تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 519|ئىنكاس: 19

پەرىلەر ماكانى مۇز تاغقا ساياھەت ( قۇياش فوتوسى ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
142
تۆھپە
123
UID
4328

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 05:39:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش





ئالدىڭلاردا تۇرغان بۇ قارلىق چوققا مەنزىرلگاھسى ...يەنى پانىي ئالەمدىكى پەرىلەر ماكانى ....
ئەمسە مەن بۇ توغرۇلۇق قىسقىچە چۇشەنچە بىرىپ ئۆتۈپ كىتەي ...

     مۇزلۇق تاغ ئويتاغ بازىرىنىڭ ( ئاتۇش ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ چەت بازىرى ) غەرىبى تەرىپىدىكى قاتمال تاغلىق ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ ، ئاقتۇ ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارلىقى 100 كىلومېتىر ، قەشقەر شەھىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 120 كىلومېتىر .  جۇڭگو-پاكىستان تاشيولىغا 20 كىلومېتىر ، قاتناش ئىنتايىن قولايلىق.



    ئاقتۇ ناھىيەسىدىن چىقىپ، ئويتاغ تاغ ئېغىزىغا كەلگەندە  ئالدىڭىزدا ئۇزۇنىسىغا سوزۇلۇپ ياتقان يىلاندەك  بىر جىلغىلىق دەريا ئېقىنىنغا ئۇچىرايسىز .







ئالدىمىزدىكى دەريا  سۇيى ئىقىنىغا قارشى يۆنىلىشتە  ماڭساق ئۇزۇن قالماي كۆكتە لەيلەپ تۇرغان ئاپپاق بۇلۇتلار ئىچىدە قەد كۆتۇرۇپ تۇرغان پانىي ئالەمدىكى پەرىلەر ماكانى بولغان ئاپپاق قاردىن لىباس كەيگەن مۇزلۇق تاغ ساياھەت رايونى كۆز ئالدىمىزدا نامامەن بولىدۇ .











يولدا كىتىۋىتىپ يەنە تاغ باغرىغا جايلاشقان كەنتىلەردىكى  چىرايلىق ئەتلەسلەردىن كۆينەك كىيۋالغان  ئۆزلىرىنى تۇركىمەن دەپ ئاتايدىغان بىراق كىملىكىدە مىللىتىنى قىرغىز دەپ ئالغان قىرىنداشلار بىلەنمۇ بىردەم يىرىمدەم ھەمنەپەس بولۇشقا ۋاقىت ئاجىرتىمىز ئەلۋەتتە ......






















ئەتىراپ شۇنچە گۈزەل ...ئادەمنى خىيالي چۇشلەرگە باشلاپ كىرىدۇ .... مەنزىلگاھغا ئازلا قالدۇق .....ھايات داستانىڭىزدا مەڭگۇلۇك ئەسلىمە بولۇپ قالدىغان بۇ مەنزىرلەردىن قانغۇچە ھۆزۇرلىنىڭ ........شۇنداق ......ئەتىراپ شۇنچە گۈزەل....









مانا ئاخىرى يىتىپ كەلدۇق ، بۇ مەنزىلگاھنىڭ كىرىش ئىغىزى ...

.

.











   بۇيەردە تىك جىلغىلىق ھاڭلىق تاغلار ، قويۇق ئورماندەك قەد كۆتۇرۇپ تۇرغان مۇزلۇق چوققا، ئۆركەشلەپ ئىقىپ تۇرغان دەريا ، قەدىمى ئورمانزارلىق ، ھەر خىل قۇشلار ، گۈل-گىياھلارنى قەدەمدە ئۈچىرتالايسىز ، تۆت پەسىل ئىنىق ئايرىلغان ، مەنزىرسى ئادەمنى ئۆزىگە تولىمۇ مەپتۇن قىلدىغان تەبىئي مەنزىرە ساياھەت رايونى.....



دىېڭىز يۈزىدىن ناھايتى ئېگىز بولغان كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ مەنزىرىمۇ سىرلىق ھالدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ قارلىق تاغ ئاسماننى يۆلەپ تۇرغان قەددى قەمىتى بەستلىك گىگانىت ئادەمگە ئوخشاپ قالىدۇ ، ئاياق ئاستىدىكى خۇش پۇراق ئوت چۆپلەر تىخىمۇ ئەۋرىشىملىشىپ مەيىن تاغ شامىلىدا توختىماي ئۇسسۇل ئوينىشىدۇ ، گۈللەرخۇش پۇراق چىچىپ ، قۇشلاربەس-بەستە يىقىملىق ۋىچىرلىشىپ سايراپ ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ ئادەمگە زو ئاتا قىلدىغان ناخشىلىرىنى ئەسلىتىدۇ . 7-8-ئاينىڭ ئولتۇرلىرى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇراسى 30 گىرادوستىن ئاشقان چاغدا بۇ يەرنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇراسى 10-20 گىرادوستىن ئاشمايدۇ ، شۇڭلاشىقمۇ ياز كۇنلىرى بۇ يەرگە كىلدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۇلمەيدۇ .





بۇ يەردە ئادەتتىن تاشقىرى قويۇق ئۆسكەن ئىپتىدائي ئورمانلىق  بولۇپ، كۆز يەتكۇسىز بىپايان ئاق شەمشاد ، كۈن نۇرىنى توسۇپ تۇرغان ئارچا ، يەردىكى ئوت چۆپلەرنى تىخىمۇ زىننەتلەپ  تۇرغان سان-ساناقسىز قارىغاي مەدىكى ، شاخلاردا قىلىپقالغان قارىغاي ئۇرۇقى ئاجايىپ خۇش پۇراق بولۇپ ، ئوماق تىينلار ئۇ شاختىن بۇ شاخقا سەكىرەپ ئويناشقانلىرىنى كۆرلەيسىز ،  بۇ يەردە ئۆزىگىچە بولغان كۆمۇش رەڭ تۇلكە بولۇپ ، يەنە غىل پال يىلپىزنى كۆرگۇچىلەرمۇ بولغان بولۇپ بۇ يەرنىڭ گۈزللىكى ئادەمگە  خىيالي دۇنيانى ئەسلىتىدۇ . بەزىدە تىخى ھەيۋەتلىك شاۋقۇن ئاۋاز بىلەن قار كۆچىدۇ ، بۇ ۋاقىتلاردا يىراقتا تۇرۇپ كۆرسىڭىز ......ئاھ ....مەڭگۇ ئۇنتالمايدىغان مەنزىرە ........







تەبىئەت تىلسىز ، بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ سىرلىق ئۆزگىرىشلىرى ئارقىلىق بىزگە دىمەكچى بولىۋاتقانلىقىنىمۇ  بەزىدە نامايەن قىلىدۇ ...كۆرىدىڭىزمۇ؟ كۆكتە لەيلەپ تۇرغان ئاق بۇلۇت يۇرەك شەكىلگە كىلىپ  بۇ سىرلىق ماكاننىڭ بىزنى تولىمۇ قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە ....







ئەركىن پائالىيەت قىلساڭلار بولىدۇ ....خەتەرلىك جايلارغا بارماڭلار ، كىلىپ چىققان ئاقىۋەتكە مەن ئىگە ئەمەس ....


















بۇ يەردىمۇ نۇرغۇن قىرغىز قىرىنداشلار ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئۆي ئىجارە بىرىش ، قوي سويۇپ تاماق ئىتىپ بىرىشتەك  تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ....





يەنە تىك جىلغىلىق تاغلارنىڭ بويىدىكى تار يوللاردا قورىقماس جەسەر ئوغلانلىرىمىز ئىشەكلىرى بىلەن ئۆتۇپ كىتىپ بارغانلىقىنىمۇ كۆرەلەيسىز .







































  قانداقراق ! ھاردىڭلارمۇ ؟ ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بارغان ئوخشايدۇ ، ئەمدى بۇ يەردىكى ئۇنتۇلماس مىنۇتلارغا خاتىمە بىرىپ قايتامدۇق .....





اللانىڭ موجىزلىرى ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالارلىق ، قاراڭ بۇ تاغلارغا ....خۇددى ئۇستا رەسسام بوياپ قويغان ماي بوياق رەسىمگىلا ئوخشايدۇ ...











  قايتاشىىمىزدا يول بويىدىكى دەريا بويىدىن تىرىپ ئەكەلگەن ھەر خىل رەڭدار تاشلارنى سىتىپ ئولتۇرغان بۇ ئوماق قىرغىز قىزىنى كۆرگەندە ئەلۋەتتە بىلىپ بىلمەي ئۇنىڭ تاشلىرىدىن سىتىۋىلىشقىمۇ ئۇلگۇرسىز ......



قايتار يولىدا كىتىپ بارغىنىڭىزدا قاتمال تاغلىق ئىچىگە ، بوستانلىقنىڭ ئولتۇرسىغا جايلاشقان كىچىككىنە مەسچىتنى كۆرگەندە دىللىرىڭىز سۆيۇنۇپ كىتىدۇ ...توغرا ئەسىر ۋاقتىمۇ بولۇپ قاپتۇ ، مۇنبەر جامائىتى بۇ مەسچىتكە كىرىپ ئەسىرنى ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن يولغا چىقايلى ........







~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

قاراقاش ناھىيە ئورمانچىلىق ئىدارىسى


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
642
تۆھپە
389
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 12:31:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك ساياھەت رايۇنىنى تۇنۇشتۇرغىنىڭىزغا تەشەككۇ.سۈرەتلرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ.


Rank: 4

ئىسىمى
ۋىسال
تىللا
168
تۆھپە
150
UID
351
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 12:51:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گايى تاغلار رەڭ بەرگەندەك ئەجەپ رەڭدەركەن،بۇنداق تاغلارنى قەشقەردىن سانساكوغا بارغىچە كۆرەتتۇق.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مېھرىئاي مۇھەممەد
تىللا
626
تۆھپە
167
UID
283

جانلىق ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 12:59:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
65933_com_201107271043458713.jpg

بۇ ئاچىمىز رەسىم تارتقانغا تويە دەپ ئۇرمىغاندۇ -ھە!
بەك چىرايلىق مەنزىرىلەركەن ،ھازىرلا بارغۇم كېلىپ كەتتى دىسە.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
281
تۆھپە
369
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 13:25:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوسلىرىمغا شۇنداق دىدىم نەچچە قېتىم: ‹ئەگەر دىيارىيمىزدىكى ئېسىل رەسىملەردىن ھوزۇرلىناي دىسەڭلار تەڭرىتاغ مۇنبىرىگە كىرىڭلار.› بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zamzam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-24 13:25  



ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 6Rank: 6

تىللا
468
تۆھپە
258
UID
1140

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 17:32:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىملەر شۇنداق ياخشى تارتىلىپتۇ، كىشىنى خۇددى شۇ يەرگە ساياھەتكە بارغاندەك ھىس قىلدۇردى. بولۇپمۇ «نامسىز ساياھەت يېتەكچىسى» مېىنى تېخىمۇ قايىل قىلدى. ھەقسىز مۇلازىمىتىڭىزدىن تولىمۇ مەمنۇن بولدۇق. رەھمەت سىزگە!


Rank: 3Rank: 3

تىللا
124
تۆھپە
84
UID
1698
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 20:35:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈرەتلرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
uyghun
تىللا
2384
تۆھپە
605
UID
1186
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 20:48:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ .. سۈرەتلىرڭىزنىڭ ھەممىنى يوللاپ بولمىغانسىز-ھە؟،مۇشۇنداق ياخشى سۈرەتلىرڭىزنى يوللىشىڭىز توختاپ قالمىغاي. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-24 20:49  



Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
158
تۆھپە
66
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 22:16:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىيارىمىزنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىدىن ھوزۇرلاندۇرغىنىڭىزغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
539
تۆھپە
422
UID
3175

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 22:46:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇرەتلىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.


Rank: 4

تىللا
174
تۆھپە
124
UID
3999
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 23:09:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن. ھەقىقەتەن سۈرەتلەرنى ياخشى تارتىپسىز، بولۇپمۇ ئىككى ئايال بىر بالىنىڭ سىزگە قاراپ تۇرغان سۈرىتى سۇنداق تەبئىي چىقىپتۇ، ئارقا كۆرنىشىمۇ ئۇلارنىڭ كىينىشى ۋە چىراي ئىپادىسىگە ماس كەپتۇ.مانا بۇ ھەقىقى ئوبراز،ئۈز مەنىسىنى تاپقان سۈرەت، بىز تولا ھاللاردا  زومۇ-زو كىشىلەرنى كۈلدۈرۈپ سۈرەتكە تارتىشنى ياخشى كۆرىمىز،بۇنداق سۈرەت تارتىشقا ئادەتلىنىپ قالساق  كىشىلەرنىڭ روھى ھالىتىنى ئەينەن  ئىپادىلەپ بېرىشتە ساختىلىقنى ئارلاشتۇرۇپ قويۇشتىن خالى بولالمايمىز.تىخىمۇ نادىر سۈرەتلەرنى تارتىشىڭىزغا تىلەكتاشمەن.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
150
تۆھپە
85
UID
2588
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 00:08:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈرەتنى شۇنداق سۈزۈك تارتىپسىز سىزنىڭ سۇرەت تارتىش ماھارتىڭىزگە قايىل بولدۇم . نىمە دىگەن گۈزەل مەنزىرلەر بۇ  


Rank: 2

تىللا
128
تۆھپە
47
UID
3236
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 01:43:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سۈرەتلەر ھەقىقەتەن ياخشى تارتىلىپتۇ.مەنزىرىلەرمۇ ناھايتى ياخشى تاللىنىپتۇ. بىر-بىرىدىن قېلىشمايدىكەن.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
1665
تۆھپە
1251
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 01:46:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     سۈرەتلەردە ئوخشاش نۇقتىلار كۆپكەن، بىر ئوخشاش مەزمۇن تەسىراتى بىرىدىكەن، بولۇپمۇ ئاسمان، بۇلۇت مەنزىرىسى بەك كۆپ. يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىڭ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قۇربان سايىم
تىللا
807
تۆھپە
530
UID
558

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 11:57:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     تولىمۇ ھوزۇرلاندىم، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.


Rank: 1

تىللا
14
تۆھپە
5
UID
4494
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 15:18:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kurban يوللىغان ۋاقتى  2012-1-25 11:57
تولىمۇ ھوزۇرلاندىم، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

دەرۋازىسىدىن  يەرلىك   مىللەتلەرنىڭ  مىللەتلەرنىڭ  مەدەنىيىتى  ئەكس  ئەتمەپتۇ.  مەبلەغ  سالغۇچىلار  ئەھمىيەت   بىرىدىغان   ئىشلاربۇ   ئەسلىدە.


Rank: 1

تىللا
14
تۆھپە
5
UID
4494
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 15:21:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 1

تىللا
14
تۆھپە
5
UID
4494
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 15:22:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكەن


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
495
تۆھپە
342
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلجان سۇرەتلىرىڭىزنى مۇنبەردە قايتا كۇرۇپ خوش بولدۇم  توختاپ  قالماڭ


Rank: 4

ئىسىمى
ئالىمجان
تىللا
539
تۆھپە
36
UID
4359
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ نىمە دىگەن گۇزەل   رەھمەت                                                                                         


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-2-4 17:27, Processed in 0.097376 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش