تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 2169|ئىنكاس: 46

بۇ مەسىلىلەرگە قانداق قارايسىلەر؟! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
مېھرى
تىللا
360
تۆھپە
42
UID
859
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 14:27:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
             ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى ! تەڭرىتاغ مۇنبىرىنىڭ ئىمتىيازى ھەمدە مۇنبەرداشلارنىڭ ئەستايىدىللىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، كۆڭلۈمدىكى مۇنداق بىر مەسىلىنى مۇنبەردە ئوتتۇرىغا قويغۇم كېلىپ قالدى . مۇنبەرداشلار سوغۇققان ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ ،ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن .
           دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە كەلگۈسىگە قانداق كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقى ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى توغرىسىدىكى ئىسىتىراتېگىيەلىك  ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى  ھەمدە بۇنىڭدىن خەلقىمىز، مىللىتىمىز، ئەۋلاتلىرىمىز... غا يەتكەن نەپ ئۈستىدە كۆپ توختالمىساممۇ كۆپچىلىك بۇلارنى مەندىن ئوبدان بىلىدۇ . مۇشۇ سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە ، ئەڭ ياخشى ئوقۇغان بالىلىرىمىز  بالدۇر بولغاندا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى، كېيىنرەك بولسا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپلا ئائىلىدىن ئايرىلىپ ،  شىنجاڭ ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە  ياكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتىدۇ .  مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بۇ توغرىدىكى ئالاقىدار بەلگۈلىمىلىرىدىن تەپسىلىي خەۋىرىم بولمىغىنى ئۈچۈن ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنى دائىملىق باشقۇرۇش( كۈندىلىك مەشغۇلىيىتى ،ھەر خىل باشقۇرۇش تۈزۈملىرى ۋە چەكلىمىلەر) توغرىسىدا  تۈرلۈك  ئىنكاسلارنى ئاڭلىغىنىمدا ، مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە تەپسىلىي بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولغۇم كېلىدۇ . بولۇپمۇ شىنجاڭ  ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ  قىشلىق تەتىلى مەسلىسىدە كۆپ بولمىغان پىكىرلەر مەۋجۇت ئىكەن. چۈنكى بۇ بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى 12-13 ياشتا تۇنجى قېتىم ئۆيدىن ئايرىلغان بولغاچقا ، بالىلارنىڭ ھەمدە ئاتا-ئانىلارنىڭ  پىسخىكىسى قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللار تۈپەيلىدىن، تەكشى بولمىغان ھەر خىل ئەھۋاللار يۈز بېرىدىكەن.
          ھەر قانداق مەسلىنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ ، شۇڭا يۇقىرىنىڭ  ياكى شۇ مەكتەپلەرنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى بىلىدىغان ياكى  مۇشۇنىڭغا ئائىت ھەر خىل ئەھۋاللارنى كۆرگەن، ئاڭلىغان تورداشلىرىمىزنى  تۆۋەندىكى مەسىلىلەرگە پىكىر قاتناشتۇرۇپ بېقىشقا  سەمىمىي  تەكلىپ قىلىمەن :
           1. بۇ بالىلارنى يوقلاپ بارغۇچىلار بىلەن كۆرۈشتۈرۈش مەسىلىسى
           2. بالىلارنى مەكتەپ سىرتىغا چىقىرىش مەسىلىسى
           3. بۇ بالىلارنىڭ يانفون ئىشلىتىش مەسىلىسى
          4.  قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىش مەسىلىسى
          5.  بۇ بالىلارنى پىسخىك جەھەتتىن يېتەكلەش مەسىلىسى  
         ھازىرچە ئويلىغانلىرىمنى شۇنچىلىك يېزىپ تۇراي ، كەڭ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش جەريانىدا ، داۋاملىق پىكىرلەشكۈم بار . بۇلار پەقەت ئۆزەمنىڭ خۇسۇسىي پىكرىملا خالاس.
        ئەھۋالنى تولۇق چۈشەنمەيدىغانلار ، قورساق كۆپىگى باردەك  تەنە گەپ قىلىدىغانلار ياكى ئورۇنسىز كۈلكە چاخچاق ئارىلاشتۇرىدىغان ئاز ساندىكى دوستلىرىمىزنىڭ ئېغىر بېسىق بولۇپ ،ئەستايىدىل  پىكىر قاتناشتۇرىشىنى سورايمەن .

