تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 3411|ئىنكاس: 35

تور دۇنياسىدىن رادىل ئابلا نېمىگە ئېرىشتى، ئۇيغۇرزادىچۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
134
تۆھپە
81
UID
3990
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 06:04:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تور دۇنياسىدىن رادىل ئابلا نېمىگە ئېرىشتى ، ئۇيغۇرزادىچۇ؟


   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، مېنىڭ كەسپىم بوغالتىر ھەم ئۆزۈم بىر ئەدەبىيات ھەۋەسكارى ،  بۇ تېما مېنىڭ كەسپىم ھەم قىزىقىشىمغا چۈشكەشكە تورغا يوللاپ بېقىشنى لايىق تاپتىم.
    تەڭرىتاغ تورىغا  كىرىشنى نىدايى ئاكىمىز شىنجاڭ ئۇنىۋىرىستىتى جەنۇبىي مەكتەپ رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قىتىملىق پائالىيەتتە دېگەن بولسىمۇ ، مېنى ھەقىقى جەلپ قىلغىنى دەل رادىل ئابلا بىلەن بولغان سۆھبەت ئىدى ، ئۇنىڭ ‹ قىيىنچىلىق - بايلىق›دېگەن سۆزىنى قانچە كۈنلەردەپ يۈرگىنىم ئېسىمدە يوق ،، بۇ بىر ياخشى باشلىنىش ئىدى... بولۇپمۇ ئوتتۇرا ، تۆۋەن قاتلامدىكى خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ياخشى باشلىنىش ئىدى ، بىراق ئۇيغۇرزادىنىڭ يازمىسى بۇ باشلىنىشنى يۇقىرى پەللىگە چىقىرىۋەتتى،، ھەم تەرەپبازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . مەنمۇ ھەم بۇ تېمىغا پىكىر قاتناشتۇرۇپ بېقىشنى لايىق كۆردۇم.
    رادىل ئابلا مىللىي كارخانىچىلىقنىڭ ھەقىقىي گۇرۇھلىشىشىنى ۋۇجۇتقا چىقارغان،(ئارمان گۇرۇھىدىن بۇرۇن نۇرتاي ھاجىم باشچىلىقىدا قۇرۇلغان غەربىي نۇر گۇرۇھى بار، بىراق سودىسى تاشقى سودىنى ئاساس قىلغاچقا رايونىمىزدا بۇ گۇرۇھ ئانچە تىلغا ئېلىنىپ كەتمەيدۇ ) . ھازىر مودا بولۇۋاتقان گەپ بويىچە ئىيتقاندا رادىل ئەپەندىم شىنجاڭچە سۈرئەت ۋە ئۈنۈم ياراتقان بىردىبىر ئۇيغۇر كارخانىچى.....  بۇ ھەممە خەلق سۆيىنىدىغان قەدىرلەيدىغان تەرەپ (بۇنىڭ ئىچىگە ئارمان ۋە رادىل ئەپەندىنىڭ بارلىق ياخشى ئىشلىرىنى كىرگۈزۈشكە بولىدۇ ).
   ئۇيغۇرزادە : توختىماي ئۇيغۇر مەنىۋىيىتى ، مەدەنىيەت تەرەققىياتى، ئۆزلۈك ھەم خاسلىقى توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقان ، يىراقتا تۇرۇپ ئانا يۇرت ئىشقىدا ، مىللەت ئىشقىدا تىنىمسىز كۈچۈۋاتقان ، تەر ئاققۇزىۋاتقان ئۈمىدلىك ياش . بۇ تەرىپى ھەممىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ ئەلۋەتتە . (ئۇنىڭ ياشلار ئۈچۈن قىلىپ بەرمەكچى بولغىنى ئاساسەن روھى ئويغىنىش ، چۈنكى ئۇ جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپى تەتقىقاتچىسى ) .  مەن ئەلكۈيىدىن ئۇيغۇرزادىنىڭ يازمىسىنى تولۇق كۆردۈم ، ئەمما باشقىلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىمىدىم . تەڭرىتاغدىن رادىل ئابلا ئەپەندىنىڭ سۆھبىتىنىمۇ تولۇق كۆردۈم ھەم چۈشۈرىۋالدىم.
  ئۇيغۇرزادىنىڭ يازمىسىدىكى تىل پاساھىتى توغرىسىدىكى بايانلارغا قايىلمەن . رادىل ئەپەندىمنىڭ نوتۇق قابىلىيىتى ھەقىقەتەن ئۆسۆپتۇ ، ( ئۈمىد غەنى رىياسەتچىلىكىدىكى يۈزمۇ يۈز سۆھبەتنى كۆرۈپ سېلىشتۇرساڭلار بولىدۇ)، بۇ دەل بىلىم قۇرۇلما جەھەتتىكى يېتىلىشتىن بولسا دەپ قارايمەن،
  بىراق ئۇيغۇرزادە يازمىسىنىڭ ماۋزۇسى دەل بىز قوبۇل قىلالمايدىغان نۇقتىدىن چىقىپ قالغان ، بىرىنچى پەرەز : بۇ بەلكىم ئۇيغۇرزادىنىڭ كۈتكەن يىرى بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇ ئاڭ بىلەن ئوينىشىدۇ ئەمەسمۇ ؟.... ھەر بىر تور زىيارەتچىلىرى مېنىڭچە شۇ تەنقىد دېگەن سۆزگە ئالدىنىپ دەرھاللا چاپىنىنى تەتۈر كىيگىنى ئېنىق. ھەر بىرىمىز ئويلاپ باقايلى ، ئۇيغۇرزادە نېمىگە ئېرىشمەكچى؟ مېنىڭچە ئۇ كۈچلۈك نەزەرىيەۋى ئاساسقا ماس كېلىدىغان خام ماتېرىيالغا ئېرىشمەكچى ، بەلكىم بىز يېقىندا ئۇنىڭ روھقا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر ماقالىسىنى كۆرۈپ ئالقىشلىشىمىز مۇمكىن ، (بەلكىم مەخسۇس ئىنكاسچىلار چىقىشى مۇمكىن).
     ئىككىنچى پەرەز : ماقالە ئاپتۇرى بىزدىن سەل چەتنەپ كەتكەن بولۇشى ، ھەددىدىن زىيادە ئەركىنلىك ئىچىدە ، دۆلەت باشلىقىنى تىللىيالايدىغان كىشىلەر توپىدا تۇرۇپ شۇ يەرنىڭ پىكىر قىلىش ئادىتى بويىچە بىز ئەزىزلەيدىغان بىر كىشىن تەنقىد قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

   خوش ئۇنداقتا رادىل ئابلا ئەپەندىم بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرار ؟ (مېنىڭچە ئۇ بۇ تېمىنى ئاڭلاپ بولدى ۋە ياكى ئوقوپمۇ بولدى) ، بىرىنچى پەرەز : بەلكىم ئىچىدە ئۇيغۇرزادىگە رەھمەتمۇ دېگەندۇ ؟! چۈنكى ئۇ بىر زىيالىي بىر سودىگەر بىر مەسئۇلىيەتچان رەھبەر . ئۇ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشى كېرەك . ئىچكىرىدىكى سودا سورۇنلىرىدا ئالىي مەكتەپلەردە تالاي سەھنىلەرگە چىقىشى مۇمكىن (بىزمۇ ھەم شۇنداق بولۇشىن ئۈمىد قىلىمىز ئەلۋەتتە) . قىيىنچىلىق بايلىق دەپ ئۈگىنىپ قالغان ئەپەندىمگە ئۇيغۇرزادە يەنە بىر بايلىقنى تېپىشىپ بەرگەندەك قىلامدۇ قانداق؟  
  ئىككىنچى پەرەز: ئۇ خەلقنىڭ ئۆزىنى نەقەدەر قوللايدىغانلىقىنى بۇ تېما ئارقىلىق تېخىمۇ بىلىپ يەتتى . ھەم قەلبىدە خەلققە بولغان مۇھەببەت تېخىمۇ كۈچەيدى، خەلقنىڭ ئارمىنى يىيىش ئىرادىسى تېخىمۇ ئاشتى ، دېمەك بۇ خىل پەرەز بىلەن قارىساقمۇ ئەپەندىمنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا ئۇنىڭغا يەنە بىر بايلىق قېتىلدى دېگەن گەپ.
    تېما ھەم سۆھبەت باش قەھرىمانلىرى توغرىسىدىكى پىكرىم مۇشۇنچىلىك بولسۇن، ئەمدى سۆيۈملۈك تورداشلارغا كىلەيلى :  مېنىڭ پىكرىمگە قوشىلامسىلەر؟ قوشۇلساڭلار  ئۇيغۇرزادىنىڭ تەنقىدى قانداق بوپتۇ ؟ ئەدەبىياتنىڭ سۆز ئويۇنىنىڭ رولىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىڭلارمۇ؟ مانا بۇ دەل ئۇيغۇرزادە يازمىسىنىڭ بىرىنچى ئابزىسىدا ئەسكەرتكەن رادىل ئابلانىڭ تىل سەنئىتىگە بولغان قايىللىققا يوشۇرۇنغان مەنە بولۇشى مۇمكىن،  
   رادىل ئەپەندىمنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى بىزگە نىسبەتەن ، بىزنىڭ ئىنتىلىشىمىزگە نىسبەتەن قانائەتلىك بولسىمۇ بىراق ئارماننىڭ ئىستراتېگىيەسىگە نىسبەتەن ئۇنىڭ تېخىمۇ تىرىشىشى ئۇيغۇرزادە دەپ ئۆتكەندەك سودىغا ئىقتىسات نۇقتىسىدىنلا ئەمەس ھەممە تەرەپتىن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك مېنىڭچە بۇنى ئەپەندىم ئوبدان بىلىدۇ، بىلمەيدىغىنى دەل شۈكرى قانائەتلىك سىز بىلەن بىز . ئالايلۇق ناۋادا ئارمان پېيى بازارغا سېلىنسا ھەددىدىن زىيادە قۇۋ شەرق سودىگەرلىرى بۇ قوينىڭ ئەڭ لوق يېرىدىن يېيىشنى ئويلاشماسمۇ ؟ نەزىرىيە جەھەتتىن مۇكەممەللەشكەن غەربچە يولدىكى كارخانىلار بۇنىڭ ئەجەللىك يىرىنى تۇتىۋىلىشقا ئاتلانماسمۇ ؟ سۆھبەتتە ئېنىق دېدى: جۇڭڭۇدىكى مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنىڭ باشلامچى كارخانىسى بولۇش نىشانىمىز بار، دەپ ، پاينى بازارغا سالىمىز دېدى ، پېيى بازارغا سېلىنغان كارخانىنىڭ خوجايىنى مەڭڭۈ بىر ئادەم ياكى بىر جەمەت بولىدىغان ئىش تولىمۇ ئازغۇ دەيمەن . ھەم كىمنىڭ باشلامچى بولۇش ئويى يوق؟ دېمەك مۇشۇ نۇقتىلاردىن چىقىپ رادىل ئابلا يېڭى بىر رىئاللىق ئۈچۈن سىگنال بەردى ، بۇ مېنىڭچە ياخشى ئىش....
  خالىغانچە پىكىر قىلىپ ئادەتلەنگەن تور پىكىرخانىسى بەلكىم تالاي قىرىنداشلىرىمىزنى بۇ تېمىغىمۇ چاپان سالغۇزىشى مۇمكىن ، لېكىن سەمىمىي مەسلىھىتىم دەل شۇ چاپاننى سالغاندا دوپپىڭىزنىمۇ ئالدىڭىزغا قويۇپ تۇرۇپ ، مەنىۋىيىتىڭىزنى ئىنچىكە كۈزىتىپ بېقىڭ ، ناۋادا بۇ تېمىدىمۇ مۇنازىرە توختىمىسا پېقىر ھەر ۋاقىت مۇنازىرىگە تەييار.

  مېنىڭ تەھلىلىم تامام ، ئاخىرىدا رادىل ئاكىمىزنىڭ سودىسىغا بەرىكەت ، ئۇيغۇرزادىنىڭ ئىزدىنىشلىرىگە قۇۋۋەت تىلەيمەن...

