تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 1677|ئىنكاس: 33

جۇڭگودىكى 2-ئۆمۈر چولپىنى ــــ ئالمىخان ئانا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سابىرجان سىيىت
تىللا
354
تۆھپە
246
UID
3338
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-9 16:07:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جۇڭگودىكى 2-ئۆمۈر چولپىنى ئالمىخان ئانا


سابىرجان سىيىت


新森水泥有限公司与69216部队51分队建立共建对子 247.jpg


    ئالمىخان سىيىت  ئانىنىڭ جۇڭگۇ ياشانغانلار ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەت بويىچە 4-نۆۋەتلىك ئۆمۈر چولپانلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن 10 ئۆمۈر  چولپىنى  ئىچىدە 2-بولغانلىق خەۋىرى  قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ كىشىلەرنىڭ قىزغىن پاراڭ تېمىسىغا ئايلاندى.
    بۇ يىل 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەتىگەن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ، شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن ئىللىق قۇياش ، ئۇزۇنغا سۇزۇلغان سەھرا يولىغا ئالتۇن نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن  تەكشى تۆكمەكتە ئىدى . بىز تاڭ سەھەردە چالا – پۇلا ناشتا قىلىپلا قەشقەر يىڭىشەھەر ناھيىسىنىڭ قومۇشئېرىق يېزىسىغا  قاراپ يولغا چىقتۇق. يېڭىلا قارا ماي ياتقۇزۇلغان ئاسفالىت  يولدا بىز ئولتۇرغان كىچىك ماشىنا تېز ئىلگىرلىمەكتە ئىدى ، ئالاھەزەل بىرەر سائەت يول يۈرگەندىن كېيىن بىز قومۇشئېرىق  يېزا بازىرىغا يىتىپ كەلدۇق . يېزىلىق ھۆكۈمەت ھويلىسىدا يېزا باشلىقى  ياسىن ئابلا يېزا كادىرلىرىغا نۆۋەتتىكى يېزا ئىگىلىكىگە دائىر خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان ئىكەن، ئۇ بىزنىڭ ئالمىخاننى زىيارەت قىلغىنى ئالايىتەن  كەلگەنلىكىمىزنى ئۇقۇپ، قىزغىنلىق بىلەن بىزنى بۇ يېزىنىڭ پەيكۇن ھويلا 11-كەنتىدىكى موماينىڭ ئۆيىگە باشلاپ كەلدى .
-ئاۋۇ ئالمىخان ئانىنىڭ ئۆيى –دېدى يېزا باشلىقى ياسىن ئابلا يېڭىلا سېلىنغان خەلىقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۇسلۇبىدىكى  قوش قاناتلىق دەرۋازىسى بار بىر ئۆينى   كۆرسۈتۈپ .
بىز ھويلىغا كىرگەندە ئۆي ئىچىدىن بىر ئايالنىڭ  يۇمشاق روھلۇق  ئاۋاز بىلەن :

ئۆيۈمنىڭ ئارقىسى شورلۇق،

پۇتۇڭ ئاغرىمدىكىن يايرىم .

ئاز كۈن ئويناپ ئايرىلدۇق،

يۈرەگىڭ قاندىمىكىن يايرىم .


    دەپ ئوقۇۋاتقان  ناخشىسى ئاڭلاندى. بىز ئىشىك تۈۋىدە ناخشىنى ئاڭلاپ بولۇپ ئاستا  ئۆيگە كىردۇق . بىز تېخى بۇ موماينىڭ بىرەر نەۋرىسى ناخشا ئوقۇۋاتقان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپتىمىز، نەدىكىنى ئالمىخان ئانا مەشكە ئوت قالىغاچ خۇلۇم قوشنىلىرىنىڭ كىچىك بالىلىرىغا ناخشا ئوقۇپ ئەركىلىتىپ بېقىپ كۈلدۈرۈپ ئولتۇرۇپتۇ .
ئۇ بىزنى كۆرۈپ، قولىدا راۋاپ قىلىپ چىلىۋاتقان ھاسىسىغا تاينىپ تۇرۇپ   بىر پۇتىنى سۆرىگەن ھالدا تەستىرەك ئورنىدىن تۇرۇپ سالام قىلدى .
    -قېرىغاندا قىرى تارتۇق ،قىلىقلىرى ئۇندىن ئارتۇق دەپ ناخشىمۇ ئوقۇيدىكەنلا ھە ـــ دەپ چاقچاق قىلدۇق مومايغا .
     -ناخشا دېگەن كۆڭۈل ئوزۇقى، خالىساڭلار سىلەرگىمۇ ئوقۇپ بېرەي–قايتۇرۇپ چاقچاق قىلدى موماي ، موماينىڭ ھازىر جاۋاپلىقىدىن ھەممىمىز كۈلۈپ كەتتۇق . موماينىڭ زېھنى ئۆتكۈر ،ئەقىل ھۇشىنىڭ جايىدا ئىدى .

