ئىشق ھەۋەسلىرىدىن ۋاز كېچىڭلار ياشلار!
تېمىمىز مەركىزى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات كەلتۈرگەن تۈرلۈك-تۈمەن ھادىسىلەر سەۋەبلىك ئائىلىلەرنىڭ بۇزۇلۇشىنى چۆرىدەپ ھەم بۇنىڭدىن ئىبرەتلەر ئېلىشنى مۇددىئا قىلىپ يۈرۈشسە مەقسەتكە يەتكەن بولىمىز. ئاشۇ تۈرلۈك-تۈمەن سەۋەبلەر تۈپەيلى ياش ئەر-خوتۇنلارنىڭ قىل سىغمىغىدەك، شامال-تامچىلار ئۆتۈشمىگىدەك ئارىلىرىغا چاك كېتىۋاتقىنى ھېچكىمگە سىر ئەمەس. ئا ھ ج ( ئامېرىكا ھوقۇقشىناسلار جەمئىيىتى) نىڭ دوكلاتىدا، يەر شارىدا ئاشۇ سەۋەبلىك ئاجرىشىشلار كۆپەيمەكتە ئىكەن. يەر شارى خاراكتېرلىك بۇ ئىللەت يۇرتىمىزدا، ئادەملىرىمىز ئارىسىدا كۆپ يىللاردىن بېرى يامراپ باردى. دوختۇرخانىلارغا بارغانلىرىمىزدا ھەممىلا ئادەم بىمار كۆرۈنگىنىگە ئوخشاش، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىغا، سوت مەھكىمىلىرىگە بارغۇدەك بولساق، شۇنداق ياشلارنى كۆپ ئۇچرىتىپ، ھەممىلا ئادەم ئاجرىشىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىمىز. كىچىك ئوغلۇمنىڭ سىنىپىدا بىر بالا بار، ئاتا-ئانىسى مەندىن ياش، بۇ بالىنىڭ ئانىسى مۇئەللىمە، ئاتىسى خېلىلا باي تىجارەتچى ئىكەن. ئانا شەھەرنىڭ بىر چېتىدىكى مەھەللىدە ئولتۇرسا، ئاتا يەنە بىر مەھەللىدە ئېگىز بىنادا ئولتۇرىدىكەن، 14 ياشقا تولمىغان ئوغۇل ئۆزى يالغۇز 100 كۋادراتمېتىردىن ئاشىدىغان ئۆيدە (باشقا بىر مەھەللىدە) تۇرىدىكەن. ئاتا بۇ بالىغا ھەر ئايدا خېلى نۇرغۇن پۇل بېرىدىكەن، ئۈچ ۋاق غىزاسى سىرتتا، ئۆزى مەكتەبكە بېرىپ-كېلىدىكەن. ئىچىدىكى دەردلىرىنى ئوغلۇمغا سۆزلەپ بېرىدىكەن. ئۆي غىزاسى بېرىش ئۈچۈن باشلاپ كەل، دەپ ئوغلۇمغا ئېيتسام، ئۇ بالىنىڭ غۇرۇرى كۆتەرمەي كەلگىلى ئۇنىماپتۇ. يامغۇرلۇق بىر كۈنى بۇ بالىنىڭ ئانىسى ئوغلى بىلەن مېنىڭ ئوغلۇمنى ئېسىل (كامرىي) ماشىنىسىدا ئەكىلىپ قويۇپ قايتىپ كېتىپتۇ. ئوغلۇمغا ئۆز ئوغلى بىلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ ئۆتۈشنى تاپىلاپ يىغلاپ بېرىپتۇ. بالىنىڭ ئاتىسى يېقىندا ئۆيلىنىۋاپتۇ ... مەن بىر ئەمەلىي مىسالنى كەلتۈردۈم! باشقۇرغۇچىلار تەستىقلاپ قويسا، مۇنبەرداشلار ئەقلىي پىكىرلىرىنى بەرسە ...