<مەرىپەت كوچىسى > پاجىئەسى
مەرىپەتكە ھامىلدار كوچا،
تولغىقىدىن زارلايدۇ دۇنيا.
*****************
چوڭ ــ چوڭ كۆزلۇك پوتۇلكىلارنىڭ،
تاڭ سەھەردە تۇگەر ئۇيقۇسى،
ئۇنئالغۇدا مەجنۇن ناخشىسى،
سەھەر دىمەي باشلار ناخشىنى.
كۈندۈز سائەت ئونبىر ــ ئون ئىككى،
قاۋاقخانا كۈلۈمسىرەيدۇ،
تۈپتۈز كىرسە يولڭچى ئاڭا،
چىققىنىدا يوللار سەكرەيدۇ.
رېستۇران
كۈلۈمسىرەر سۆيۇملۇك پۇللار،
يۈرەككە بەك يىقىن جايدا.
قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۇچۇن،
ئۇچۇپ كىرەر رېستۇرانلارغا.
< يۇزخىل ئېسىل تائام ماكانى>،
قارشى ئالار ئېسىلزادىنى.
نامراتلارغا ئاچمايدۇ چىراي،
گۈلدەك گۈزەل كۇتكۇچى قىزى.
رەزىللىكىنى ياپماقچىدەكلا،
لەيلەپ يۇرەر بەك مۇڭلۇق ناخشا.
ئىسراپخورلۇق شەيتىنى ئاستا،
كىشىلەر كۇشكۇرتەر بۇندا.
ئىستىمالنىڭ يۇقرى قاينىمى،
يۈرەكلەرنى ئۆرتەر بىرمۇ بىر.
ئاھ،ئۆيلەردە يىغلاپ ئۆكسۇشلەر،
خىيالىغا كىرمەيدۇ ھېچبىر.
ئېچىلسىمۇ بىردەملىك كۆڭۇل،
لىكىن،يەلكە ھامان بەك ئېغىر.
زارلىنىشتا كۈلۈر رېستۇران،
ئادەم ئاڭا بولغاچقا ئەسىر.
ۋىسال ئىجادىيەتلىرىدىن،رۇخسەتسىز ھېچقانداق مۇنبەرگە يوللاشقا بولمايدۇ!