ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يېزىقى ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ھازىرقى قوللىنىۋاتقان يېزىق. ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى پەقەت قوشۇمچە يېزىق، بۇنى ئىشلىتىش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ، پەقەت ئىنتايىن قولايسىز ئەھۋاللاردىلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
......«ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى »دا ساۋات چىقرىشقا بىر ئىككى ئايلا ۋاقىت كىتىدۇ،ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا ساۋات چىقرىشقا بىر يىل ۋاقىت كىتىدۇ ئاتالمىش پۇ پىكىرگە قوشۇلمايمەن. كىم شۇنداق دەيدۇ سىزگە...
مېنىڭ مۇشۇ يېزىق ھەققىدە كۆپ پىكىرلەشكۈم كەلمەيدۇ. كىشىنى ھاردۇرۇپ قويىدۇ، كاللىنى بەك چارچىتىدۇ..... بىزنىڭ يېزىقىمىز مەلۇم كىشىلەرنىڭ(قىسمەن ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىمىزنىڭ) سەلبىي تەسىرى بىلەن ھېلىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى ھاڭۋاقتى قىلىپ قويدى.
