تۈلكىنىڭ تېرىسى ئۆزىگە دۈشمەن
- بۇ،چىرايلىق،گۈزەل نەرسە كىشىلەرنىڭ قىزىقىش،قولغا چۈشۈرۈش ئويبېكتى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ-ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىن
ئەلقىسسە مۇزارت داۋانلىرىدا چەۋەندازلار ماھارىتىدىن كېيىن بىرقىسما بولۇپ قونالغۇغا تاشقىي پىلانت ئادىمى تەسۋىرلىگۈسىز ھىسىياتتا قايىتقىنىم ئىسىمدە..
شۇ كۈنى كەچلىك غىزادا مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانىسدىكى فوتوگراف قاتىللىرى بىلەن بىللە شۇ كۈنكى ھاياجاننى ئاممىباب دۆلەت تېلىدا بەس مۇنازىرە قىلىشتۇق ۋە ھاياجاندىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئېغىز تېلىمىز بىلەن تەسۋىرلىگەچ كەچلىك غىزادىن كېيىن ياتاققا قايىتتۇق...
تاك...تاك....تاك....
ئىشىكنىڭ چىكىلىشى مىنى كومپىيۇتىردىكى بۈگۈنكى سۈرەتلەر ئالدىدىن قوزغىدى.
-ئاداش...دىدى دوستۇم قۇربانجان قاسىم-سىلىنى يالغۇز ياتاققا تاشلاپ قويۇپ خىزمەتداشلىرىم بىلەن بۈگۈنكى كۆرۈنۈشلەرنى كۆزدىن كەچۈرىش بىلەن بولۇپ كىتىپتىمەن،كەچۈرىڭلار ھە
-ھىچقىسى يوق...مەنمۇ شۇ قانداقراق تارتىلدىكىن دەپ كومپىيۇتىرنى ئىچىپ سۈرەت بىلەن ئولتۇرغان..ھى ھى -قۇربانجان قاسىمنى قاچان كىلىپ مىنىڭ سۈرەتلىرىمگە باھا،ياق...دەرىس بىرەركىن دەپ تەمادا ئولتۇرغۇنىمنى چاندۇردۇم ۋە ئۇنى ئىچكىرگە باشلىدىم.
مەن موڭغۇلكۈرەگە كەلمەيلا دوستۇم ماڭا ئۆزلىرى چۈشكەن مېھمانخانىدىن ئايرىم ياتاق ھازىرلاپ قويغاچ،ئۆزۈممۇ تۈزۈت قىلماي ئۇدۇللا مۇشۇ يەرگە چۈشكەنىدىم.شۇ كۈنى بىز ھازىرقى زامان ئۇيغۇر فوتو-سۈرەتچىلىك ۋە تېمىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ جۇڭگو ھەم دۇنيا فوتو-سۈرەتچىلىك توغرىسىدا نۇرغۇن سۆھبەتلەشتۇق ۋە قۇربانجان سەمەتتىن نۇرغۇن مەن تۇغۇلۇپ ئاڭلاپ باقمىغان ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم،خۇرسەن بولدۇم.....
تاڭ يورۇشقا ''بىر ئاتنىڭ ئىككى مەيدان چۆگلىگىدەك'' ۋاقتى قالغاندا قۇربانجان سەمەت مەن بىلەن خۇشلۇشۇپ ياتىقىغا قايىتتى ۋە ئەتىكى پائالىيەت ۋاقتىنى ئۇقتۇردى.
-بولدى ئاداش..بۈگۈن ياخشى مۇڭداشتۇق،ئەتە سەھەردىكى پىلان يەرلىك ئوۋچىنىڭ ئوۋ ئوۋلاش كۆرۈنىشى،ئاپاراتىڭلارنى توكقا تويۇندۇرۇپ تەييار بولۇڭلار ھە ئەمسە..
-بولىدۇ..-دىدىم مەن ھاياجاندا-ھەربىي ھالەتتە ماشىنىنى قىزىتىپ سىلەرنى كۈتىمەن..
قۇربانجان سەمەت..
بىزلەرگە باغاشلانغان تارىخ چاقلىرى ئىزلانغان...
جۇڭگونىڭ قاشتىشى مەستانلىرىنى ئۇيقۇدىن بىدار قىلغان..
مىڭ يىللىق ياڭاق بىلەن دۇنيانى تاڭ قالدۇرغان...
سىتەيىنگە مۇمكىن بولسىدى،پۈتكۈل خوتەننى يۆتكەپ ئەكەتكۈسى كەلگەن..
ئەزىزانە خوتەندە تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ،كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلغۇدەك كەچمىشلەر بىلەن 2007-يىلى بېيجىڭ ئاخبىرات ئۇنۋىرسىتىتىڭ ئەلا ئوقۇغۇچىسى ھەم شۇ يىلى ''كوئىنلۇن تېغى قاراڭغۇ تاغقا سەپەر''ناملىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خاتىرە فىلىمى بىلەن مەركەزدىن باشلىنىپ دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەردە بىرىنجىلىككە ئېرىشكەن بۇ ئۇيغۇر يىگىتى بىلەن 2010- يىلى مۇزارت سەپىرىدە يول سوراش ۋەقەسى بىلەن تونۇشقانلىقىم ماڭا تەغدىر بولسا كېرەك.مەركىزىي تېلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ فوتوگراف،ئوپىراتورى بولغان بۇ ئاددىي،ئەمما جەسۇر ئۇيغۇر يىگىتى،جۇڭگودىكى نەچچە مىليون يۈەنلىكىك خوتەن قاشتېشىنى ئېزىزلەيدىغان ھەر بىر ھەۋەسكارنى ئاشۇ بىزگە نىسبەتەن ئاددىي بولغان مايلىق سۈزۈك تاشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەسۋىر قىلىپ 2011-يىلى قۇربان ھېيىت ھارپىسىدا مەركەزدە ئۆتكۈزگەن''كۇئىنلۇن باغرىدىكى خوتەن''ناملىق فوتو-سۈرەت كۆرگەزمىسىدە شۇ خوتەن قاشتىشىنىڭ قانداق قىسمەتلەر بىلەن ھالا بۈگۈنكى مىليونىرلارنىڭ قولىغا كەلگەنلىكىنى ئەينەن تەسۋىرلەپ،ئەزىزانە خوتەندىكى قاشتېشى كولىغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشۇنى يورۇتۇپ بەرگەن....قۇربانجان سەمەت..
ئەتىسى يەنە چالا ئۇيقا،تەتۈر كالاچ بىلەن خىزمەت گۇرۇپىسىنىڭ ئالدىدا ئاكتىپ ھالدا سىرىتقا چىقىپ تۇردۇم.ۋاڭ ئوپىراتور(مەركىزىي تېلۋىزىيە ئىستانسى 9 - قانالنىڭ يىپەك يولى پىروگراممىسى باش مەسئۇلى) ماڭا قاراپ كۈلۈپ كەتتى.
-ئەييا ئوسمانجاڭ...چى زاۋفەن مېييوۇ ئا؟
-ئاااااا....چىلې...چىلې...-دىدىم مەن بۇ قابىليەتلىك ياش ئوپراتورغا بىردانە پاپىرۇس سۇنغاچ
-خاۋ..خاۋ...خاۋ....نا ۋومېن چۇفا با..-دىدى ۋاڭ ئوپراتور ۋە كەينىدىكىلەرگە كەسكىن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ-چۇفا!!!
ئۇنىڭ ''چۈفا'' سى بىلەن مۇزارت ۋادىسىغا،بۇ قىتىم تېخىمۇ ئىچكىرلەپ يەرلىك خەلىقنىڭ قىشلىق ئوۋ ئوۋلاش خاتىرىسىنى سۈرەتكە ئىلىشكە ئاتلاندۇق...
يەنە شۇ بىپايان تىمتاس دالا...
كۆزنى بىئارام قىلىدىغان ئاپپاق قار،كەڭ يايلاق...
بىز بارغاندا يەنە شۇ بىز،ئەمما بۇ قىتىم ئىت يوق..بىزنىڭ گۇرۇپىدىكى چوڭ ماشىنىدىن بىرى قارغا پىتىپ يەتتەيلەن ھە-ھۇ بىلەن ئىتتەرگەندىن باشقا تىۋىش يوق دالا..
ئالاھىزەل بىرەر سائەت ئۆتتىمۇ يىراقتىن ئىككى ئات (ئەسلى چىكىت دىمەكچىتىم،بۇ قىتىم ئاتنى ئىنىق كۆردۈم..ھى ھى ) ئات ئۈستىدىكى پوپكا كەيگەن ئىككى يىگىت بىز تەرەپكە كىلىپ كەلدى.ئۇلار بىلەن قىسقىچە كۆرۈشۈپ سەۋەب-بانالىرىمىز بىلەن ئوۋچى يىگىتلەرنىڭ قولىدىكى ئوۋ قورالى بولغان،كۆندۈرىلىۋاتقان بۈركىتىنىڭ ماھارىتىنى كۆردۇق.مەن بۇ قىتىمقى يىپەك يولى پىروگراممىسىنىڭ تۇيۇقسىز مىھمانى بولغاچ،ئۆز مەيلىمچە ھەركەت بىلەن قولۇمدىكى ئاپىراتنىڭ كۆزنىكىنى ئوۋ بۈركىتىنىڭ ھەر بىر ھەركىتىنى خاتىرلەشكە توغرۇلاش ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئۇنتۇپ،ئوۋ نىشانى ئۆلۈك تۈلكىگە ھەمرا بولۇپ قارلىق دالاغا ئۆزۈمنى ئاتتىم....
ئىشلىتىلگەن ئاپىرات: NIKON D7000
كامىرا : 200 /70
قىشلىق يايلاۋ
