ئىگىسى: تەڭرىتاغ

مۇنبىرىمىزگە پىكىر – تەكلىپ يىغىش باشلاندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5661
تۆھپە
2502
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 22:40:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zamzam يوللىغان ۋاقتى  2012-1-8 22:16

419029211 نى قوشۇڭە ...


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
بارمۇ مىكروبىلوگى

Rank: 2

ئىسىمى
ئابلىكىم سابىت
تىللا
79
تۆھپە
22
UID
4091
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-9 00:51:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇنبەرنىڭ كەڭ كۆرۈرمەن ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ،باشلامچىسى،ھەمراھى،مەسلىھەتچىسى،ياردەمچىسى،ئارامگاھى بولۇپ قېلىشىنى چىن دىلىمدىن ئارزۇ قىلىمەن!!!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
بىدار قۇتلان
تىللا
487
تۆھپە
255
UID
734

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-9 23:34:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ يازمىنى كۆرمەي، تۆۋەندىكى پىكىرلىرىمنى ئايرىم تىما قىلىپ يوللاپ ساپتىمەن ئەمەسمۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەزىزلەر.
مەن تەڭرى تاغ تورىنىڭ ناھايىتى كونا ئوقۇرمىنى، مۇنبەر قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنمۇ، توربەتنىڭ ULY نۇسخىسىدىكى خەۋەرلەرنى دايىم كۆرۈپ تۇراتتىم، تور تاقالغان مەزگىللەردە مېنىڭ دايىم كىرىدىغان ماكانىم بولغان ئىدى، پىكىر قالدۇرۇش سەھىپىسىگە مۇنبەر ئورنىدا كۆرۈپ ئانچە-مۇنچە پىكىرلەرنىمۇ يېزىپ تۇراتتىم، مۇنبەر قۇرۇلغاندا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى نوپۇزلۇق بىر مۇنبەرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن كۆپ خۇرسەن بولدۇم. مېنىڭ كۆرگەنلا توربېتىگە ئەزا بولىدىغان ئادىتىم بولمىغاچ، يېڭى قۇرۇلغان مۇنبەرلەرگە ئاسانلىقچە خەتلەتمەيتىم، ماۋۇ مۇنبەرگە دەرھال ئەزا بولدۇم، يازمىلارنى كۆرۈپ تۇردۇم، باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھەرخىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مۇنبەرنى مۇمكىن قەدەر ئادەتتىكى ئاۋام خەلققە يېقىنلاشتۇرۇشقا خىلى تىرىشىۋاتقانلىقىنى سىزىپ تۇردۇم. بۇ مۇنبەرنى باشقۇرۇش ھەرقانداق مۇنبەرنى باشقۇرۇشتىن قىيىن بولىشى مۇمكىن، باشقا مۇنبەرلەردە خاتالىق كۆرۈلسە تاقاپ قويسا بولىدۇ، تاقاپ قويۇشمۇ تەس بولمىسا كېرەك، ھىچكىممۇ ئېغىز ئاچمايدۇ، سۈكۈت بىلەن ئۆتۈپ كىتىۋىرىمىز، ئەمما بۇ مۇنبەرنى تاقاپ قويسا بولمايدۇ، كىچىككىنا بىرەر خاتالىق سەۋەپلىك تاقاپ قويسا ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا سەت تۇرىدۇ، شۇڭا باشقۇرغۇچىلار ناھايىتى زىل بولمىسا بولمايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن باشقۇرغۇچىلار سەل "قېلىن"راق، سەۋىرچانراق بولمىسىمۇ بولمايدۇ،  ئىشنىڭ ئالدى-كەينىنى ئويلاپ، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى ئايايدىغان تورداشلاردىن باشقا، قىززىققان، سەۋىرسىز تورداشلارمۇ ئاز ئەمەس، باشقۇرغۇچىلاردا كىچىككىنا ئىۋەن كۆرۈلدىمۇ بولدى، باشقۇرغۇچى بولغانغا تويغۇزۇپلا قويىدۇ. تېخىمۇ نازۇك يېرى، گەپنى بەك ئاچمىساممۇ، بىر ياقتىن يوتا قىستىدى، يەنە بىر ياقتىن سوتا دېگەندەك، قىسىنچىلىقلارمۇ ئاز ئەمەس. شۇڭا سىلەرنىڭ جاپايىڭلارنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈن، باشقا توربەتلەرگە قويغان تەلەپ- پىكىرلەرنى بۇ يەردە دېمەيمەن، ئەمما دېمىسەم بولمايدىغان بىرقانچە پىكىرىم بارتى بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتسەم:
1- مۇنبەردە تىما تەستىقلاشتا تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇنسا، تەستىقلانغان تىمىلار كۆز قاراش سەۋەپلىك ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆچۈرۈلمىسە. بۇنداق ئەھۋالغا ئىتىبار قىلىنمىسا ھۆكۈمەت توربېتى بىلەن ئادەتتىكى تور بەتنىڭ پەرقى بولماي قالىدىكەن.
2- خەنزۇچە توربەتلەردە ناھىيە دەرىجىلىكتىن تارتىپ، ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىككىچە رەھبەرلەرنىڭ مەخسۇس خەت ساندۇقى بار بولۇپ، خەلقنىڭ ھەرخىل ھال-ئەھۋالى بىۋاستە يوللۇنۇپ، يوللانغان ئەھۋاللار تەكشۈرۈلۈپ، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنىپ، كەڭ خەلق ئاممىسنى خوشال قىلىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇيغۇرچە تىل، يېزىقتا ئەھۋال يوللايدىغان خەت ساندۇقلىرى بولمىغاچ، قىيىنچىلىققا، ناھاقچىلىققا ئۇچرىغان ئاممىنىڭ دەرت - ئەھۋالىنى ئاڭلايدىغان دادخاھ ئىزدەپ، نەچچە مىڭ كېلومېتىر يولنى بېسىپ، ئاپتونۇم رايۇن مەركىزى ئۈرۈمچىگە ھەتتا  بېيجىڭغىچە بارىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىۋاتىدۇ، يول كىراسى ۋە باشقا ئىمكانىيەتلەرگە چىقىش قىلالمىغانلىرى بۇنداقمۇ قىلالماي، دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ، سەرەڭگە يېقىلسىلا ئوت ئالىدىغان، بىنزىن چېچىلغان ئوتۇنغا ئوخشاپ قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا مۇشۇ مۇنبەردە بىر خەت ساندۇقى تەسىس قىلىنغان بولسا، تۆۋەندىكى قانۇنسىز، بىوكىراتلارنىڭ قىلمىشى سەۋەپلىك، خەلق ھۆكۈمەتتىن ئۈمىتسىزلىنىپ كەتمەي، مۇشۇ يول ئارقىلىق بولسىمۇ ئۆزىنىڭ دەرت ئەھۋالىنى يەتكۈزەلەيدىغان بولسا.
3- قانۇن-سىياسەتكە خىلاپ بولمىغان، باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىش خاراكتىرىدە بولمىغان، بەلكى ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىشقا پايدىلىق بولغان، قىسمەن ئەمەلدارلارنىڭ قانۇن-سىياسەتكە خىلاپ چىقارغان قارارلىرىغا قارىتا ئىلمىي يول بىلەن نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن سۆزلەرگە زىيادە سەزگۈرلۈك  قىلىپ كەتمەي، مۇشۇ مۇنبەردە بولسىمۇ ھۆكۈمەت ئوبرازىغا داغ چۈشۈرىۋاتقان قانۇنسىز قىلمىشلارنى پاش قىلغىلى، دېگىلى بولىدىغان يورۇقلۇق بېرىلگەن بولسا.
4- ماۋۇ مۇنبەرنى مەن باشبەت قىلىۋالغان ئىدىم، يېقىندىن بىرى توربەتنى ئاچساملا، مېنىڭ ئىجازىتىمسىز ناخشا قويۇلۇپ كېتىپ، كەچلىرى تورغا چىققان چاغدا ئائىلەمدىكى ئۇخلاۋاتقان چوڭلارنى ئويغۇتىۋىتىپ، مېنى بىئارام قىلىپ قويدى، توربەتكە ناخشا ئورۇنلاشتۇرۇلغىنى ياخشى بولۇپتۇ، ئەمما ھەركىم ئۆزىنىڭ ئىختىيارىچە ئاڭلايدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويۇلغان بولسا. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bidar-Qutlan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-9 21:48  



تەڭسىزلىك ئىتتىپاقلىققا ئۆچ، ئىتتىپاقسىزلىق مۇقۇملۇققا.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
1767
تۆھپە
1089
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 01:54:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
noshirwan يوللىغان ۋاقتى  2011-12-30 23:01
يەنە بىر تەكلىپ ئېسىمگە كېلىپ قالدى:
مۇنبەرگە كىرگەندە ...

بۇنىڭ ئۈچۈن ئالا بۇرۇن ئېلتىماس سۇنۇلۇپ ھەم تەستىقلىنىپ بولدى ، يىقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە مۇنبەر دەرۋازىسى قوراشتۇرلىدۇ . ۋاقىت بولغايسىلەر .


بارلىق تورداشلارغا نورۇزلۇق ئوتلۇق سالام ...

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
بىدار قۇتلان
تىللا
487
تۆھپە
255
UID
734

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 23:46:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2012-1-9 23:54
بۇنىڭ ئۈچۈن ئالا بۇرۇن ئېلتىماس سۇنۇلۇپ ھەم تەستىقلى ...

ئۇ ئىككى ھەپتە ئىچىدە تور نورمال مېڭىلىۋىرىدىغاندۇ؟


تەڭسىزلىك ئىتتىپاقلىققا ئۆچ، ئىتتىپاقسىزلىق مۇقۇملۇققا.
بارمۇ مىكروبىلوگى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
1767
تۆھپە
1089
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 01:12:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Bidar-Qutlan يوللىغان ۋاقتى  2012-1-10 23:46
ئۇ ئىككى ھەپتە ئىچىدە تور نورمال مېڭىلىۋىرىدىغاندۇ؟

ئەلۋەتتە


بارلىق تورداشلارغا نورۇزلۇق ئوتلۇق سالام ...

Rank: 6Rank: 6

تىللا
779
تۆھپە
483
UID
677

مۇڭلۇق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 17:09:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەنبەر ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىگىنى قىلماقتا. مومكىن بولسا تەڭرىتاغ مۇنبىرى خەلق بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرسا، يەنى بۇ ھۆكۈمەت باشقۇرشىدىكى مۇنبەر بولغاچقا ئاۋامنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرى رەھبەرلەرگە يەتكۈزۈلسە دەپ ئويلايمەن.


Rank: 1

ئىسىمى
ئادىلجان
تىللا
64
تۆھپە
6
UID
4234
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 01:47:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توربەت ھەقىقى ماھىيىتى ئەكىس ئەتسە،ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلسا،ئاندىن توربەتتە فوتوگىرافلارمۇ خىلى باركەن ،بولسا توربەتتە ئىختىيارى مۇخپۇرلۇق سەھىپىسى ئاچساق، خالىغانلار ئۆز جايىدىكى بولغان ئىشلارنى يىڭى ئۇچۇر لارنى خەلىقنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى تەكرىتاغ مۇنبىرىدە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشسا،بۇلارغا توربەت مۇخپۇرلۇق ئۇنۋانى مەسلەن(كۆنگەن ئەزا،يىڭى ئەزا دىگەن جايغا چىقىدىغان قىلىپ تەڭرىتاغ مۇخپىرى ۋە باشقىلار )دىگەندەك ئۇنۋانلار بىرىلسە،بىرىنچىدىن ئاشۇ ئەزانىڭ قىزغىنلىقى يۇقۇرى كۆتىرىلىدۇ ھەم تىما يوللاش ئاكتىپچانلىقى ئاشىدۇ،ئىكىنچىدىن توربەت ئىسمىجىسمىغا لايىق خەلىقنىڭ توربىتى بولالايدۇ.
ئەگەر بۇ پىكىرنى لايىق كۆرسەڭلار مەنمۇ ئاشۇ سەپكە قوشۇلاي.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5840
تۆھپە
2968
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 18:54:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىراۋنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىتىپ ئىنكاس يازغىلى (ئىقتىباس قىلغىلى __ نەقل قىلغىلى بولماس بولۇپ قاپتۇ) بولمايدىغان بولۇپ قاپتۇيا مۇنبەردە؟


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 4

تىللا
211
تۆھپە
98
UID
3990
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 05:55:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرغۇچىلار ھەق ئىش قىلسا دىگەن تەكلىپىم بار مىنىڭ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-30 12:49, Processed in 0.076334 second(s), 15 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991