تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 944|ئىنكاس: 10

13ياشلىق قىزنىڭ دۇنيانى خىجىل قىلغان ئاجايىپ تەسىرلىك نۇتقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
231
تۆھپە
120
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

13ياشلىق قىزنىڭ دۇنيانى خىجىل قىلغان ئاجايىپ تەسىرلىك نۇتقى



    سېۋېرننىڭ دادىسى كانادا ئېرسىيەت ئىلمى ۋە مۇھىت ئاسراش ساھەسىدىكى داڭلىق ئەرباب Dr. David Suzuki دوكتۇر ئىدى. ئۇ مۇھىت ئاسراشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلەتتى، ھەمدە بۇ جەھەتتە زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن ئىدى. ئىلگىرى دۇنيا بويىچە ئىلغار يېتەكچى دېگەن شەرەپلىك نامغا مۇيەسسەر بولغان. قىزى سېۋېرنمۇ دۇنيادىكى داڭلىق مۇھىت ئاسراش ئاۋانگارتىنىڭ بىرى. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا نۇتۇق سۆزلەش، تېلىۋىزىيە پروگراممىلىرىدا رىياسەتچىلىك قىلىش ۋە يېزىقچىلىق قاتارلىق ئىشلار بىلەن شوغۇللانغان. ئۇ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىگە بارلىقىنى ئاتىغان، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس قىممەت قارىشى تىكلەپ ،باسقان ھەربىر قەدىمىدە كەلگۈسىنى ئويلاشنى،ھەربىر كىشى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان.
1992-يىلى،ئۇ 12يېشىدا برازىلىيىگە بېرىپ ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەرشارى ئۇچرىشىشىغا قاتناشقان، ئۇ بۇ يىغىندا بەش مىنۇتلۇق نۇتۇق سۆزلىگەن. دەسلەپتە كىشىلەر بۇ قىز چوقۇم باشقىلارغا ئوخشاش ۋاقىتنى ئالىدىغان زېرىكىشلىك نوتۇق سۆزلەيدۇ دەپ قارىغان. ئەمما ئۇنىڭ جاراڭلىق ئېيتىلغان ھەربىر ئېغىز سۆزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ،نوپۇزلۇق شەخسلەر،ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئالىملارنى ھەيران قالدۇرغان ، شۇنداقلا ھەممەيلەننى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن. تۆۋەندە ئۇنىڭ بۇ نۇتقىدىكى ئۈزۈندىلەرنى كۆرۈپ باقايلى:
ياخشىمۇسىلەر!مېنىڭ ئىسمىم سېۋېرن، بالىلار مۇھىت ئاسراش توپىغا ۋاكالىتەن نۇتۇق سۆزلىمەكچىمەن. مېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىتىم كېلەچىكىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت. ئۈمىدسىز كېلەچەك ھەرگىز بىر قېتىملىق سايلامدا ئۇتتۇرۇپ قويغاندەك ياكى پايچىكىدا زىيان تارتقاندەك ئاددىي ئىش ئەمەس، مەن دۇنيادىكى ئاچلىقتىن زارلاۋاتقان بالىلارغا ۋاكالىتەن سۆزلىمەكچى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق يىغىسىنى ئاڭلايدىغان ئادەم يوق. مەن يەرشارىدىكى نەسلى قۇرۇپ كېتىۋاتقان سانسىزلىغان ھايۋاناتلارغا ۋاكالىتەن سۆزلىمەكچى، چۈنكى ئۇ بىچارىلەرنىڭ پاناھلانغۇدەك جايى يوق. مەن ھازىر ئاپتاپقا قاقلىنىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدىم، چۈنكى ئۇزۇن قاتلىمىدا تۆشۈك پەيدا بولۇپ قالدى. مەن ھەتتا تەبىئەتنىڭ ھاۋاسىدىن ئەركىن تىنىپ نەپەسمۇ ئالالمايدىغان بولۇپ قالدىم، چۈنكى مەن زىيانلىق خىمىيىۋى تەركىبلەرنى سۈمۈرۈۋېلىشتىن ئەنسىرەيمەن. بۇرۇن دادام بىلەن بىللە بېلىق تۇتقىلى باراتتۇق، لېكىن بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىز بېلىقلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقىدۇق. ھازىر بىز كۈندە دېگۈدەك ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئۇلار ئەمدى كەلمەسكە كەتتى...مەن بۇ ھاياتىمدا توپ-توپ بولۇپ يۈرگەن ياۋايى ھايۋاناتلارنى كۆرۈشنى، ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقلىرىدىكى قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرىدىن ھۇزۇرلىنىشنى، كېپىنەكلەرنىڭ ئەركىن قانات قېقىشلىرىنى تاماشا قىلىشنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلاتتىم. لېكىن ھازىر مەن بالىلىرىمنىڭ ئۇلارنىڭ سايىسىنى كۆرەلەيدىغان-كۆرەلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمايمەن. سىلەر مەنچىلىك ۋاقتىڭلاردا بۇ ئىشلاردا ئەنسىرەپ يۈرمىگەن بولغىيتتىڭلار؟ بۇ ئىشلار بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتىدۇ.  بىز قارىماققا ناھايىتى كۆپ ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچ سەرپ قىلىپ بۇ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىۋاتىمىز. لېكىن سىلەر ئۇزۇن قاتلىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيسىلەر. بېلىقلارغا پاكىز ۋە سۈزۈك ئېقىنلارنى قايتۇرۇپ بېرەلمەيسىلەر. نەسلى قۇرۇپ كەتكەن ھايۋاناتلارغا قايتا ھاياتلىق ئاتا قىلالمايسىلەر! ئەگەر سىلەرنىڭ تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈدەك كۈچ-قۇدرىتىڭلار بولمىسا، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا ئەمدى بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار! كۆپچىلىك ئۆزۈڭلارنىڭ بۈگۈنكى يىغىنغا نېمە مەقسەت بىلەن قاتنىشىۋاتقىنىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار. دادام ماڭا:«ساڭا ۋەكىللىك قىلىدىغىنى سېنىڭ سۆزۈڭ ئەمەس ،بەلكى سېنىڭ ھەرىكىتىڭ » دەپ تەلىم بېرىدۇ.چوڭلار ھەمىشە :«بىز سىلەرنى سۆيىمىز» دەيدۇ.مەن چوڭلارنىڭ گېپى بىلەن ھەرىكىتىنىڭ بىردەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
مەنبە: http://bbs.tiexue.net


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
گۈلمىھرە ئەنۋەر
تىللا
347
تۆھپە
314
UID
123

تەڭرىتاغ گۈزىلىمۇڭلۇق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇتۇقىنى ياخشى تەرجىمە قىپسىز ، مەنمۇ خىلى گەپ قىلىشىنى ئۈگىنىۋالدىم .


بىرەر سىنىڭ سىزنى يۆلەپ قويىشىدىن ئۈمىد قىلماڭ ، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ ۋە ئىش باشلاڭ . جەمىئەتنى كۈزۈتۈڭ ، چوقۇم سىز قىلالايدىغان خىزمەت سىزنى ساقلاۋاتىدۇ . ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ . ئەگەر سىز ئۆزگىرىش ھاسىل قىلماقى بولسىڭىز ھازىردىن باشلاڭ

Rank: 1

تىللا
38
تۆھپە
10
UID
3255
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى  تىمكەن، رەھمەت


Rank: 2

تىللا
67
تۆھپە
26
UID
4360
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹ ساڭا ۋەكىللىك قىلىدىغىنى سېنىڭ سۆزۈڭ ئەمەس،ھەرىكىتىڭ.›
بۇ ياخشى گەپكەن.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
410
تۆھپە
272
UID
270
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
paraset يوللىغان ۋاقتى  2012-1-29 21:27
‹ ساڭا ۋەكىللىك قىلىدىغىنى سېنىڭ سۆزۈڭ ئەمەس،ھەرىكىتى ...

مەن يازىدىغان ئىنكاسنى سىز يېزىۋاپسىز ئەمەسمۇ ؟@  


مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەنلىك ئۇ  شۇئىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىدىن ئەمەس .

Rank: 2

ئىسىمى
مۇھەممەت
تىللا
82
تۆھپە
23
UID
2822
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا بۇ قېزغا كۆڭلۈمدىكى گەپنى قېلغاندەك بولدۇم...
بىزنىڭ بۇ يەردە ، بىر قېسىم ئېشلارغا ئامال يوق، قانداق قېلاتتۇق، ئېشىڭنى قېلە، قورسىقىڭغا سىڭگەن نېنىڭى
يە،..............دېگەندەك گەپلەرنىلا قېللايدۇ ھەرىكەتكە كەلسەك بىر نېمە دېمەك تەس......

نېمىلا بولمىسۇن ئەڭ ياخشىسى مەن يەنىلا ئۆزۈمدىن باشلايمەن.

رەھمەت تېما ئېگسىگە جاپا چەكتڭىز

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dartman119 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-30 02:03  



Rank: 2

تىللا
75
تۆھپە
22
UID
1955
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا ۋەكىللىك قىلىدىغىنى مېنىڭ سۆزۈم ئەمەس مېنىڭ ھەركىتىم....مۇشۇنداق  دېيەلىسەك ئەمەس مۇشۇنداق  قىلالىساق ھەممە ئوڭ بولاتتى...


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
691
تۆھپە
558
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تىما يۇللاپسىز،رەخمەت...


سەكرا

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
جۇماخۇن خوجا(ئىلى ئوبلاستلىق قىزىل كىرىست جەمىيىتىدە)
تىللا
900
تۆھپە
214
UID
2050
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تېمىكەن.رەھمەت.


Rank: 1

ئىسىمى
قاھارجان
تىللا
56
تۆھپە
14
UID
1333
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇگەپلەرنى ھەقىقەتەن ئۆزى ئويلاپ دىيەلىگەن بولسا ، ئۇبەكلا ئەقىللىقكەن!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
507
تۆھپە
351
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 22:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى بالىلار خېلى سەۋيىلىككەن جۇمۇ


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-2-5 07:11, Processed in 0.077239 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش