكلىك ياكى ئىچىملىك ئىچىشىگە ، كىچىك بالىلارنىڭ بىر تال ئويۇنچۇق سېتىۋېلىشىغىمۇ يەتمەيدۇ . بىراق مېھرىنىسا 100 يۈەن پۇل بىلەن بىر سۈت يىغىش پونكىتى قۇرالىدى . ئۆزىگە چىقىش يولى تېپىپ ، ئەتراپىدىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغانلارنى ‹‹ئىش ئورنى›› بىلەن تەمىنلەپ بېرەلىدى . ئۇ ئىشنى ئۆيىدىكى كونا ۋېلسىپىتنى مىنىپ ، ئۆيمۇ ئۆي قاتراپ يۈرۈپ كىمنىڭ ئۆيىدە ئىنەك بار، كىم سۈت سېتىپ بېرەلەيدۇ دېگەنلەرنى بىرمۇ بىر خاتىرىلەپ ئىستاتىستىكا قىلىشتىن باشلىدى. ئىنىسى بىلەن يىغقان سۈتلەرنى ئاتۇش ، قەشقەر شەھەرلىرىگە ئەكىرىپ ساتتى . قىش پەسلىدە سۈتنىڭ بۇزۇلۇپ قالماسلىقى ، ئىستېمالچىلارنىڭ ساپ سۈت ئىچىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سۈت 100 كىلوگىرامدىن ئاشقاندا بىر قېتىم يۆتكىدى . ئۇلار قىسقىغىنە مۇددەتتىلا سۈت سېتىپ بەرگۈچى دېھقانلار ۋە سۈت ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ قوللىشى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشىتى . تىجارىتىمۇ بارغانسېرى كېڭىيىپ پايدا ئېلىشقا قاراپ يۈزلەندى . باھار كىرىشى بىلەن ھاۋا ئىسسىپ ، ئۇلار يىغقان سۈتلەر بۇزۇلۇشقا باشلىدى ، بۇنچە كۆپ سۈتلەرنى قانداق قىلىپ بۇزماي ساقلاپ ، بازارغا ئەكىرگىلى بولسۇن؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاخىرى ئىلگىرى سېتىۋېلىپ ۋەيران بولغان سۈت پونكىتىنىڭ 3.5 توننىلىق سۈت توڭلىتىش باكىنى يۆتكەپ كەلدى . ئاكىسىنىڭ ياردىمىدە 80 مىڭ يۈەنگە بىر ماشىنا سېتىۋېلىپ ، يىغىلغان سۈتلەرنى كۈندە قەشقەرگە يۆتكىيەلەيدىغان بولدى . مېھرىنىسانىڭ ئۆز يۇرتىدا قايتا ئىگىلىك تىكلەپ، دېھقانلارنىڭ غەم–ئەندىشىسىنى يوق قىلغانلىقىنى كۆرگەن كىشىلەر ئارقا-ئارقىدىن ئىنەك بېقىپ سۈتىنى سېتىشقا باشلىدى ، ئۇلارنىڭ قولى پۇل كۆرۈپ ، شارائىتى ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا سېلىشتۇرغاندا ياخشىلاندى. . `. [4 a& N7 v4 F, H; Vمېھرىنىسا باشقىلارغا سۈتنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈشتىن ئۈلگە كۆرسەتمەكتە + k/ W, M$ B% x* j' L4 s5 u* O مېھرىنىسا بەش يىل ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان كەسپىنى ئۇنتۇپ قالغىنى ياكى بىرەر خىزمەت ئورنىغا چىقىپ دېھقانلار ئۈچۈن ئەمەلىي بىر ئىش قىلىپ بىرىشنى زادى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغىنى يوق . ئۇ بىر تەرەپتىن ئىگىلىك تىكلەش يولدا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن ماتېرىيال كۆرۈپ، تۈرلۈك ئىمتىھانلارغا قاتناشتى. ) P/ x& ^9 G. a6 O4 o. s, D" b( c ئۇ ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئەھۋالىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:" O3 w% D1 N7 m1 e, r — ھەر قېتىم يېزىقچە ئېمتىھاندىن ئۆتۈپ ، يۈز–تۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشقاندا مەسىلە كۆرۈلۈپ ئۆتەلمىدىم . باشقىلار پۇل خەجلىسەڭ چوقۇم ئۆتۈپ كېتەتتىڭ ، دەپ مەسلىھەت بەردى . لېكىن، دادامغا پۇل دەپ قول سۇنۇشتىن نومۇس قىلدىم ھەم ئۆزۈمنىڭمۇ بۇنداق پۇلغا تايىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ۋىجدانىم يول قويمىدى . مەن شۇنچە ياخشى ئوقۇغان تۇرۇپ نېمىشقا ئۆتەلمىگۈدەكمەن دەپ ئۆزۈمگە تەسەللىي بەردىم. ئۆزۈم ئاددىي بىر دېھقان پەرزەنتى بولغانلىقىم ئۈچۈن ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ، ئۇلار بىلەن سىردىشىپ ، چىقىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش مەقسىتىدە قىزىلسۇدىكى بىر كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدا بىر يىل پىدائىي بولۇپ ئىشلەپ تۇردۇم . 2010-يىلى 4-ئايدا كەنت كادىرلىقىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتۈم. دېھقانلارنى پاتقاق گازى ، سىلوس ياساش ، ئىسسىق قورو-قوتان سېلىش، نەسىللىك كالا بېقىشقا دەۋەت قىلىش بىلەن بىرگە ، ئىش كۈتۈپ تۇرغان 23 ياشنى سۈت يىغىش پونكىتىمدا ياردەملىشىپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇردۇم ھەمدە ئۇلارغا 1000 يۈەندىن 1500 يۈەنگىچە ئىش ھەققى بەردىم . بىر دۆلەت كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كەنت ئىشلىرىغا ئۆزۈمنى بېغىشلاپ ، ئامما ئارىسىدىكى تۈرلۈك زىددىيەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا يېتەكچى، كەنت ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دېھقانلارغا ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈشتە باشلامچى بولدۇم. 9 ^0 O. j7 u5 e! \) M8 j مېھرىنىسا سۈتچىلىكنى ئاساس ، قېتىق، زاغرا نان يىغىشنى قوشۇمچە قىلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى . دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ ، قەشقەر شەھىرىگە بېرىپ بازار ئەھۋالىنى كۆزەتتى ، تاللا بازىرى ، رېستۇران، ئاشخانا قاتارلىق سۈتكە ئېھتىياجلىق ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ سۈت ، قېتىق بىلەن تەمىنلەش توختامى تۈزدى . دۆلەتباغ، نەزەرباغ يېزىلىرىغا تولا قاتراپ ، يىغقان سۈتى، ئۇيۇتقان قېتىقى ۋە ياققان نانلىرىنى سېتىپ چىقاردى . ئىشلار جاپالىق بولسىمۇ ، ئىشەنچ ۋە قەتئىيلىك ئۇنىڭغا يار-يۆلەك بولۇپ كەلدى . ‹‹ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن ›› دېگەندەك ئارغۇ يېزىسىدىكى 230 دىن ئارتۇق سۈت ساتقۇچى دېھقان سۈت سېتىپ مەنپەئەتلەندى . بۇ پونكىتنىڭ ئايلىق كىرىمى 8000 يۈەنگە ، ئىككى يىللىق ساپ كىرىمى 220 مىڭ يۈەنگە يەتتى ، ئىلگىرىكى قەرزلەرنى قايتۇرۇپ ھاردۇقى چىققاندەك بولدى . ئۇ 5000 يۈەن پۇلنى دادىسىغا تۇتقۇزغاندا ، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر شادلىققا چۆمۈپ ، مېھرىنىسانىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە جاسارىتىگە ئاپىرىن ئېيتىشتى ." f3 ?/ {6 s4 p E/ L
% b5 v C" `% a# `1 l" g تۈگەلمە 3 H" J4 I; Y, @5 H, R: t: @/ { ھەر قانداق ئادەمدە قەتئىي بوشاشمايدىغان ئىرادە بولسىلا نى-نى قېيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيدۇ . شۇنداق ، ئەمدىلا 26 ياشقا كىرگەن تىنىم تاپماس روھ ۋە شىجائەتكە ئىگە بۇ قىز ھەر خىل قىسمەتلەر ئۈستىدىن غالىب كېلىپ ، ياشلارنىڭ ھەقىقىي جاسارىتىنى نامايان قىلدى . نۇرغۇن ئىرادىسى ئاجىز ياشلار ئۈچۈن ئەمەلىي بىر تەجرىبە سۆزلەپ بەردى . ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان يېزىپ كېلىۋاتقان ‹‹ھايات خاتىرىسى››نى ۋاراقلاۋېتىپ مۇنۇ قۇرلارغا كۆزۈم چۈشتى: جاپا-مۇشەققەت بىلەن توسالغۇ بىزنىڭ رەقىبىمىز ئەمەس، بەلكى دوستىمىزدۇر. چۈنكى ھەممىمىزدە بىر خىل قارشىلىشىش پىسخىكىسى بولىدۇ، بۇ خىل قارشىلىشىش پىسخىكىسى ئادەمدە قارشىلىق كۈچى پەيدا قىلىدۇ، جاپا-مۇشەققەت بىلەن توسالغۇ دەل بىزنىڭ قارشىلىشىش كۈچىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ ., @1 c/ E8 _; c* ~, V' m ) I# y/ _6 j4 T0 s
 7 H0 b2 _+ E" v- g P+ \0 n
بۇ تىرىشچان قىزغا زور ئۇتۇق تىلەيمىز - y; K0 D( l% W5 i: b# g مەن زىيارىتىمنىڭ ئاخىرىدا مېھرىنىسا يۈسۈپنىڭ بۇ سۈت يىغىش پونكىتىنىڭ ھەر ئايلىق كىرىمىنىڭ %10 ىنى يۇرتىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگنىش، تۇرمۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدىم . ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار›› پىروگراممىسىدىن ئۇنىڭ ئىش–ئىزلىرىنى كۆرگەن ، ئاڭلىغان قەشقەر شەھىرىنىڭ بىر قىسىم ناھىيەسى ۋە ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى بىر تۈركۈم ئىشسىز ياشلار ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن سۈت يىغىش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئىشلىرىنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، بۇ قىزنىڭ تولىمۇ ئاقكۆڭۈل، كەڭ قورساق ، كەمتەرلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم . ئۇ مۇنداق قارايدىكەن : مەن بىر ئادەم بېيىساملا بولمايدۇ، باشقىلارمۇ بېيىپ ياخشى كۈن كۆرۈشى كېرەك. ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئىستۇدېنتلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ‹‹تۆمۈر تاۋىقى››دىكى ئاشقىلا قاراپ تۇرماستىن، ئەقىل-پاراسىتى ۋە شىجائىتىگە تايىنىپ، ئۆزىنىڭ ‹‹ئالتۇن دان››لىرىنى ئۆزى تېپىپ يېيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ! c, S4 S# W; q' Q2 e مېھرىنسا، تېخىمۇ تىرىشىڭ ، ئىرادىلىك ئادەملەر ھەرقانداق قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيدۇ. ھەممەيلەن ئۇلارغا ئىشىنىدۇ ، ئۈمىد باغلايدۇ ، ھەر ۋاقىت ياردەم بېرىدۇ . ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن، ئاپئاق سۈتتەك ئاق تىلەكلەر سىزگە مەڭگۈ يار بولسۇن !! ! `& j4 v: P) D5 S. Y: l8 A : P) @; z: [4 U% p- o! D0 W
|  |