تاكسى شوپۇرلىرى خېرىدارنى توشۇشنى رەت قىلسا 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ
قاتناش - ترانسىپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، << تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ كەسپكارلىق سالاھىيىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى >> بۇ يىل 1 - ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن . بەلگىلىمە بويىچە، تاكسى شوپۇرلىرىدا بەلگىلىمە بويىچە كەسپكارلىق سالاھىيەت كىنىشكىسىنى بىللە ئېلىپ يۈرمەسلىك، توشۇشنى رەت قىلىش، باھا قويۇش ، يېرىم يولدا چۈشۈرىۋېتىش ياكى قەستەنگە ئايلاندۇرۇپ مېڭىش قاتارلىق قىلمىشلار كۆرۈلسە، 50 يۈەندىن 200 يۈەنگىچە جەرىمانە قويىدىكەن .