ئىگىسى: تەڭرىتاغ

مۇنبىرىمىزگە پىكىر – تەكلىپ يىغىش باشلاندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
233
تۆھپە
130
UID
1406
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 01:25:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقاردىكى مۇنبەرداشلارنىڭ پىكىرىنى قوللايمەن ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە تور دۇنياسىنى تولۇق چۈشۈنۈپ كەتمىسەممۇ ،ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ باقاي .باش بەت(تەڭرىتاغنىڭ سۈرىتى،مىللىچە ئۇسلۇبتا بىزەلسە) ،ئىنتىرنېت نامى(مۇمكىن بولساwww.Tagnri taG.com)دىگەندەك،خاسلىق ئىپادىلەنسە،تىمىلار ئۆز ژانىرى بىلەن يوللانسا (مەلۇم بىر مۇنبەردە ،بىر تىمىنىڭ ئۆز ژانىرىدا يوللانمىغانلىق سەۋەبىدىن ئاپتور بىلەن ئىنكاسچىلارنىڭ غىژ-پاژلىرىنى كۆرگەن ) ،تىما يوللىغۇچىلار ئۆز ئىجادىيەتلىرىنى(باشقىلارنىڭ يۆتكەپ ئىشلىتىشىنى خالىمايدىغانلار)مۇمكىن بولسا ،بۇ تىما تەڭرى تاغ مۇنبىرىگە تەۋە يۆتكەپ ئىشلىتىلسە تەڭرى تاغ مۇنبىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتە قىلىش ھۇقۇقى بار،دىگەندەك ئەسكەرتىشلەرنى تىمىنىڭ بېشىغا ياكى ئاخىرىغا قالدۇرۇپ قويسا، (كۆپەيتىلىشىنى خالايدىغان ئاپتورلار)
بىكەت باشلىغى،مۇنبەر مەسئۇلى،ئالى باشقۇرغۇچى،باشقۇرغۇچى ھۇقۇقى بولغانلارنىڭ تەڭرىتاغ مەسئۇللىرىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن يۆتكەشكە بولىدۇ،دىگەندەك ئەسكەرتىشلەرنى بەرسە.ناۋادا كۆچۈرۈش چاپلاش ئىشلىرى
بايقىلىپ قالسا ،تەڭرىتاغ باشقۇرغۇچىلىرى ،تۈرلۇك ئاماللار بىلەن  ئاپتورنىڭ ھۇقۇقىنى   قوغداشقا كاپالەتلىك قىلسا(خەۋەر ئۇچۇرلارنىڭ ھۇقۇقىنى چۈشەنمەيدىكەنمەن كەچۈرۈڭلار) ،ئىنكاسچىلار تىمىدىن چەتنەپ كەتمىسە،پالانى مۇنبەر ئۇبۇرنى،پۇستانى مۇنبەر ئەخلەت كاتىگى،پۇكۇنى مۇنبەر ئۇيغۇر مۇنبىرىدىكى سەركەردە،پادىشاھ
.......دىگەندەك بۇنداق مۇنبەرلەر ئارىسىدا ناتوغرا رىقابەت،زىددىيەت شەكىللەندۈرىدىغان سۆزلەر ئىشلىتىلمىسە، بايقالغان ھامان ئۆچۈرۈلسە.بىر تىمىغا قارشى مەنىدە ئىنكاس يېزىلسا دەرھال رەددىيە بەرمەستىن، ئىلمى پاكىتلار ئارقىلىق شۇ تىمىنىڭ ئۆزىدە چۈشەنچە بىرىلسەياكى شۇ ئىنكاسچىنىڭ ئىنكاسىغا دائىر تىمىنى قايسى مۇنبەردە قايسى سەھپىدە بولسا ،قايسى ئەزا كۆرگەن بولساق كۆرسىتىپ بىرىش يولى ئارقىلىق ھەل قىلىنسا،
باشقۇرغۇچىلارغا تەكلىپىم: ئۇيغۇر توربەتلىرى ئىچىدىن تارىخى كونا ،ئەزالىرى كۆپ ،تىمىسى سەرخىل بولغان شەخسى تور بەتلەر بىلەن دوستانە ئۇلۇنۇش قىلىش،دوستلۇق ئورنۇتۇش
(ئاز دىگەندە ئىككىدىن بەشكىچە) ئارقىلىق بەزى مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىنسا ،دوستلۇق ئورناتقان بىكەتلەر ئاشكارا ئېلان قىلىنسا ،تورداشلاربۇ مۇنبەرلەر ئىچىدىن
ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان باشقۇرغۇچى، ئوبزورچى،شائىر ،ئىنكاسچى  دىگەندەك ،ئۇلارغا بولغان كۆز قارشى،ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ....... ئوتتۇرغا قويۇلسا.
مەسىلەن : پالانى مۇنبەر باشقۇرغۇچىسىنىڭ ........روھىدىن پەخىرلىنىمەن، ئۇنىڭدا ......ئالاھىدىلىك بار.
.........مۇنبەردىكى يازغۇچى ........يازىدۇ، ئۇنىڭدا ......ئالاھىدىلىك بار ،ئۇنىڭدىن .....ئۆلگە ئالىمەن .ۋەھا كازالار....
بۇ ئارقىلىق باشقۇرغۇچىلارنىڭ ،يازغۇچىلارنىڭ،ئىنكاسچىلارنىڭ ھەمدە سەييارە مىھمانلارنىڭ روھىيتىنى بېيىتقىلى ،ئىلھاملاندۇرغىلى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمەن .
ھەمدە تورداشلارنىڭ ئەلكۈيى مۇنبىرىدىكى<< كۆرگەن كۆرگەننى دەيدۇ،كۆرمىگەن نىمىنى دەيدۇ >>،<<ئىنكاسلار قانداق يېزىلىشى كىرەك>> دىگەن تىمىلارنى كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.(ئۇلار مىنىڭ تىمام ئەمەس،ئاپتورىغا رەھمەت)
يۇقارقىلار پەقەت مىنىڭ كۆز قارىشىم ،يۈزەكى ئويلىغان بولسام كەچۈرۈڭلار.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Kaptar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-1 01:33  



بارمۇ مىكروبىلوگى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
شىرئەلى ئابدۇقادىر
تىللا
1497
تۆھپە
273
UID
377
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 02:39:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېكەت ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، زۆرۈر تەڭشەكلەرنى قايتىدىن تەڭشەپ چىققان بولساڭلار. باھا بېرىشتە تۆت تاللاشنىڭ ئىچىدىكى ئىككىنچىسىنى تاللىسا مەزمۇندا ساغلام ئەمەس دەپ تۇرىۋالىدىكەن. ھازىر ئىنكاس يازساممۇ شۇنداق نورمال گەپلەرنى يەنە مەزمۇندا ساغلام ئەمەس دەپ يوللىغىلى قويمىدى. قانداق سۆزلەر سۈزىۋېتىلگەن زادى؟


Rank: 6Rank: 6

تىللا
658
تۆھپە
390
UID
270

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 12:19:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھېچقاچان مۇنبەرنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە كىرگۈزۈپ ئېچىپ باقمىدىم ، ياكى ئۇلىنىش تورىدىن كىرىمەن ، ياكى ئىزدەش بېتىدىن ئىزدەيمەن ، ئۆيدە بولسام ساقلاپ قويغان تورئادىرسلىرىم ئىچىدىن چىكىپ كىرىمەن ، شەخسى پىكرىم : مۇنبەرگە ئىككىنچى تور ئادىرىسىدىن بىرسى قۇشۇلسا ، چۈشىنىشلىك ھەم ئاددى قىلىپ ، شۇ ئادىرىسىتىن كىرسىمۇ ، ھازىرقى ئادىرىستىن كىرسىمۇ ئوخشاشلا ھازىرقى ئادىرىس كۆرۈنىدىغان بولسا . بۇنداق بولغاندا بىرىنچىدىن تەڭرىتاغ مۇنبىرىنىڭ تەڭرىتاغ تورىغا تەۋە بۇلۇش خاسلىقى يوقالمايدۇ ، ئىككىنچىدىن باشقىلارغا تور ئادىرىسىنى دەپ بەرگەندە  ئاددىي بولامدىكىن دەيمەن .


مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەنلىك ئۇ  شۇئىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىدىن ئەمەس .

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
1331
تۆھپە
805
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 15:59:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ،مىنىڭ پىكىرىم تىل-يېزىق تەرجىمانلىق توغۇرسىدا سىتون قۇرۇلسا،تىل ئۆگۈنىش،تەرجىماللىق كەسپىنى بىرلىكتە راۋاجلاندۇرساق.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
461
تۆھپە
297
UID
1110

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 20:42:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نوشرىۋان،قاراقاش،خالتا كوچا،دۆت قاتارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ پىكرى مەن ئويلىغاندەك ئىكەن.ھازىر مۇنبەر ئىسلاھات دەۋرىدە تۇرۇدۇ،ئاز-ساز بولۇش پىرىنسىپىنى قوللىنىشقا بولىدۇ، شۇنداق ياخشى تېمىلار بىر تالاي ئەخلەت تېمىلار ئاستىدا قېلىۋاتسا كىشىنىڭ مۇنبەرگە كىرگۈسى كەلمەس بولۇپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ،بەزى ياخشى تېما يوللايدىغان بالىلار مۇشۇ سەۋەپلىك يوقاپ كېتىۋاتىدۇ.باشقۇرۇش چىڭ تۇتۇلىشى كېرەك،كۆرۇلۈش قېتىم سانى،ئىنكاس دىگەنلەرگە قاراپ تۇرۇپ تېمىلار بىرنەچچە دەرىجىگە ئايرىپ قويۇلسا،ئاندىن ئايدا بىر قېتىم باھالاش ئېلىپ بېرىلىپ رىغبەتلەندۈرۈلسە ،......                                مۇنبەرنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىگە تىلەكداشمەن.ھەم كۈچ چىقىرىمەن.


بارمۇ مىكروبىلوگى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
752
تۆھپە
585
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 21:26:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بەزى  قوشۇمچە نۇقتىلارنى بايقىدىم ھازىرچە:
تەڭرىتاغ مۇنبىرىنىڭ مىنى جەلپ قىلغىنى ئۆتكۈر پىكىرلەر ئىپادىلەنگەن تېمىلاردىن باشقا، يەنە  خەت چوڭلىقىنىڭ مۇۋاپىق لايىھەلەنگىنى بولدى.
ئەمما، باش سۆرەت ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى سەل قولايسىزمۇ قانداق؟ باش سۆرەتنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرىۋاممىساق، تورداشلىرىمىز ‹ئەپەندىم› دەپ چاقىرىپ تۇرىۋالىدىكەن ئەمەسما؟


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5661
تۆھپە
2502
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 21:41:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zamzam يوللىغان ۋاقتى  2012-1-8 21:26
مەن بەزى  قوشۇمچە نۇقتىلارنى بايقىدىم ھازىرچە:
تەڭرىتا ...

ھا ھا ، زەمزەم خانىم خاپا بولماڭ ، باش سۈرەت ئۆزگەرتىشنى مەن ئۆگۈتۈپ قوياي ، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى باش سۈرىتىڭىز بار جاينى چېكىڭ . ئارقىدىن ئايرىم بەت ئېچىلىپ ھازىرقى باش سۈرىتىڭىزنىڭ ئاستىدا باش سۈرەت دەيدىغان بىر يەر بار شۇنى چېكىپ مەشغۇلات ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ .  


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەمتىمىن
تىللا
789
تۆھپە
273
UID
593

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 22:05:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇرىدا نوشىرىۋان  قاتارلىق تورداشلار بەكمۇ ياخشى تەكلىپلەرنى بىرىپتۇ.
مەن تەڭرىتاغ مۇنبىرىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئاڭلاپلا خوشاللىق ئىچىدە ئەزا بولغان ئىدىم، مانا ھازىرغىچە 2 ئايدىنمۇ ئاشتى، خىيالىمدا ھەممە كىشى مۇشۇ مۇنبەرگە يىغىلىدىغان بولدى  دەپ ئويلىغان ئىدىم، لېكىن ھازىرغىچە ئۇنداق قىزغىن كەيپىيات تېخىچە شەكىللەنمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى زادى نىمىدۇ ؟
قارىسام باشقا مۇنبەرلەردە مەن ئۇچراتقان قەلىمۇ پىشقان، تېتىملىق ئىنكاس يازىدىغان تورداشلارنىڭ كۆپى مۇشۇ مۇنبەردە باركەن، لېكىن ئۇلار نىڭ ھىچ بولمىسا تېتىملىق ئىنكاسلىرىنى بولسىمۇ كۆرەلمەيۋاتىمىز.
مۋنىڭ قارىشىمچە مۇنبەرنىڭ بەت يۈزى بىزە قالايمىقاندەك بىلىنىدۇ. نۇرغۇنلىرىمىز باشقا مۇنبەرلەرگە ئۈگۈنىپ قالغان، « يېڭى تېما» « ئىنكاسلىق تېما » « قىززىق تېما » دىگەندەك مۇشۇ تەرتىپتە بولسا. « نادىر تېما » « تەۋسىيەلىك تېما »  دىگەن كىچىكرەك كۆزنەكلەرمۇ ئېچىلسا.
ھەممىدىن موھىمى مۇنبەر يۈزىدىكى خەتلەر بەك كىچىك. مىسرانىم مۇنبىرى ، ئەلكۇيى مۇنبىرى دىگەندەك مۇنبەرلەرنىڭ خەت شەكلىنى قوللانساڭلا، مۇنبەرنى ئاچقان ھامان ئادەمگە  گۈزەل تۇيغۇ بىرىدىغان بولىشى كېرەك.
ئاندىن ئەزالارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى جارى قىلدۇردىغان ئاماللارنى  قىلىش كېرەك.
بولسا مۇنبەرنى قانداق قىلغاندا  سەركە مۇنبەرگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ دىگەن تېمىدا سۆھبەت ئۆتكۈزسەڭلا. ھازىرقى بەزى قىززىق مۇنبەرلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورناتساڭلا.


ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
752
تۆھپە
585
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 22:14:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىتاغ يوللىغان ۋاقتى  2012-1-8 21:41
ھا ھا ، زەمزەم خانىم خاپا بولماڭ ، باش سۈرەت ئۆزگەرتىش ...

ئەمسە سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم قېرىندىشىم. تۆۋەندىكى رەسىمنى ئالماشتۇرۇپ بەرسىڭىزكەن. كۆرۈشكەندە مېھمان قىلىۋالسام. رەھمەت!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
752
تۆھپە
585
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 22:16:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zamzam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-8 22:18  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-30 09:31, Processed in 0.067858 second(s), 15 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991