新森水泥有限公司与69216部队51分队建立共建对子 237.jpg


    سالام –سائەتتىن كېيىن بىز بىلەن بىرگە كەلگەن ناھىيەلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمەتجان ئابلەت ، ناھيەلىك ياشانغانلار ئىشخانىسنىڭ مۇدىرى ئاتىگۈل قادىرقاتارلىقلار مەقسەتكە ئۆتۈپ  ئالمىخان سېيىتنىڭ قولىغا جۇڭگو ياشانغانلار ئىلمىي جەمئىيىتى تارقاتقان 4-نۆۋەتلىك 10ئۆمۈر چولپىنى ئىچىدە 2-بولغانلىق خەۋىرنى يەتكۈزۈپ  ئۇنىڭغا گۇۋاھنامىنى ۋە مۇكاپات پۇلىنى بەردى .
     يېقىندا ئاخىرلاشقان 4-نۆۋەتلىك جۇڭگودىكى 10چوڭ ئۆمۈر چولپانلىرىنى باھالاش پائالىيىتى  2011-يىلى 6-ئايدىن باشلانغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە ئېلىمىزدىكى ھەر قايسى ئۆلكە- شەھەر ، ئاپتونوم رايون ،بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ۋە مەرگەزگە قاراشلىق شەھەردىن  167نەپەر كىشى قاتناشتۇرۇلغان ئىدى    نوپۇس دەپتىرىدىكى تۇغۇلغان يىل ،ئاي كۈن ۋاقتىغا ئاساسەن تىزغاندا جۇڭگودىكى ئون ئۆمۈر چولپىنىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى  120.7 ياش بولۇپ ،بۇ ئون ئۆمۈر چولپىنى 6ئۆلكە شەھەرگە تارقالغان  ،بەش مىللەتتىن تەركىپ تاپقان ئىدى. ئالمىخان ئانابۇ يىل 126ياشقا كىرگەن بولۇپ،  جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئون كىشى  ئىچىدە 2-ئورۇنغا تىزىلغان ئىدى .
ئىگىلىشىمىزچە، ئالمىخان سىيىت 1886-يلى 6-ئاينىڭ25-كۈنى ھاۋاسى ساپ قويۇق  ئورمانلىق بىلەن قورشالغان  چەت خىلۋەت  جايدىكى پەيكۇن ھويلا  كەنتىدە تۇغۇلغان بولۇپ بىر ئۆمۈر يېزىدا تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئادەتتە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ،  گۆشسىز تاماقلارنى ۋە قوناق ئۇنىدىن ئېتىلگەن تاماقلارنى يېيىشكە ئامراق بولۇپ ،يۇبدان ،ئوماچ ، چۆچۈرە ،نارىن چۆپ قاتارلىق تاماقلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىدىكەن ،ھەر كۈنلۈك تامىقىدا چامغۇر ، سەۋزە ، پالەك ، پەمىدۇر قاتارلىق سەي كۆكتاتلار ، ئانار ، ئالما ، نەشپۈت ،كۆك ئامۇت ،شاپتۇل ،قوتۇر ئامۇت قاتارلىق مېۋىلەر،  جىگدە ،شاپتۇل قېقى ،گۈلە ،چىلان قاتارلىقلار قۇرۇق يەل يىمىشلەر كەم بولمايدىكەن  .ئىچىملىكلەردىن بولسا قايناق سۇ ، سۈت ، قېتىق، خام  تۇخۇمدا سۈتلىگەن چاي  ئىچىشكە ئامراقكەن، ئۆمرىدە بىر قېتىم توي قىلىپ يولدىشى بىلەن 40يىل ئۆي تۇتۇپتۇ ، يولدىشىدىن 2پەرزەنت كۆرۈپتۇ. 36يىل بۇرۇن يولدىشى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىككى پەرزەنتى ۋە  8نەۋرىسى، 11چەۋرىسى بىلەن بىرگە ياشاپتۇ .ئۇ ھەر ۋاقىت ناخشا ئوقۇپ ئۇسسۇل ئويناپ، يۇمۇرلۇق چاقچاقچىلىق قىلىپ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ كەپتۇ ،خۇلۇم –قوشنىلىرى بىلەن ئىجىل ئىناق ئۆتۈپتۇ .ھازىر تۇرمۇشىنىڭ ياخىشىلىشىغا ئەگىشىپ پەقەت ئوزى 20توخو بېقىۋېتىپتۇ،  ھەر كۈنى بىر تۇخۇم ئىللىتىپ ئىچىدىكەن، سۈت ،قېتىقنى ئۈزمەيدىكەن .  مانتا ،كاۋاپ لەڭمەن ، چۈچۈرە يىيىشنى باشلىۋاپتۇ.
    ئالمىخاننىڭ خوشنىسى پاشاخان ھەسەن مۇنداق دىدى: مەن كىچىكىمدىن تارتىپ ئالمخان ئاچامنىڭ ئالدىدا چوڭ بولدۇم،  ئۇ دائىم خۇشال يۈرۈشكە ئامىراق ،كۇڭۇلچەك ،مىھرىبان ،ئادەم بىلەن چىقىشقاق مەن بۇ ئايالنىڭ ئاۋازىنىڭ چىڭ  ياكى قوپال چىقىپ باققىنىنى ،باشقىلار بىلەن تىللىشىپ ،ئۇرۇشۇپ باققىنىنى كۆرمىدىم ھەم  ئاڭلىمىدىم ئۇنىڭ  قۇسىقى كەڭ باشقىلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدۇ كىچىك بالىلارغا ئامراق ، خوشنىلارنىڭ بالىلىرىنى ئوينىتىپ بېقىپ بىرىدۇ .

新森水泥有限公司与69216部队51分队建立共建对子 250.jpg


    ئالمىخاننىڭ خوشنىسى ئابدۇقىيۇم موللا مۇنداق دىدى : بىز قىش ياز  ئىتىزدىن ھىرىپ ئىچىپ كەلگەندە ئالمىخان ئاچام بىردەم ناخشا ئېيىتىپ بەرسە، بىردەم قوشاق توقۇپ ، لەتىپە سۆزلەپ ھارغىنلىقىمىزنى ئالىدۇ .يۇمۇر سۆزلەپ كۈلدۈرۈپ ھارغىن چارچاشلىرىمىزنى ئۇنتۇلدۇرۇپ بىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ .بۇ ئايالنىڭ يۇرتىمىزدىكى ،رايونىمىزدىكى ئۆمۈر چولپىنى بولغانلىقىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم.
    ئالمىخان سىيىت مۇنداق دىدى: مەن ئۆمرۈمدە تاماقتىن پەرىز تۇتمىدىم ،تاماق تاللىمىدىم ،كۈچۈم يېتىدىغان ئىشلارنى قىلىپ ھەرىكەت قىلپ تۇردۇم ،ئۆمرۈمدە باشقىلار بىلەن بىرەر قېتىممۇ ئازارلىشىپ باقمىدىم، تېنىچ ، ئىتتىپاق ئۆتتۈم . ھازىرمۇ ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ مەھەلىلەرنى ئايلىنىپ يول يۈرۈپ كېلىمەن ، ناخشا ئوقۇپ ،قوشاق توقۇپ كۆڭلۈمنى خۇش قىلىمەن.
   ئۇ گېپىنى تۈگىتىپلا  ‹شەمۇ –شەھەرگە داڭ كەتكەن قەشقەرنىڭ ئانارى بار ›ناخشىسسىنى باشلىۋەتتى....
    راسىت،    موماي تۇلىمۇ خۇشخۇي بولۇپ   ھەر كۇنى سەھەر تۇرۇپ ،بالدۇر ئۇخلايدۇ ،ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ناھايىتى ياخشى. كۆرۈش ،ئاڭلاش ئىقتىدارى نورمال  بولۇپ روھىي ھالىتى تېتىك ،گەپنى ئوچۇق ،قىزغىن جۇشقۇن قىلىدۇ . ئىنكاسى ياخشى ،بەزىدە رادىيو ئاڭلاپ سىرتتىكى دۇنيادىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدۇ .بىر ئۆمۈر ئاددى –ساددا ياشاپ مەنىۋى باياشاتلىق ئىچىدە ئوتكەن بۇ موماي پارتىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلىقىدا ساغلام بەختلىك ياشىماقتا . ھازىر 340مىڭ نوپۇسقا ئىگە بۇ ناھىيەدە 100ياشتىن ئاشقان ئالمىخانغا ئوخشاش ئۆمۈر چولپىنىدىن 31سى بولۇپ پەقەت قومۇشئېرىق يېزىسىدىلا  11كىشى بار، قومۇشئېرىق يېزىسى مەملىكەت بويىچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يېزا ، ئۆمۈر چولپانلىرى يېزىسى بولۇپ باھالاندى.   
     بىز  ئالمىخان ئانىنىڭ  نۇرغۇن تارىخقا شاھىت بۇلۇپ، قورۇق بېسىپ كەتكەن چىرايىغا ، قېرىلىق يەتسىمۇ تەن بەرمىگەن روھىي ھالىتىگە، كۈلكە تەبەسسۇم چىقىپ تۇرىدىغان چىرايىدىن تولىمۇ سۆيۈندۇق  ھەمدە ئۇنىڭ  تۇرمۇشىغا بەخىت،  تېنىگە سالامەتلىك ، تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەپ زىيارىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇردۇق .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sabirjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-11 10:57  


Rank: 4

تىللا
172
تۆھپە
124
UID
3999
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-9 17:24:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سابىرجان ياخشىمۇ  سىز؟ بىزمۇ پەيكۇن ھويلا  كەنتىگە بىرۋالساق بولارمۇ؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سابىرجان سىيىت
تىللا
354
تۆھپە
246
UID
3338
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-9 17:27:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  قارشى ئالىمىز ئۇ يۇرتنىڭ سۇيى ئەلۋەك ،مۇھىتتى گۇزەل


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرسان روھ
تىللا
1479
تۆھپە
518
UID
528

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-9 20:01:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ ئانىمىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن تېنى ساغلام بولغاي ئىلاھىم !


كۆكتىن تامدۇق يەردىن ئۈندۇق

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
4540
تۆھپە
2306
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-9 20:30:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا ... بۇ ئانىمىزنىڭ تېنى ساغلام بولغاي!


باش سۈرىتىم بىلەن ئىمزا سۈرىتىمدە ھەممە ئېنىق ئايان، ئىشىكىمنىڭ تۈۋىدە يالغۇز خىيال سۈرىمەن، خىياللىرىم دۇنيانى كېزىدۇ، ھاۋا شۇ قەدەر سوغۇق !...

Rank: 6Rank: 6

تىللا
723
تۆھپە
519
UID
893
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-9 20:53:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن!!!!


بۈگۈن ئۈگەنمىسىڭىز ئەتە ئۆتمۇش ئىچىدە ياشايسىز!

Rank: 4

ئىسىمى
بىدار قۇتلان
تىللا
224
تۆھپە
96
UID
734
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 00:00:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قومۇشئېرىق مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى ھەركەتلەر ئالاھىدە يۇقۇرى دولقۇندا ئېلىپ بېرىلغان يۇرت، تاياقتا ئۆلۈپ كەتكەن تۇققانلىرىنى كۆرۈپ، نۇرغۇن كىشىلەر يۇرتىنى تاشلاپ ئېلىغا چىقىپ كىتىپ پاناھلىنىپتىكەن. غۇلجىدىكى بىرقىسىم ئۇزۇن ئۆمۈر چولپانلىرىنىڭ تەكتىنى سۈرۈشتۈرسىڭىز مۇشۇ قۇمۇشئېرىقلىق بولۇپ چىقىدۇ.


تەڭسىزلىك ئىتتىپاقلىققا ئۆچ، ئىتتىپاقسىزلىق مۇقۇملۇققا.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
1665
تۆھپە
1251
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 00:29:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ ئالمىخان سىيىت سابىرجان سىيىتنىڭ ئاچىسىمۇ يا؟


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
1665
تۆھپە
1251
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 00:31:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئالمىخان ئانا گۆشسىز تاماققا ئامراق ئىكەنۇ، ئەمما چۆچۈرە، نارىن چۆپنى يەيدىكەنغۇ؟، ئەجىبا قومۇشئېرىقتا چۆچۈرە، نارىنغا گۆش سالماي ئېتەمدۇ يا؟. بۇ ئانا 126 ياشقا كىرگەندە مانتا، كاۋاپ، چۆچۈرە، لەغمەن يىيىشنى باشلىۋاپتۇ، بۇرۇن يىمەمتى؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
281
تۆھپە
369
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 01:09:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىگىمىز بەرگەن رىزقى تۈگەپ كەتمىسىلا ياشايدىغان گەپتە، بۇ ئانىمىزغا سالامەتلىك يار بولسۇن.
قانچە ئۇزۇن ياشىسىمۇ يەنىلا ھاياتقا قانمايدۇ ئادەم چوقۇم.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قۇربان سايىم
تىللا
807
تۆھپە
530
UID
558

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 11:46:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئالمىخان ئانىمىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2590
تۆھپە
1438
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 13:07:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سابىرجان ئاكا قانداق ئەھۋالىلىڭىز؟ ئىنىڭىز مۇڭداشتىن سىزگە ئوتلۇق سالام. ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلغانلىقىڭىزدىن تۇلىمۇ سۆيۈندۈم. تېمىڭىزغا تەشەككۈر!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
691
تۆھپە
558
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 15:14:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇستۇم ماقالىڭىزنى ھۇزۇرلىنىپ ئۇقۇپ چىختىم،ئەجىرىڭىز مۇل-ھۇسۇل  بېرىۋاتىدۇ،ھەم يەنىمۇ مۇل-ھۇسۇل بەرگۈسى.......


سەكرا

Rank: 4

ئىسىمى
ئاتېللا
تىللا
222
تۆھپە
144
UID
205
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 23:10:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىزنىڭ ئۆمىرى ئۇزۇن بولغاي.


Rank: 4

ئىسىمى
بىدار قۇتلان
تىللا
224
تۆھپە
96
UID
734
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 23:51:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
haltakoqa يوللىغان ۋاقتى  2012-1-9 22:31
ئالمىخان ئانا گۆشسىز تاماققا ئامراق ئىكەنۇ، ئەمما چۆ ...

چۆچۈرە گۆشتىن باشقا قىزىلبۇداچ، كۆك، قاتارلىق كۆكتاتلاردىمۇ ئېتىلىدۇ، چۆپ يالغۇز نارىن چۆپ بولمايدۇ، شوخلا چۆپى، قېتىق چۆپى، ماش چۆپى قاتارلىقلارمۇ بار.


تەڭسىزلىك ئىتتىپاقلىققا ئۆچ، ئىتتىپاقسىزلىق مۇقۇملۇققا.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سابىرجان سىيىت
تىللا
354
تۆھپە
246
UID
3338
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 18:12:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇسلارنىڭ سەممى پىكىرلىرىگە رەھمەت


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
جۇماخۇن خوجا(ئىلى ئوبلاستلىق قىزىل كىرىست جەمىيىتىدە)
تىللا
887
تۆھپە
213
UID
2050
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 17:15:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئەنە شۇنداق ئۆمۈر چولپانلىرىمىزدىن پەخىرلىنىمىز.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
565
تۆھپە
375
UID
677

مۇڭلۇق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 17:42:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
          ئالمىخان ئانىمىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن.

         ھەممىمىزنىڭ ئۆمىرى ئۇزۇن بولغاي.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
177
تۆھپە
49
UID
3910
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 14:55:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېنى سالامەت بولسۇن~~~


Rank: 1

ئىسىمى
نىفىت
تىللا
23
تۆھپە
11
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 11:38:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئانىمىزنىڭ تېنى ساغلام بولغاي!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-2-4 11:35, Processed in 0.093892 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش