تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 601|ئىنكاس: 17

يارى يوق بىچارىمۇ؟يارى كۆپ بىچارىمۇ؟،،بوران114 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
62
تۆھپە
33
UID
592

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 13:22:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يارى يوق بىچارىمۇ؟يارى كۆپ بىچارىمۇ؟


بوران114



    مۇزىكا ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ ، بىر-بىرىگە زىت بولغان بۇ ئىككى ناخشىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمچە خىيالغا پاتتىم،ھەمدە ھېس قىلغىنىمنى بىر دەپ باقاي دىگەن نىيەتتە بۇ قاملاشمىغان گەپلەرنى باشلىدىم، بۇ ئىككى ناخشىنى مۇنداق زامانغا باغلىدىم، بىرى ئۆتكەن زامان،يەنە بىرى ھازىرقى زامان،يارى يوق بىچارە دەل ئۆتكەن زامانغا مەنسۇپ بولۇپ ئۇ چاغلاردا يېزا تۇرمۇشىدىن باشلايلى،ئىش-ئەمگەك ئوپچە قىلىناتتىكەن،مۇھەببەتلىشش،يار تۇتۇش ،ئاشىنا ئويناش دىگەنلەر بەك ئەدەپ كەتمىسمۇ ئەمما شۇ چاغدا مۇھەببەتلەشكەنلەر،يار بولۇشقانلار ھازىرقىدەك ئەخلاق ھايا چېگىرسىدن ھالقىماي،بىر -بىرىگە بولغان كۆڭلىنى،ئىشقى-مۇھەببىتىنى ناخشا،بىيىت،قولياغلىق،تۇخۇم،دوپپا،ياغلىق،ئۆرۈك مېغىزى،بىر دانە بۇغداي نېنىدا ،بىر-بىرىگە مۇڭلۇق بېقىشىپ،ئىش-ئەمگەكتە جۈر بولۇپ، كەچلىرى ئۆستەڭ بويىدا كىتابىي تىل بولمىسىمۇ ئۆزىنىڭ ساپ يەرلىك زاغرا تىلىدا تېنىچ-ئامانلىق سورىشىپ،سالام-خەتلەرنى يېزىشىپ،بىر-بىرىنىڭ چىلىكىگە كۆلدىن سۇ ئۇسۇشۇپ بېرىپ،يىغلىسا يىغلىشىپ،كۈلسە تەڭ كۈلۈپ ھەقىقىي ئاددى-ساددا ئەمما بەخىت ئىچدە مۇرادىغا يېتىپ باشقىلارنى تاڭ قالدۇرۇپ ئۆتكەن بولغاچقا شۇ زامانلاردا يارى يوقلار شۇلارغا ھەۋەس قىلىپ بىچارە بولۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن .
    يارى كۆپلەرنىڭ بىچارە بولۇپ قېلىشى ھازىرقى زامانغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ تەرەققىيات ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىۋاتقان بۇ زاماندا قىز-ئوغۇللىرىمىز ئىمان-شەرمى ھايادىن ھالقىپ پۇلدىن ئىبارەت بۇ قەغەزنىڭ ئېزىقتۇرىشى بىلەن،ھەم كۆڭۈل ئىچىش سورۇنلىرنىڭ تۈرلىرنىڭ كۆپىيىشى ،قانائەت،شۈكىرانىلقنىڭ ئۇنتۇلۇپ قېلىشى،ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيسىنىڭ يىتەرلىك بولماسلقى،ياتاقلىق مەكتەپلەردىكى تۈزۈمنى كۆزگە ئىلماسلىق،مۇھەببەت ئوقۇمىنى پەقەت ئۆزىنىڭ شەھۋانى نەپسىنى قاندۇرۇش،بىر-بىرىدىن زېرىكىش، تۇرمۇشنىڭ ياخشىلىنىشى،ماۋۇ مەدەنىيەت دېگەن نەرسىنىڭ كىشلەر قەلبىگە تىز ئورنىشى،قىزلارنىڭ ئالى مەكتەپتە ئەلا ئوقۇشى،غەرپ كىنولىرىنىڭ كۆپلەپ كىرىشى،پۇل دىگەن نەرسىنىڭ ھەممىگە قادىر دىگەن ئۇقۇمنىڭ كىشلەر ئىددىيىدىن ئورۇن ئىلىشى،تىلىمىزنىڭ ئەبجەش بوپ قلىشى،شەھەرلكلەرنىڭ زامانىۋىلىششى،يېزىلىقلارنىڭ ئامېرىكىلىقلارغا ئۆزگىرىشى،كەڭ كۆلەملىك ئېچىۋېتىش،پاھىشخانا-ياتاقلارنىڭ ئوچۇق-ئاشكارە بولىشى،ئىمان سۇسلىشىپ غورۇر دېگەن ئۇقۇمنىڭ تىلىمىزىدىن مەنىسى يوقىلىشى،چىرىش خاراكتېرلىك پارازىت قۇرۇتلارنىڭ يامرىشى،مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى،باج تاپشۇرسىلا ھەممىگە يول قويۇلىشى،مۇھەببەتنىڭ ياتاقتا ياكى ئىشتاننى سالدۇرۇپ ئىزھار قىلىنىشى،جىنسى ھەۋەسنى قوزغىتىدىغان دورىلارنىڭ بازاردا كېڭىيشى،مۇئەللىملەرنىڭ دەرسخانىدىكى تەربىيەسىنىڭ يۈزەكى بولىشى،قىزلىق پەردىسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپىراتسىيسى،يەنە... دېسەم جىق ..شۇ سەۋەپلەر بىلەن ساپ-تەبىئىلك يوقۇلۇپ ئوغۇللار پۇل تاپسىلا قىزلارنى يەڭگۈشلەپ ،دىبا،تانسىخانىلارغا ئەكىرىپ،ئەتسى پۇلى تۈگەپ ئامالسىزلقتىن ئوينماي دىسە قىزلارنىڭ(ياق كۈندە بىر تۇتقان يارىنىڭ)ئالدىدا ئىزاغا قىلشتىن قورقۇپ،ئامالسىزلقتىن شۇ يارلىرىنى ئوينىتش ئۈچۈن ئاۋال ئاتا-ئانىسنىڭكىنى ئاندىن ئۆيدىكىنى،ئاچا-ئاكا-سىڭىل- ئىنىلىرىنىڭكىنى خەجلەپ روھىي جەھەتتىن زەئىپلىشىپ ئاخىرىدا ھۆكۈمەتنىڭكىنى ياكى باشقا بىرىنىڭكىنى خەجلەپ قويۇپ تۇيۇق يولدىن ئۆزىنى تارتالماي جىنايەت يولىغا مىڭپ بىر ئۆمۈر بىچارە بوپ قالغان بولىشمۇ مۇمكىن..
    بۇرۇنقىلار ھەقىقىي مەردانىلىق بىلەن چىن ئەقىدىسى بىلەن يارى ئۈچۈن ھەممىدىن كېچىپ ھېچ بولمىسا بىر-بىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ،قەسەميادلار قىلىشپ ھەممىنى تەڭ كۆرۈشكە پۈتۈشۈپ يا-ئۆلۈم،يا-كۆرۈم دەپ يۇرت-ماكاننى تاشلاپ قېچىپ بىرىپ بىر غىرىبانە كۆلبىدە بەخىتلىك ھالدا بوۋاقنى دۇنياغ ئاپىرىدە قىلىپ كېيىن يۇرت-مەھەللىگە ،ئاتا-ئانىسىغا تاپقان-تەرگىننى ئەكىلىپ ئۆز خاتالىقىنى تونۇپ يەنە شۇلارنىڭ غەمخورلىقىغا ئېرىشىپ بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەنلكىنى كۆرگەن باشقىلار شۇنداق يۈرەكلىك بىلەن يار تۇتۇپ ۋەسلىگەيەتكەنلەرگە قاراپ ئۆزىنىڭ يارسىز قالغانلىقىدىن بىچارە بولۇپ قالغان بولىشمۇ مۇمكىن،
