بۇ سۆز ماركا قىلىشقا مۇۋاپىقمۇ؟
يېقىندا تور ئارىلاۋىتىپ“لوپنۇرلۇقلار“ دېگەن نامنىڭ مېۋە كونسىرۋاسىنىڭ ماركا نامى قىلىنىپ تىزىمغا ئالدۇرۇلغانلىقىنى بايقاپ قالدىم. بۇنى “ خۇاۋېي خەلقئارالىق بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى چەكلىك شېركىتى “ دېگەن بىر شېركەت تىزىمغا ئالدۇرۇپ،سېتىش ئۈچۈن لاھىيەلەپ تەييار قىپتۇ. بۇرۇنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت،ئۆرپ-ئادەت ۋە يەر ناملىرىغا مۇناسىۋەتلىك ناملارنىڭ قاملاشمىغان مەھسۇلاتلارغا ماركا نامى قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار تور ۋە مەتبۇئاتلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى. مېنىڭچە،“لوپنۇرلۇقلار“ دېگەن بۇ نامنىڭ مېۋە كونسىرۋاسىنىڭ نامى قىلىنغانلىقى تازا ئەقىلغە مۇۋاپىق ئەمەس.نېمە ئۈچۈن دېگەندە: بىرىنچىدىن،لوپنۇرلۇقلار قەدىمدىن تارتىپلا چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن خەلق،باغۋەنچىلىك بىلەن كەڭ تۈردە شۇغۇللانغانلىقى ھەققىدە ھازىرغا كەلگۈچە ئېنىق بىر مەلۇمات يوق.بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا بۇ نامنىڭ مېۋە كونسىرۋاسىغا ماركا نامى قىلىنىشى تارىخى چىنلىققا ئۇيغۇن ئەمەس. ئىككىنچىدىن، لوپنۇردىن نان،گۆش تۈرىدىكى ئالاھىدە يېمەكلىكلەر چىقىدۇ. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاش ئالاھىدە مېۋە-چىۋىلەر چىقمايدۇ. مەسىلەن: ئاتۇشتىن ئەنجۈر،قەشقەردىن ئانار،خوتەندىن ياڭاق،غۇلجىدىن ئالما دېگەندەك. شۇڭىلاشقا، بۇنامنىڭ قويۇلىشى لوپنۇرنىڭ يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى بىلەن يەنىلا ماسلاشمايدۇ. ئۈچىنچىدىن،“لوپنۇرلۇقلار“دېگەن بۇ نام لوپنۇر رايۇنىدا ياشىغان كىشىلەرنىڭ ئورتاق نامى بولۇپ،باشقىلارنىڭ مەدەنىيەت نامىنى مېۋە كوسىرۋاسىغا ماركا نامى قىلىپ قوللىنىش يەنىلا ئەقىلغە مۇۋاپىق ئەمەس. تۆتىنچىدىن، لوپنۇر قەدىمىي يۇرت.لوپنۇرلۇقلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ياراتقان ئۆزگىچە مەدەنىيىتى دۆلىتىمىزدىلا ئەمەس،خەلقئارادىمۇ نۇرغۇن ئالىملارنىڭ كۈچلىك قىزىقىشىنى قوزغىغان. ھەمدە لوپنۇر ۋە لوپنۇرلۇقلارنى تەتقىق قىلىش دولقۇنىنى كۆتۈرەلىگەن. مانا مۇشۇنداق نامى خەلقئاراغا داڭلىق يۇرت ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت پۇرىقى كۈچلۈك نامنىڭ مېۋە كونسىرۋاسى تۈرىدىكى ئادەتتىكى بىر يېمەكلىككە نام قىلىپ قوللىنىشى بۇ جاينىڭ يۈزىگە چۈشكەن داغدىن باشقا نەرسە ئەمەس. مەن يۇقىردا ئۆزۈمنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى دەپ باقتىم .قېنى تورداشلار سىلەرمۇ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىڭلارنى دەپ باقايسىلەر.
بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەسلى ئۇچۇرلار تۆۋەندىكى ئادىرىستا: http://www.huaweitm.com/zr29/3461694.html
|