كۆرۈش: 7820|ئىنكاس: 9

ئاق شارپا - ھېكايە[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سابىرجان سىيىت
تىللا
682
تۆھپە
420
UID
3338
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 18:41:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاق شارپا    (ھىكايە )    ياسىنجان سابىر         ئاددىي رەخت ئىكەن دەپ ئويلاپ قالماڭ ،ۋە ياكى ئاددىيغىنە سوۋغات بويۇمى . ئاددىي كۆرۈپ ئوتلارغا تاشلاپ سالماڭ ، ئاق شارپىغا ئوراپ بەرگەنمەن يۈرۈكۈمنى .ئالىي مەكتەپ ھاياتى باشلانغىلى خېلى كۈنلە بولۇپ قالدى ، ئالدىنقى كۈنلەردە ئالىم ئالىي مەكتەپ خۇشاللىقىدا ھەممە يەرگە زوقلىنىپ قارايتتى، ھەممە نەرسىدىن ھوزۇر ئالاتتى . مانا ئەمدە بىر قانچە ئاي بولا – بولمايلا مىھرىبان ئاتا – ئانىسىنى ، خىيالچان ئاكىسىنى بولۇپمۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى يۈرىكىگە تۇنجى ئوتنى سالغان ، قانچىلىغان تۈنلەرنى تىگى يوق خىياللار بىلەن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر قىلغان ساۋاقدىشى ئالمىرەنى بەكمۇ سېغىنغان ئىدى ، ئۇ پات- پاتلا «ھەي ! ئالمىرە ساڭا ئاشۇ سۆزنى، ئاشۇ نۇرغۇن قىز – يىگىتلەرنىڭ يۈرەكلىرىنى لەختە قىلغان ، نۇرغۇن شوخ قىز – يىگىتلەرنى خىيالچان ، ياۋاش بولۇشقا مەجبۇر قىلغان ئاشۇ ئۈچ ئېغىز سۆزنى شۇنداق بالدۇر ئېيتمىغان بولسام ،مۇھەببىتىمىزنىڭ سىمۋولى بولغان ئاشۇ ئاق شارپىنى ساڭا بەرمىگەن بولسام بەلكىم ھازىر سەن مىنىڭ يېنىمدا بولغان بولاتتىڭ ». ئۇ ئۆز – ئۆزىگە شۇنداق دەيتتىيۇ – يەنە ئالمىرەنىڭ «كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەسلىكىمنى ھەرگىز سىزدىن كۆرمەيمەن ، كىلەر يىلغىچە ياىشى ئۈگۈنۈپ چوقۇم سىزنىڭ يېنىڭىزغا بارىمەن.» دىگەنلىرىنى ئەسلەپ ئۆزىگە تەسەللى تاپقاندەك بولاتتى . دىمىسىمۇ ئالىمنىڭ بۇنداق خىياللارنى قىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىدى ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقىتتا ئالمىرە دەرىسلەردە شۇنداق ياخشى ئىدى ، ئالىم بولسا ئويۇن تاماششا بىلەن كۈن ئكتكۈزگەنلەرنىڭ بىرسى ئىدى . كىيىنكى كۈنلەردە ئالىمنىڭ ۋىجدانى ئۇرغۇپ قالدىمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ ، ئۇ تۇيۇقسىزلا دەرس ئۈگۈنۈشكە كىرىشىپ كەتتى ، ئۇ ھەر قېتىم ئاددىي سوئاللاردىن تارتىپ قىيىن سوئاللارغىچە ئالمىرەدىن سوراپ تۇرىۋالىدىغان بولدى ، ئالمىرەنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي كەينىگە كىرىۋالاتتى ، ئۆزى بىلىدىغان سوئاللارنىمۇ سوراپ تۇرىۋالاتتى ، ئالمىرە تېرىكىپ قېيداپ قالسا ، ئۇ ھېجايغىنىچە بېزىرىپ تۇرىۋالاتتى .     بىر كۈنى ئالىم ئالمىرەگە ئۆزىنىڭ ئۇنىڭسىز دەرس ئۈگۈنەلمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ، داۋاملىق بىللە دەرس ئۈگەنگۈسى بارلىقىنى ئېيتتى ، ئالمىرەمۇ بۇنىڭغا قوشۇلدى . چۈنكى ئۇمۇ يېقىندىن بۇيان ئالىم يېنىدا بولمىسا بىر نەرسىنى يوقىتىپ قويغاندەك يېنىدا بىرەر مۇھىم نەرسە كەم بولۇپ قالغاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالغان ئىدى . ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىمۇ يېقىنلاپ قالدى ، ھەممەيلەن ئالدىراش تەييارلىق قىلىۋاتقان كۈنلەردە ئالىم ئالمىرەگە دەپ قالدى :«ئەگەر مەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەي قالسام ، سەن ئۆزۈڭنى كۆپرەك ئاسرارسەن ». شۇ كۈندىن باشلاپ ئالىم ئالمىرەدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرۈيدىغان بولدى ، ئالمىرەنى كۆرسىمۇ گەپ سۆزسىزلا ئۆتۈپ كىتەتتى . يىراقتىن كۆرۈپ قالسا ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئەگىپ ئايلىنىپ ئۆتۈپ كىتەتتى . ئالمىرە بىر قانچە قېتىم سورىغان بولسىمۇ ئۇ جاۋاب بەرمەي تۇرىۋالدى ، ئالمىرە چىڭ تۇرىۋېلىپ سورىغاندىلا ئۇ : « مىنىڭ سىزنىڭ كەلگۈسىڭىزنى نابۇت قىلغۇم يوق ! ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشكە ئىشەنچىم يوق » . دېدى . «بۇنداق ئۆزىڭىزنى يوقاتماڭ ئالىم ، پەقەت سىز تىرىشسىڭىزلا مەن سىزگە ياردەم قىلىمەن .»شۇ ئىشلاردىن كىيىن ئۇلار بىرلىكتە ئۈگەندى ، ئالمىرە ئالىمغا تەكرار قىلىپ بىرەتتى ، ئالىممۇ بۇ ئاق كۆڭۈل قىزنىڭ ، ئىنىقراق قىلغاندا قىز دوستىنىڭ كۆڭلىنى يەردە قويماسلىق ، ئۇنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلاش ئۈچۈن تىرىشتى . ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىمۇ يىتىپ كەلدى ، ھەر ئىككىسى بىر – بىرىگە تۈگىمەس بەخىت – ئامەتلەرنى تىلەپ ئىمتىھانغا كىرىپ كەتتى . ئىمتىھان دىمەك – ئىگىز بىر داۋان ، بۇ داۋان رەھىمسىز ، بەزىلەر بۇ داۋاندا ئۆز يولىنى تېپىپ ئالغا قاراپ ئىلگىرلەيدۇ ، يەنە بەزىلەر بۇ رەھىمسىز داۋاننىڭ قولىدا مەغلۇب بولۇپ ، ھاياتىنىڭ بۇرۇلۇش نوختىسىدا توسولۇپ قالىدۇ . بۇ رەھىمسىز ئىمتىھان ئايرىلماسلىققا ۋەدە قىلىپ ، قەسەم بېرىشكەنلەرنىمۇ رەھىمسىزلىك بىلەن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ ، مانا شۇ رەھىمسىز ئىمتىھاننىڭ قۇربانى بولغان ئالمىرە ، ئۆز مەكتىپىدە قايتا ئوقۇشقا قېلىپ قالدى ، بىزنىڭ ئويۇنغا ئامراق دوستىمىز ئالىم بولسا ، ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئالىي مەكتەپكە يول ئالدى . مانا شۇ ئىمتىھان بۇ دوستىمىزنىڭ گۈزەل ياشلىقىدا قالدۇرغان ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنىڭ بىر قىسمى ۋە ئەڭ مۇھىم قىسىملىرى ئىدى . ھەش – پەش دىگۈچە ئالىمنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتى باشلىنىپ ، ئىككى ئاي ئۆتتى ، ئۇنىڭ خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكەن كۈنلىرى ئەمدى زېرىكىش ۋە سېغىنىشقا ئالماشتى ، مانا شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئويلىمىغان بىر ئىش يۈز بەردى . تۇنجى قار ياغقان كۈنى ، ئالىم كەڭرى مەيداندا ئۆزى يالغۇز بىردەم تۇردى ، ئۇ بوينىغا ئارتىۋالغان ئاپئاق شارپىنى يېنىش – يېنىشلاپ پۇراپ ئۆز – ئۆزىگە بىر نەرسىلەرنى پىچىرلايتتى ، بۇ شارپىنى ئۆتكەن يىلى تۇنجى قاردا ئالمىرە ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان ئىدى . ئۇ يەنە ئۆزىگە پىچىرلايتتى –ئالمىرە مانا بىر يىل بوپتۇ ، يەنە بىر يىلدىن كىيىنكى تۇنجى قارنى سەن بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگۈم بار . ئۇ شۇنداق شېرىن خىياللار ئىلكىدە قار تاماششاسى قىلىۋاتقاندا قايسىدۇر بىر ياتاقدىشى قايناقسۇ ئەكىرىشكە چاقىرىپ قالدى .ئادەتتە ئوقۇغۇچىلار ئەتىگەنلىك ناشتىدا ئىچىدىغان قايناقسۇنى ھەر كۈنى كەچلىكى قايناقسۇ ئېلىش ئورنىدىن چايدان بىلەن ياتىقىغا ئەكىرۋالاتتى ، قايناقسۇنى بەلگىلەنگەن ۋاقت بويىچە تارقىتىدىغان بولغاچقا كەچلىك تاماقتىن يېنىپلا قايناقسۇ ئەكىرۋىلىشقا توغرا كىلەتتى ، بۇنداق ۋاقىتلاردا ئادەم ناھايىتى كۆپ بولۇپ كىتەتتى ، قايناقسۇ ئالىدىغان ئورۇن كىچىككىنە بىر جاي بولغىنىغا قارىماي ئىچىگە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار قىستىلىشىپ كىرىۋالاتتى ، يەرگە تۆكۈلگەن قايناقسۇغا تېيىلىپ يىقىلىپ كىتىش ، قىستاڭچىلىقتا بىرەرسىنىڭ چايدىنى چېقىلىپ كىتىش ھەر كۈنى بولۇپ تۇرىدىغان ئادەتتىكى ئىشلار ئىدى ، تېخى بەزى ئىچى پۇشقان بىكار تەلەپ ساۋاقداشلىرىمىز ئاتايىن «يىقىلىش تاماششاسى » كۆرۈش ئۈچۈن تىزىلىپ تۇرىۋالىدىغان ئىشلارمۇ يوق ئەمەس ئىدى . قايناقسۇ ئالىدىغان جاي ئالدىنقى كۈنلەردىكىدىن بەكرەك قىستى – قىستاڭ بولۇپ كەتكەنىدى ، ئالىم ئاران دىگەندە قىستىلىپ ئەمدىلا قايناقسۇ ئالاي دەپ تۇرۇشىغا يېنىدىكى بىر قىز قولىنى تۇتقىنىچە ۋارقىراپ كەتتى ، بايىقى قىستاڭچىلىقتا كىمدۇر بىرى سوقۇلۇپ ، ئۇ قىزنىڭ قولىغا قايناقسۇ تۆكۈلۈپ كىتىپ قولىنى كۆيدۈرىۋالغان ئىدى ، قىزچاق نىمە قىلارىنى بىلمەي قولىنى تۇتقىنىچە تۇرۇپلا قالدى ، چىرايىدىن يىغلىۋىتىدىغاندەكلا قىلاتتى . ئالىم قىزنىڭ يېنىغا باردى – دە قىزنىڭ قولىنى كۆرۈپ بېقىپ بوينىدىكى شارپىنى ئالدى - دە قىزنىڭ قولىغا يۆگەپ قويغاندىن كىيىن ئازراق دورا سۈركەپ قويسىڭىز ساقىيىپ قالىدۇ دەپلا ، قايناقسۇنى كۆتۈرگىنىچە كىتپ قالدى .     ئەمدى گەپنى قولىنى كۆيدۈرۋالغان بۇ قىزچاقتىن ئاڭلايلى : بۇ قىزنىڭ ئىسمى ئالىيە بولۇپ ئالىم بىلەن بىر يىللىقتا ئىدى ، بۇ قىز ئۆزىنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى ۋە ئاشۇ چىرايى بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ نۇرغۇن مەن- مەن دەپ مەيدىسىگە مۇز تاڭغان يىگىتلەرنى كەينىگە ياندۇرغان ، ھىلىھەم كەينىگە نۇرغۇنلىغان يىگىتلەرنى سېلىپ يۈرگەن زامانىۋى سىتودىنتلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى . ئالىيە قولىغا دورا سۈرتۈپ ئۈستىگە ھېلىقى ئاق شارپىنى يۆگىگىنىچە ياتىقىغا كىرىپ ، بولغان ئىشلارنى ياتاقداشلىرىغا سۆزلەپ بەردى ، ياتاقداشلىرى بۇ جەريانلارنى ئاڭلاپ ، ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي « نىمە دىگەن رومانتىك ئۇچرىشىش بۇ . تۇنجى قاردا ، تۇنجى ئۇچىرشىشتا قىز بىر پىشكەللىككە يولۇقسا ، بىر يىگىت كىلىپ ياردەم قىلىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى پەقەت كىنولاردىنلا كۆرگىلى بولاتتى ، بۇنداق دەل كىلىپ قېلىش ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى رومانتىك ئىش بوپتۇ ، دىيىشىپ كەتتى ، شۇ كۈنى كەچتە ئالىيە پەقەتلا ئۇخلىيالمىدى . ئۇ كۆزىنى يۇمسىلا كۆزئالدىغا ئالىمنىڭ شارپىنى قولىغا يۆگەپ قويغان ھالىتى ، سىلىققىنا قىلىپ «دورا سۈرتىۋىلىڭ » سۆزلىرى ئۇنى تېگى يوق خىياللارغا غەرىق قىلاتتى .     ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى ، كىيىنكى كۈنلەردە ئالىيە ھەر كۈنى چايدانلارنى كۆتۈرۈپ قايناقسۇ ئالغىلى چىقىدىغان بولدى ، ھەر قېتىم چىققىنىدا ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا بىرسىنى كۈتەتتى ، قايناقسۇ ئالىدىغان جايدا بىرەر سائەتلەپ تۇرۇپ كىتەتتى . ئارىدىن بەش كۈن ئۆتكەن بىر كۈنى ئۇ ئالدىنقى كۈنلەردىكىگە قارىغاندا بۇرۇنلا چىقىپ ساقلاپ تۇردى ، ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئالدى تەرەپتىن چېچىنى يانغا چىرايلىققىنە تارىغان قوي كۆزلۈك بىر يىگىت ئىككى چايداننى كۆتۈرگىنىچە چايخانا تەرەپكە كەلدى ، ئالىيەنىڭ يۈرەك سوقۇشى تىزلىشىپ كەتتى ، ئالىم مېڭىپ ئالىيەنىڭ ئالدى تەرىپىگە كەلگەندە ئالىيە تىزلىك بىلەن ئالىمنىڭ ئالدىغا ئۆتتى – دە «تىشلىقمۇ »دەپلا ئالىمنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قالدى ، ئالىممۇ نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي ھەر ئىككىسى بىردەم جىمجىت تۇرۇپ كەتتى ، ئالىيە سەل ئىسىگە كەلگەندەك بولۇپ يانچۇقىدىن ھېلىقى ئاق شارپىنى ئالدى- دە «ياردىمىڭىزگە رەھمەت » دەپ شارپىنى ئالىمغا تەڭلىدى . شارپا چىرايلىق قىلىپ قاتلانغان ، يۇيۇپ ، دەزماللانغىنى چىقىپ تۇراتتى . ئىسمىڭىزنى بىلسەم بولامدۇ ؟- دېدى ئالىيە ئالىمغا قاراپ . ئىسمىم ئالىم ،سىزنىڭچۇ ؟ دەپ قايتۇرۇپ سورىدى ئالىم . – ئالىيە .   ھە ! ...نىمە ؟...ئۇ ئۆزىمۇ بىلمەي قايتۇرۇپ سوراپ سالدى، چۈنكى ئۇنىڭغا «ئالىيە »دىگەن ئىسىم «ئالمىرە » دىگەندەكلا ئاڭلىنىپ كەتكەنىدى . سىز ئالىيە دىگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ باقمىغانما ؟ بەكلا ھەيران قالدىڭىزغۇ ؟ ياق ... ياق... مەن دىمەكچى ئىككىمىزنىڭ ئىسمى قاپىيداش كىلىدىكەن ، شېئىر يازسا تازا ماس كەلگۈدەك . ئالىم گەپلىرىنى ئارانلا قولاشتۇرۇپ قىلىۋاتاتتى ، شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا چاندۇرماسلىققا تىرىشىۋاتاتتى . سىز گەپكە بەك ئۇستا ئىكەنسىز- دېدى ئالىيەمۇ چاندۇرماي . گىپىڭىزگە قارىغاندا شېئىر يازىدىغان ئوخشىمامسىز  ئەگەر خالىسىڭىز ماڭا بىر پارچە يېزىپ بىرەمسىز ؟ خالىمايدىغان نىمىسى بار ، پەقەت سىز مازاق قىلمىسىڭىزلا مەندە چاتاق يوق . بىزنىڭ بۇ «مۇھەببىتىگە سادىق » دوستىمىزنىڭ ئالىيەدەك گۈزەل قىزنى كۆرۈپ كاللىسى قېيىپ قالدىمۇ ياكى ، بۇ سېغىنىشلىق ، زېرىكىشلىك تۇرمۇشىغا يېڭى بىر رەڭدار مەزمۇن قوشۇپ قويغۇسى كىلىپ قالدىمۇ بۇنىسى نامەلۇم . ئۇ ئۆزىمۇ بىلمىگەن ، چۈشىنىكسىز ؟خىياللار ئىچىدە قەلەمنى قولىغا ئالدى – دە تۆۋەندىكى كۇپلىتنى يازدى .تۈنۈگۈن كۆردۈم بىر قىزچاقنى مەن ، كۆيۈپ قالدىم ئۇنىڭ گۈزەل سىياقىغا .ئىككىنچى رەت شۇ قىزچاقنى ئۇچراتقاندىمەن ، چۈشۈپ قالدىم شۇ قىزچاقنىڭ ئىشتىياقىغا .بۇ قىزچاق دەل چۈشۈمدىكى شەمسى جانان ئىكەن ،ھۆسنى گويا چۆچەكلەردىكى ھۆر پەرى ئىكەن . جىسمى گويا پورەكلىگەن قىزىل گۈل ئىكەن ، مىھرى گويا ئىللىق ئاتەش بىر قۇياش ئىكەن . بىر قانچە كۈندىن كىيىن ئالىم ، ئالىيە بىلەن ئۇچراشقاندا ، ئالىيە سوراپ تۇرىۋىلىپ ئاخىرى بۇ ئىككى كۇپلىت شېئىر ، بۇ ئايرىلماس ئىككى يۈرەكنى ئايرىپ ، ناتونۇش ئىككى يۈرەكنى بىر يەرگە ئېلىپ كەلگەن،گۈزەل تىلەكلەرگە ، ئارزۇ – ئارمانلارغا تولغان بىر جۈپ ياشنىڭ ساپ مۇھەببىتىنى بۇزۇشقا ، گۈزەل ياشلىققا ئۆچمەس داغلارنى قالدۇرۇشقا سەۋەبچى بولغان ئاشۇ ئىككى كۇپلىت شېئىر ئالىيەنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى . ئالىيە ئاشۇ كىچىككىنە رەڭدار ۋاراقچىنى قولىغا ئالغاندىن باشلاپ بۇ ئىككى ياش ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان ، لىكىن ئۆزى بىلىپ – بىلمەي ئىنتىلىۋاتقان يىپيىڭى بىر تۇرمۇشقا قەدەم قويدى . ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى قانچىكى يېقىنلاشقانسىرى ساۋاقداشلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن بولغان ئارلىقى شۇنچە يىراقلاپ كىتىۋاتاتتى ، بولۇپمۇ ئالمىرە بىلەن ئالىمنىڭ ئارلىقى يىراقلاپ سېغىنىش ئوتى ، ئۇنتۇشقا ئۆتۈشكە باشلىغانىدى . ئالىم ئكزىنىڭ ئىلگىرىكى ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا ، ساۋاقداشلىق دائىرىسىدىن بىر دەرىجە ھالقىغان بىر دوستىنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالاي دىگەندە ئالمىرەدىن بىر پارچە خەت كىلىپ قالدى ، خەتتە قىسقىلا قىلىپ ئالمىرەنىڭ پات يېقىندا ئۇنى تۇيۇقسىز ھەيران قالدۇرىدىغانلىقى يېزىلغان ئىدى . ئارىدىن بىر قانچە ئايلار ئۆتۈپ كەتتى ، بۇ بىر قانچە ئايدا سۆزلىگۈدەك مۇھىم ئىشلارمۇ يۈز بەرمىدى ، پەقەت بولىۋاتقىنى ئىككى ياشنىڭ تېگى يوق دېڭىزغا غەرىق بولۇپ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا بۇ دېڭىزدا لەيلەپ يۈرۈشى بولدى . ئۇلارنىڭ يۈرۈشى ، مۇھەببەت ھىكايىللىرىدىكى قىز – يىگىتلەرنىڭ مۇھەببىتىگە ئوخشاشلا گۈزەل ۋە رومانتىك ئىدى ، ئۇلارنى تاتلىق ھىس تۇيغۇلارغا چۈمدۈرەتتى ، ئالىممۇ بۇ ئىشلارنى نورمال ھىس قىلاتتى . ئۇ كۈندىلىك خاتىرسىگە بۇ شېرىن ھىس – تۇيغۇللىرىنى يېزىپ كىلەتتى . غەلىتە يېرى شۇكى ئۇ خاتىرسىنىڭ بىر بىتىگە ئاق شارپا ئۈستىدە توختىلىپ :«مىنىڭ مۇھەببىتىم ئاق شارپىدىن باشلانغان ، ئاق شارپا ماڭا بەخت – ئامەت ئېلىپ كەلگەن . ھازىرمۇ ماڭا پات – پات ئاق شارپا ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى » . دەپ يېزىپ قويغانىدى .     ئەمدى گەپنى يىراقتا قالغان ، يۈرىكىنى ئېلىپ كەتكەن ئاشۇ كىشىنى سېغىنىش بىلەن قالغان ئالمىرەدىن ئاڭلايلى ، ئالىم ھېلىقى خەتنى تاپشۇرىۋېلىپ ئىككى كۈندىن كىيىن ، ئالمىرە ئالىم تۇرىۋاتقان بۇ شەھەرگە يۆتكىلىپ كىلىپ ئوقۇشقا باشلىدى ، ئۇنىڭ بۇ شەھەرگە كىلىپ قىلغان تۇنجى ئىشى ئالىمنى ئىزدەش بولدى ، ئالىمنىڭ يېنىغا كىلىپ سىرداشقۇسى ، سېغىنىش ئوتلىرىنى بىر ئاز بولسىمۇ يىنىكلەتكۈسى كەلدى، ئۇ كىلىپ كۆردىكى ئالىم بىر قىز بىلەن كىتىپ باراتتى ، ئۇنىڭ يىراقتىن كىلىپ ئېرىشمەكچى بولغىنى بۇ ئەمەس ئىدى ، ، ئۇ باشتا پەقەت ئۇنىڭ بىر ساۋاقدىشى بولىشى مۇمكىن ، دەپلا چۈشەندى . كىيىنكى بىر قانچە قېتىملىق ئىزدەپ كىلىش ئارقىلىق شۇنى بىلدىكى ھېلىقى قىز ئاللىقاچان ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگەللەپ بولغان ئىدى . ئالمىرەمۇ ئەلۋەتتە باشقا قىزلارغا ئوخشاشلا ھىسياتچان قىز ئىدى ، ئۇنىڭ يۈگرەپ بېرىپ ئاشۇ قىزنىڭ ، ئالىمنى ئۆز يىنىدىن ئىلىپ كەتكەن ئاشۇ قىزنىڭ كاچىتىغا بىرنى سالغۇسى ، دەردىنى چىقىرىپ چايناپ پۈركىۋەتكۈسى كەلدى ، لىكىن ئۇ ئۇنداق قىلمىدى ، پەقەت ئۈن – تىنسىز ياش تۆكتى ، بۇ ياشنى ئۆزى ئۈچۈن تۆكتىمۇ ياكى ئۆزىنىڭ ساپ مۇھەببىتىنى مۇزغا ئايلاندۇرغان ئاشۇ مۇز يۈرەكلەرنى ئېرىتىش ئۈچۈن تۆكتىمۇ ئۆزىمۇ جاۋاب تاپالمايتتى . ئۇ بۇنداق يىغلاۋىرىشنىڭ پايدىسى يوقلىقىنى ئوبدان بىلەتتى ، لىكىن ئۇنىڭ بۇنداقلا بولدى قىلغۇسى كەلمەيتتى ، ئۇ ، نىمىلا بولمىسۇن بىر ئاماللار بىلەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويغۇسى بار ئىدى . كىيىنكى كۈنلەردە ئالىمنى ئىزدەپ بارغاندا نەچچە يىللار ئىلگىرى ئالىم بىلەن ئۆزىنى بىرگە باغلىنىشقا مەجبۇر قىلغان ئاشۇ ئاق شارپىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق ، ئۆزىنىڭ ئالىمنى ياخشى كۆرسىمۇ لىكىن ئامالسىز ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى ئىدى . بىر كۈنى ئالمىرە ئالىم داۋاملىق ئۆتىدىغان يولغا ھېلىقى ئاق شارپىنى تاشلاپ قويدى ، لىكىن ، ناھايىتى ئەپسۇس ، ئالىمنىڭ باشقىلارغا باغلانغان كۆزى شارپىنى كۆرمەي ئۆتۈپ كەتتى . ، يەنە بىر قېتىم ئالمىرە شارپىنى ئالىم يېڭى قىز دوستى بىلەن داۋاملىق كىلىپ ئولتۇرىدىغان جايدىكى دەرەخنىڭ شېخىغا ئىلىپ قويدى ، لىكىن مۇھەببەتنىڭ شېرىن لەززىتىگە چۆمگەن بۇ ئىككى ياش بۇنىڭغا پەقەتلا دىققەت قىلمىدى ، بۇ ئاماللارنىڭ كارغا كەلمىگەنلىكىنى كۆرگەن ئالمىرە ئاخىرى ئۆز قولى بىلەن شارپىنى قايتۇرۇپ بېرىپ چىرايلىقچە ئايرىلماقچى بولدى . ئۇ ئالدىنقى قېتىم كەلگەندە ئالىمنىڭ چايخانىغا قايناقسۇ ئالغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرگەنىدى ، شۇڭا ئالمىرە ، ئالىمنى شۇ جايدا ساقلاپ تۇردى . ئىش شۇ بولدىكى ئالىم كەلمەي ئالمىرەنىڭ ھېلىقى قىز دوستى كىلىۋاتاتتى ، ئۇ شۇنچە غەيرەت قىلىپمۇ ئالىيەگە ئېغىز ئاچالمىدى ، لىكىن ئۆزىنىڭ ئالىمدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا بۇ قىزنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئويلاپ نىمىلا بولمىسۇن ئۇ قىزنىڭ كەينىدىن چايخانىغا كىردى ، ئالمىرە ئەمدىلا ئېغىز ئاچاي دىۋىدى ، ئالىيە چاي ئېلىشقا ئىڭىشىپ قالدى ، دەل مۇشۇ ۋاقىت – بۇنداق سۆزلەر ئادەتتە ھىكايىنىڭ يۇقرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغانلىقى ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇم . دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئالىيە ئېچىشقا تەمشەلگەن چاي جۈمىكى ئالىيەنىڭ قولىغىلا چىقىپ قالدى ، ئېتىلىپ چىقىۋاتقان قايناقسۇنى كۆرگەن ئالىيە ئىختىيارسىزلا ۋارقىراپ كەتتى ، يان تەرەپتە تۇرغان ئالمىرە چاققانلىق بىلەن قولىدىكى ھېلىقى شارپىنى چاي چىقىۋاتقان جايغا يۆگەپلا ئالىيەگە گەپ سۆزسىزلا كىتىپ قالدى . تۇرمۇشنىڭ ئۆزى بىر كىنو . تۇرمۇش بەلكىم نامەلۇم بىر ئىجادىيەتچى تەرىپىدىن سىنارىيلەشتۈرۈلگەن كۆپ قىسىملىق تىلىۋىزىيە تىياتىرى بولىشى مۇمكىن ، ھازىر سۆزلىنىۋاتقىنى مۇشۇ تېلىۋىزىيە تىياتىرىنىڭ كولۇمناتسىيسى بولسا كېرەك ، مۇشۇ پەيىتتتە ئالىم كىلىپ كۆردىكى ئۆزىگە تونۇش بولغان ، لىكىن ئۇزۇندىن بۇيان كۆرمىگەن ھېلىقى ئاق شارپا ئالدىدىكى جۈمەككە يۆگەكلىك ھالەتتە تۇراتتى ، ئۇ بىر نەرسىنى ئەسكە ئالغاندەك بولدى – دە ھەممىنى ئۇنۇتقان ھالدا شارپىنى شۇنداق تارتىۋىدى جۈمەكتىن ئېتىلغان قايناقسۇ ، قايناقسۇلا ئەمەس دەرت – ئەلەم، ئۆكۈنۈش ، ھەسرەتكە تولغان بىر خىل سۇيۇقلۇق ئۇنىڭ يۈزىگە چاچرىدى ...... *    *    *    *    *    *  *       ئالىم كىسەللەر كارۋىتىدا ياتاتتى . ئۇنىڭ پەقەت كۆزى ئەتراپىغا ئورالغان داكىلارلا ئېلىۋىتىلدى ، ئۇ كۆزىنى ئېچىپ كۆردىكى ئوڭ تەرىپىدىكى ئۈستەلدە ۋە سول تەرىپىدىكى ئۈستەلگە ئوخشاش قىلىپ ئىككى دەستە گۈل قويۇلغان ، ھەر ئىككى دەستە گۈل ئۈستىگە بىردىن ئاق شارپا ئارتىپ قويۇلغان ئىدى ، ئۇ ئاران تەستە شارپىلارنى قولىغا ئالدى .ھەر ئىككى شارپىغا «ئالىم بەختلىك بولۇڭ »دىگەن سۆز كەشتىلەگلىك تۇراتتى . ئۇنىڭ شۇ تاپتا ئىچىدىن بىر نەرسە غاجاۋاتقاندەك بۇ ئىككى شارپا ئۇنى ئىككى تەرەپتىن بوغۇۋاتقاندەك بولۇپ قالدى .    شىنجاڭ ئونېۋىرسىتىتى ئۇچۇر ئىنىستىتۇتى پەن 2009-يىللىق 2-سىنىپتىن : ياسىنجان سابىر

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
696
تۆھپە
568
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 21:21:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەھرىرلەپ قويساڭلارچۇ  ما ھىكايىنىڭ بۆكىنى بولسىمۇ.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
186
تۆھپە
64
UID
3861
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 21:31:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 1

تىللا
11
تۆھپە
5
UID
3940
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 21:54:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سابىر ئاكا، ئەسىرىڭىز خېلى ياخشى چىقىپتۇ، شېئىر قوشاقلاردىنمۇ يوللاپ تۇرۇڭ، تورداشلار سېغىنىپ قالمىسۇن.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
855
تۆھپە
585
UID
893
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 02:47:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىدىيىۋىلىكى خېلى چۇڭقۇركەن،بەدئىيلىكى جەھەتتە يەنىمۇ ئىزلەنسىڭىز ئىجادئەمگىكىڭىزدىن نۇرلاريانغۇدەك!


بۈگۈن ئۈگەنمىسىڭىز ئەتە ئۆتمۇش ئىچىدە ياشايسىز!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سابىرجان سىيىت
تىللا
682
تۆھپە
420
UID
3338
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 10:40:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مامۇتجان رەھمەت سىزگە قۇللاپ ئىنكاس يىزىپ تۇرغايلا


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سابىرجان سىيىت
تىللا
682
تۆھپە
420
UID
3338
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 12:28:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مامۇتجان بۇ ئوغلۇم يازغان ھىكايە


Rank: 4

تىللا
251
تۆھپە
95
UID
3126
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 15:19:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رومانتىك    ئەسەركەن   ئۇجمە كۇڭۇل   ئالمغا  خۇپ  بۇپتۇ .


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
شاتۇت
تىللا
198
تۆھپە
60
UID
3220
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 16:07:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئەسەركەن ، تىخىمۇ كۆپرەك ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرارسىز


Rank: 4

تىللا
206
تۆھپە
118
UID
10827
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 20:15:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە ئاددىيدەك تۇيۇلسىمۇ لىكىن ھازىرقى ياشلارئارسىدىكى مۇھەببەت ھەققىدىكى تونۇش،ئۆزىنىڭ ۋەباشقىلارنىڭ ھىسياتىنى توغرا تەھلىل قىلماسلىقتەك ئەھۋال تەپسىلي ئوبرازلىق تەسۋىرلىنىپتۇ.رەھمەت سىزگە .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-31 10:54, Processed in 0.083664 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991