    ھازىرقىلار قىچىپ باقسىمۇ كۆنۈپ كەتكەن باياشاتلىق،كۈندە قىلىۋاتقان كۆڭۈل ئېچىشلىرنىڭ كىشى يۇرتىدا پۇلى يوق،ھالال ئىشلەپ باقمىغاچقا نەچچە كۈن ئۆتە-ئۆتمەيلا بىر-بىرىدىن بىزار بولۇپ ئۇرۇشۇپ ،ئىككىسى ئىككى تەرەپكە قاراپ يول ئېلىپ،قىزچاقمۇ ئاللا بۇرۇن ئىپپتىنىڭ بۇزۇلغانلقىنى بىلگەچكە پۇلىسى بار بىرىنىڭ پىشىنى تۇتۇپ،ئوغۇلمۇ باشتا ئۆزى كۆندۈرۈپ قويغان قىزنىڭ ھاجىتىدىن چىقالماي يەنە پۇلىسى بار يىشى چوڭراق بولسىمۇ كېرەك يوق دەپ ياردىن بىرنى تۇتۇپ بۇرۇن بىرىشكەن قەسەم-ۋەدىلەرنى ئۇنتۇپ ،يېڭىسىغا يېڭىدىن يەنە قەسەم ۋەدىلەرنى برىپ ئاخىرىدا شۇ ئايالنىڭ سىسق گەپ ھەم ئورۇنلاشتۇرىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي ئىتتەك ياشاپ بىچارە ھالغا چۈشۈپ قېلىشمۇ مۇمكىن....
    بۇرۇنقىلار ھىچ بولمىسا بىر پىچاقنى گۇۋاھچى قىلىپ نىكاھ ئوقۇپ ھالال جۈپلەردىن بولغان بولسا ھازىرقىلار شۇ توي كۈنى نىكاھ قىلغاندا ئىمام سورىغان  ئاددىيغىنە غۇسلىنىڭ نىيىتى،تاھارەتنىڭ پەرزى دېگەنلىرىگمۇ جاۋاپ بىرەلمەي،ئاتا-ئانىسنى ھەم ئۆزىنى خىجىل قىلىپ باشقىلارنىڭ سالا قىلىشى بىلەن ئىمامنى ئىچىدە مىڭنى تىللاپ ئەپلەپ-سەپلەپ بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتىۋالسىلا توي قىلغان مۇھەببىتى ئۇنىڭغا بەرىبىر چۈنكى ئۇلار ئاللىبۇرۇن بىر-بىرىگە ئۆزىنى بېغشلاپ بولغان،شۇڭا توي كېچىسمۇ ئالاھىدە بىلىنمەيدۇ،تېخى شۇ كۈنىلا كېلىننى تاشلاپ نەلەردىدۇ يەنە يىڭى يارى بىلەن ياتاققا كىرىۋىلىپ ئىچىدىغاننى ئەكىرىپ ئۆزىنىڭ ھەركىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئەتىسى ئەتىگەندە ئۆيگە بارسا بولىدۇ،ئىش تامام،كېلىنچەكمۇ 3كۈن سەۋرى قىلىپ بۇرۇنقى ھەم كېيىنكى يېڭى يارىنى ئىزلەيدۇ-دە يولدىشىدىن ئۆچىنى ياتاقتا ئالىدۇ،3ئايدىن كېيىن بالىسىنى چۈشۈرىدۇ،4-ئايدا ئاجرىشدۇ،ھەر ئىككلىسى يەنە يېڭى يار ئىزلەيدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە بىچارە!!!!!!
    نېمىلا بولمىسۇن،مەيلى يارى كۆپلەر بولسۇن،يارى يوقلار بولسۇن ھەر ئىككلىسى ئىككى خىل زاماندا بىچارە، ھازىرمۇ 3-4 بالىنى يىتىم قىلىپ ئاجراشقانلار، نەۋرىسى تۇرۇپمۇ بۇزۇلغانلار، خىيانەت قىلىپ نابۇت بولغانلار، توي كىچىسى قىز چىقماي ئەتىگىنى ئاتا-ئانىسنىڭ ئۆيىگە ياندۇرىلىۋاتقانلار،مەكتەپتىن قوغلىنىۋاتقانلار،ئاتا-ئانىسنىڭ يۈزىنى تۆكىۋاتقانلار،،،يەنە باشقىلارنىڭ ھەممىسى شۇ يارنى كۆپ تۇتۇپ بىچارە بولىۋاتقانلار،،،،،،،،،،،،،،ئاخىرىدا ھەممىمىز بىچارە بوپ قالمىساق،بالىلىرىمىزمۇ، ھەدە-سىڭلىلىرىمىزمۇ، ئاكا-ئىنمىزمۇ، ئاتا-ئانىمىزمۇ بىچارە بولمىسا ئۇلارنى بىز بىچارە قىلىپ قويمىساق.
مەنبە:ناخشدىن ئويلىغانلىرىم.
بوران114...يەكەن،،،،

Rank: 4

تىللا
271
تۆھپە
128
UID
2370

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 15:47:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر ئىككىلسى بىچچارە


Rank: 6Rank: 6

تىللا
466
تۆھپە
258
UID
1140

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 16:14:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەر ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ. ھەممىمىز ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك ئەسەركەن!


Rank: 2

ئىسىمى
نۇرگۈل تۇراپ
تىللا
166
تۆھپە
26
UID
3308
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 16:39:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەر ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ. ھەممىمىز ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك ئەسەركەن


Rank: 4

تىللا
208
تۆھپە
165
UID
4104
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 16:42:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر ئىككىلىسى بىچارە!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
369
تۆھپە
283
UID
504
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 17:23:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارى يوقنى بىچارە دەپ كەتكىلى بولماس، چۈنكى ئۇنىڭغا ئۆزى سۆيگەن، ئۆزى ئويلىغان كۆڭلىدىكىدەك يارنى تاللاش پۇرستى بار دىگەن گەپ،
ئەڭ بىچارىسى يارى كۆپلەر . . . .


Rank: 6Rank: 6

تىللا
723
تۆھپە
519
UID
893
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 18:46:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىلا يارى كۆپنى بىچارە دىگۇلۇك. چۈنكى بوران ماقالىسىدا تەپسىلى چۇڭقۇر مۇلاھىزە قىلغىنىدەك:
ئۇلار مەنىۋى كىرزىسىقا پاتقۇچىلار،مۇشۇ ئاساستا باشقىلارنىمۇ مەنىۋى كىرىزسىقا دۇچار قىلغۇچىلار ئۇلار بۇ ئىشلارنى شۇنداق بىر نەپسى بالالىرى،ئىشقى-ھەۋەسلىرى،«شەيتان»نىڭ ئازدۇرۇشلىرى بلەن قىلىپ ئاخرىقى ھېسابتا چارىسىز(بى چارە)قالغانلار.


بۈگۈن ئۈگەنمىسىڭىز ئەتە ئۆتمۇش ئىچىدە ياشايسىز!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
642
تۆھپە
389
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 18:59:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان تىمىكەن ..


Rank: 6Rank: 6

تىللا
492
تۆھپە
279
UID
780
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 19:13:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشنىدارچىلىق  قارىماققا بەك تاتلىق ،شىرىن تۇيىلىدۇ لىكىن ،،ئاخرى كىشىنى شەرمەندە قىلىدۇ،،،،


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قۇربان سايىم
تىللا
807
تۆھپە
530
UID
558

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 10:06:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     مېنىڭچە يەنىلا يارى كۆپ بىچارىدۇر.


Rank: 1

تىللا
12
تۆھپە
2
UID
4361
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 14:31:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايال كىشى تۇخۇمغا ئوخشايدۇ ئىھتىيات بىلەن ساقلىغىلۇق،دىقەت قىلمىساڭ يا سىستىۋالىسەن يا چىقىۋالىسەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
جۇماخۇن خوجا(ئىلى ئوبلاستلىق قىزىل كىرىست جەمىيىتىدە)
تىللا
887
تۆھپە
213
UID
2050
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 14:34:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي بىچارىلەر ھەي!


Rank: 1

تىللا
7
تۆھپە
1
UID
4344
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 15:02:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالا شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ،روھىيىتىمىز دىكى ئاجىزلىق ئۇچۇق ئاشكارا قامچىلىنىپتۇ،ئاپتۇر تۇرمۇشنى شۇنداق ياخشى كۈزەتكەچكە ماقالا ياخشى چىققان،مېنىڭچە ئالدىدىكىلەر نى بىچارە دىيىش ئەقىلگە تازا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.كېيىنكىللىرىنى ھەقىقىتەن بىچارە دىسەك بۇلۇدۇ.ئاپتۇرنىڭ تەھلىلىگە قايىلمەن.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
134
تۆھپە
81
UID
3990
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 06:09:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر ئىككىلىسى بىچارە بولغاچقا، بىر ئاپتۇرنىڭ قولىدىن چىققىتغۇ دەيمەن بۇ ئىككى شىئىر..
  سىزنىڭ ‹ مۇزىكا ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ ، بىر-بىرىگە زىت بولغان بۇ ئىككى ناخشىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمچە خىيالغا پاتتىم،›  بۇ گېپىڭىزنى بىلەلمىدىم، يارى يوق بىلەن زىت بولىدىغىنى يارى بار دىگەن گەپ بولامدىكى دەيمىنا،، يازى كۆپنى يارى يوققا زىت قىلىپ قويساق سەل پەل چۈشمەي قالىدىكەن قائىدىگە.


Rank: 1

تىللا
27
تۆھپە
7
UID
1923
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 19:38:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارى يوقنى بىچارە دىگىنى ____  سىنىڭ قانچىلىك مال -دۇنيا ،پۇلۇڭ ،ھەمدە ئەمەل -مەنسەپ ،مەرتىۋە،ئىناۋىتىڭنىڭ قانچىلىك يۇقۇرى  بۇلىشىدىن قەتئى ساڭا يار يۆلەك بۇلۇپ ،جاپادا بىللە بۇلىدىغان ،ساڭا سادىق ،كۈيۈمچان يارىڭ بولمىسا سەن يەنىلا بىچارە دىگىنى .                                                           يارى كۆپ  بىچارە دىگىنى ____ بۇئاساسلىقى ئۈجمە كۆڭۈل كىشلەرگەقارتىلغان بۇلۇپ باشقىلارنىڭ مۇھەبىتىنى دەپسەندە قىلىدىغان ،مۇھەببەتنى ئۇيۇن ئورنىدا كۈرىدىغان كىشلەرنىڭ ھامان بىركۈنى پۇشايمان يەيدىغانلىقى،دىمەكچى  .


Rank: 4

ئىسىمى
ھاجىئەكبەر
تىللا
154
تۆھپە
121
UID
4013
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-19 18:08:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arqayapriki ناھايتى توغرا دەيدۇ نۇمرى 100  لىكىن ئاپتۇر ئھتىيات قىلىڭ بۇ تىمىنىڭمۇ ئەدپىنى بىردىغانلار چىقشى مۇمكىن


Rank: 1

تىللا
5
تۆھپە
1
UID
4725
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 23:33:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ مانا مۇشۇ تىمىغا تۇنجى قىتىملىق ئىنكاسىمنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن   بۇ تىما ھەقىقەتەن ياخشى تىما بوپتۇ ..  كىشىنى ئويغا سالغۇدەك تىما بوپتۇ


Rank: 4

ئىسىمى
ئارزۇگۇل
تىللا
305
تۆھپە
83
UID
2959

جانلىق ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان تىمىكەن ..
  مېنىڭچە يەنىلا يارى كۆپ بىچارىدۇر.ئاپتۇرنىڭ تەھلىلىگە قايىلمەن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-2-4 15:41, Processed in 0.084716 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش