ئۆزۈمگە ۋە ئۆزگىلەرگە دەيدىغانلىرىم‹6›
سەن بىر ئۆمۈر پاك،ھالال ،بىجىرىم ياشايمەن دەيدىكەنسەن،راست سۆزلە، ھەقىقەتنى ياقلا، ئاتا-ئاناڭغا كۈيۈمچان،ئايالىڭغا سادىق، باللىرىڭغا مېھرىبان،دوستلۇرۇڭغا ۋاپادار بولغىن،مەنىسىز،تۇترۇقسىز سۆزلەردىن تىلىڭنى تارت،ئامەتكە خىيانەت قىلما،ئېسىڭدە بولسۇنكى سۆز-ھەركىتىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىڭنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى ئىپادىلەپ،ئەقلىڭنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئۆلچەپ بېرىدۇ،ئاز سۆزلەپ كۆپ ئاڭلا،چېقىمچىلىق سۇخەنچىلىك قىلما. «ئەل ئارا كۆپ سۆزلىما،ساقلاپ ئۆزۈڭنى سۆزلىگىل،گەپ توشۇپ بەرمە ئازار،ياخشلقنى كۆزلىگىل»دەپ ئاگاھلاندۇردۇ ئالىم خوجا ئەھمەد. مېھنەتسىز،ئەجىرىڭسىز، كەلگەن نېمەتكە كۆز قىرىڭنى سالما ،غەرەزلىك دوستتىن ھەزەر قىل،ھەر قانچە ئاچ قالساڭمۇ نامەردنىڭ داستىجېنىدىن تاماق يېمە،ئۇسىساڭ تاۋقىدىن سۇ ئىچمە،مال-دۇنيانى دوست تۇتما لېكىن كەيپى-ساپا ئىشلار ئۈچۈن بۇزۇپ چېچىۋەتمە. كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلىرىم غورۇرلۇق،ۋىجدانلىق ،ۋاپادار،لەۋزى ھالال بولۇپ يېتىلسۇن دېسەڭ ئۇلارنى بىلىملىك ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيلەشكە پۈتۈن زېھنىڭنى، كۈچۈڭنى سەرپ قىلىپ ئۆزۈڭنى ھەر خىل چاكىنا،ناچار،پەسكەش ئىللەتلەردىن يىراق تۇت،روھىڭغا چاڭ قوندۇرما. چۈنكى «چوڭ ۋە غول ئۆستەڭنىڭ سۈيى تىنىق،تازا ۋە پاك بولسا،ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ چىققان تارماق ئېقىنلاردا ئاقىدىغان سۇلارمۇ تىنىق ۋە تازا بولىدۇ.»ئەمەسمۇ؟ ئادەمگەرچىلىكنى ئۇنتۇپ ،ئادىمىيلىك قىممىتىڭنى ئاياق-ئاستى قىلما،ئىنساپلىق بول ھەر بىر قەدەمنى ئاۋۋايلاپ ناھايىتى، پۇختا باس،ئەتراپلىق،پىلانلىق ئىش ئېلىپ بار،ئەجداتلارنىڭ «يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس» دېگەن ھېكىمىتىنى ئېسىڭدىن چىقىرىپ قويما.ئېسىڭدە بولسۇن «ئۇلۇغلۇققا ئېرىشمەك تولىمۇ قىيىن،ئەمما نەسلىك ۋە پەسكەشلىك تولىمۇ ئاساندۇر». باشقىلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمتىگە تېگىدىغان سۆزلەرنى قىلما،ئۆزۈڭنى ماختىما،ئايالىڭنى ،توي قىلماقچى بولغان لايىقىڭنى تېخىمۇ ماختىما،ئائىلەڭدە بولغان ئىشلارنى سىرتلاردا دەپ يۈرمە،باشلارنىڭ ئەيبىنى ئاشكارلاپ قويما،ئالتۇندىن قىممەت ۋاقتىڭنى كەيپ-ساپا،لاۋزا ئىشلار ئۈچۈن زايا قىلۋەتمە. ياشلىق دەۋرىڭدە ئۆگەنمىسەڭ، ئىلىمنى ئۆزۈڭگە ھەمرا قىلمىساڭ كىيىن پۇشايماندا قالىسەن، ئېسىڭدە بولسۇن مەۋلانە جالالىدىن رۇمنىڭ مۇنۇ ھېڭمەتلىرى. «ئەي بۇرادەر ئەگەر قۇت-بەخىت ئىزدىسەڭ مەغرۇرلۇق ۋە مەنمەنچىلىكتىن يىراق بول ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ئىخلاس بىلەن تىڭشا.تەكەببۇرلۇق، ئاداۋەت، تەمەخورلۇقتىن ھەزەر قىل،قايغۇ ئەلەملەر ساڭا تاشلانغان بولسا ئۇنىڭغا ئۆزۈڭنىڭ ئەدەپسىزلىكىڭ سەۋەپچىدۇر.ئەدەپسىز ئادەم ئەلەم،ھەسرەت دەرياسىغا غەرىق بولۇر،شۇڭا ئەدەپ نۇرى بىلەن ئۆزۈڭنى نۇرلاندۇر،قەلىبىڭ پاك بولسۇن» ھەزەر ئەيلە تەكەببۇرلۇقتىن، يىراق قاچقىن ئەدەپسىزلىكتىن. ئەدەپ نۇرى پاكلار قەلبىڭنى، تالماس قانات ياسا بىلىمدىن.
|