يەنە بىر يۇمۇر كەتتى ئەمىسە:
بىر مالچى تاغدا كالىسىنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ، ئۇچرىغانلا ئادەمدىن سوراپ ،نەچچە كۈن ئىزدەپتۇ.ئەمما تاپالماپتۇ، بۈگۈنمۇ كالىسىنى ئىزدەپ كېتىۋاتسا ، تولىمۇ يىراق يەنە بىر تاغنىڭ ئۈستىدە كېتىۋاتقان باقىتبەگنى كۆرۈپ قاپتۇ-دە، ئۇنىڭدىن كالىسىنى سوراپ باقماقچى بولۇپ:
-ھوي...باقىتبەگ،ھوي...باقىتبەگ ، كالامنى كۆردىڭمۇ؟ دەپ كارنىيى يىرتىلغۇچە ۋاقىراپتۇ. لېكىن باقىتبەگ بەك يىراقتا بولغاچقا ، پەقەتلا ئاڭلىماپتۇ. بۇ مالچىمۇ توختىماي ۋاقىراۋىرىپتۇ. مۇشۇ چاغدا ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ساياھەتچى بۇ مالچىنىڭ بەك ۋاقىراپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىچى ئاغرىپ قېلىپ، قولىدىكى دوربۇننى ئۇنىڭغا بېرىپ:-بۇنىڭ بىلەن قاراپ باق دەپتۇ. مالچى دوربۇننى قولىغا ئېلىپ ، باقىتبەگكە ئۇدۇللاپتىكەن ،باقىتبەگ كۆزئالدىدىلا كۆرۈنۈپتۇ.ئالدىراپ كەتكەن مالچى دوربۇننى كۆزىدىن ئىلىۋەتمەيلا،باقىتبەگكە ناھايتى تۈۋەن ئاۋازدامۇنداق دەپتۇ:
-ھەي باقىتبەگ بۇرادەر، كالامنى كۆردىڭمۇ؟

