ساغلاملىق ۋە گۈزەللىك
تېرىنى سىلىقلاپ چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ

l رېتسىپ:
خۇرۇچى: ھەسەل 50 گىرام، ئاق ئۈن 50 گىرام.
شىپالىق رولى: تېرىنى سىلىقلاپ، چىراينى نۇرلاندۇرۇش رولىغا ئىگە.
ياساش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئىككىسىنى ئارلاشتۇرۇپ خېمىر قىلىپ، يۈزنى پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن يۈزگە چاپلاپ، 20 مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇپ، ئەلا سۈپەتلىك قورۇغۇچى يۈز ماينى سۈركىسە بولىدۇ. كۈندە ئەتىگەن – كەچت بىر قېتىمدىن ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرسا، ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.
l رېتسىپ:
خۇرۇچى: ھەسەل، زەيتۇن يېغى مۇۋاپىق مىقداردا.
شىپالىق رولى: ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتسە تېرىنى سىلىقلاش، قورۇقلارنى يوقىتىش، چىراينى نۇرلاندۇرۇش رولىغا ئىگە.
ياساش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ھەركۈنى كەچتە يۈزنى پاكىز يۇيۇۋېتىپ، بىرقوشۇق ھەسەلگە بىرنەچچە تامچە زەيتۇن يېغىنى تېمىتىپ ئوبدان ئارلاشتۇرغاندىن كېيىن، يۈزگە سۈركەپ 10 ~ 20 مىنۇت ئۇۋلاپ سىڭدۈرگەندىن كېيىن، يۇيۇۋەتسە بولىدۇ.
l رېتسىپ:
خۇرۇچى: ھەسەل 20 گىرام، تۇخۇم سېرىقى بىر تال.
شىپالىق رولى: قۇرغاق تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈش رولىغا ئىگە.
ياساش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ھەسەل بىلەن تۇخۇم سېرىقىنى ئارلاشتۇرۇپ، يۈزگە سۈركەپ، 10 ~ 15 مىنۇتتىن كېيىن ئىسسىق سۇدا يۇيۇۋەتسە بولىدۇ. كۈندە بىرقېتىم.
l رېتسىپ:
خۇرۇچى: ھەسەل 15 گىرام، بۆلجۈرگەن تۆت ~ بەش تال، يېڭى قايماق مۇۋاپىق مىقداردا.
شىپالىق رولى: تېرىنى سىلىقلاپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش رولىغا ئىگە.
ياساش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى: بۆلجۈرگەننى ئېزىپ ھەسەل، قايماق بىلەن ئارلاشتۇرۇپ خېمىر قىلىپ، يۈزنى يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن يۈزگە سۈركەپ، 20 مىنۇتتىن كېيىن يېڭى سۈتكە چىلانغان دوختۇر پاختىسى بىلەن سۈرتسە بولىدۇ.
l رېتسىپ:
خۇرۇچى: ھەسەل 20 گىرام، لىمون سۈيى بىر گىرام.
شىپالىق رولى: تېرىسى ئوتتۇراھاللارنىڭ چىرايىنى گۈزەللەشتۈرۈش رولىغا ئىگە.
ياساش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ھەسەل بىلەن لىمون سۈيىنى ئارلاشتۇرۇپ، يۈزنى پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن يۈزگەسۈركەپ 10 ~ 15 مىنۇتتىن كېيىن سوغۇق سۇدا يۇيۇۋەتسە بولىدۇ. كۈندە بىرقېتىم.
ھەسەل بىلەن كىسەل داۋالاش ناملىق كىتابتىن تەييارلاندى. (بىريىل) بىلوگىدىن بىريىل تەييارلىغان
http://biryil.com/?p=443
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلكۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-29 02:23