قەشقەر ساياھەتچىلىكىدىكى ياخشى قوللانما- «قەشقەر ئەل ئىچى ساياھەت خاتىرە بويۇملىرى» ئوبۇلقاسىم مۇھەممەت 
كىتاب مۇقاۋىسى
ياش فوتوگىراف ئادىلجان ئابدۇقادىر ئەتراپلىق ئىزدىنىپ تەييارلىغان«قەشقەر ئەل ئىچى ساياھەت خاتىرە بويۇملىرى» ناملىق كىتابنى سەل كېچىكىپرەك كۆرۇشكە مۇيەسسەر بولغان بولساممۇ،قەشقەر ساياھەتچىلىكىنى ئەتراپلىق چۈشۈنۈش،تەشۋىق قىلىشتا موھىم ئەھمىيەتكە ئېگە بۇ كىتاپتىن ناھايىتى سۆيۈندۈم.
قەشقەر ساياھەتچىلىكى ئېلىمىز،جۈملىدىن شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ.ساياھەتچىلەر قەشقەرنىڭ لەززەتلىك تائاملىرى،شىرىن مىۋە-چېۋىلىرى،ئۆرپ-ئادىتى،كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ناخشا-ئۇسۇللىرى،سىر-ھېكىمەتلەرگە تولغان ئىچكىرىدىن –ئىچكىرى كەتكەن كوچا-مەھەللىرىنى كۆرۈپ،ھوزۇرلىنىدۇ،ئەڭ مۇھىمى مەيلى قەيەرگە بارمىسۇن شۇ جاينىڭ بىرەر تال خاتىرە بويۇمىنى سېتىۋىلىشنى زۆرۈر،دەپ قارايدۇ.ئەمما،ساياھەت ئورۇنلىرىدا ساياھەتچىلەردە بۇ ھەقتە پايدىلانغىدەك بىرەر قوللانما بولمىسا ،ئۇلار نېمىنىڭ شۇ يەرنىڭ ئالاھىدىلىگىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ئەتىۋارلىق بويۇم ئىكەنلىكنى بىلەلمەي،ئاۋارچىلىققا يولۇقىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ.ياش فوتوگىراف ئادىلجان ئابدۇقادىر ئۇزۇن يىل ئىزدىنىپ،دىيارىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇجەسسەملەنگەن300خىلدىن ئارتۇق نەفىس ساياھەت خاتىرە بويۇمنىڭ سۈرىتى قوشۇپ كىرگۈزۈلگەن كىتاب نەشىر قىلدۇرۇپ،دىيارىمىز ساياھەتچىلىكىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇردى.كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ساياھەت خاتىرە بويۇملىرى ئىچىدە مېتالدىن ياسالغان تۇرمۇش بويۇملىرى،ئاپتۇۋا،چىلاپچا،ساپال بويۇملار،شۇنىڭدەك ياغاچتىن ياسالغان تۇرمۇش بويۇملىرى،ئۇيغۇر چالغۇ-ئەسۋاپلىرى،دوپپىلار بىر-بىرىدىن ئېسىل،جەلىپكار بولۇپ،ھەر قانداق بىر ساياھەتچى كىتابنى ئېچىپلا قەشقەرنىڭ قول ھۈنەر-سەنئەت بويۇملىرىنىڭ سېتىۋىلىش،ساقلاش،ئەتىۋارلاش قىممىتىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالايدۇ.
قىسقىسى،كىتابتا تونۇشتۇرۇلغان ساياھەت خاتىرە بويۇملىرى نەپىسلىكى،خىلمۇ خىللىقى ،توشۇشقا،ساقلاشقا،پايدىلىنشقا مۇۋاپىقلىقى بىلەن ساياھەتچىلەرنى مەھلىيا قىلىپلا قالماي پۈتۈن ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ يارقىن كارتىنىسى.ئۇنىڭدىن باشقا،كىتاب ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە-ئىنگىلىزچە ئۈچ خىل يېزىقتا سېلشتۇرما قىلىپ نەشىر قىلدۇرۇلغان بولۇپ،پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماي،قەشقەرنى،ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيتىنى تەشۋىق قىلىشتىكى ياخشى قوللانما ھېساپلىنىدۇ. مەنبە:«قەشقەر گېزىتى»
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا BadBoy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-21 17:37
|