Rank: 6Rank: 6

تىللا
492
تۆھپە
279
UID
780
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 10:30:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ بۇ تىمىڭىزنى ئۇقۇپ چۇڭقۇر خياللارغا كەتتىم،،،،جەمىيەت نىمە دىگەن مۇرەككەپ ھە،،كىشىلىك مۇناسىۋەت ،رىقابەت نىمە دىگەن كەسكىن ،،ھە،،،،،رەھمەت سىزگە بەكمۇ چۇڭقۇر ئۇيلاپسىز،،

Rank: 3Rank: 3

تىللا
197
تۆھپە
102
UID
3123
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 10:37:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەلكۈيىدىن ئۇيغۇرزادىنىڭ يازمىسىنى تولۇق كۆردۈم،ئەمما باشقىلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىمىدىم.

مېنىڭچە سىز باشقىلارنىڭ ئىنكاسلىرىغىمۇ ئانچە-مۇنچە كۆز يۈگۈرتۈپ قويغىنىڭىز ياخشى. ئەلۋەتتە، ھەممە ئىنكاسلارنى كۆرۈش بىھاجەت، ئەمما بەزىبىر ئىنكاسلار ئەسلىدىكى تېمىدىن بەكرەك تېتىملىق بولىدۇ. شۇڭا مۇۋاپىق مىقداردا باشقا ئىنكاسلارغىمۇ كۆز يۈگۈرتۈپ ئاندىن تولۇق تېما ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزسىڭىز ئىشىنىمەنكى يازمىڭىز تېخىمۇ جانلىق، قايىل قىلىش كۈچى كۈچلۈك، قىسقىسى ئۇتۇقلۇق يازما بولۇپ چىقىدۇ.
ئەمدى ماۋۇ ئۆزىڭىزنىڭ تېمىسىغا چۈشكە ئىنكاسلارغىمۇ قولاقنى يۇپۇرۇپلا ئۆتۈپ كەتمەڭ يەنە....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىلقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-6 11:00  

Rank: 3Rank: 3

تىللا
197
تۆھپە
102
UID
3123
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 10:59:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە سىز توغرا پەرەز قىلىپ بولۇپسىز، شۇنداق ئۇيغۇرزادە بۇ تېمىنى ئوتتۇرىغا تاشلاش ئارقىلىق بىرىنچىدىن خام ماتېرىيالغا ئېرىشمەكچى بولغىنى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن، ئۇ مۇشۇ تېما ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ روھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم قېزىپ، ئۆزى تېمىسىدا تىلغا ئالغان كېيىنكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن خام ماتېرىيال توپلايدۇ، بولمىسا ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىلىپ تۇرۇپ قانداقمۇ ئۇيغۇر دىيارىغا مۇناسىۋەتلىك خام ماتېرىيالغا ئىگە بولالىسۇن؟ شۇڭا بۇ پەرىزىڭىز مېنىڭچە ناھايىتى سەگەكلىك بىلەن چىقىرىلغان پەرەز دەپ ئويلايمەن.
ئەمدى تېمىغا «تەنقىد» دەپ تېما قويۇشىدا، ئۇ دەل مۇشۇ سۆز ئارقىلىق ھەممىمىزنىڭ روھىيىتىنى غىدىقلىماقچى بولغانلىقىمۇ ھەم ئېھتىمالغا يېقىن. بىزدە نوپۇزلۇقلارغا چوقۇنۇش پسىخىكىسى ناھايىتىمۇ ئېغىر. دەل مۇشۇ ئاجىزلىقىمىز سەۋەبىدىن ئۆزىمىزدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلار خاتالىق سادىر قىلسىمۇ ئۇنىڭغا رەددىيە بېرەلمەيمىز، ئۇلار نېمە دېسە خوش، خوش دەپلا تۇرىمىز-دە، ئەڭ ئاخىرى زىيان تارتىدىغىنى يەنە شۇ ئۆزىمىز بولۇپ قالىمىز. لېكىن بۇ نوقتىنى تونۇپ يەتكەنلەر ناھايىتى ئاز بولۇشى مۇمكىن.
ئەمدى رادىل ئابلا ئاكىمىزغا كەلسەك، ئۇنىڭ قازانغان نەتىجىلىرى، قولغا كەلتۈرگەن شان-شەرەپلىرى ھەممىمىزنى ئالاھىدە خوش قىلىدۇ. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلىشقا مېنىڭچە رادىل ئابلامۇ ئۇنىماسلىقى مۇمكىن. ئۇ سۆھبەت جەريانىدا ئېيتقىنىدەك، چوقۇم جوڭگۇدىكى مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر تاۋار ماركىسىنىڭ ئالدى بولۇشى ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك، يەنە بىر تەرەپتىن ئارماننىڭ پېيى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىنكى ھەر خىل دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقىغا تولۇق ھوشيار ھالەتتە تۇرۇپ، ھەر خىل مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈستىدە باش قاتۇرىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن رادىل ئابلا ئالدى بىلەن ئۆزىدىكى كەمچىلىكلەر (ئادەم مۇكەممەل بولمايدۇ، مۇكەممەللىك يالغۇز بىر ئاللاھقا خاستۇر، ئادەم پەقەت ئۆزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ماڭغۇچىدۇر خالاس) ۋاقتىدا بايقاپ، ئۆزىدىكى كەمچىلىكلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى چوڭ ئىشلارغا دەخلى قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
ئۇنداقتا رادىل ئابلا ئۆزىدىكى كەمچىلىكنى قانداق بايقىشى كېرەك؟ ھەر قايسىمىزدەك نوپۇزغا چوقۇنىدىغان، چوڭاملار نېمە دېسە خوش خوش دەپلا تۇرىدىغان ئۇلار خاتالىق سادىر قىلسىمۇ چىش يېرىپ بىر نېمە دېمەيدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن بايقىشى مۇمكىنمۇ؟ ياق، ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، بۇنداق «خوش، خوش» چىلار پەقەت رادىل ئابلانى كۈلۈپ تۇرۇپ ئورىغا ئىتتۈرگۈچىلەردۇر. شۇڭا رادىل ئابلا ئۆزىدىكى كەمچىلىكلەرنى پەقەت ئۇيغۇرزادىدەك باشقىلارنىڭ تاپا-تەنىسىدىن قايمۇقۇپ ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدىغان، ھەر قانچە چوڭ ئەرباب بولسىمۇ ئىلمىي نوقتىدىن چىقىش قىلىپ تەنقىدىي پىكىر بېرەلەيدىغان زىيالىيلار تەرىپىدىن بايقىيالىشى مۇمكىن.
ئۈستىدىكى تورداش ئېيتىپتۇغۇ، جەمئىيەت نېمە دېگەن مۇرەككەپ دەپ. ئەلۋەتتە، بۇ جەمئىيەت ھەقىقەتەنمۇ مۇرەككەپتۇر. بولۇپمۇ بۇ ھازىرقىدەك ھەممە پۇل بىلەن ئۆلچىنىدىغان، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئالاھىدە مۇرەككەپ، رىقابەت بارا بارا ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىۋاتقان دەۋردە جەمئىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولماقتا.
ئۇنداقتا بۇنداق مۇرەككەپ جەمئىيەت بىزدىن نېمىنى كۈتىدۇ؟ بىزدىن توختىماستىن ئىزدىنىشنى، توختىماستىن ئۆزىمىزنىڭ بىلىم قۇرۇلمىمىزنى يېڭىلاپ، ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىزنى، قىسقىسى ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئىش-ھادىسىلەرگە ھاياجان بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆزىمىزنى توختىتىۋېلىپ تۇرۇپ ئەقلى ئىدراكىمىزنى ئىشقا سېلىپ ئىنكاس قايتۇرۇشىمىزنى كۈتىدۇ.
ئەڭ مۇھىمى، ئۆتمۈشتىكى جەمئىيەتكە تۇتقان پۇزىتسىيەدە بولساق، بۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ جەمئىيەتنىڭ رەھىمسىز سىناقلىرىدىن شاللىنىپ كېتىشىمىز تۇرغانلا گەپ، شۇڭا چوقۇم روھىمىزنى ئۇرغۇتىشىمىز، توختاۋسىز تىرىشىش، ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە ساپاسىنى پەيدىن-پەي يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە بۇ مۇرەككەپ جەمئىيەتكە ماسلىشىشىمىز كېرەك.

Rank: 3Rank: 3

تىللا
134
تۆھپە
81
UID
3990
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 14:26:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلقۇت يوللىغان ۋاقتى  2012-1-6 10:37
مېنىڭچە سىز باشقىلارنىڭ ئىنكاسلىرىغىمۇ ئانچە-مۇنچە ك ...

ئەلقۇت ئەپەندىم ياكى خانىم،،، مىنىڭ ئوتتۇرىدا دىگىنىمگە دىققەت قىلىپ ئاخىرىغا دىققەت قىلمىدىڭىزمۇ قانداق؟ مەن دىدىمغۇ مۇنازىرىگە ھەر ۋاقىت تەييار دەپ. باشقىلارنىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇماسلىقىمدىكى سەۋەپ: مەن باشقىلارنىڭ شۇ ياخشى تەھلىللىرى قاتارىغا كىرىپ قالماي دەپ ئويلىدىم، پەقەت مۇشۇ ييازمىنىڭلا ئىنكاسلىرىنى ئوقۇمىدىن باشقا ئىنكاسلارنى ئوقۇپ تۇرىمەن ئەلۋەتتە

Rank: 3Rank: 3

تىللا
134
تۆھپە
81
UID
3990
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 14:26:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kargay يوللىغان ۋاقتى  2012-1-6 10:30
سىزنىڭ بۇ تىمىڭىزنى ئۇقۇپ چۇڭقۇر خياللارغا كەتتىم،،،، ...


جەمئىيەتنى ئىنسانلار مۇرەككەپ قىلىدۇ قىرىندىشىم،. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uqkun13 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-6 16:00  

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
691
تۆھپە
558
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 15:24:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەھمىيەتلىك يۇللانمىلارغا كۈپ تەشەككۈر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sakra تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-6 15:24  

سەكرا

Rank: 3Rank: 3

تىللا
134
تۆھپە
81
UID
3990
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 16:09:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سادا قىرىندىشىمىزنىڭ ئەتراپلىق مۇلاھىزىلىى بىلەن ئورتاقلاشسام دەيمەن.

Rank: 1

تىللا
9
تۆھپە
7
UID
4019
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 18:59:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس گەپنى قىلسام رادىل ئاكىمىزنىڭ تورداشلارنى دەپ ۋاقىت چىقىرىپ قىممەتلىك تەجىربىلىرىنى سۆزلەپ بەرگىنىدىن بەك مەمنۇن بولدۇم

Rank: 1

تىللا
12
تۆھپە
2
UID
3028
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 19:31:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلقۇت ئەپەندىم ئىيتقاندەك ، سىزنىڭ «ئۇيغۇرزادە خام ماتىرىيالغا ئېرىشىش ئۈچۈن» دىگەن پەرىزىڭىز ھەقىقەتەن ئاساسى بار پەرەز بوپتۇ . لىكىن ئىككىنجى پەرىزىڭىزگە كەلسەك ، ئۇنداق دىيشكىمۇ بولماس ، رادىل ئابلا بىز ئەزىزلەيدىغان كىشى ، ئەمما ئۇنىڭغا تەنقىدىي پىكىرلەرنى بىرىشكە بولمايدۇ دىگەن گەپ يوق .  

Rank: 1

تىللا
4
تۆھپە
2
UID
4026
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 21:54:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
oghlan يوللىغان ۋاقتى  2012-1-6 19:31
ئىلقۇت ئەپەندىم ئىيتقاندەك ، سىزنىڭ «ئۇيغۇرزادە خام م ...

مىنىڭچە بىر تەرەققىي قىلىۋاتقان كارخانىغا قوللاش بەكراق مۇھىم .
ئەلكۈيى قاتارلىق مۇنبەردىكى گەپ سۆزلەر تەنقىت بولماستىن بەلكى پىتنا ئىغۋا ۋە شەخسى پاراڭلار جىق بولۇپ كىتىپتۇ ، ئارمان دەك چوڭ گورۇھلاردىن ئىچكىرىدە ۋە چەتئەلدە نەچچە مىڭى بار ، لىكىن بىزدا ئاران بىرلا ئارمان بار شۇڭا بىز قوللاش نى بەكراق ئويلىشىشىمىز كىرەك ، گەرچە ئارمان شىركىتىگە ھىچنىمە قىلىپ بىرەلمىسەكمۇ

Rank: 1

تىللا
12
تۆھپە
2
UID
3028
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 22:41:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rokawa يوللىغان ۋاقتى  2012-1-6 21:54
مىنىڭچە بىر تەرەققىي قىلىۋاتقان كارخانىغا قوللاش بەك ...

مەنمۇ ئۇ ماقالىنى كۆرۈپلا بۇ يەرگە كىلىپ زىيارەت فىلىمىنى كۆرۈپ چىقتىم ، ئەلكۈيىدىكى ئىنكاسلارنى كۆرمىدىم . ئارمان شىركىتىنى قوللىشىمىز كىرەك ، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ پەخرىمىز !

Rank: 4

تىللا
166
تۆھپە
183
UID
941

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 23:41:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزنى كۆرۈپ چىقتىم ھەمدە سىز بىلەن مېنىڭ كۆز قارىشىمىنىڭ قىسمەن تەرەپلىرىنىڭ ئوخشىشىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم . سىزنىڭ ئۇيغۇرزادە ماتېرىيال توپلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دېگەن قارىشىڭىز ھەقىقەتەن ئۆزگىچە چىقىپتۇ . ئەگەر ئۇيغۇر قەۋمى ئارىسىدا مانا مۇشۇنداق بەس - مۇنازىرە شەكىللىنىدىغان بولسا ، بۇنىڭدىن ئەڭ مەنپەئەتلىنەلەيدىغانلىرى رادىل ئابلامۇ ئەمەس ، كەڭ تورداشلارمۇ ئەمەس ، سىز ھەم مەنمۇ ئەمەس بەلكى دەل ئۇيغۇرزادىنىڭ ئۆزىدۇر . چۈنكى ئۇ جەمئىيەتشۇناس ، جەمئىيەتشۇناسلار مەلۇم بىر مىللەت ، مەلۇم بىر قەۋم ، مەلۇم بىر توپقا نىسبەتەن بەلگىلىك چۈشەنچە ۋە تونۇش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن چوقۇم جەمئىيەت تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . چۈنكى جەمئىيەتشۇناسلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىلگىرىكىلەر يېزىپ قالدۇرغان تەجرىبە ۋە يەكۈنلەرلا مۇھىم بولۇپ قالماستىن بەلكى ئۇ تۇرمۇشقا ، ئاممىغا ، خەلققە چوڭقۇر چۆكۈپ بىر خەلقنىڭ ، بىر مىللەتنىڭ ، بىر توپنىڭ ئاڭ ئىدىئولوگىيەسىنى ، دۇنيا قارشى ، كىشىلىك تۇرمۇش قارشى ، ۋەزىيەت ، جەمئىيەتكە بولغان تەقەززاسىنى ، ئۈمىدىنى شۇنداقلا كەلگۈسى پىلان ، تەسەۋۋۇرلىرىنى بىلىشى زۆرۈر دەپ قارايمەن . مانا شۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندىمۇ ئۇيغۇرزادىنىڭ سىز دېگەندەك ئويلىغانلىقىنى ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ .
    ئىككىنچى پەرىزىڭىزدە سىز ئۇيغۇرزادىنىڭ ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتۇپ رادىل ئابلانى تەنقىد قىلىشىنى خاتا دەپسىز . بۇ پىكرىڭىزگە مەن قوشۇلالمايمەن . ئۇيغۇرزادە رادىل ئابلانى تەنقىد قىلسا بولىدۇ . مەندەك بىر ئاددىي ئادەممۇ مۇنبەردە ئۇيغۇرزادىدەك بىلىم ئىگىسىگە تەنقىد يېزىشقا پېتىندىمغۇ ؟ مېنىڭچە تەنقىد قىلىنغۇچى ۋە قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتى ، يۇقىرى - تۆۋەنلىكى تەنقىد سورۇنىدا ئوخشاش بولسا بولىۋېرىدۇ . لېكىن ئۇيغۇرزادە بۇ تەنقىدنى يېزىشنىڭ ۋاقتى ، ئېلان قىلىش شەكلى ، ئېلان قىلىنغان ئورنى قاتارلىق تەرەپلەردىن چوڭ خاتالاشقان .
1 . سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان ئورۇن تەڭرىتاغ مۇنبىرى ھەرگىزمۇ ئەلكۈيى مۇنبىرى ئەمەس . ( مەن بۇ يەردە ئۇ مۇنبەر ياخشى ، بۇ مۇنبەر ناچار دېمەكچى ئەمەسمەن ) شۇنداق بولغانىكەن ، ئۇيغۇرزادە بۇ تەنقىدىنى مانا مۇشۇ يەردە ، يەنى تەڭرىتاغ مۇنبىرىدە ئېلان قىلسا بولاتتى . مانا شۇنداق بولغاندىلا رادىل ئابلانى سۆھبەتكە چاقىرغان ، رادىل ئابلاغا سوئال قالدۇرغان شۇنداقلا رادىل ئابلا ئەپەندى بىلەن بولغان سۆھبەتكە تولۇق ئىشتىراك قىلغان كەڭ تورداشلار بىلەن ئەركىن پىكىردە مۇنازىرە قىلالايتتى . بىراق ئەلكۈيى مۇنبىرىدە رادىل ئابلا بىلەن سۆھبەتنى تولۇق كۆرۈپ بولالمىغان تورداشلار ئۇيغۇرزادىنىڭ پىكرىگە قارىغۇلارچىلا ئەگىشىپ ، رادىل ئابلا ئەپەندىنىڭ يېغىرىنى تاتىلاشقا ، شۇنداقلا ئىككى تەرەپ بولۇپ تىللىشىش باسقۇچىغىچە بېرىپ يەتكەن .
2 . ئۇيغۇرزادە بۇ تەنقىدىنى 2007 - يىلىلا يازماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ ، بىراق نېمىشقا شۇ ۋاقىتتا يازمىغانلىقىنى ئېنىق ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەن . شۇڭا ئۇيغۇرزادىنىڭ ئارماننى تولۇق چۈشىنىپ ئارمان ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقى ئەمەلىيەتتە يالغانچىلىقتىن ئىبارەت .
3 . ئۇيغۇرزادە بۇ تەنقىدىنى ئۆزىنىڭ سالاھىيىتى بىلەن نوپۇزىغا تايىنىپ رادىل ئابلا ئەپەندىنىڭ قولىغىلا يەتكۈزگەن بولسا ناھايىتى ياخشى بولاتتى . داۋراڭ سېلىپ ، باشقىلارنىڭ ئەيىپىنى ئېچىپ يېغىرىنى تاتىلىغاننىڭ نېمە پايدىسى ؟      

Rank: 3Rank: 3

تىللا
134
تۆھپە
81
UID
3990
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 06:03:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام سادا ئەپەندىم مەن تەنقىدلىسە بولمايدۇ دىگەن گەپنى قىلمىدىم. دىمەكچى بولغىنىڭىز ئىككىنچى پەرەزغۇ  دەيمەن؟ مەن ئۇ پەرەزنى تەنقىد قالماسلىقى كىرەك دەپ يازمىدىم، تىخمۇ ياخشىراق ئويلىنىپ باقارسىز.
تۆۋەندە سىزنىڭ بايانلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن؛
1-ئەلكۈيى مىنىڭچە ئۇيغۇرزادە بەكرەك دىققەت قىلغان تور بەت، ھەم چىكىلىش قىتىم سانى ئەزالار تەڭرىتاغقا قارىغاندا كۆپرەك. ئۇيغۇرزادە بۇرۇنمۇ بىر قانچە يازمىسىنى شۇ يەرگە يوللىغىنى ئىسىمدە. شۇڭا پىكىر كۆپلۈكى نۇقتىسىدىن ھەم كۆنۈش نوقتىسىدىن ئۇيغۇرزادىنىڭ تاللىغان ئورنى دەل ئەلكۈيى تورى بولغان بولۇشى مۇمكىن.
2- ئۇيغۇرزادە ئارماننى قانچىلىك تەتقىق قىلدى بىز بۇنى بىلمەيمىز، بىراق ئۇنىڭ يازمىسىدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئۇ نەزىرىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ كۆپرەك تەھلىل قىلغان، ھەم تەھلىل ئۇسۇلىمۇ بىز كۆنگەن ئۇيغۇرچىلىقتىن يىراق، بەلكىم ئۇ شىنجاڭچە ئىقتىسادىي ئاڭنى ئاللىقاچان چۆرىۋەتكەن بولىشى مۇمكىن،(بىلىشىمچە ئۇ بۇرۇن باج ئىدارىسىدا ئىشلىگەنغۇ دەيمەن). پىكىر قىلىش ئۇسۇلى تۇتقان يولى جەھەتتە بىز بىلەن ئورتاقلىشىشى دەل شۇ سەۋەپتىن تەسكە توختىغان، ھەم ئارمان توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىدە سەل مەسىلە بار. مەن ئىككىنچى پىكرىڭىزنى يالغانچىلىق دىگەن گەپنى چىقرىۋىتىپ تۇرۇپ قوللايمەن.
3-ئۇيغۇرزادىنىڭ قانداق سالاھىيىتى ۋە نوپۇزى بار؟ سىز يازمىڭىزنىڭ بىشىدا تەنقىدلىسە بولىدۇ دەپسىز-يۇ، بۇ يەردە يەڭ ئىچىدە بىر تەرەپ قىلسا بولاتتى دەپسىز، بۇنى قانداق چۈشىنىشنى بىلمەي قالدىم. ھەم ئۇنىڭ يازمىسىدىن ئەيىپنى ئىچىپ يىغىرنى تاتلاشنى كۆرۈپ قاپسىز، دىمەك ئۇيغۇرزادىنىڭ يازمىسىدا دىگەنلىرى توغرا بىراق توردا دىمەسلىكى كىرەك ئىدى شۇنداقمۇ؟ بۇ يەردە سەل پىكىر زىتلىقى چىقىپ قالدىمۇ قانداق؟ ناۋادا ئەيىپ رادىل ئابلادا بولسا ئۇنداقتا سىز بلىپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالماقچىمىدىڭىز؟ مىنىڭچە ھەقىقىي دوست دوستىنىڭ ئەيىپىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ، ئۇنداقتا ئۇيغۇرزادە رادىل ئابلا ئەپەندىمنىڭ ھەقىقىي دوستى ئىكەن............... سىزنىڭ 3- قارىشىڭزغا قەتئىي قوشۇلمايمەن.

Rank: 3Rank: 3

تىللا
197
تۆھپە
102
UID
3123
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 10:47:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سادا يوللىغان ۋاقتى  2012-1-6 23:41
تېمىڭىزنى كۆرۈپ چىقتىم ھەمدە سىز بىلەن مېنىڭ كۆز قارىش ...
سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان ئورۇن تەڭرىتاغ مۇنبىرى ھەرگىزمۇ ئەلكۈيى مۇنبىرى ئەمەس . ( مەن بۇ يەردە ئۇ مۇنبەر ياخشى ، بۇ مۇنبەر ناچار دېمەكچى ئەمەسمەن ) شۇنداق بولغانىكەن ، ئۇيغۇرزادە بۇ تەنقىدىنى مانا مۇشۇ يەردە ، يەنى تەڭرىتاغ مۇنبىرىدە ئېلان قىلسا بولاتتى . مانا شۇنداق بولغاندىلا رادىل ئابلانى سۆھبەتكە چاقىرغان ، رادىل ئابلاغا سوئال قالدۇرغان شۇنداقلا رادىل ئابلا ئەپەندى بىلەن بولغان سۆھبەتكە تولۇق ئىشتىراك قىلغان كەڭ تورداشلار بىلەن ئەركىن پىكىردە مۇنازىرە قىلالايتتى .

ئۇيغۇرزادىنىڭ ئۇ تېمىنى ئەلكۈيىگە يېزىشىدىكى سەۋەب مۇنداق ئىككى تۈرلۈك بولۇشى مۇمكىن، بىرىنچىدىن، بەلكىم ئۇ ئەلكۈيىدە مۇنازىرىگە قاتنىشىدىغان ئادەم كۆپ، ئەمما تەڭرىتاغدا كۆپ ئەمەس دەپ قارىغان بولۇشى؛ ئىككىنچىدىن، ئۇ تەڭرىتاغنى ئاساسەن يۇقىرى ساپالىق (ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلىگۈچىلەر ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى تەڭرىتاغ مۇنبىرى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تور بېكەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ساھەدىكىلەرنىڭ كۆپ بولۇشى تەبئىي) كىشىلەر بىر قەدەر كۆپ، شۇڭا ئۇنىڭ ماتېرىيال توپلىشىغا چوقۇم باشقا ساھەدىكىلەرمۇ بولۇشى كېرەك دەپ ئويلىغان مۇمكىن.
تېما ئېگىسى پەرەز قىلغىنىدەك، ئۇيغۇرزادە خام ماتېرىيالغا ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم بىر سان كۆپ بولۇشى كېرەك، يەنە بېرى چوقۇم جەمئىيەتنىڭ ھەممە قاتلاملىرىدىن ئادەم بولۇشى كېرەك.
شۇڭا، ئۇيغۇرزادە تېمىنى ئاخىرى يەنىلا ئەلكۈيىگە يوللاشنى مۇۋاپىق كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر نوقتا قىستۇرما قىلىپ ئۆتسەم، بەلكىم ئۇيغۇرزادە تەڭرىتاغقا تېخى ئەزا بولمىغان، ھەم يەنە كېلىپ ئۇ تەڭرىتاغنىڭ مۇنبەر كەيپىياتىغا ماسلىشىپ بولۇش ئۈچۈنمۇ بەلگىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن.

Rank: 3Rank: 3

تىللا
197
تۆھپە
102
UID
3123
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 10:49:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سادا يوللىغان ۋاقتى  2012-1-6 23:41
تېمىڭىزنى كۆرۈپ چىقتىم ھەمدە سىز بىلەن مېنىڭ كۆز قارىش ...
ئۇيغۇرزادە بۇ تەنقىدىنى ئۆزىنىڭ سالاھىيىتى بىلەن نوپۇزىغا تايىنىپ رادىل ئابلا ئەپەندىنىڭ قولىغىلا يەتكۈزگەن بولسا ناھايىتى ياخشى بولاتتى . داۋراڭ سېلىپ ، باشقىلارنىڭ ئەيىپىنى ئېچىپ يېغىرىنى تاتىلىغاننىڭ نېمە پايدىسى ؟

ئەگەر ئۇنداق دەپ قارىساق، ئۇيغۇرزادە ئۆزىنىڭ كېيىنكى تەتقىقات تېمىلىرى ئۈچۈن ماتېرىيال توپلاش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ئۇ دەل مۇشۇنداق مۇنازىرە قوزغاش ئارقىلىق ئاندىن بىر مىللەت كىشىلىرىنىڭ روھىنى قازىدۇ.

Rank: 3Rank: 3

تىللا
197
تۆھپە
102
UID
3123
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 10:53:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uqkun13 يوللىغان ۋاقتى  2012-1-6 14:26
ئەلقۇت ئەپەندىم ياكى خانىم،،، مىنىڭ ئوتتۇرىدا دىگىنى ...

مەن ئىنكاسىڭىزنى تولۇق ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئىنكاس يازغان ئادەممەن.
بەزىدە مۇنبەر كەيپىياتىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئانچە مۇنچە چاقچاق ئىنكاسلارنىمۇ يېزىپ قويىدىغان ئادىتىم بار دەڭە، مەن سىزنى ھەرگىزمۇ بۇ تېمىڭىزغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى ئوقۇمايدۇ دەپ قارىمىدىم. ئەگەر تېمىڭىزغا چۈشكەن ئىنكاسنى ئوقۇمىسىڭىز بۇ سىزدىكى ئېغىر بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىك بولىدۇ. باشقىلار ئالاھىدە ۋاقىت ئاجرىتىپ تېمىڭىزغا ئىنكاس يازسا، ئاخىرى قوپۇپ سىز قولاقنى يۇپۇرۇپ يۈرسىڭىز بولمايدۇ-دە! تېمىڭىزنىڭ ئۆزىدىنمۇ سىزنىڭ بۇ ئىشقا شۇنداق ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىڭىز چىقىپ تۇرۇپتۇ، شۇڭا مەن پەقەت چاقچاق ئارىلاش يازغان ئىنكاسغا بۇنداق دەپ كېتىش كەتمەيدۇ.
يەنە، بېرى، مېنىڭ تور نامىم ئىلقۇت ھەرگىزمۇ ئەلقۇت ئەمەس.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
642
تۆھپە
389
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 12:01:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تىمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز..ھارمىغايسىز.

