كۆرۈش: 17255|ئىنكاس: 44

مۇنبىرىمىزگە پىكىر – تەكلىپ يىغىش باشلاندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5661
تۆھپە
2502
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 11:09:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇنبىرىمىزگە پىكىر – تەكلىپ يىغىش باشلاندى



    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار ، ياخشىمۇسىلەر ، ھەش – پەش دېگۈچە مۇنبىرىمىز سىناق تەرىقىسىدە ئېچىلىۋاتقىلى ئۈچ ئاي بولۇپتۇ ، بۇ ئۈچ ئايدا بىز مۇنبەرنى ئېچىش ، پەيدىنپەي مۇكەممەللەشتۈرۈش ، تېما ۋە ئىنكاسلار ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىش ... قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپتىمىز ، بۇ ئۈچ ئاي جەريانىدا ئەزالارنىڭ قوللىشى ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى نەتىجىسىدە ئاز بولمىغان نەتىجىلەر قولغا كەلدى دەپ قارايمەن .
    بىراق مۇنبەرنى ئېچىپ ، ماڭدۇرۇپ قويغان بىلەنلا بولمايدۇ ، بىزنىڭ نىشانىمىز مۇنبەرنى ئۇيغۇر مۇنبەرچىلىكىنىڭ سەركىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت . بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن بىز يەنە نۇرغۇن مۇساپىنى بېسىشىمىز كېرەك ، بۇ جەرياندا مۇنبەر ئەزالىرى شۇنداقلا كەڭ تورداشلارنىڭ بىزنى قوللىشى ناھايىتى مۇھىم ، شۇڭا تورداشلارنىڭ مۇنبىرىمىزنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشى ئۈچۈن ، بۇ ئۈچ ئاي جەريانىدا مۇنبەردە ساقلانغان بەزى تېخنىكىلىق ۋە مەزمۇن جەھەتتىكى يىتەرسىزلىكلەرنى بىزگە كۆرسىتىپ بېرىشىنى ، مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئويلىغانلىرىنى ئىككىلەنمەي ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ، بىزگە پايدىلىق بولغان تەكلىپ – پىكىرلەرنى بىرىپ ، مۇنبەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز . سىلەرنىڭ بىزگە بەرگەن ھەر بىر تەكلىپ – پىكىرلىرىڭلار ناھايىتىمۇ مۇھىم ، شۇڭا تورداشلارنىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى سورايمىز .

    كامالىي ئېھتىرام بىلەن :

تەڭرىتاغ مۇنبىرى     


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
بارمۇ مىكروبىلوگى
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1147
تۆھپە
925
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 11:28:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە تىخى تۇغۇلغىنىغا ئانچە ئۇزۇن بۇلمىغان بۇ مەنبەر ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىگىنى نامايەن قىلماختا.تۇرداشلارنىڭ پىكىر -تەلەپلىرى مۇنبەر ئۆنۋېرساللىغىنىن يەنىمۇ  يۇقۇرى كۈتەرگۈسى.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sakra تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-30 11:29  



سەكرا

Rank: 6Rank: 6

تىللا
941
تۆھپە
633
UID
893
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 12:41:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ بىرنەچچە تۈرلۈك سەمىمى تەكلىۋىم:
‹1›سەھپىنى مەخسۇسلاشتۇرۇش كىرەك. يەنى ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر بىۋاستە «يېڭى تېمىلار»سىتۇنىدىلا ئىلان قىلىنماي ئۇ ‹ئىجادىي يوللانمىلار›‹باشقا بىكەت يوللانمىسى›‹مەتبۇئات يوللانمىلىرى›‹تەرجىمە يوللانمىلار›سىتۇنى بويىنچە يوللانسا باشقۇرۇش،سۇپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مۇددىئاسىغا يەتكىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن.
‹2›تەڭرىتاغ مۇنبىرى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب شىمالىغا يۈزلەنگەن ئەڭ نۇپۇزلۇق ئاخبارات تور بىكىتىنىڭ مۇنازىرە سۇپىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن مۇنبەر ئەزالىرى ئىچىدىن تارماق سەھپىلەرگە كۆپىرەك باشقۇرغۇچى تەكلىپ قىلىپ تارماق سەھىپىلەرنىڭ جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدىكى قىززىق،قىيىن نوقتىلارغا يۇزلۇنۇش ھەم توغىرا جامائەت پىكرىگە يىتەكچلىك قىلىپ ئىناۋىتىنى ھەسسىلەپ يۇقرى كۇتۇرۇدىغان «نۇپۇزى يۇقىرى مۇنبەر»تەرەققىيات يولىدا مىڭىش كىرەك.
‹3›تەڭرىتاغ مۇنبىرىنىڭ فۇتۇ سۇرەت ئەسەرلىرى قۇشۇنى خېلى كۈچلۈك بولۇپ بۇنى مەخسۇس سىتۇن قىلىپ ئاجىراتسا ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولامدىكىن دەپ ئويلايمەن.
‹4›تەڭرىتاغ مۇنبىرىدە داڭلىق ھۆكۇمەت تور بىكەتلىرىدە قىززىق نوقتا بولىۋاتقان مەزمۇنلارنى(بىرنەچچە داڭلىق بىكەتنى بىكىتىپ بەرسىمۇ مەيلى!)تەرجىمە قىلىپ يوللايدىغان تەرجىمانلار گۇرۇپپىسى قۇرۇلسا بۇ پىدائىيلار سىناقتا مەلۇم مەزگىل ئەسەر تەرجىمە قىلىپ يوللىغاندىن كىيىن مۇنبەر ئۇلارغا مۇۋاپىق ئىش ھەققى بىرىپ ئۇچۇرنىڭ ئەڭ تىز سۈرئەتتە باشقا بىكەتلەردىن بۇرۇن تەڭرتاغ مۇنبىردە تارىلىشغا كاپالەتلىك قىلسا دەپ قارايمەن. ئۇنىڭدىن باشقا كۆرۇنمە چاستۇتلىق يوللانمىلارمۇ مۇۋاپىق رەتلىنىشى كىرەك.ئاندىن جەمىيەت ئۇچۇرلىرى (ئېلان دىسەكمۇ بولىدۇ)ئۆزلايىقىدا جايىنى تاپسا.
يۇقارقلار مىنىڭ ئويلىغانلىرىم تەڭرىتاغ مۇنبىرىنىڭ توغىرا يەرلىرىدىن پايدىلىنىپ ئارتۇقچە ئويلاپ كەتكەن  تەرەپلىرىمنى نەزەردىن ساقىت قىلىشنى ئىلتىماس قىلىمەن.  نادىر


بۈگۈن ئۈگەنمىسىڭىز ئەتە ئۆتمۇش ئىچىدە ياشايسىز!

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1951
تۆھپە
558
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 13:22:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز ۋاقتىدا بەرگەن تەكلىپلەرگە قوشۇپ، بىر نەچچە تەكلىپ سۇناي:

1.تەڭرىتاغ تورى قانۇن مۇنبىرى بۇ يەرگە بىرلەشتۈرۈلسە؛
2. ئېلېكترونلۇق گېزىت ئوقۇش سەھىپىسى ئېچىلسا؛
3. «ئوقۇرمەنلەر چايخانىسى» دەپ سەھىپە ئاچسا؛
4.«مەسلىھەت سورايمەن» سەھىپىسى ئېچىلسا؛
5. «ئاۋام لېنىيىسى» سەھىپىسى ئېچىلىپ، تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە ئۇچرىغان مەسىلىلەر ئىنكاس قىلىنغان يازمىلارغا ئورۇن بېرىلسە.
6. «ھاكىم-ۋالىيلارغا سۆز قالدۇرۇش» سەھىپىسى ئېچىلىپ، ھەر قايسى ۋىلايەت-ناھىيە باشلىقلىرىغا مەخسۇس بەت ئېچىپ، ئۇلار بىلەن سىردىشىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىلسە.
7. قىممىتى بار ئىجادىي، تەرجىمە يازمىلارغا مۇۋاپىق قەلەم ھەققى بېرىشنى ئويلىشىپ باقسا؛
8. تەڭرىتاغ مىكرو بلوگى ئېچىشنى ئويلىشىپ باقسا؛
9.ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر كۆپرەك ئويۇشتۇرۇلسا؛
10.تەكلىپلىك ئوبزورچى، تەكلىپلىك يازغۇچى، تەكلىپلىك تەرجىمان قوشۇنى قۇرۇشنى ئويلىشىپ باقسا. (تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھەر قايسى ناھىيە-شەھەرلەردىن بىر قانچىدىن يازارمەن تەكلىپ قىلىپ، تەكلىپلىك مۇخبىرلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقسا، مۇنبەردە خەۋەر-ئۇچۇرلارنىڭ يېڭىلىنىشى تېخىمۇ تېزلىشىشى مۇمكىن)

ھازىرچە موشۇلار.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1951
تۆھپە
558
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 13:25:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nadir يوللىغان ۋاقتى  2011-12-30 12:41
مىنىڭ بىرنەچچە تۈرلۈك سەمىمى تەكلىۋىم:
‹1›سەھپىنى مەخ ...

نادىر ئەپەندىنىڭ تەكلىپلىرى ئورۇنلۇق بوپتۇ، قوللايمەن.


بارمۇ مىكروبىلوگى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1451
تۆھپە
1051
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 18:03:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يۇقارقى تورداشلانىڭ پىكىر تەلىپى بىلەن ئوخشاش پىكىردىمەن.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
394
تۆھپە
246
UID
3123
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 18:39:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر ئەپەندى ۋە نوشىرىۋان ئەپەندىلەر ناھايىتى ئورۇنلۇق پىكىرلەرنى بېرىپتۇ.
مەن بۇ يەردە بىر قانچە نوقتىنى يەنە قايتىدىن تەكرارلاپ ئۆتسەم:
قىممىتى بار ئىجادىي، تەرجىمە يازمىلارغا مۇۋاپىق قەلەم ھەققى بېرىشنى ئويلىشىپ باقسا؛

تەڭرىتاغ مىكرو بلوگى ئېچىشنى ئويلىشىپ باقسا؛


تەكلىپلىك ئوبزورچى، تەكلىپلىك يازغۇچى، تەكلىپلىك تەرجىمان قوشۇنى قۇرۇشنى ئويلىشىپ باقسا.

بۇلارنى ئالاھىدە ئويلىشىپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇنىڭدىن سىرت، مۇمكىن بولسا تەڭرىتاغ مۇنبىرىنىڭ تور ئادرىسى ھەققىدە ئويلىنىپ باقساڭلار، تور بىلەن شۇغۇللانغانلار بۇنى ئوبدان بىلىدۇ. تور نامىنىڭ قانداق بولۇشى كۆپ ئەھۋالدا تورنىڭ تەرەققىياتىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مېنىڭچە بۇ سەل قارايدىغان مەسىلە ئەمەس.
ھازىر تەڭرىتاغ مۇنبىرى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر تەڭرىتاغ مۇنبىرىنىڭ تور نامى چۈشىنىشلىك تور نامىدا بولسا ئۇ ۋاقىتتا تەڭرىتاغ مۇنبىرىنىڭ زىيارەتچىلەر سانى تىك سىزىق بويىچە ئېشىشى مۇمكىن.
ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى تور بېكەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تەڭرىتاغ مۇنبىرى چوقۇم ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ سەركىسى بولۇشى كېرەك. بۇنداق دېگەندەك بىر تەرەپتىن تەڭرىتاغ مۇنبىرى كۈچلۈك بولغان مەبلەغ جەھەتتىن قوللاشقا جەھەتتە، باشقا مۇنبەرلەردىن زور ئەۋزەللىككە ئىگە. ئىككىنچىدىن، ھۆكىمەت مەسئۇللۇقىدىكى مۇنبەر بولغاندىكىن، باشقا مۇنبەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئىشەنچلىك بولۇشتەك ئەۋزەللىككە ئىگە دەپ قارايمەن.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
394
تۆھپە
246
UID
3123
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 18:41:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسقىسى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى تور بېكەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز ئەۋزەللىكىدىكى بايلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، داڭلىق يازغۇچى، ئوبزورچى، قەلەمكەشلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئۇلارنى تور ساھەسىگە يۈزلەندۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5840
تۆھپە
2968
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 18:53:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىش بوپتۇ، قوللايمىز!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قاراقاش
تىللا
1025
تۆھپە
436
UID
312
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 20:25:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزالارنى رىغبەتلەندۈرۈشبىلەن بىرگە  تۈرلۈك پالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش مەسلەن مۇكاپاتلىق پالىيەت ھەر ئايدا ئلغار باشقۇرغۇچىلارنى ئىلغار شەخسلەرنى باھالاش دىگەندەك خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلسا دەپ ئويلايمەن


مەن ئاپامنىڭ ئاپپاق قاغىسى، يۇمشاق كىرپىسى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-30 11:36, Processed in 0.080711 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991