Rank: 4

تىللا
220
تۆھپە
99
UID
2744
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 16:37:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  قىسقىسى ياش قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئائىلىدىن ئايرىلىپ تۇرۇپ ياشاشنىڭ ئۆزى بىر خاتالىق.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
465
تۆھپە
257
UID
1140

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 16:59:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەخسەن ئۆزەممۇ بالامنى شىنجاڭ تولۇقسىز مەكتەپنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇتۇش ئويۇم يوق. بولۇپمۇ قىزلارنىڭ 12 - 13 ياش ۋاقىتلىرى پەقەت ئاپىسىنىڭ يېنىدا تۇرغاندىلا ئاندىن كۆپ تەرەپلەپ ياخشى تەربىيىلىنەمدىكىن دەپ ئويلايمەن!
بىزنىڭ يۇرتتا  ئۆتكەن يىلى يازدا ئىچكىرى ئۆلكىدىكى شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇيدىغان بىر قىز ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاننى بېرىپ بولۇپ، ئۆيىدىكىلەر بىلەن ئالىي مەكتەپلەرنى تاللاش جەھەتتە كىچىككىنە ئىختىلاپ بولۇپ قېلىپ، ئىدىيىسىدىن ئۆتكۈزەلمەي، سۇ ئامبىرىغا چىقىپ ئۆزىنى ئېتىۋېلىپ ياشلىق باھارىنى نابۇت قىلىپلا قالماي بەلكى ئاتا - ئانىسىنى مەڭگۈلۈك ئازاپتا قويۇپتۇ. (ئاتا - ئانىسى ھازىرقى خىزمەت تېپىش ئوڭايراق كەسىپنى تاللاپتۇ، قىزى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنى تاللاپتۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ كىچىككىنە تالىشىشقىمۇ بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىك مېنىڭچە كىچىكىدىن ئۆيدىن ئايرىلىپ، ئائىلە مېھرىگە تولۇق قانماي، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئورتاقلىق كەمچىل بولۇش قاتارلىق سەۋەپلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئويلايمەن).

يەنە بىر ئىش بىزنىڭ بۇ يەردە ئاتا - ئانىلار ھازىر تۈنجى قارار شىنجاڭ سىنىپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ توي قىلىش يېشىغا يەتكەن بالىلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن تويىنى قىلغىلى تۇردى. بولۇپمۇ ئاتا - ئانىلار قىزنى تاللىغىچە ئالدى بىلەن قىزى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇپتىمۇ؟ دەپ سورايدىكەن.(بۇنداق سورىغۇچىلارنىڭ ئويىچە بۇنداق دىگىنى قىز  ئاپىسىدىن كىچىك ئايرىلىپ باشقا يۇرتتا باشباشتاق، ئەركە، ئۆزىنىڭ دىېگىنى دېگەن، ئەتكىنى ئەتكەن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىدىكەنمىش )  بۇنداق دېيىشىغۇ مېنىڭچە بەك ئاشۇرۇۋەتكەنلىك! نەدىلا بولسۇن ئاتا - ئانا بولغۇچىلار ھەر تەرەپلىمە جەھەتتىن بالىغا تەربىيىنى ياخشى قىلغاندىلا ھەر قايسى تەرەپتىن مۇكەممەل يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.

Rank: 4

ئىسىمى
بارچۇق
تىللا
426
تۆھپە
196
UID
593

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 17:49:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە « قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق » دىگەن گەپ بار، مۇشۇنداق چاك باسماس گەپنى كىم كۆپ قىلىدۇ ؟ ئاشۇ بالىلىرى شۇنداق سىنىپقا ئۆتەلمىگەن ياكى ئۆتۈشكە كۆزى يەتمەيدىغانلار.
دۆلەت ئازسانلىق مىللەتلەر تەرەققىياتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بىر مۇنچە مەبلەغ چىقىرىپ  پەرزەنىتلەرنى تەربىلەۋاتسا ( ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا ئون مىڭ يۇەن ئەتراپىدا چىقىم قىلىدۇ ) بىز قوپۇپ ئۇنداقكەن مۇنداقكەن دىسەك ھە. بەلكىم بەزىلەر « شۇنچە پۇلنى ئىسراپ قىلغۇچە شىنجاڭدا قۇرسا بولماسمۇ » دىيىشى مۇمكىن. شۇنچە پۇل بىلەن شۇنداق ئېسىل مەكتەپلەرنى قۇرغان بىلەن شۇ مەكتەپلەرگە لايىق ئوقۇتقۇچىلار بىزدە بارمۇ ؟
ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
مېھرى
تىللا
360
تۆھپە
42
UID
859
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 17:56:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tashqin يوللىغان ۋاقتى  2012-1-20 17:49
بىزدە « قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق » دىگەن گەپ بار، مۇش ...

ئاچچىقلاشنى قويۇپ ، يۇقارقى مەسىلىلەر ۋە يەنە باشقا رىئال مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر قىلىشمايلىمۇ ؟!

Rank: 4

ئىسىمى
بارچۇق
تىللا
426
تۆھپە
196
UID
593

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 18:31:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     1. بۇ بالىلارنى يوقلاپ بارغۇچىلار بىلەن كۆرۈشتۈرۈش مەسىلىسى
           2. بالىلارنى مەكتەپ سىرتىغا چىقىرىش مەسىلىسى
           3. بۇ بالىلارنىڭ يانفون ئىشلىتىش مەسىلىسى
          4.  قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىش مەسىلىسى
          5.  بۇ بالىلارنى پىسخىك جەھەتتىن يېتەكلەش مەسىلىسى
______________________________________________________________________1- بالىلارنى يوقلاپ بارسا كۆرۈشتۈرىدۇ، لېكىن بۇ خىل مەكتەپلەر بىرلا شەھەردە ئېچىلغان ئەمەس، شۇڭا ھەر خىل شەھەرلەرنىڭ ئوخشاش ئەمەس.
ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپلەردە  كۆرۈشتۈرگەن بىلەن سىرىتقا چىقارغۇزمايدۇ دەپ ئاڭلىغان، چۈنكى بەزىلەر بالىسىنى سىرىتقا ئاچىققاندىن كېيىن سوپۇندىن باشقا ھەممە نەرسىنى يىگۈزۈپ بالىسىنى ئاغرىتىپ قويغان ئەھۋال كۆپ يۈز بەرگەن.
2- ئادەتتە ھىچقانداق بىر مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېلفۇن ئىشلىتىشىگە يول قويمايدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئوغۇرلۇقچە ئىشلىتىدۇ دەپ ئاڭلىغانئ
3- ئۇلارنىڭ تەتىلدىكى بېرىپ كىلىش كىراسىنى ھۆكۇمەت كۆتۈرىدىغان بولغاچقا ھۆكۇمەت بۇنداق «ئوشۇقچە » پۇلنى خەجلەشنى خالىمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ قىشلىق تەتىلى قىسقا، مۇشۇ چاغاننىڭ ئالدى كەينىدىكى ۋاقىت بىلەنلا چەكلىنىدۇ.
4-پىسخىكا جەھەتتىن تەربىلەش مەسىلىسى. بۇ قول تۇتىدىغان مەسىلە، ھەر بىر مەكتەپلەردە يەرلىكتىن بىللە بارغان تۇرمۇش مۇئەللىملىرى بار، لېكىن بۇلارنى پىسخىكا جەھەتتىن  تەربىيە قىلىدۇ دىگەندىن كۆرە ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرىدۇ دىگەن تۈزۈك.
تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەزگىلى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش مەزگىلى، ئۇلاردا پىسخىكىلىق مەسىلىنىڭ كۆرۈلىشى تۇرغانلا گەپ. چۈنكى ئۇلار كىچىك تۇرۇپ ئاتا ئانىسىدىن ئايرىم ياشايدۇ، ئاتا- ئانا مۇھاببىتىگە قانمايدۇ، شۇڭا بۇنداق موھىتتا شەخسىيەتچىلىكتەك يامان ئادەتنى يىتىلدۈرۋېلىشى تۇرغان گەپ. ئاتا- ئانىسى يېنىدا بارلار ئاتا ئانىسىنىڭ باشقۇرىشىدا چوڭ بولغاچقا ئىشلاردا ئۆزەمچى بولالمايدۇ، ئاتا- ئانىسىدىن ئايرىلىپ ياشىغانلار نۇرغۇن ئىشلىرىنى ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەيدۇ، شۇڭا ئۇلاردا ئۆزەمچىلىك ئىددىيىسى شەكىللىنىدۇ، لېكىن بۇلارنى ئاتا- ئانىلار ھەر قېتىملىق تېلفوندا سۆزلىشىش ئارقىلىق تەربىيە قىپ تۇرۇش  ئارقىلىق ئازدۇر- كۆپتۇر تۈزىتىۋالغىلى بولىدۇ.
بىر دوستۇمنىڭ بالىسى كىچىكىدىن باشلاپ خەنسۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان، ئۇيغۇر بالىلار بىلەن بۇرۇن ئانچە ئارىلاشمىغان، ئىچكىردىكى مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭدىن ھەيران قالغان، ھەر قېتىم تېلفۇن قىلسا « ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ گەپ باشلايدىكەن، نەچچە رەت ئاتا ئانىسىنى « سىلەر نىمىشقا شۇنداق دىمەيسىلەر » دەپ ئوسال قىلغان.
مېنىڭچە بالىلارغا بولغان پىسخىكىلىق يىتەكلەش ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلسىلا ئىچكىردە ئوقۇتۇش ئۇنچە قورقۇنىشلىق ئەمەس. بۇنى بىر ياخشى پۇرسەت دەپ ئويلايمەن.شىنجاڭ سىنپىدا ئوقۇغانلارلا ئەمەس خەنسۇچە مەكتەپتە ئوقۇغانلارنىڭ ككپۈنچىسى جاھىل مىجەزلىك كىلىدۇ، ئۆزىنىڭ توغرا بولسا ھىچقانداق ئادەمگە يول قويمايدۇ، بۇ  بالىسى ىەنسۇچە مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلارغا چۈشۈنىشلىك ئىش.
   
ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
465
تۆھپە
257
UID
1140

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 18:36:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tashqin يوللىغان ۋاقتى  2012-1-20 17:49
بىزدە « قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق » دىگەن گەپ بار، مۇش ...

سىزنىڭ سوغۇققانراق بولۇپ ئىنكاس يېزىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. سىز قانداق بىلىسىز بۇنداق گەپنى دىگەنلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ ئۆتەلەيدىغان ياكى ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى، ياكى بولمىسا كۆزى يەتمەيدىغانلىقىنى؟ شەخسەن مەن ئوقۇتۇش ئويۇم يوق دىگەن كۆز قارىشىم سىزنىڭ مۇشۇنداق ئەمەلىيەتچىل بولماي گەپنى كېسىپ ئېيتىشىڭىزغا سەۋەپ بولغان ئوخشايدۇ. سىزگە دېسەم مىنىڭ قىزىم خەنزۇچە سىنىپنىڭ 4 - يىللىقىدا ئوقۇيدۇ، يىللىقنىڭ ئالدى دىيەلمىسەممۇ، سىنىپ بويىچە بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەي ئوقۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە دەيدىغېنىم مېنىڭ بالام گەپ - سۆزسىز ئۆتەلەيدىغانغا ئىشەنچىم كامىل!
شۇ مەكتەپلەرگە لايىق ئوقۇتقۇچىلار بىزدە بارمۇ؟ دەپسىز، سىز قانداق بىلىسىز شۇنىڭغا لايىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يوقلىقىنى؟ باشقىنى دېمەي قوياي، يېقىندىكى پەخىرلىك قىزىمىز پەخرىيەنى تىلغا ئالسام مۇنبەردىكىلەرنىڭ بىلمەيدىغىنى بولمىسا كېرەك، پەخرىيەمۇ شۇنداق ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيىلىنىش ئاساسىدا، ئاتا - ئانىسىنىڭ قېشىدا تۇرۇپ شۇنداق شان - شەرەپلەرگە مۇيەسسەر بولغان بولغىيدى، بولمىسا پەخرىيە زىيارەت داۋامىدا ئىپتىخارلىق ئىچىدە ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىسىنى، ئاتا - ئانىسىنى تىلغا ئالماس بولغىيدى!!!!

Rank: 4

ئىسىمى
بارچۇق
تىللا
426
تۆھپە
196
UID
593

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 18:44:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
marbiya يوللىغان ۋاقتى  2012-1-20 18:36
سىزنىڭ سوغۇققانراق بولۇپ ئىنكاس يېزىشىڭىزنى تەۋسىيە  ...

پەخرىيەنىڭ ماتىماتىكىدىن 150 نۇمۇرنى قانداق ئالغانلىقىنى بىلمەيدىكەنسىز- ھە. ئۇ ئەدەبىيات دەرسىنى ئۆز سىنپىدىكى بالىلار بىلەن ئوقۇغاندىن سىرىت قالغان دەرسلەرنى  شۇ مەكتەپنىڭ « قابىللار سىنپى » دىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئاڭلىغان. بۇ ئۈرۈمچى تولۇق ئوتتۇردىكىلەرگە سىر ئەمەسقۇ。
ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
465
تۆھپە
257
UID
1140

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 18:57:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tashqin يوللىغان ۋاقتى  2012-1-20 18:44
پەخرىيەنىڭ ماتىماتىكىدىن 150 نۇمۇرنى قانداق ئالغانلىق ...

لەگلەكمۇ ئۆز ئىگىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا شۇنچە يىراققا ئۇچالايدىغىنىغا ئوخشاش، «قابىللار سىنىپى» نىڭمۇ باشقۇرغۇچى سىنىپ مەسئۇلى باردۇر دەپ ئويلىدىم.  ھەممىدىن مۇھىمى بالىلىرىمىزنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقىغا باغلىق، مەيلى ئىچكىرى ئۆلكىدە ئوقۇسۇن ياكى شىنجاڭدا ئوقۇسۇن سىز دېگەندەك بالىغا ھەر دائىم تەربىيىنى بوشاشتۇرۇپ قويماي ياخشى ئادەم بولۇپ چىقىشىغا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ تەڭ يېتەكلىسەكلا ئىشىنىمەن بالىلىرىمىز ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ.

Rank: 4

تىللا
220
تۆھپە
99
UID
2744
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 19:22:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« بولىدىغان زىرائەت كۆكىدىن »  دەپتىكەن كونىلار،  كىچىكىدىن تارتىپ ياخشى ئوقۇيدىغانلار ، ئوقۇش مۇھىتى ھەددىدىن زىيادە ناچار بوپ كەتمىسىلا  ھەر قانداق شارائىت مۇھىتتا يەنىلا ئۈزۈپ چىقالايدۇ دەپ ئويلايمەن.
ئويلاپ باقايلى ،  ئىچكىرىدىكى ياكى ئاپتونۇم رايۇنىمىز ئىچىدىكى شۇ نوقتىلىق مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلار قانداق قوبۇل قىلىنىدۇ؟ ئىمتىھان بىلەن ، شۇنداقمۇ ، ئەمەلىيەتتە ھەممىسى ياخشى  ئوقۇغۇچىلار ،  كەلگۈسىدىمۇ ياخشى ئوقۇيالايدۇ. ھۆكۈمەت دەۋاتقان ياردەملەر ھەقىقىي ئوبىكتىىنى تاپالىغان بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولۇر ئىدى.ھە ؟؟؟؟

«ئىچكىرىدىكى ياكى ئۈرۈمچىدىكى نوقتىلىق  تولۇق ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولىدۇ. » بۇ ھۆكۈم تەجرىبىدىن چىققان ھۆكۈم، شۇنداقلا بەزى ئىشلارغا ئىھتىياجلىق ھۆكۈمدۇر . تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەزەلدىنلا ياخشى تىپلاردىن.
فىزىكا ،خىمىيە  ۋە ياكى باشقا پەنلەرنىڭ تەجرىبىسىنى ئشلىگەندە ، ئەۋرىشكە ئالغاندا ، مەسلەن ئۇ بىر تۆمۈر رودىسى دەيلى ، ساپلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئەۋرىشكىدىن بىرنى ئېلىپ،   تەجرىبە ئىشلەپ «بۇ تاغدىن چىققان تۆمۈر رودىسىنىڭ ساپلىق دەرىجىسى بەك يۇقىرى»  دېگەن ھۆكۈمگە ئېرىشسەك توغرا بولارمۇ؟؟؟
ئاشۇ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرى ۋە ياكى ئۈرۈمچىدىكى نوقتىلىق تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە ياخشى ۋە ناچار ئوقۇغۇچىلارنى نېسبەتلەشتۈرۈپ قوبۇل قىلسا نەتىجىسى يەنە قانداق بولار؟؟؟

    بىز  بىرەر نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلەيدىكەنمىز، لېكىن ئاشۇ بىز ئېرىشكەن نەرسىلەر ئارقىلىق شۇ بەدەللرىمىزنىڭ ئورنىنى تولۇقلىيالامدۇق يوق ؟ دېگەن مەسلىنى ئويلىشىپ بېقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
4595
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 19:35:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم مېھرى ئىسىل تىمىڭىزغا بارىكاللا‘!بۇ ھەقىقەتەن يوقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلار ياخشىراق ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەر. مىنىڭ ئوغلۇم ھازىر قارامايدا ئوقۇۋاتىدۇ،بۇ قېتىم چىققان ئىدىم،بىراق ئوغلۇمنى 3سائەتلا بەردى،ئامال يوق يېنىپ كىردىم.بولسا  يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلار بىز ئاتا-ئانىلارنىڭ ھىسسىياتىنى ئازراق چۈشەنسە بەك ياخشى بولاتتى.
مېھرى رەھمەت سىزگە!بىزگە ئوخشاش بالىلىرىنى ئوقۇشقا يولغا سالغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ھىسسىياتىنى بىزگە ئوخشاشلار چۈشۈنىشى مۇمكىن!

Rank: 2

ئىسىمى
مىرشاھ
تىللا
97
تۆھپە
41
UID
3079

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 21:04:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنىڭ ياراملىق بولۇشى ئائىلە ئىقتىسادى ياكى ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىگە باغلىق ئەمەس. پەقەت ئاتا-ئانىنىڭ توغرا تەربىيسى ۋە ئۇقۇتقۇچىنىڭ توغرا ئىلھاملاندۇرۇشى بولسىلا بۇ بالا چوقۇم ئەلگە ياراملىق ئەۋلات بولۇپ يېتىشىدۇ.

Rank: 4

تىللا
220
تۆھپە
99
UID
2744
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 21:45:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ياش قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ ئاتا ئانىلرىدىن ئايرىلىپ تۇرمۇش كۆچۈرىشى ۋە ئۆگىنىشنى قوللاپ كەتمىسەممۇ ، يەنە پىكىر قاتناشتۇرغۇم كەپ قالدى.
توردىشىمىز مىھرى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. بىز  يۈزلىنىۋاتقان رېئاللىق مۇشۇ بولغاندىن كېيىن ، مەسلىلەرنى ئورتاق ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى ئويلىشىپ كۆرسەك بولىدۇ.
2008-يىلى 4-ئايلاردا، دىيارىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلار بارغان ئىچكىرىدكى مەلۇم  نوقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە زىيارەتكە بارغان. بايقىدىمقى بۇ مەكتەپنىڭ قاتتىق ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ھەقىقەتەن ياخشىكەن. بۇلار ئۈچۈن مەخسۇس ئاتۇشتىن ئاشپەز ئۇستاملارنىمۇ تەكلىپ قىپتىكەن. ياتاق شارائىتلىرىمۇ ياخشىكەن. باشقا ئۆلكە شەھەرلەردىكى ئەھۋاللارمۇ پەرقلىنىپ كەتمەسلىكى مۈمكىن.
لېكىن  يۇمشاق مۇھىتچۇ  ؟؟  ئۆز مەدەنىيتىدىن باشقا بىر مەدەنىيەتتە تەربىيلىنىۋاتقان شۇ باللىرىمىز سىز دېگەن مەكتەپ سىرتىغا چىقىرىش ، ئۆيدىكىلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈش ، تېلېفون  تۇتۇش تۇتقازمالسقلاردىن بەكرەك  ،بىر  لاياقەتلىك پىسخىك تەربىيچىگە ئىنتايىن مۇھتاج دەپ ھېس قىلغان.  13 ياشتىن 16 ياشلارغىچە بولغان ئۆسمۈرلەرنىڭ  پىسخىكىسىدا  ھەر خىل داۋالغۇشلار يۈز بىرىدىكەن.  بىزنىڭمۇ  شۇنداق ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمىز بوپ باققان ،  بۇ نوقتىلارنى ھېس قىلالايمىز.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
534
تۆھپە
421
UID
3175

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 22:52:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزمۇ باللانىڭ تاللىشىنى ئويلىشىپ باقساق بۇلامدۇ نىمە؟

Rank: 2

تىللا
128
تۆھپە
47
UID
3236
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 23:01:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   1. بۇ بالىلارنى يوقلاپ بارغۇچىلار بىلەن كۆرۈشتۈرۈش مەسىلىسى
   2. بالىلارنى مەكتەپ سىرتىغا چىقىرىش مەسىلىسى
   3. بۇ بالىلارنىڭ يانفون ئىشلىتىش مەسىلىسى
   4.  قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىش مەسىلىسى
   5.  بۇ بالىلارنى پىسخىك جەھەتتىن يېتەكلەش مەسىلىسى
توردىشىمىز مېھرى بۇمەسىلىلەرنى مۇنبەرداشلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ بېقىش مەخسىدىدە ئوتتۇرغا قويغان بولسا، بىز ئەستايىدىل پىكىر قاتناشتۇساق بولىدۇ. ئەگەر بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ياكى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىش مەخسىدىدە مۇنبەرگە يوللىغان بولسا، ئۇ چاغدا بىزتورداشلارنىڭ چارە-تەدبىرلىرى بۇ مەسىلىنى يەنىلا ھەل قىلالماسمىكىن. چۈنكى مەكتەپلەرنىڭ يوقارقى مەسىلىلەرگەئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى ئۆزگەرتىش بىز تورداشلارنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
4540
تۆھپە
2306
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 23:14:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
BadBoy يوللىغان ۋاقتى  2012-1-20 16:37
قىسقىسى ياش قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئائىلىدىن ئايرىلىپ  ...


مەن 8 يېشىمدا ئائىلىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرگەن، شۇ 8 يېشىمدا ئائىلىدىن چىقىپ ياتاقلىق مەكتەبتە ئوقۇپ، ئالىي مەكتەبنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىقىپلا ئۆزۈم ئائىلە قۇردۇم، بۇ ئارىدا ئاتا-ئانىنىڭ بېقىش مۇھىتىغا قايتىپ باقمىدىم، بۇنىڭغا نېمە دەيسىزكىن؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-20 23:16  

باش سۈرىتىم بىلەن ئىمزا سۈرىتىمدە ھەممە ئېنىق ئايان، ئىشىكىمنىڭ تۈۋىدە يالغۇز خىيال سۈرىمەن، خىياللىرىم دۇنيانى كېزىدۇ، ھاۋا شۇ قەدەر سوغۇق !...

Rank: 4

ئىسىمى
ئەلئامان
تىللا
679
تۆھپە
101
UID
46
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 00:12:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman يوللىغان ۋاقتى  2012-1-20 23:14
مەن 8 يېشىمدا ئائىلىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈ ...

ماۋۇ ئىنكاس مېنىڭ دېققىتىمنى تارتىۋاتىدۇ. مەن ئەقلىمنى بىلگەندىن باشلاپ ئاتا - ئانامنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ باقمىدىم. شۇ سەۋەپ ساۋاتسىز بولۇپ قالدىم. بۇنىڭغا ھېچكىم بىرنىمە دىمەيدىغۇ دەيمەن

Rank: 4

تىللا
220
تۆھپە
99
UID
2744
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 01:02:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman يوللىغان ۋاقتى  2012-1-20 23:14
مەن 8 يېشىمدا ئائىلىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈ ...

    سىز بىزلەر ، بۇلۇپمۇ سىز ئوقۇۋاتقان دەۋر بىلەن ھازىرقى دەۋر  بىر بىرىگە ئوخشاشمايدۇ، مەدەنىيەتكە بولغان خرىس ھازىر بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۈچلۈك،  شۇڭلاشقا ھازىر ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلار  ئائىلە تەربىيسىگە تېخىمۇ مۇھتاج.   مەن بۇ يەردە   بالىلار ئاتا ئانىسىدىن ئايرىلىپ ياشىسا ئۆگىنىشى ياخشى بولمايدۇ  دېمىدىم. پەقەت  ياش قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئاتا ئاناسى ، ئۇرۇق تۇغقانلىرى  بىلەن بىرلىكتە ياشىسا ، ئۆگەنسە ، بىلىم ئىگەللەش ، ئەخلاق تەربىسى، ئەنئەنە، مىللىي ئاڭ،  مىللىي مەدەنىيەت  تارىخ،  ئېتىقاد جەھەتلەردە ئەتراپلىق تەربىيگە ئىگە بولۇپ  نۆۋەتتە ئۇچراۋاتقان  مەدەنىيەت خرسىغا توغرا تاقابىل تۇرالامدىكىن  دەيمەن.
ب د ت  نىڭمۇ   ياش قۇرامىغا يەتمىگەنلەر توغرىلىق  بۇنداق قانۇننى ماقۇللىغانلىقىدا كۆپلىگەن ئاساسلار بار.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
409
تۆھپە
272
UID
270
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 02:36:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tashqin يوللىغان ۋاقتى  2012-1-20 17:49
بىزدە « قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق » دىگەن گەپ بار، مۇش ...

بۇ ئىنكاس تەھرىرلەندى .

باشقۇرغۇچىلار ئۆچۈرۈپ بېرىڭلار .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-22 15:30  

مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەنلىك ئۇ  شۇئىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىدىن ئەمەس .

Rank: 4

ئىسىمى
بارچۇق
تىللا
426
تۆھپە
196
UID
593

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 11:43:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghur يوللىغان ۋاقتى  2012-1-21 02:36
سىز سەل ھاياجانلىنىپ قالدىڭىزمۇ قانداق ؟  

ئەگەر شۇند ...


ھاياجانلانغىنى مەن ئەمەس بەلكى سىز، پىكىر قىلغاندا ئەمەلىراق بولارسىز.  سىزگە دىسەم ناھىگە قارىغاندا ۋىلايەتتىكى مەكتەپلەر كۈچلۈكرەك، ۋىلايەتكە قارىغاندا ئۆلكىدىكى مەكتەپلەر كۈچلۈكرەك. بۇنى ئىتىراپ قىلمامسىز  ؟
سىز  «ئوقۇتقۇچىنىڭ تەمىناتى ياخشى بولسا، جەمىيەت ياخشى كۆزدە قارىسا  بىزمۇ تەربىلىيەلەيمىز» دەپسىز.  ئۈرۈمچىنى مىسالغا ئالساق ئوقۇتقۇچىغا ھىچكىم ئالىيىپ قارىيالمايدۇ، ئۇلارنىڭ تەمىناتىمۇ شۇنچە ياخشى، مۇئاشتىن سىرىت نۇرغۇن پۇللىرى بار( بىزنىڭ بىر خىزمەتداش ئوتتۇرا مەكتەپكە ئالماشقان، ئۇ مەكتەپ ئىقتىسادى جەھەتتىن ئادەتتىكى بىر مەكتەپ، ئايلىق مۇئاشتىن سىرىت ئالىدىغان پۇلى 3-4 مىڭ ئەتراپىدا ) ، مەكتىپىنىڭ قاتتىق دىتالىغا گەپ كەتمەيدۇ، ھەجەپ مۇشۇنداق مەكتەپلەر تەربىلىيەلمەيدىكەن، سىزلەر تەربىلىيەلەمسىلە ؟
ھەر يىلقى ئالى مەكتەپ سۇئالى تىل ئەدەبىياتنى ھىساپقا ئالمىغاندا باشقا سۇئاللار مەملىكەت بويىچە ئوخشاش،بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە نۇمۇرى قانچە ؟ ئۇلارنىڭ قانچە ؟
بىزنىڭ مەكتەپ ھەر يىلى مەملىكەت ئىچىدىكى 22 ئۆلكىدىن ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ، باشقىسىنى سېلىشتۇرمايلى، گەنسۇ ئۆلكىسىدىن كىلىدىغان بالىلارنىڭ نۇمۇرىنى شىنجاڭدىكى خەنسۇلارنىڭ نۇمۇرى بىلەن سېلىشتۇرساق ئۇلارنىڭ  ئارىسىدا ئوتتۇرىچە 100 نۇمۇرى ئۈستۈن تۇرىدۇ، مەخسۇس كۇرسلارنىڭ شىنجاڭدىكى خەنسۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن قۇبۇل قىلىش چىكى 296، مىللىلارنىڭ 271 ( بۇ يەردە تېخى بىزگە  ھاقارەت بولغان ماتىماتىكىدا  25 تىن يۇقۇرى بولغان  نۇمۇر چېكى بار، مۇتلەق كۆپ ئوقۇغۇچىلىرىمىز ماتىماتىكىدا ساۋاتسىز دىگۈدەكلە،150 دىن 25 نى ئالالمىغانلارمۇ خېلى بار )، ئەڭ نامرات بولغان گەنسۇنىڭ 384، بۇلتۇر قۇبۇل قىلىنغانلار ئىچىدە 450 ئوشۇق نۇمۇر بىلەن قۇبۇل قىلىنغانلار زور كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدۇ.( ناۋادا بىزنىڭ بالىلار 450 نۇمۇر  ئاسا شىنجاڭدىكى تولۇق كۇرسلارنىمۇ ياراتمايدۇ، خىزمەتدىشىمىزنىڭ خەنزۇۋان ئوغلى 480 نۇمۇر بىلەن چاڭچۈن پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستىتىغا ئوقۇشقا ماڭدى)
  شۇڭا كۆزنى يۇمۇپ ، ھاياجان بىلەن سۆزلەۋەرمەيلى. سىلەر  ھەر يىلى بىزگە ئېۋەرتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرىۋاتقىنىمغا 10 نەچچە يىل بولدى، ماتىماتىكىغۇ نېرىدە تۇرۇپ تۇرسۇن، تىل- ئەدەبىيات ئۈستىدە سۆزلەيدىغان بولساق  ئارانلا 32 ھەرپىمىز بولۇشىغا قارىماي 12 يىل ئوقۇپمۇ خەت پۇچۇركىسى سەت، ئىملاسى خاتا، يېزىق قابىليىتى تۆۋەن شۇنچە كۆپ بالىلارنى تەربىلەۋاتىمىز، مەن شۇنىڭغا ئاساسەن پىكىر قىلىۋاتىمەن، بەلكىم سىزمۇ يىتىشكەن ئوقۇتقۇچىدۇرسىز، ئۇيغۇردا بۇنداق ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىكىگە ئىشىنىمەن، چۈنكى مەنمۇ ئوقۇتقۇچى، لېكىن ئاۋۇ گېپىڭىز قاملاشمىدى. بىر ئىككى مەكتەپلىك ھەتتا ئون مەكتەپلىك ياراملىق ئوقۇتقۇچىلارنىغۇ تاپارمىز لېكىن قالغىنىغىچۇ؟  چۇنكى ھازىر 40 قا  يېقىن شەھەردە 80 گە يېقىن ئوتتۇرا مەكتەپ شىنجاڭ سىنىپى ئاچتى.
ئۈرۈمچىنى مىسالغا ئالساق 66- ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى  تەربىلەيدىغان مەخسۇس مەكتەپ، مۇشۇ مەكتەپنى شەھەرلىك 13- ، 16-ئوتتۇرا مەكتەپلەر ، بىڭتۇەن 2- ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە ھەرگىزمۇ سېلىشتۇرالمايسىز، چۈنكى شەھەرنىڭ نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرىلىرى ( 1-،8-،  بىڭتۇەن 2-، ئاۋغۇست ئوتتۇرا، 6- ئوتتۇرا ،17 -ئوتتۇرا، 23-ئوتتۇرا قاتارلىق نۇقتىلىق مەكتەپلەر )گە يۇقۇر نۇمۇرلۇق ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىلەپ بىرىدىغان مەكتەپلەر بۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tashqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-21 11:54  

ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-2-4 11:41, Processed in 0.088952 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش