خەنزۇچە ئىسىمدا كىرىۋاتقانلارغا ئۇيغۇرچە ئىسىم ھەدىيە قىلىمەن مېنى مۇنبەر قۇسۇرچىسىمىكىن دەپ قالماڭلار ، ھەممىسى مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بولۇۋاتىدۇ . يېقىندىن بۇيان مۇنبىرىمىزدىكى ئەزالار بارغانسېرى كۆپىيىپ ، مۇنبىرىمىز ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشىۋاتىدۇ ، لېكىن قىسمەن ئاز ساندىكى ئەزالار مۇنبەرگە خەنزۇچە ئىسىم بىلەن تىزىملىتىپ كىرىپ مۇنبەر ساپلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ . شۇنداق ئەزالارغا دەيدىغىنىم ، مۇنبەرگە ئۇيغۇرچە ئىسىم بىلەن تىزىملىتىپ كىرىڭ ، بىزنىڭ تىل بايلىقىمىز ، سۆزلۈكلىرىمىز ، ئىسىملىرىمىز سىز ئويلىغاندەك تۈگەپ قالغىنى يوق . ئەگەر تاپالمىسىڭىز مانا مەن تېپىپ بېرىمەن ياكى مۇنبەردىكى باشقا قېرىنداشلار سىزگە ئۇيغۇرچە ئىسىم تېپىپ بېرىدۇ . شۇڭا بۇ ئىشقىمۇ سەل قارىمىساق دېگەن ئۈمىدتىمەن . بەلكىم مېنىڭ دېگىنىم خاتادۇ ، لېكىن مەن يەنىلا شۇ خەنزۇچە ئىسىمدا كىرىۋاتقان مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ياكى لاتىن ھەرىپى بويىچە قايتىدىن تىزىملىتىپ كىرىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن . توغرا بولسا قوبۇل قىلارسىلەر ، خاتا بولسا كارىڭلار بولمىسىمۇ بولىدۇ .
|