دوستۇم سىز قايسى قىزنى تاللايسىز بۇ بىر پىسخىكىنى سىنايدىغان سۇئال قېنى سىناپ كۆرۈڭ! ئەگەر سىزگە شۇنداق بىر پۇرسەت كېلىپ تۆت قىزدىن پەقەت بىرنى تاللاش توغرا كەلسە قايسىنى تاللايسىز؟ شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى بۇ قىزلارنىڭ ھەممىسى شۇنچىلىك سادىق سىزنى جىنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدۇ، بىراق مىجەزى ھەر خىل. 1-قىز شۇنچىلىك مۇلايىم سىز نېمە دېسىڭىز شۇنى قىلىدۇ، سىزنى قەتئىي خاپا قىلىشنى خالىمايدۇ،ئىنتايىن ئەخلاقلىق ، رۇخسارىمۇ خېلى قاملاشقان، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسىڭىز بالىلىرىڭىزنى ياخشى تەربىيلىشىدە گەپ يوق. 2-قىز ئىنتايىن باي، ئۇ ھەر كۇنى ئۆزىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسىڭىز ئۆيىڭىزنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئۆي خىزمەتچىلىرى قىلىدۇ، سىزنىڭ ئۆينىڭ ئىشلىرىدىن ئەنسىرشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئولتۇرۇشلىرىڭىز ئەڭ ئېسىل ماشىنا ، داچا. 3-قىز شۇنچىلىك چىرايلىقكىن ، ئۇنىڭ گۈزەللىكىدىن ئايمۇ خىجىل، لەۋلىرى گىلاستەك ، شۇنچىلىك تاتلىقكى بۇ دۇنيادا پەقەتلا بىر. ئەگەر ئۇ سىزگە شۇنداقلا ئەكىلەپ قويىدىغان بولسا بارلىق قايغۇلىرىڭىزنى ئۇنتۇپلا قالىسىز، ئۇ سزنى تاتلىققىنا بىرنى سۆيۈپ قويىدىغان بولسا بولدى ، ئۆينىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئۆزىڭىز قىلىپ چۈشۈپ كېتىسىز. ئۇ قىز ئىنتايىن نەپىس بىر نازىن ھېچ ئىش قىلمايدۇ. 4-قىز شۇنداق بىر قىزكى ئوتىمۇ بار سۈيىمۇ بار. ئەگەر خۇشلۇقى تۇتسا سىزنى بېشىدا كۆتىرىدۇ. ھەر قانداق بولمىغۇر تەلىپىڭىزنىمۇ ئورۇنداپ بېرىدۇ.ئەگەر خۇيى تۇتىدىغان بولسا بولدى، ئەتراپتا ئادەم بارمۇ يوقمۇ كارى يوق سىزنى تىللاپ ئۇرۇشۇپ رەسۋا قىلىشتىن يانمايدۇ. قېنى دوستۇم قايسىنى ئۆمۈرلۈك ھەمرا قىلىپ تالايتىڭىز؟ ئۇنتۇپ قالماڭ بۇ تۆت قىز سىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ مەنبە : شىنجاڭ بېيىش مۇنبىرى
|