Rank: 4

ئىسىمى
بارچۇق
تىللا
428
تۆھپە
196
UID
593

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 13:56:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ پەرەز ئوتتۇرغا قويۇلغاندىن كېيىن مەندە ئۇيغۇرزادىنىڭ مەزكۇر يازمىسى توغرىسىدا باشقىدىن ئويلىنىش شەكىللەندى.
مەن ئالدىنقى ئىنكاسىمدا ئۇيغۇرزادىگە « ناۋادا سىز ۋەتەنگە قايتىپ كىلىدىغان بولسىڭىز ئاشۇ ئالاھىدە دۇنياقارىشىڭىزنى ھەددىدىن بەك تەكىتلەشتىن ساقلىنىڭ » دەپ ۋەز ئېيىتقان ئىدىم. قارىغاندا مەن خاتالىشىپتىمەن. ئۇيغۇر  جەمىيەتشۇناسلىق ساھەسىنىڭ ئەللامىسى  بولغۇسى ئۇيغۇرزادە باشقا كىشىلەرگە نىسبەتەن ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس، ئۇنىڭ ھەربىر  سۆز- ھەركىتى ئۇيغۇر نىڭ سۆز- ھەركىتىگە چوقۇم تەسىر كۆرسۈتىدۇ، تەسىرىمۇ ئادەتتىكىچە بولمايدۇ ئەلۋەتتە.
   لېكىن مەن ئۇنىڭ جەمىيەتشۇناسلىقىنى ئۇنتۇپتىمەن، ھەربىر ھۆنەر كەسىپنىڭ ئۆزىگە خاس سەھنىسى بولىدۇ، جەمىيەتشۇناسلىقنىڭ سەھنىسى دەل ھازىرقى زاماندىكى ئادەملەر، ئۇلارنىڭ ئىديىسى، ھەركىتى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، بۇ تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەپلىرى، ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىللار، بۇ ئىددىيە، ھەرىكەتنىڭ جەمىيەتكە ئېلىپ كىلىدىغان ئىجابى ۋە سەلبى تەسىرلىرى. مانا بۇلار جەمىيەتشۇناسلارنىڭ تەتقىقات ئوبىكتى بولسا كېرەك.
  ئۇيغۇرزادە ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىن نەچچە مىڭ كىلومىتىر يىراقلىقتىكى ئۆزگىچە تۇرمۇش موھىتىدا ياشاۋاتىدۇ، ئۇ ئۇيغۇرنىڭ جەمىيىتىنى چۈشۈنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇيغۇرنىڭ دۇنياقارىشىنى، تەپەككۇركۇرىنى، ھاياتقا تۇتقان پوزوتسىيەسىنى چۈشۈنىش كېرەك، بۇنىڭغا ئەلۋەتتە مانا مۇش خىل ئۇسۇلدا ئىرىشكىلى بولىدۇ.
ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى  نۇپۇزلۇق زىيالىلار  ۋە ئۇلارنىڭ خەلىق قەلبىدىكى ئورنى، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار جۇملىدىن بىزگىمۇ سىر  ئەمەس، لېكىن ئەدەبىيات- سەنئەت، نەزىرىيە تەتقىقاتى قاتارلىق ساھەلەردىن سىرىتقى باشقا نۇپۇزلۇقلارغا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ پوزوتسىيەسى قانداق ؟  بۇنى ئۇيغۇرزادە ئەپەندىمۇ بىلمەكچى، ھازىر ئۇيغۇرزادىنىڭ ۋاستىسى بىلەن  بىزمۇ بىلىۋاتىمىز.
  رادىل ئابلا ئۇيغۇر ئىقتىساد ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن گىگانىتلاردىن بىرى، بۇ گىگانىت شەخىس ئۇيغۇر جەمىيىتى ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلىشى، نىمىلەردىن پەرھىز قىلىشى كېرەك ؟ جۇملىدىن باشقا نۇپۇزلۇقلارمۇ ئۇيغۇرنىڭ مەنىۋى سىمۋولىغا چېقىلسا جەمىيەت قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ ؟ ئۇيغۇر جەمىيىتى پۇل بىلەنلا ھەپىلىشىۋاتامدۇ ياكى مەنىۋىيىتى، ئۆزلۈكى توغرىسىدىمۇ پىكىر قىلىۋاتامدۇ ؟
  مانا مۇشۇنداق  مەسىلىلەرگە مۇشۇ يازمىغا بولۇنغان ئىنكاس ئارقىلىق بەلگۈلىك دەرىجىدە خۇلاسە چىقارغىلى بولۇشى  مۇمكىن.
  بىر يىلنىڭ ئالدىدا مەنمۇ ئاساسەن ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەرگە كىرمەيتىم، مۇنبەرلەردىكى ئەھۋاللارنى خىزمەتداشلىرىمدىن ئاڭلاپ تۇراتتىم، مۇنبەرگە قىزىقىپ مۇنبەرگە كىرگەندىن كېيىن مەندىكى دەسلەپكى تونۇش شۇ بولدىكى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىگە بۇرۇنلا كىرمىگىنىمدىن ئۆكۈندۈم. چۈنكى مۇنبەر ئارقىلىق جەمىيەتنى، ھازىرقى زامان كىشىلىرىمىزنىڭ دۇنياقارىشى،  ئوي- خىيالى ، تۇرمۇشقا تۇتقان  تۈرلۈك پوزوتسىيەسىنى  بىلگىلى بولىدىكەن.
  مەن تەلىم- تەربىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن، ھازىرقى ياشلىرىمىز نىمىنى ئويلايدۇ، دۇنياقارىشى قانداق دىگەندەك ئىشلارنى تولۇق بولمىسىمۇ مۇشۇ مۇنبەردىكى تۈرلۈك ئىنكاسلاردىن بىلىۋالغىلى بولىدىكەن.
  قارايدىغان بولسىڭىز بىر قىسىم ئەزالار باركەن ھەرقانداق ئىشنى دىنغا باغلىمىسا ئۇيقۇسى كەلمەيدىكەن، يەنە بىر قىسىملار باركەن دىنغا سۇس قارايدىكەن. دىندىن ئىبارەت ئۆزلىكىمىزنىڭ روشەن پاسىلى بولغان مۇشۇ شەيئىدە ھەر خىل پوزوتسىيەلەر  مەۋجۇتكەن،بولۇپمۇ مۇشۇ روشەن پاسىلدىن چىقىپ كىتىش تەرەپدارلىرى مۇ مەۋجۇتكەن، مانا بۇ بىزنىڭ جەمىيىتىمىز.
   ئۇيغۇرزادە ئەپەندى مۇشۇ يازما ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمىيىتىنى چالغىتىپ ئۆزىگە كېرەكلىك تەتقىقات ماتىريالىغا ئىرىشىش ئۈچۈن مۇشۇ يازمىنى يازغان دىگەنگە مەنمۇ ئىشىنىپ قالدىم.
  ناۋادا شۇنداق بولسا ئۇيغۇرزادىنىڭ ئىقتىدارىغا يەنە بىر قېتىم قايىللىقىمنى بىلدۈرىمەن
  
ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.

Rank: 1

تىللا
5
تۆھپە
2
UID
4065
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 01:49:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رادىل ئابلا ئۇيغۇر ئىقتىساد ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن گىگانىتلاردىن بىرى، بۇ گىگانىت شەخىس ئۇيغۇر جەمىيىتى ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلىشى، نىمىلەردىن پەرھىز قىلىشى كېرەك ؟ جۇملىدىن باشقا نۇپۇزلۇقلارمۇ ئۇيغۇرنىڭ مەنىۋى سىمۋولىغا چېقىلسا جەمىيەت قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ ؟ ئۇيغۇر جەمىيىتى پۇل بىلەنلا ھەپىلىشىۋاتامدۇ ياكى مەنىۋىيىتى، ئۆزلۈكى توغرىسىدىمۇ پىكىر قىلىۋاتامدۇ ؟
ناھايىتى   تىرەن  گەپ   چۇشەنسىڭىز   !  ئەل  نىڭ    نېنىنى   يەپ    ئەلگە   يۈز   كېلىشى  كېرەك !
    بۇيەردە   دىيىلىۋاتقان   تەنقىت   شۇ!     يىمەكلىك   ساھەسىدە   نىمە    لەر   بۇلىۋاتىدۇ  ؟نىمىلەرنى  بىلىپ تۇرۇپ   ئىستىمال   قىلىۋاتىسىز  ،  تەنقىتنى   توغرا    ئويلاڭلار   !   
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-2-4 16:48, Processed in 0.094527 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش